ھۆللۈكنىڭ 5 ئەزاغا بولغان ئەشەددىي زىيىنى ۋە داۋالاش رېتسىپى
مەشھۇر جۇڭيى دوختۇرلىرىنىڭ خۇلاسە قىلىشىچە، ھۆللۈك بەش ئەزاغا« بېسىپ» كىرسە، پۈتۈن بەدەندە شۇنىڭغا ماس ھەر خىل ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
1. ھۆللۈك ئاشقازانغا« بۆسۈپ كىرسە»
ئەگەشمە ئالامەتلەر: ئېغىز پۇراش، ئېغىز قۇرۇش، ئاشقازان ئىقتىدارى ناچار بولۇش، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش، قورساق كۆپۈش، پات-پات قورساق ئاغرىش، بەدەن كۆڭلى ئېلىشىپ قۇرۇق ھۆ بولۇش.
2. ھۆللۈك تالغا« بۆسۈپ كىرسە»
ئەگەشمە ئالامەتلەر: بەدەن ئاسان چارچايدۇ، يۈز قىسمى، چېچى ئوڭاي مايلىشىدۇ، تىل گېزى قېلىن، ئاغزى يېپىشقاق بولىدۇ، ئۇسساپ كەتسىمۇ سۇ ئىچكۈسى كەلمەيدۇ، چوڭ تەرىتى يېپىشقاق بولىدۇ، پۇت-قوللىرىدا بەزىدە ئىششىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .
3. ھۆللۈك بۆرەككە« بۆسۈپ كىرسە»
ئەگەشمە ئالامەتلەر: بەل تېلىپ ئاغرىش، پۇت تارتىشىپ قېلىش، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، چارچاش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇش، ئۇخلىغاندا ئوڭايلا سوغۇق تەرلەش.
4. ھۆللۈك ئۆپكىگە «بۆسۈپ كىرسە»
ئەگەشمە ئالامەتلەر: بەل ۋە تىز مۇزلاپ ئاغرىش، تېلىپ ماغدۇرسىزلىنىش، ئىنكاسى ئاستىلاپ گالۋاڭلىشىش، بوغۇملىرى ئىششىش، پۈكۈلۈش ۋە سوزۇلۇش راۋان بولماسلىق.
5. ھۆللۈك جىگەرگە «بېسىپ كىرسە»
ئەگەشمە ئالامەتلەر: كىچىك تەرىتى سۈزۈك ياكى سۇس سېرىق، چىرايى تۇتۇق ياكى تاتىرىپ كەتكەن، تىلى سېمىز ۋە چوڭ بولۇپ، دائىم ئىچى سىقىلىپ ئىچى تىتىلدايدۇ .
ھۆللۈكنىڭ پەيدا بولۇشى مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، تاشقى ھۆللۈك بىلەن ئىچكى ھۆللۈك ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئەزالارغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇزەككەر قۇۋۋەتنى زەخىملەندۈرۈپ، قۇۋۋەتنى توسۇپ، بەدەن ئىچىدە يىغىلىپ قېلىشتىن ھاسىل بولىدۇ.
1. سىرتقى ھۆللۈك
سىرتقى ھۆللۈك ياز بىلەن كۈز ئارىلىقىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، مۇزەككەر ئىسسىق بولىدۇ، ھۆل-يېغىن كۆپ بولىدۇ، ئىسسىق ھەم نەم بولۇپ، ئادەمنى ئوڭاي زەخىملەندۈرىدۇ.
2. ئىچكى ھۆللۈك
ئىچكى ھۆللۈك بەدەننىڭ سۇ ۋە سۇيۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش-ئايلاندۇرۇش-چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان ھۆللۈكنىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىشى توختاپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئىچكى ھۆللۈكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى: كۆپىنچە زىيادە سېمىز بولۇش، خام، سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن، تال ۋە ئاشقازان زەخىملىنىدۇ؛ تېنى سېمىز كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئاز بولغانلىقتىن، قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، خىلىتلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئالماشتۇرۇلۇشى توسالغۇغا ئۇچراپ، يىغىلىپ ھۆللۈكنى پەيدا قىلىدۇ.
ھۆللۈكنىڭ ئومۇمى بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى
بەدەندە نەملىك بەك ئېغىر بولسا، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى بوغۇملار ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوغۇملارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئومۇمىي بەدەن ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئەگەر ۋاقتىدا تەڭشىمىگەندە، ناھايىتى ئاسانلا ئېغىر ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ھۆللۈك ئىللەت، بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
بەدەندىكى ھۆللۈكنى قانداق يوقىتىدۇ؟
1. بەدەن چېنىقتۇرۇش .
