كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
16 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
17-قىسىم
17-قىسىم ھەقىقىي ئەر-خوتۇندەك يېقىن ئۆتۈش
كېيىنكى ئىككى كۈندە، زىلالەنىڭ تۇرمۇشى تىنچ ھەم ئاددىي ئۆتتى.
ۋاقىت چىقىرىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ دادىسىنى يوقلىغاندىن باشقا، ئاساسەن مەكتەپ ۋە ياتاق بىناسىدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتا ئارىسىدا قاتراپ يۈردى.
تاماقنى مەكتەپتە يېسە، ئەرزان ھەم ۋاقىت تېجىلىدۇ.
ساز دۇكىنىنىڭ دىرېكتورى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولىدىغان خىزمەتتىن ئىككىنى تونۇشتۇرۇپ قويدى.
زىلالە مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى زىلالەدىن ناھايىتى رازى بولدى، ئىككى ئائىلىدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولىدىغان ئىشى ئوڭۇشلۇق بولدى.
گەرچە تاپىدىغان پۇلى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن زىلالەنىڭ ھازىرقى ئاددىي-ساددا تۇرمۇشىنى قامداشقا يېتىدۇ، ئەمدى تۇرمۇش خىراجىتىدىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ.
زىلالەنىڭ تۇرمۇشى ئاستا-ئاستا ئىزىغا چۈشكەندەك قىلاتتى.
ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى كەچتە، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىكى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە جەسۇرنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
ھەر كۈنىدىكىگە ئوخشاش جەسۇرنىڭ تەلىپى بويىچە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلىپ:
[ ئېرىمگە دوكلات، ئۆيگە بىخەتەر قايتىپ كەلدىم] دەپ ئۇچۇر ۋە سۈرەت تارتىپ ئەۋەتتى.
قوشۇمچە ئەۋەتكەن سۈرەت ئۆينىڭ مېھمانخانىسىدا تۇرۇپ چۈشكەن سۈرىتى بولۇپ، ئۇنىڭ يالغان سۆزلىمىگەنلىكىنى ئىسپاتلايتتى.
ھەر كۈنى مۇشۇنداق دوكلات قىلىپ يۈرۈپ، ئاستا-ئاستا ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى.
<ئېرىم> دېگەن گەپنىمۇ بارغانسېرى خىجىل بولماي دېيەلەيدىغان بولدى، ئىككىيلەننى ھەقىقەتەن بىر جۈپ تاتلىق ئەر-خوتۇن دەپ ئويلاپ قالدىمۇ ئۆزىمۇ بىلمىدى.
جەسۇر جاھاننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاغ-دەريالار ، دېڭىز - ئوكيان بولغاندىن سىرت، يەنە تېخى ئون نەچچە سائەتلىك ۋاقىت پەرقى بار.
ئۇ بار تەرەپتە كەچ بولسا، بۇ تەرەپتە يەنىلا كۈندۈز.
خىزمەت سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىمۇ ئېنىق ئەمەس.
بەزىدە ناھايىتى تېز قايتۇرىدۇ، بەزىدە بىر-ئىككى سائەت ھايال بولۇپ قالىدۇ.
زىلالەمۇ ئۇنىڭ ئۇچۇرىدىن ئۈمىد كۈتمىدى ھەم كۆڭۈل بۆلۈپمۇ كەتمىدى.
ئۇچۇر يوللاپ بولغاندىن كېيىن، يانفونىنى قويۇپ، يۇيۇنۇشقا تەييارلىق قىلدى.
تېلېفون سايرىدى.
بۇ قېتىم جەسۇرنىڭ جاۋابى ئالاھىدە تېزلا كەلدى.
[جەسۇر: مېنى سېغىندىڭىزمۇ؟ ] دېدى.
زىلالە يان تېلېفوننى تۇتۇپ، ئويلانمايلا ‹ ‹ سېغىندىم › › دېگەن خەتنى قايتۇردى.
ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتكۈزۋەتمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.
كۈندۈزى رېپېتىتسىيە قىلىپ، كەچتە يەنە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولدى.
ئەمدىلا نەچچە ياشقا كىرگەن بالىغا ئىسكىرىپكىنى ئاستا-ئاستا كونترول قىلىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، سەۋرچان بولۇشقا توغرا كېلەتتى، شۇڭا ھېرىپ جۇلىقى چىقايلا دەپ قالدى، پەقەت پاراڭنى تېزراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ ياخشى ئۇخلىۋالماقچى بولدى.
