يۈرەككە تىرەك سالغانلارقانچىلىك ئۆمۈركۆرەلەيدۇ؟

文摘   2024-11-03 16:00   新疆  



يۈرەككە تىرەك قويغاندىن كېيىن بىمار يەنە قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟


ئالدىنقى كۈنلەردە، 64 ياشلىق ئەخمەت ئاكىنىڭ مەيدىسى ئۇدا 3 سائەت ئاغرىغاچقا، دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىلغان.
جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى دوختۇرلىرى ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرگەندە، جىددىي خاراكتېرلىك ئالدى دىۋار يۈرەك تىقىلمىسى ئىكەنلىكى بايقالغان بولۇپ، مۇسكۇلدا كالتسىي ئاقسىلى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ كەتكەن، يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى دەرھال ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.


بىراق ئەخمەت ئاكىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئىزچىل ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەن، ئەخمەت ئاكا ئۆزىمۇ ئوپىراتسىيە قىلىشنى خالىمىغان، چۈنكى ئۇ باشقىلاردىن تىرەك قويۇلغاندىن كېيىن، بىر ئۆمۈر دورا يەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، ئاخىرىدا ئەخمەت ئاكىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئوپىراتسىيە قىلىشنى رەت قىلغان.

ئەمما، ئەخمەت ئاكا دوختۇرخانىدا يېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭدا يۈرەك زەئىپلىشىش پەيدا بولغان، بۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكى ئىدى. گەرچە داۋالاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن دېمى سىقىلىش ئەھۋالى ئىزچىل ئېغىرلاشقان، دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋاقىتتا ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئاللىقاچان قولدىن كەتكەن.


ئەمەلىيەتتە، ئەخمەت ئاكىغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا دۇچار بولغان كىشىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر يۈرەككە تىرەك قويۇشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئاڭلىغان گەپلىرى بويىچە خاتا ئويلىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن داۋالىنىشتا توغرا ھۆكۈم قىلالماي داۋالاشنىڭ ئالتۇن پەيتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.

شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئوقۇرمەن دوستلاردا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۈگۈن ئەلداۋا كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە يۈرەك تىرىكىنىڭ رولى، ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان پىتنە ـ ئىغۋالارئۈستىدە ئورتاقلىشىشىنى توغرا تاپتۇق. دوستلارنىڭ بۇ ماقالىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

1- كىچىككىنە يۈرەك تىرىكىنىڭ، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن چوڭ.
يۈرەككە تىرەك قويۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولى ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش بولۇپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا زور ياردەم بېرىدۇ. ئادەتتە تۆۋەندىكى بىمارلار يۈرەككە تىرەك قويۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ:

1. كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ۋە يېنىك دەرىجىدىكى يۈرەك سانجىقى
تەكشى تاختا ھەرىكەت تەجرىبىسى ياكى 24 سائەتلىك ھەرىكەتلىك ئېلېكترو كاردىئوگرامما كۆزىتىش نەتىجىسىدە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن، ئېغىر ۋە قوللاش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى ۋەقەسىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن، مەسىلەن: تاجىسىمان ئارتېرىيە سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىشتا ئېغىر كېسەللىك ئۆزگىرىشى بار بولسا، يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.

2. ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك سانجىقى بىمارلىرى
ئەگەر دورا بىلەن داۋالاش كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم بەرمىسە، يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ. يەنە تۇراقسىز تىپتىكى يۈرەك سانجىقى، بۇ خىلدىكى بىمارلارنىڭ كۆكرەك ئاغرىقى پات ـ پات قوزغىلىدۇ، ئارام ئالغاندا يۈز بېرىشى مۇمكىن، گەرچە نىترات گىلىتسېرىن يەنى شاۋسۈەنگەنيۇ ئىچسە پەسەيتكىلى بولسىمۇ، لېكىن جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا تېزدىن يۈرەك تىرىكى قويۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.


3. جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىمارلىرى
ئارتېرىيە بوشلۇقىنى قايتا ھاسىل قىلىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن، قالدۇق تارىيىش يەنىلا %30 تىن چوڭ بولسا، ئوپېراتسىيە جەريانىدا، ئىچكى پەردىسى ئېغىر يىرتىلىش ياكى جىددىي خاراكتېرلىك قان تومۇر توسۇلۇش قاتارلىقلار كۆرۈلسە، ئادەتتە يۈرەك تىرىكى سېلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

ئەگەر بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسا، بىمارنىڭ يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسىگە ھەددىدىن زىيادە قارشىلىق كۆرسەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز، دوختۇرغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، يۈرەككە تىرەك قويغاندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۈشىنىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئەڭ مەسئۇل بولغان ھېسابلىنىدۇ.