ھەرىكەت كەمچىل بولسا، بەدەن ئېغىرلىشىدۇ، پۇت ـ قول ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ھەرىكەت قىلىشنى قانچە ياخشى كۆرمىسە، بەدەندە يىغىلىپ قالغان ھۆللۈك شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھۆللۈك تالغا كىرىپ، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەرىكەت بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆللۈكنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ، يۈگۈرۈش، مېڭىش، سۇ ئۈزۈش، يوگا، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ، مېتابولىزمىنى كۈچەيتىدۇ.
2. نەم مۇھىتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش.
ئادەم بەدىنىدە ھۆللۈك پەيدا بولۇش بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش مەسىلىسىدىن باشقا، يەنە ناھايىتى زور بىر قىسمى مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەگەر دائىم نەم، سوغۇق مۇھىتتا ياشىسا، ئاسانلا نەم ھاۋانىڭ بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ ياخشىسى نەم مۇھىتتا تۇرۇشنى ئازايتىش، نەم مۇھىتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك.
3. قورساقنى سىيلاپ تالنى قۇۋۋەتلەش.
تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن قولنى قىزىتىپ، قورساق قىسمىغا قويۇپ، سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، سولدىن ئوڭغا ئۇدا 20 قېتىم ئەتراپىدا ئايلاندۇرۇپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
سەل قارىماسلىق كېرەككى، كونىلاردا « مىڭ سوغۇق ئاسان يوقايدۇ، بىر ھۆللۈكنى يوقىتىش تەس» دېگەن گەپ ئورۇنسىز ئېيتىلمىغان، مەيلى تاشقى ھۆللۈك بولسۇن ياكى ئىچكى ھۆللۈك بولسۇن، پەقەت بەدەننى ھۆل لۈك قاپلاپ كەتسىلا، سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھۆللۈكنى ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن، «بىر چىلاش، ئىككى قىلماسلىق» نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «بىر چىلاش» پۇتنى چىلاشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق سۇدا پۇتنى چىلىسا، ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ، بەدەندىكى سۇ ئالمىشىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
« ئىككى قىلماسلىق» دېگىنىمىز، سوغۇق، يامغۇردا قالماسلىق، سوغۇق ئىچىملىكنى ئاز ئىچىپ، تال ۋە ئاشقازاننى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش.
شاھانە تېبابەتچىلىك دەستۇرى خۇاڭدى ئىچكى تىبابەتچىلىك دەستۇرىدا مۇنداق دەپ قارىلىدۇ: ھۆللۈكنى يىلتىزىدىن يوقىتىشنىڭ ئاچقۇچى تالدا. شۇڭا، ھۆللۈك بەدەنگە بۆسۈپ كىرگەندە، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، سۇ ئالمىشىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆللۈكنى يوقىتىش ئاساس قىلىنىدۇ. تال ۋە ئاشقازان ياخشى بولسا، ئادەم بەدىنىنىڭ ھۆللۈكنى چىقىرىش ئىقتىدارى تەبىئىيلا كۈچىيىدۇ.
«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دا خاتىرىلىنىشىچە، قىزىل پۇرچاق ۋە تەسۋىقوناق ھۆللۈكنى ھەيدەيدىغان قوش گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. تېببىى كىتابلاردا تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھۆللۈكنى يوقىتىش چېيى كۆپ تىلغا ئېلىنغان.
رېتسېپ قىزىل پۇرچاق، تەسۋىقوناق قاتارلىق خۇرۇچلاردىن تەييارلانغان، كېيىن ئوردا تېۋىپىلىرى تەڭشەش ئارقىلىق، پىچەكگۈل، ئاپلېسىن پوستى، مامكاپ قاتارلىق بىرقانچە خىل قوشۇمچە ماتېرىيال قوشۇلۇپ، چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىپ، خەلق ئارىسىغا ئېقىپ كىرگەن.
قىزىل پۇرچاق: تال زەئىپلىكىنىڭ كۈشەندىسى بولۇپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدىغان قوش گۆھەرنىڭ بىرى.
مامكاپ: ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ، ئۆتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ.
سۇ لەيلىسى ئۇرۇقى: بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، ئىسپېرمىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، تالنى قۇۋۋەتلەپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ.
ئۇچقات: ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ، قاننى سوۋۇتىدۇ.
ئاپېلسىن پوستى: ھۆللۈكنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش پادىشاھى.
يۇقىرىقى يېمەكلىك خۇرۇچلىرى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، مۇۋاپىق مىقداردىن ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ، ھەر كۈنى قايناق سۇغا دەملەپ، 2 ~ 3 ئىستاكان ئىچىپ بەرسە بولىدۇ
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىغا مۇشتەرى بولۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O نى يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55