يۈرەك سانجىقى بىلەن ئادەتتىكى كۆكرەك ئاغرىقىنىڭ پەرقى ئەسلىدە

文摘   2024-11-09 18:31   新疆  



يۈرەك سانجىقى بىلەن ئادەتتىكى كۆكرەك ئاغرىقىنىڭ پەرقى ئەسلىدە


تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى، ئەمەلىيەتتە يۈرەك كېسىلىنىڭ بىر خىل ئومۇمىي ئاتىلىشى .  يۈرەك سانجىقى  توغرىسىنى ئېيتقاندا بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى ، لېكىن يەنە بىر خىل كېسەللىك دېيىشكىمۇ بولىدۇ . ئىككىسىنىڭ  مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئېنىقكى،  يۈرەك سانجىقى تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى قوزغالغاندا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك تۈرى ، لېكىن يۈرەك سانجىقىنىڭ ئوخشىمىغان يۈرەك كېسەللىرىدە ئىپادىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، ئادەتتە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇنى پەرق ئېتىش ناھايىتى تەس . ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى  تۇتقاقلىق خاراكتېرلىك كۆكرەكنى بېسىپ سىققاندەك ئاغرىش ، بەلكىم باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ قوشۇلۇ پەيدا بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىغان ئورۇن ، كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ كەينى قىسمى .


بىراق، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاسانلا كۆكرەك ئاغرىش بىلەن يۈرەك سانجىپ ئاغرىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ ، يۈز بېرىۋاتقان « يۈرەك سانجىقى » نى كۆكرەك ئاغرىش دەپ بىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر كۆرۈشنى خالىمايدىغان بەزى ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ .
ئۇنداقتا ، يۈرەك سانجىقى بىلەن كۆكرەك ئاغرىش ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق پەرق بار ؟

يۈرەك سانجىقى ۋە كۆكرەك ئاغرىشنىڭ سەۋەبى ئوخشىمايدۇ  
يۈرەك سانجىقى كۆكرەك ئاغرىشنى پەيدا بولىدۇ ، لېكىن كۆكرەك ئاغرىشنىڭ سەۋەبى كۆپ ، يۈرەك سانجىقىنىڭ كۆكرەك ئاغرىشنى پەيدا قىلىشىدىن باشقا ، يەنە پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى سىستېمىلاردىكى كېسەللىكلەر ، مەسىلەن ، كۆكرەك پەردە ياللۇغى ، يۈرەك قېپى ياللۇغى، ھەتتا قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى ، ئۆپكە كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار كۆكرەك ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ.


ئەمما يۈرەك سانجىقىنى ئاساسلىقى تاجىسىمان ئارتېرىيەلەرگە قان يېتىشمەسلىكتىن ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل كلىنىكىلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى . مېدىتسىنا جەھەتتە تەبىرىمۇ ئوخشىمايدۇ ، يۈرەك سانجىقى قوزغۇلۇپ ئاغرىغان ۋاقىتتا ،  يەنە باشقا بىئارام بولۇش ئالامەتلىرىمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ ، مەسىلەن ، چارچاش ، كۆكرەك سىقىلىش، دەم سىقىلىش ۋە نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك سانجىقى كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى .


ئۇنىڭ ئادەتتىكى كۆكرەك ئاغرىقى ئەمەس بەلكى يۈرەك سانجىقى ئىكەنلىكىگە كونكرېت قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك ؟

1- ئۆز سەزگۈسىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش
مۇنداقچە ئېيتقاندا ، يۈرەك سانجىقىدىكى ئاغرىش ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ئاغرىق ئەمەس ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۇ پەقەت بىر خىل ئىپادىلەپ بىرەلمىگۈدەك بىئاراملىق تۇيغۇسى ، بەلكىم ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغاندىكى تۇنجۇقۇش تۇيغۇسىدەك .


2- يۈرەك سانجىقى سەۋەبسىز ھالدا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ
ئەگەر ھېچنىمە قىلماي تۇرۇپلا تۇيۇقسىز كۆكرەك ئاغرىش كۆرۈلسە ، ئۇ ئادەتتىكى كۆكرەك ئاغرىش بولۇشى مۇمكىن ، ئۆزلىكىدىن ئاستا - ئاستا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ . ئومومەن ئېيتقاندا ، راسا تويۇنۇش ، زىيادە ھەركەت قىلىش ، كەيپىياتى ئۆرلەش ، تاماكا چېكىش ياكى تىترەشتىن كېيىن يۈرەك سانجىپ ئاغرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن .


3-داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ
كلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ئاساسلانغاندا ، تەخمىنەن % 70 يۈرەك سانجىقى بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك باشلىنىپ توختىغانغا قەدەر پەقەت 2-3 مىنۇت داۋاملاشقان . شۇنداقلا بۇ ۋاقىىتتا دەرھال بىر يەرنى تېپىپ ئارام ئالسا ياكى ئاغزىغا نىترو گلتسىرىن( 硝酸甘油 ) سېلىپ شورىسا ، ئاغرىقنىڭ داۋام قىلىش ۋاقتى تېخىمۇ قىسقا بولىدۇ. ئادەتتىكى كۆكرەك ئاغرىقىغا بولسا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئاستا يوقاپ كېتىدۇ . 


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟


سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...

سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章