2- يۈرەككە تىرەك سېلىش بىر ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس،  يەنە بۇ ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك.

دائىم بىمارلار تىرەك قويۇپ بولغاندىن كېيىن مەن يەنە قانچىلىك ياشىيالايمەن؟ دەپ سورايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، تىرەك قويۇش پەقەت تاجىسىمان ئارتېرىيە ئېغىر دەرىجىدە تارىيىش كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە قارىتا قوللىنىلغان بىر خىل قىسمەن داۋالاش ۋاسىتىسى بولۇپ، بۇنىڭلىق بىلەن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى پۈتۈنلەي يوقاتقىلى بولمايدۇ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىمارنىڭ ئۆمۈرى، ئۆزىنىڭ يۈرەك كېسىلىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن دورا ئىچىش قاتارلىق ھالقىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەدىن كېيىن چوقۇم تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشقا دىققەت قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆمۈرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇزارتقىلى بولىدۇ:

ئالدى بىلەن، يۈرەككە تىرەك قويۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا داۋاملىق دورا ئىچىش كېرەك، چۈنكى تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىن يەنە تىرەك ئىچىدە قان نوكچىسى شەكىللىنىش ۋە تارىيىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولىدۇ، ھەرگىزمۇ يۈرەككە تىرەك قويغاندىن كېيىن، ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، شۇڭا مۇنتىزىم قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىپ قېلىشىغا قارشى داۋالاشتا چىڭ تۇرۇش، يەنى قوش بىرلەشمە قان پىلاستىنكىلىرىغا قارشى دورىلارنى ئاز دېگەندە 1 يىل ئىچىش كېرەك، 1 يىلدىن كېيىن ئۆز ئەھۋالغا ئاساسەن، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر خىل قان پىلاستىنكىسىغا قارشى دورىنى تاللاپ، بىر ئۆمۈر ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ھاراق ـ تاماكىدىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىش، يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى قان قەنتى، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇشنى كونترول قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل.

ئاخىرىدا، يۈرەككە تىرەك قويغاندىن كېيىن قەرەللىك تەكشۈرتۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئەگەر ئۆزىدە كۆكرەك چىڭقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىن ھوشيار بولۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كېسەلگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

3- يۈرەككە تىرەك قويۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان بەزى گۇمانلار.

1. يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئۆمۈرۋايەت دورا ئىچىش كېرەكمۇ؟
بېيجىڭ دوستلۇق دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ رۇڭجى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ تۈپ ۋاسىتىسى دورا بىلەن داۋالاش، شۇڭا، يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسى قىلغاندىن كېيىن، دورا بىلەن داۋالاشمۇ بىمار چوقۇم چىڭ تۇرىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش لايىھەسى ھېسابلىنىدۇ.

يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئۆمۈرلۈك دورا ئىچىشنىڭ كونكرېت سەۋەبى شۇكى، يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن، داغ پارچىلىرى قان تومۇر بوشلۇقىنى قايتىدىن توسۇۋېلىپ، قان تومۇرنى تارايتىۋېتىشى مۇمكىن، شۇڭا بىمار يەنىلا ۋاقتىدا دورا ئىچىشى كېرەك؛
يەنە تىرەك قان پىلاستىنكىلىرى، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇشى مۇمكىن، شۇڭا، بىمارلار ئاسپىرىن قاتارلىق قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

2. يۈرەككە تىرەك قويۇش چەتئەلدە ئاللىقاچان شاللىۋېتىلگەن تېخنىكا ھېسابلىنامدۇ؟
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك 2ـ خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۇڭ جىمىن بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسى ۋە يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيەسى يەنىلا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاشتا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تېخنىكا بولۇپ، ۋاقتىنچە ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى تېخنىكا يوق. بىراق، ھەممىلا بىمار يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا، داۋالاشتىن بۇرۇن چوقۇم بۇ خىل داۋالاشقا ماس كېلەمدۇ يوق؟ چوقۇم ئېنىق ئايرىش كېرەك.

خۇلاسە: يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، لېكىن ئۇنىڭ نۇرغۇن كۆرسەتكۈچلىرى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار، شۇڭا داۋالاشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئەتراپلىق، ئېنىق چۈشىنىش كېرەك.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟


سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...

سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章