جەسۇر بۇ قېتىم جاۋاب سۈپىتىدە بىر پارچە سۈرەت ئەۋەتتى.
ئۇچىسىغا سۇس رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان بولۇپ، ئوڭ قولىدا شامپان رومكىسىنى نەپىس تۇتۇپ، سېتىۋېلىش ئوبيېكتى بىلەن قەدەھ سوقۇپ تەبرىكلەۋاتقاندەك قىلاتتى.
كۆزلۈك سودا سەرخىللىرى ئارىسىدا تۇرغان جەسۇر مۇتلەق باش پېرسوناژ بولۇپ، ئالاھىدە سالاپىتى بىلەن روھلۇق كۆرۈندى.
بۇ قېتىم جەسۇر سېتىۋالغان شىركەت داڭلىق ئېنېرگىيە شىركىتى ئىدى.
ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، بۇ سۈرەت ناھايىتى تېزلا شۇ يەرلىك داڭلىق گېزىتىنىڭ باش بېتىگە چىقتى.
شۇنچە ياش تۇرۇپ، مۇشۇنداق كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتتى، بۇ ئەرنىڭ سودا ماھارىتى ۋە جاسارىتى زىلالەنى قايىل قىلىشقا يېتىپ ئاشىدۇ.
[زىلالە: مۇبارەك بولسۇن، سودا دائىرىڭىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كېڭەيتتىڭىز. ] - دېدى.
بۇ قېتىم زىلالە ناھايىتى ئەستايىدىل جاۋاب قايتۇردى، ھەرگىزمۇ ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلمىدى.
ئۇ جەسۇرنىڭ سودا-ساھەسىدىكى ئىقتىدارىغا ھەقىقەتەن قايىل ئىدى.
غۇڭ... --
يان تېلېفون يەنە بىر قېتىم سىلكىندى، جەسۇر سىنلىق سۆزلىشىش ئەۋەتتى.
زىلالە كۆرۈنمە چاستوتانى ئۇلىدى، جەسۇرنىڭ چىرايى شۇ ھامان يانفون ئېكرانىدا پەيدا بولدى. ئاشۇ كېلىشكەن چىرايى يەنىلا ئىنتايىن جەلپكار ئىدى.
قارىماققا بالكوندا تۇرغاندەك قىلىدۇ، كەينىدە قۇياش پارلاپ تۇراتتى.
سېتىۋېلىش ئوڭۇشلۇق بولغاچقا، كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئەتە قايتىپ بارىمەن، خوتۇن سىزگە قانداق سوۋغات لازىم؟ - دەپ سورىدى.
- لازىم ئەمەس، ئىشىڭىزنى پۈتكۈزۈپ قايتىپ كەلسىڭىزلا بولدى، - دېدى زىلالە تۈزۈت بىلەن رەت قىلىپ.
ئۇ بۇ خوتۇن دېگەن سۆزنىڭ ئىككىيلەنگە نىسبەتەن قانچىلىك ۋەزنى بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
ئۇنىڭ نەرسىسىنى ئالسا بولمايدۇ.
زىلالەنىڭ سەل روھسىز ئىكەنلىكىنى كۆرگەن جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- بىئارام بولۇۋاتامسىز؟ - دەپ سورىدى.
- سەل چارچاپ قالدىم.- دېدى زىلالە.
- ئەمىسە بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىنىپ بولدى، ئەتىلا مەن بىلەن كۆرۈشەلەيسىز. - دېدى جەسۇر.
- ماقۇل، ئېرىم، خەير - خوش. - دېدى زىلالە.
قارشى تەرەپ ئۇنى خىجىل قىلمىدى، زىلالەمۇ ناھايىتى ياۋاشلىق بىلەن خوشلاشتى.
كۆرۈنمە چاستوتانى قويۇۋېتىپ، بۇرۇلۇپ مۇنچىغا كىردى.
قارىماققا ئىككى ئادەم ھەقىقىي ئەر-خوتۇندەك يېقىن. ئەمما زىلالەغا ناھايىتى ئېنىق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساختا كۆرۈنۈش.
جەسۇرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشى، بىر تەرەپتىن سودا مەقسىتىدە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەيسەردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن.
