كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
49 | 48 | 47 | 46 | 45 |
54 | 53 | 52 | 51 | 50 |
59 | 58 | 57 | 56 | 55 |
64 | 63 | 62 | 61 | 60 |
69 | 68 | 67 | 66 | 65 |
74 | 73 | 72 | 71 | 70 |
79 | 78 | 77 | 76 | 75 |
84 | 83 | 82 | 81 | 80 |
89 | 88 | 87 | 86 | 85 |
94 | 93 | 92 | 91 | 90 |
99 | 98 | 97 | 96 | 95 |
100 |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
101-قىسىم
101-قىسىم
ئاغرىپ قالدى
زۇبەيدە مەۋلاننى ئۇزىتىپ قويۇپ، ئۆيگە قايتىپ ئىشىكنى ياپتى، مەۋلان يەنىلا سافادا ئولتۇراتتى.
زۇبەيدە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، ئالدىغا قاراپ ماڭدى.
گەرچە مېھمان كۈتۈش جەريانى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا مەۋلاننىڭ باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ زەپەرنى كۈتۈشۈپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىشى كېرەك.
- بۈگۈن كەچتە مەن بىلەن بىللە مېھمان كۈتۈشۈپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت... - دېدى زۇبەيدە.
مەۋلان سافانىڭ بىر تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، قولىنى سافانىڭ تۇتقۇچىغا قويۇپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تېلېفوننى سىيرىپ ئولتۇرۇپ، سۇس < ھە > دەپ قويدى.
ئۇنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىدىن زۇبەيدە جىمىپ قېلىپ:
- ئەگەر سىز بۈگۈن كەچتىكى قورۇمىلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز، ئەتە يەنە ئېتىپ بېرەي. - دېدى.
مەۋلان يەنە < ھىم > دەپ قويدى.
ئۇنىڭ پەرۋاسىزلىقى زۇبەيدەنى سەل ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى، ئاخىرى بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، يەنىلا بۇرۇلۇپ ئاشخانىغا قاراپ ماڭدى.
لېكىن ئىككى قەدەم ماڭمايلا، تۇيۇقسىز يەنە توختاپ قالدى.
مەۋلانغا بۇرۇلۇپ قاراپ، ئۇنىڭ يەنىلا شۇ ھالەتتە مىدىرلىماي ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى.
بايا ئۇنىڭغا بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى ئىنكاسىنى تەپسىلىي ئويلاپ باقتى، گەرچە پەقەت بىر ئېغىز ھىم دېگەن بولسىمۇ، لېكىن نەپەس جەھەتتە مەسلە باردەك قىلاتتى.
ئۇ كۆزلىرىنى يېنىك چىمچىملىتىش بىلەن تەڭ، تىت-تىت بولغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى.
قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، يېنىك سىلكىپ:
- مەۋلان، سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ... - دەپ سورىدى.
مەۋلان يېنىك غىڭشىپ قويۇپ، بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ:
- نېمە كارىڭىز... - دېدى.
زۇبەيدە مەۋلاننىڭ پوزىتسىيەسى ۋە زەھەردەك گەپلىرىگە پەرۋا قىلمىدى، پەقەت ئۇنىڭ تەرگە چۆمۈلۈپ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ، چۆچۈپ كەتتى.
ھەرىكەت قىلىشى سەل قولايسىز بولغاچقا، دەرھال قورسىقىنى تۇتۇۋېلىپ ئېڭىشىپ، ئىككى تىزىنى يەرگە قويدى، ئاندىن مەۋلاننىڭ يۈزىنى كۆتۈرۈپ، تىت-تىت بولۇپ:
- سىزگە .... نېمە بولدى؟ قەيىرىڭىز بىئارام بولىۋاتىدۇ؟ ھە؟ -دەپ سورىدى.
ئۇ سەل ئەنسىرەپ، ھودۇقۇپ كەتتى، مەۋلان ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، قوشۇمىلىرى تۈرۈلدى، قاپقارا كۆزلىرىدە ئازراق ئاغرىقتىن باشقا، كەيپىياتنى بىلگىلى بولمايدىغان جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
- گەپ قىلىڭە، نەرىڭىز بىئارام بولىۋاتىدۇ؟ - دەپ سورىدى زۇبەيدە.
زۇبەيدە ھەقىقەتەن ئالاقىزادە بولۇپ كەتتى، بۇنداق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۇنىڭ ھېچقانداق تەجرىبىسى يوق.
ئەگەر باشقا ئىش ياكى باشقا ئادەم بولغان بولسا ياخشى بولاتتى، لېكىن مەۋلان ھازىر قارىماققا بەك ئازابلىنىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى، شۇڭا قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن.
كۆڭلىدىكى ئازاب ۋە تەشۋىش مەۋلاننىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى.
مەۋلان بۇنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنىڭ تېخىمۇ تىت-تىت بولغان ھالىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن:
- ئاشقازىنىم... - دېدى.
زۇبەيدە يېرىم سېكۇنت ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىپ، بۈگۈنكى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، ئۇنىڭ جاھىللىق بىلەن ھېلىقى قورۇمىلارنى توسۇپ ئېلىپ، يېگەنلىكىنى يادىغا ئالدى.
ئۇ شۇ ھامان تىت-تىت بولۇپ كەتتى، مەۋلاننىڭ بىئارام بولغان ھالىتىنى كۆرۈپ، كۆزلىرى قىزىرىپ:
- ئاچچىق يېسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا يەنە ئاچچىق قورۇمىلارنى يەيسىز؟ مەن سىزگە ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلىرىڭىزنى ئېتىپ بەردىمغۇ... - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىرتەرەپتىن بوغۇلۇپ قالغان ئاۋاز ئاڭلاندى، كۆز ئالدىدىكى مەۋلان شۇ تاپتا زۇبەيدەنىڭ نەزىرىدە خۇددى تېگىپ كەتسىلا چېقىلىپ كېتىدىغان فارفۇر قونچاققا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئىككى قولى بىلەن ئۇنى بەكرەك كۈچەپ مىدىرلىتىشقىمۇ پېتىنالمىدى.
كۆزلىرى ئۇزۇنغىچە تىترەپ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، مەۋلاننى كۈچەپ تارتىپ:
- تېز ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، دەرھال دوختۇرخانىغا بارايلى! - دېدى.
مەۋلاننىڭ بەدىنى سەل ئېغىر ئىدى، زۇبەيدە شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ ئورنىدىن تۇرغۇزالمىدى.
مەۋلان يەنىلا ئۇنىڭ تىت-تىت بولۇپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ:
- ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ... - دېدى.
زۇبەيدە ئۇنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈردى، كۆزلىرىدىكى ياش يالتىراپ:
- مەۋلان، سىزگە بىرەر ئىش بولسا بولمايدۇ... - دېدى.
ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەشۋىش، كۆزلىرىدىكى ياش، بوغۇلۇپ كەتكەن ئەندىشە ئاۋازى يۈرىكىنى لەرزىگە سالدى.
بۇ نەرسىلەر مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى، يوشۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ھەم مۇتلەق ساختىلىق ئارىلاشمىغان.
مەۋلان ئۇنىڭ بىلىكىنى چىڭ سىقىپ، ئاشقازىنىدىن كەلگەن بىئاراملىققا چىداپ تۇرۇپ، پەس ئاۋازدا:
- سىز مەندىن شۇنچە ئەنسىرەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدە لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ:
- تېز ماڭايلى، دوختۇرخانىغا بارايلى. - دېدى.
مەۋلان بىر قەدەممۇ مىدىرلىماي، يەنىلا ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ:
- زۇبەيدە، سىز تېخى مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بەرمىدىڭىز. - دېدى.
زۇبەيدە قىزارغان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ، لېۋىنى خېلى ئۇزۇنغىچە چىشلەپ تۇرۇپ:
- شۇنداق، مەن سىزدىن ئەنسىرەيمەن، سىزنىڭ بۇنداق بىئارام بولۇشىڭىزنى خالىمايمەن، بولامدۇ؟ - دېدى.
مەۋلان ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ:
- نېمىشقا؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدە چىشىنى چىڭ چىشلىدى، مەۋلان زادى قانچىلىك ئەخمەق، بەزى ئىشلارنى، چوقۇم مۇشۇنداق تۈز دېيىشى كېرەكمۇ؟
ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى يوشۇرۇپ باقمىغان، ئەجەبا مەۋلان راستتىنلا كۆرۈپ يېتەلمىدىمۇ؟
- چۈنكى سىز ئوغلۇمنىڭ دادىسى! بولدىمۇ؟ - دېدى زۇبەيدە.
مەۋلاننىڭ قاپىقى سەل-پەل تۈرۈلدى، قارىماققا ئانچە خۇشال ئەمەستەك قىلاتتى.
- يەنە بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدە بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كۆڭلىدە سەل ئاچچىقى كېلىپ:
- سىز زادى دوختۇرخانىغا بارامسىز-بارمامسىز؟ بارمىسىڭىز، مەن ئۈستىگە چىقىپ ئۇخلايمەن! - دېدى.
مەۋلان يەنىلا ئۇنىڭغا جاھىللىق بىلەن قاراپ جاۋابىنى كۈتتى.
زۇبەيدە چىشىنى چىشلەپ، ئۇنى قويۇۋەتتى، ئاندىن بۇرۇلۇپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە قاراپ ماڭغاچ:
- ئۆلۈپ قالسىڭىز تېخى ياخشى، ئوغلىڭىزنى ئېلىپ باشقىلارغا ياتلىق بولىدىغان بولدۇم! - دېدى.
مەۋلان زۇبەيدەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالدى، سوغۇق نەپەس ئېلىپ، زۇبەيدەنىڭ بىلىكىنى كۈچەپ تارتىپ، قايتۇرۇپ كېلىپ:
- بايا نېمە دېدىڭىز؟ ! - دەپ سورىدى.
- مەن سىز ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن... - دېدى زۇبەيدە .
- زۇبەيدە، ئەگەر يەنە شۇ گەپنى يەنە دېيىشكە پېتىنسىڭىز، ئەدىپىڭىزنى بېرىمەن! - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدە گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدى.
بايا كىم ئۇنىڭغا قايتا دېگۈزدى؟
مەۋلانغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ:
- ئۇنداقتا سىز زادى دوختۇرخانىغا بارامسىز - بارمامسىز؟ - دېدى.
مەۋلان بۇ قېتىم گەپ قىلمىدى.
زۇبەيدە يەنە بىر قېتىم تىركىشىپ تارتىشتى، نەتىجىدە مەۋلان تۇيۇقسىز بېلىنى ئېگىپ ئاشقازىنىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ:
- ئاشقازىنىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ! - دېدى.
زۇبەيدە دەرھال بېرىپ بىلىدىن قۇچاقلاپ:
- بولدى، جېدەل قىلماڭ، دەرھال مەن بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىڭ! - دېدى.
مەۋلان بۇ قېتىم بەك قاتتىقلىق قىلمىدى، پەقەت ئىشىك ئالدىدا كىيىم-كېچەك، ئاياغ كىيىدىغان ۋاقىتتا زۇبەيدەگە بىئاراملىق ئىچىدە قاراپ :
- دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن ماڭا باشقا سەۋەبلەرنى دەپ بېرىڭ، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
زۇبەيدە سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، مەۋلاننىڭ چاپىنىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا يېپىپ قويدى.
ئاغرىپ جېنى چىقاي دېگەندىمۇ ، يەنە ئاشۇ سەۋەب بىلەن قاپتۇ!
جاھىللىقىدا ئىشنىڭ ئېغىر ـ يېنىكلىكىنى ئايرىلمايدىكەن.
- ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ ! - دېدى مەۋلان.
- ئاڭلىدىم، ئاڭلىدىم! - زۇبەيدە ئاچقۇچنى قولىغا ئېلىپ، ئامالسىز ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى.
ئاخىرى مەۋلاننىڭ قولىنى مۈرىسىگە قويۇپ، يۆلەپ ماشىنىغا ئېلىپ چىقماقچى بولدى.
نەتىجىدە مەۋلان بىلىكىنى ئۇنىڭ بېلىگە سىيرىپ قويدى.
زۇبەيدەنى ئۇنى يۆلىدى دېگەندىن كۆرە، مەۋلان زۇبەيدەنى قۇچاقلاپ ماشىنىغا چىقاردى دېسە توغرا بولىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن مەۋلانمۇ يۇۋاشلىق بىلەن ماشىنىغا چىقتى.
زۇبەيدەنىڭ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق ئىشنى ھېسابلىشىپ ئولتۇرغۇدەك زېھنىنى يوق.
مەۋلاننىڭ ئاشقازىنىنىڭ بىئارام بولۇشىمۇ يالغان ئەمەس، شۇڭا يول بويى گەپ قىلمىدى، ياردەمچى شوپۇر ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ، قولىنى ئاشقازىنىغا قويدى، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، تەرى مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى.
زۇبەيدە بىر تەرەپتىن ماشىنا ھەيدەپ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا قاراپ، يول ئەھۋالىغا قاراپ، قولىنى سوزۇپ يۈزىدىكى تەرلىرىنى سۈرتتى.
مەۋلان كۆزىنى يۇمۇپ ياتتى، زۇبەيدە ھەر قېتىم ئۇنىڭ تەرىنى سۈرتكەندە، يۈرىكى بىلىنەر - بىلىنمەس تىترەپ كېتەتتى.
كۆزىنى يۇمۇۋالغان بولسىمۇ ماشىنا دېرىزىسىنىڭ سىرتىدىكى چىراغ نۇرىنىڭ غۇۋا يورۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايتتى، شۇنداقلا زۇبەيدەنىڭ تىت-تىت بولغان، كۆز يېشى قىلغان ھالىتى كۆز ئالدىدىن توختىماي كىنو لېنىتىسىدەك تەكرار - تەكرار ئۆتتى.
مەۋلان ئىزچىل سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىپ كەلگەن، شۇڭا شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئاندا-ساندا سوغۇق تېگىپ قالغاندىن باشقا، سالامەتلىكىدە چوڭ مەسىلە كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى.
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئاشقازىنى بىئارام بولغاندىن باشلاپ، بەزى نەرسىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان بۇنداق ئېغىر خاتالىق سادىر قىلىپ باقمىغانىدى.
ياق، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىلا ئەمەس، بەلكىم ئەزەلدىن بۇنداق خاتالىق سادىر قىلىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن ...
ئاغرىپ قېلىپ باشقىلار تەرىپىدىن بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشقا ئېرىشىپ باققىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.
زۇبەيدە تەرلىرىنى سۈرتمەكچى بولۇپ قولىنى يەنە بىر قېتىم سوزغاندا، مەۋلان تۇيۇقسىز قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ، ئازراق ئالدىغا ئېڭىشىپ، زۇبەيدەنىڭ قولىنى كۆكرىكى ئاستىدىكى ئاشقازىنىغا قويدى.
زۇبەيدەنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ، بارماقلىرىنى تۈگۈلۈۋېلىپ:
- مەۋلان، مەن ماشىنا ھەيدەۋاتىمەن. - دېدى.
مەۋلان مىدىرلىمىدى، دوختۇرخانىغا ئازلا قالغانىدى، زۇبەيدە گەپ قىلماي، ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئاستا-ئاستا دوختۇرخانا ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
زۇبەيدە يولدا دوختۇرخانا بىلەن ئالدىن ئالاقىلاشقان بولۇپ، ئۇلار يېتىپ كەلگەندە، دوختۇرخانا ئالدىدا تىببىي خادىملار ساقلاپ تۇرۇشقانىدى.
ئاخىرىدا مەۋلان تەكشۈرۈش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلدى، دىئاگنوز نەتىجىسى ناھايىتى تېزلا چىقتى.
جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بوپتۇ.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar