بويۇن،بەل ۋە مۆرە ئەتراپى ياللۇغىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش

文摘   2024-11-18 18:31   新疆  



بويۇن،بەل ۋە مۆرە ئەتراپى ياللۇغىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش


1-بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش
1) جۇڭيىدا ياڭاق ، خام ئەگرىسۇناي ، سىيادان قاتارلىقلارنىڭ بۆرەك ۋە يىلىكنى قۇۋۋەتلەش رولى بار ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندا ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، بۆرەك ۋە بۇغۇملارنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ ،دەپ قارايدۇ.

2) زاراڭزا 20 گرام ، كىرەش 15 گرام ، قىزىل چوغلۇق 15 گرام ، كاشىم 15 گرام ، دارچىن 2 گرام ، يۇقىرىقىلارنى ئېزىپ تالقان قىلىپ ، 1000 مىللىلىتىر تۆۋەن گرادوستلۇق ھاراققا 10 كۈن چىلاپ ( ھەركۈنى بىر قېتىم چايقاپ قويىمىز ) ئاندىن ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر رومكىدىن ئىچسە بولىدۇ . بۇخىل ئۇسۇل ، قاننى جانلاندۇرۇپ ، جىڭلولارنى راۋانلاشتۇرىدۇ . بۇ نېرۋا غولى تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېىسلى بىمارلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

2-مۈرە ئەتراپى ياللۇغىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش
سىيادان ، كىرەش بىھى ، ياڭاق ، ئېۋكوممىيە قوۋزىقى ، ئالقات قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندا ، قاننى ياخشىلاپ ، جىڭلولارنى راۋانلاشتۇرۇپ ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. مۈرە ئەتراپى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قوشۇمچە داۋالاشقا پايدىلىق.

1) ئۆتكۈر مەزگىلىدە يېمەكلىك بىلەن داۋالاش
كىرەش 20 گرام ، كاشىم 10 گرام ، قىسقا غوللۇق شال 100 گرام . كىرەش بىلەن كاشىمنى يېرىم سائەت قاينىتىپ ، تىرىپىنى چىقىرۋەتكەندىن كېيىن ، قىسقا غوللۇق شالنى سېلىپ ئۇماچ قىلىپ ، كۈنىگە 2 قېتىم ئىچىلىدۇ.   
2) سوزۇلما مەزگىلىدە يېمەكلىك بىلەن داۋالاش
رودى جىنيۇ يىلتىزى 10 گرام ، تۇخۇم 1دانە ، بۇلار 2 قاچا سۇدا قاينىتىلىدۇ . تۇخۇم پىشقاندىن كېيىن ، شاكىلىنى سويۇۋېتىپ ، يەنە 10 مىنۇت قاينىتىپ ، بىر قاچا سۈيى قالغاندا ، تۇخۇم شورپىسى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىنىدۇ . 


3-بەل مۇسكۇللىرى زورۇقۇشنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش
كىلىنىكىدا ئورگانىك كېسەللىكتىن بولمىغان بەل ئاغرىقى بىمارلىرىغا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ:
1)يىلانبېلىقتىن 250 گرامنى پاكىز يۇيۇپ ، پارچىلاپ ، سۇدا قاينىتىپ پىياز ۋە تۇز قاتارلىقلارر بىلەن تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن ، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
2)ئىئوۋلېۋا مېغىزىدىن 50 گرام ، خام زەنجىۋىلدىن 20 گرام ، قوي گۆشىدىن 250 گرامنى سۇدا قاينىتىپ ، شورپا قىلىپ ئىچسە بولىدۇ.   

 
3) كىرەش 30 گرام ، ئېۋكوممىيە قوۋزىقى 120 گرام ، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت 5 گرام ، كالا قۇيرۇقى 1 دانە ، كالا قۇيرۇقىنى پاكىزلاپ توغراپ ، يۇقىرىقى خۇرۇجلار بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ، تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى

ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى

روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...






ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章