ئۇنىڭ نەزىرىدە جەسۇرنىڭ ھازىر بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىشى پەقەت ئەرلەردىكى بىردەملىك يېڭىلىق تۇيغۇسى ۋە بويسۇندۇرۇش ئىستىكى خالاس.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئويۇننى ئويناپ زېرىككەندە، خۇددى زېرىكىشلىك ئويۇنچۇقنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىدۇ.
خۇددى ئاياغ ئىشكاپىدىكى ھېلىقى ئايالچە ساپما كەشنىڭ بۇرۇنقى ئىگىسىگە ئوخشاش.
ئۇ پەقەت جەسۇرغا ماسلىشىپ، بۇ ئويۇننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينىدى خالاس.
دۇنيادا ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يوق.
بۇ دەل ئۇنىڭغا قىلىنغان ياردەمنىڭ بەدىلى ۋە ئۆسۈمى!
ئىلگىرى ئۇ ئىشەنگەن ۋە ئارزۇ قىلغان مۇھەببەت بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدىغان قۇرۇق گەپ!
ئۇ يانفونىنى ئۈستەلگە قويۇپ، مۇنچىغا كىرىپ، كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، مۇنچىنى ئاچتى.
غۇڭ... قول يۇيۇش سۇپىسىغا قويۇلغان يان تېلېفون تۇيۇقسىز تىترىدى.
ئۇ مۇنچا لۆڭگىسىنى تارتىپ ئېلىپ بەدىنىگە يۆگەپ، ئېكراندىكى دوختۇرخانىدىن كەلگەن تېلېفوننى كۆرۈپ، بىردىنلا جىددىيلىشىپ:
- ۋەي، مەن زىلالە! - دېدى.
- زىلالە خانقىز، دادىڭىزنىڭ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇلىۋاتىدۇ، دەرھال دوختۇرخانىغا كېلىڭ. - دېدى دوختۇر.
زىلالەنىڭ بارماقلىرى تىترەپ، يانفون يەرگە چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى.
- ماقۇل، مەن... مەن... ھازىرلا بارىمەن، - دېيەلىدى.
مۇنچىدىن يۈگۈرۈپ چىققان پېتى ئالاقزەدە بولۇپ كىيىملىرىنى كىيىپ، چاچلىرىنى قۇرۇتمايلا ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكىدىن ئېتىلىپ چىقتى.
يول بويى ئالدىراپ-تېنەپ يۈگۈرۈپ، ICU كېسەلخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، پەلتوسىمۇ ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.
- سېسترا! ، - ICUدىن چىققان سېسترانىڭ قولىدىن تۇتۇۋېلىپ، تىترەڭگۈ ئاۋازدا، ـ كەچۈرۈڭ، دادام ئوسماننىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ - دەپ سورىدى.
- يەنىلا جىددىي قۇتقۇزۇلىۋاتىدۇ، سىز ئاۋۋال يان تەرەپتە ساقلاپ تۇرۇڭ. - دېدى سېسترا جىددىي جاۋاب بېرىپ، ئالدىراپ-تېنەپ يۈگۈرۈپ بېرىپ دورىنى ئالدى.
زىلالە ئارقىغا ئىككى قەدەم داجىپ، ماغدۇرسىز ھالدا تامغا يۆلىنىپ، ئاستا-ئاستا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قېلىپ:
- دادا... چوقۇم بەرداشلىق بېرىڭ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي! - دېدى.
سېسترا بىلەن دوختۇر كەلدى ICU نىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ يەنە يېپىلدى.
يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت زىلالەغا نىسبەتەن بىر ئەسىردەك بىلىندى.
خۇرۇم ئاياغ كىيگەن بىر جۈپ پۇت ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
زىلالە دەككە-دۈككە ئىچىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرغان كىشىنىڭ دادىسىنىڭ مەسئۇل دوختۇرى ھەسەن ئىكەنلىكىنى كۆردى.
ھەسەن دوختۇرنىڭ كەينىدە يەنە بىر نەچچە دوختۇر تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قارىماققا ھېلىقى تەكلىپ قىلىنغان دوختۇردەك قىلاتتى .
زىلالەنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ، تامغا يۆلىنىپ ئورنىدىن تۇردى، پۈتۈن بەدىنى ھازىرلا يېقىلىپ چۈشىدىغاندەك پۇلاڭلاپ:
- دادام ئۇ ... - دېيەلىدى.
..................................
...........
...
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar