ئېغىزدىكى بۇ ئۈچ خىل «يارا» ياخشى ئەھۋال ئەمەس
نۇرغۇن
كىشىلەر ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ ئازابىنى تارتىپ باققان، «تاماقنى
ئويلىماي چاي ئىچىش» ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى چۈشىنىدۇ. كۆپ
ھاللاردا ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، بىر ھەپتە
ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. لېكىن، قايتا-قايتا قوزغىلىدىغان بەزى
يارىلارنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولسا ياكى ئاغزىدا غەيرىي داغ پەيدا بولسا،
ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق
ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق
پەردىسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرسە ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتتى ھەمدە
ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى قانداق ئاسراش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى.
شىللىق پەردىدىكى 3 خىل رەڭ ئۆزگىرىشىدىن ھوشيار بولۇڭ
نورمال
ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ھال رەڭدە بولسا، سىرتقى يۈزى نەم، سىلىق،
يۇمشاق، ئېلاستىكلىققا ئىگە، داغ، سىزىقچىلار بولمايدۇ. ئەگەر رەڭ
ئۆزگىرىشى كۆرۈلسە، شىللىق پەردىنىڭ نورمالسىزلىقىنى بىۋاسىتە ئەكس
ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
شىللىق پەردىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئاق داغ ياكى داغ پارچىسى
ئالدى بىلەن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بىر خىل ئەھۋالنى سۆزلەپ ئۆتەيلى:
ئەگەر
ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە قىسمەن ئاق داغ ياكى يېرىلىش پەيدا بولۇپ،
يۇمشاق ھەم سىلىق بولسا، بۇ ئېغىز بوشلۇقى ئاق رەڭلىك مۈڭگۈزلىشىش كېسىلى
بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ئۇزاق مۇددەتلىك سۈركىلىش، ئىسسىقلىق، خىمىيەلىك
غىدىقلىنىش سەۋەبىدىن، چىش يىلتىزىنىڭ قالدۇق تاجىسى، ئەسلىگە كېلىشى ياخشى
بولماسلىق، تاماكا چېكىش قاتارلىق غىدىقلاشلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇخىل
ئاق داغ ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.
يەنە بىر خىل ئاق داغ
ئېغىز بوشلۇقى ئاق داغ كېسىلى بولۇپ، راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك
ئۆزگىرىشىگە تەۋە، تەخمىنەن %3 ~%5 كىچە راكقا ئۆزگىرىدۇ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ
ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىللىق پەردىلەردە كۆرۈلىدۇ.
بۇ خىل ئاق
داغنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئادەتتە يارا ياكى شەلۋەرەش كۆرۈلۈپ، سۆگەلسىمان ياكى
دانىچىسىمان ھالەتتە بولىدۇ، بىمار شىللىق پەردىنىڭ يىرىكلىشىپ، قېتىپ
قالغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن.
ئەگەر 2~4 ھەپتىدىن كېيىن
ئاق داغ
يارىسى كىچىكلىمىگەن ياكى يوقالمىغان بولسا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا
تىرىك توقۇلما پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
مامۇقتەك قىزىل رەڭ
ئېغىز
بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە قىزىل داغ پارچىسى پەيدا بولغاندا، قىسمەن
يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان قان تولۇش بولۇپ،
ياللۇغ قايتۇرغاندىن كېيىن تەدرىجىي يېنىكلەيدۇ.
ئەمما بىر خىل
ئېغىز بوشلۇقى قىزىل داغ كېسەللىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك، يەنى شىللىق
پەردىدە ئوچۇق قىزىل، يۇمشاق (مامۇقتەك) ھەم چېگراسى ئېنىق داغ پارچىسى
پەيدا بولىدۇ، قىزىل داغنىڭ ئىچىگە ئاندا-ساندا كىچىك ئاق چېكىتلەر، ھەتتا
دانچىسىمان كىچىك تۈگۈنچەكلەر ئارىلىشىپ قالىدۇ.
بۇ كېسەل ئوتتۇرا
ياشلىق ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ، شۇنداقلا بىر خىل راكتىن بۇرۇنقى كېسەللىك
ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ھامان دەرھال ئوپېراتسىيە
قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئاددىي ھالدا يارا دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
قوڭۇر رەڭ ياكى قارا رەڭلىك داغ
ئېغىز
بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە قوڭۇر ياكى قارا داغ پەيدا بولسا، ئەگەر يەككە
ھالەتتە تارقىلىپ، دىيامېتىرى بىر مىللىمېتىردىن كىچىك، رەڭگى تەكشى،
شىللىق پەردە يۈزىدىن ئېگىز بولمىسا، ھۈجەيرە قارا پىگمېنتىنىڭ كۆپىيىشىدىن
كېلىپ چىققان رەڭ ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە ياخشى سۈپەتلىك
كېسەللىك بولۇپ، ھەر 3~6 ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈشىنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
بىراق،
قارا داغ پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئىپادىسى
بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قالغان ئۈچەي مونچاق گۆشى
يىغىندى ئالامىتى، بىرلەمچى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق
ماددىسىنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىش، قارا پىگمېنت ئۆسمىسى قاتارلىقلار، شۇڭا
بىرلەمچى كېسەللىكنى پائال داۋالاش كېرەك.
بۇنداق شىللىق پەردە ئۆزگىرىشىدىن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق
ئېغىز
بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىش شۇكى، يارا پەيدا
بولىدۇ، ياخشى سۈپەتلىك يارىنىڭ بەزى ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇقتىلىرى بولىدۇ.
شەكلى قانۇنىيەتلىك، ئاغرىق سېزىمى روشەن
ياخشى سۈپەتلىك
يارىنىڭ شەكلى بىر قەدەر قانۇنىيەتلىك بولۇپ، يۇمىلاق، ئېللىپىس شەكىللىك،
تاياقسىمان، گىرۋەكلىرى رەتلىك، ئېنىق، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئۇلى بىر قەدەر
سىلىق، تۇتسا يۇمشاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆيۈش سېزىمى روشەن بولۇپ، «قىزىل،
سېرىق، ئويمان بولۇپ ئاغرىش» تەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:
قىزىل: يارا گىرۋەكلىرىدە قىزىل رەڭلىك قان تولۇش بەلۋېغى بولىدۇ؛
سارغۇچ: يارا يۈزى سېرىق رەڭلىك ساختا پەردە بىلەن قاپلانغان بولىدۇ؛
ئويمان: مەركىزى ئويمان، شەكلى «يانار تاغ ئېغىزى» ياكى «ئوق ئازگىلى» غا ئوخشايدۇ؛
ئاغرىش: روشەن كۆيۈشۈپ ئاغرىيدۇ.
يامان
سۈپەتلىك يارىنىڭ شەكلى تەرتىپسىز، چېگراسى ئېنىق ئەمەس، ئېگىز-پەس،
دانچىسىمان، تۇتسا قاتتىقراق، ئاغرىق سېزىمى ئاجىز بولىدۇ.
پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ
ئېغىز
بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە ياخشى سۈپەتلىك يارا پەيدا بولغاندا، باشقا
ئەگەشمە كېسەللىكلەر بىر قەدەر ئاز بولىدۇ. ئەگەر ئېڭەك يۈز قىسمى ئىششىش،
لىمفا تۈگۈنى چاپلىشىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلسە، يامان سۈپەتلىك ئېغىز
بوشلۇقى يارىسى بولۇشى مۇمكىن.
بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ
يارىنىڭ
كۆپىنچىسى ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ، ئادەتتە 7~10 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر
يارا ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن ئاشسىمۇ ساقايمىسا ياكى بىر ئاي ئىچىدە ئىككى
قېتىمدىن ئارتۇق قايتا قوزغالسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
دورا
رېئاكسىيەسىگە سەزگۈر ياخشى سۈپەتلىك يارا دورا بىلەن داۋالاش ئاستىدا
ساقىيىشنى تېزلىتىدۇ، يامان سۈپەتلىك يارىنىڭ دورىغا بولغان ئىنكاسى
كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، ھەتتا داۋاملىق يامانلىشىدۇ.
ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى ئاسراشتا 6 ئىشنى ياخشى قىلىش
كۈندىلىك
تۇرمۇشتا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى
قوغدىغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يارىنىڭ يامانلىشىپ كېتىش
خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
1. ئۇزاق مۇددەت غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش
مۇۋاپىق
بولمىغان يالغان چىش، قالدۇق چىش يىلتىزى، دائىم گازىر چېقىش، قاتتىق
نەرسىلەرنى يېيىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېخانىكىلىق سۈركىلىشنى كۈچەيتىپ،
ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ.
تاماقنى چاينىماي بەك
تېز يېگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆزىنى چىشلىۋالسا، ئېغىز بوشلۇقى
يارىسىمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، تۇرمۇشتا ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش
كېرەك.
2. ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دىققەت قىلىش
ھەر كۈنى
ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش، تاماقتىن كېيىن ۋاقتىدا ئېغىز چايقاش قاتارلىق
ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەندە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك
باكتېرىيەلىرىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، شىللىق پەردىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى
ئازايتقىلى بولىدۇ.
3. ساغلام بولمىغان يېمەك ئىچمەكنى ئازايتىش
كاۋاپ،
تۇزلانغان، ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، زىيادە قىزىق
يېمەكلىكلەرنىڭ شىللىق پەردىنى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
4.
ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ كەمچىل بولۇش
مەسىلەن: تۆمۈر، سىنك، B
تۈرىدىكى ۋىتامىنلار، فولىك كىسلاتاسى قاتارلىقلارمۇ يارا پەيدا قىلىدۇ.
تۇرمۇشتا ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولۇشى، يېڭى مېۋە - چېۋە، كۆكتات ۋە قارا
ئاشلىقنى مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
5. تۈنىمەسلىك، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىشتىن ساقلىنىش
دائىم
ئۇيقۇسىزلىق، تۈنەش، خىزمەتتە زىيادە چارچاش، روھىي بېسىم قاتارلىقلار
ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، كېسەلنى ئېغىزدىن چىقىرىدۇ.
ھەر كۈنى
ئاز دېگەندە يەتتە سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 3~4 قېتىم سىرتتا
ھەرىكەت قىلىش، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق
بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
6. تەشۋىشلىنىشنى ساقلىنىپ، روھىي ھالەتنى تۇراقلاشتۇرۇش
يارا
ئاسان قوزغىلىدىغان كىشىلەر جىددىيلىشىش ۋە تەشۋىشلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق،
داۋالاشقا ماسلىشىش، قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى
ياخشىلاشقا پايدىلىق. ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولۇپ قالىدىغان
كىشىلەر ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55