مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 84-قىسىم_ سىلەر تونۇشامسىلەر

文摘   小说   2024-11-06 14:01   中国  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  92  -قىسىمغىچە   تامام 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776


838281




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

84 -قىسىم

   


84-قىسىم

 - ئەلۋەتتە كۆپ بولىدۇ! - دېدى ئەكبەر قولىدىكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا سۇنۇپ، - بۇنىڭدىن بۇرۇن سوت مەھكىمىسى مۇسادىرە قىلغان بارلىق مال ـ مۈلكىڭىزنى قانۇن بويىچە قايتۇردى، ئىلگىرى  تاپشۇرغان بارلىق جەرىمانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  - دېدى.

 -  بەك ياخشى بولدى. - دېدى زىلالە ھۆججەتنى ئېلىپ ئۆمەرنىڭ قولىغا سۇنۇپ، - ئاكا، بولمىسا... بىز بارلىق پۇلنى تيەننىڭ ياتاق بىناسىغا مەبلەغ سالايلى؟ بۇنداق بولغاندا، سىز ياتاق بىناسىنى قايتىدىن سېلىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك تەبىئىي ھالدا بىزنىڭ ئەستايىدىل ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىدۇ! - دېدى.

 -  شۇنداق.- دېدى زۆھرەمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،  - پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئۆمەر ئاكا،  چوقۇم قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن! -   دېدى.

ئۆمەر بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆپچىلىككە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتى.

كۆزلىرى ئىشەنچكە تولغان كۆپچىلىك ئۇنىڭغا قىزغىنلىق بىلەن قاراشتى،  ئۆمەرنىڭ كۆزلىرى ئاخىرى زىلالەگە چۈشتى.

ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، سىڭلىسى ئۆزىنى دوغا تىكىپ تىرىشتى.

ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ جىنايىتى يوقلۇقى ئىسپاتلاندى، ئەمدى ئۆزىگە تايىنىدىغان ۋاقىت كەلدى.

سىڭلىسىنىڭ ھەممىنى بىر يولىلا دوغا تىكىدىغان جاسارىتى بولغان يەردە، ئۇ قانداقمۇ قورقسۇن؟

 - ماقۇل، مەن سىلەرگە ۋەدە بېرەي، بۇ قېتىم  چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بۇ تۈرنى ياخشى ئىشلەيمەن. - دېدى ئۆمەر.

- ھەممىمىز سىزگە ئىشىنىمىز. - دېدى زىلالە  بىر قولىدا ئۆمەرنى، يەنە بىر قولىدا جەسۇرنى تۇتۇپ تۇرۇپ،  - يۈرۈڭلار، ئۆيگە قايتايلى!   - دېدى.

كۆپچىلىك بىرلىكتە كېسەلخانىدىن چىقىپ، لىفىتقا ئولتۇرۇپ بىرىنچى قەۋەتكە چۈشتى.

- كۆپچىلىك يول بېرىڭلار! 

كارىدوردا، ساقچى خادىملىرى ئابلىكىمنى ئېلىپ چىقتى.

جەسۇرغا ئوخشاش، ئۇمۇ  بۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىقتى.

بىراق، جەسۇرغا ئوخشىمايدىغىنى، جەسۇر ئۆيىگە قايتتى، ئابلىكىم بولسا رەسمىي ھالدا قاماقخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ، سوتنىڭ ئاخىرقى سوتىنى كۈتىدۇ.

زىلالە قاتارلىقلارنى كۆرگەن ئابلىكىم قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، جەسۇرنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.

ئۇنى كۆرگەن ئابلىكىم بىردىنلا قېتىپ، توختاپ قالدى.

ئۇ كۈنى پۈتمىگەن تاشلاندۇق بىنادا،  جەسۇرنى  ھايات قالدۇرماسلىق ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىغان. ئۇ يەنە  قانداق ھايات قالغاندۇ؟

جەسۇرنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇ شۇنچە كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە دو تىكىپ، نەق مەيدانغا بارغانىدى.

بۇ يەتتە كۈندە، ئابلىكىم  بىر نەتىجىنى ھېس قىلىپ يەتتى...

ئۇنىڭ جىنايىتىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس.

ئۇ   كېيىنكى يېرىم ئۆمرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدۇ.

ئۇ شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلىگەن تۇرۇقلۇق، جەسۇرنىڭ ھايات قالغىنى نېمىسى!

جەسۇر كەينىگە بۇرۇلۇپ، ھاسىسىغا تايىنىپ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئابلىكىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

 - مەن تېخى ھايات، سىز چوقۇم قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىڭىز شۇنداقمۇ؟  - دېدى.

- مۇمكىن ئەمەس،  مۇمكىن ئەمەس...   يالغان،  ھايات قېلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس!   - دېدى ئابلىكىم ئۇنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ.

تۇيۇقسىز ئالدىغا يەنە بىر قەدەم مېڭىپ، ساراڭدەك جەسۇرغا قاراپ ئېتىلىپ:

- جېنىڭنى ئالىمەن.... - دېدى.

ھامىنى جازالىنىدىغان بولغاندىكىن جەسۇرنىمۇ بىرگە ئېلىۋالماقچى بولدى.

 - ئېھتىيات قىلىڭ! 

زىلالە قاتارلىقلار ئېتىلىپ كېلىپ، جەسۇرنى قوغدىدى.

 - قولىنى تارت! 

 -  ياۋاشراق بول! 

بىر نەچچە ساقچى خادىمىمۇ  ، ئابلىكىمنىڭ  بىلىكىدىن تۇتۇپ تامغا باستى.

ئابلىكىم ئۆزى تامغا بېسىلىپ مىدىرلىيالماي قالغىنى بىلەن، بىر جۈپ كۆزىنى يەنىلا جەسۇرغا تىكىلىپ، - جېنىڭنى ئالىمەن، ئائىلىمىزنىڭ ئون تىيىن پۇلىنى ئېلىپ كېتىشىڭگە يول قويمايمەن! - دېدى.

 - ئابلىكىم! - دېدى زىلالە دىمىقىنى قېقىپ، - سىزنىڭچە، جەسۇر  سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارنىڭ پۇلىغا راستتىنلا كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ دادىڭىزنىڭ پۇلىدىن بىر تىيىنمۇ ئالمىدى.  - دېدى.

 - مۇمكىن ئەمەس، مۇمكىن ئەمەس! -  ئابلىكىمنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ ، -  ئۇ ئاپىسىغا ئوخشاش پۇلنى كۆزلەيدۇ، ھەممىسى بىزنىڭ  ئائىلىنىڭ پۇلىنى كۆزلەيدۇ . - دەپ ۋارقىرىدى. 

 -  ھازىرغىچە ھوشىڭىزنى تاپمايۋاتىسىز!  - دېدى زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ، -  قالغان ۋاقىتتا،  تۈرمىدە ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭ! - دېدى ۋە جەسۇرنىڭ بىلىكىدىن يۆلەپ كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.

ئەنۋەر ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، زىلالە بىلەن بىللە جەسۇرنى يۆلەپ ئارقا ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىزمەتچى خادىملارمۇ ئابلىكىمنى تارتىپ چىقىپ، ئانچە يىراق بولمىغان ساقچى ماشىنىسىغا سالدى.

بىردەمدىن كېيىن، ئىككى گۇرۇپپا ئادەملەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا دوختۇرخانىدىن ئايرىلدى.

بىرى شەرققە قاراپ مېڭىپ، زىلالەنىڭ داچىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

يەنە بىرى   شەھەر ئەتراپىدىكى قاماقخانىغا قاراپ ماڭدى.

يېرىم سائەتتىن كېيىن، ماشىنا داچا سىرتىدا توختىدى.

كۆپچىلىك ماشىنىدىن چۈشكەندە، بىر كۆلەڭگە تۇيۇقسىز يېقىنلا يەردىن ئېتىلىپ كېلىپ، پوك قىلغان ئاۋاز بىلەن جەسۇرنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ:

- جەسۇر، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇمنى قويۇۋېتىڭ! - دېدى. 

كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، ئۇلار دىققەت بىلەن قارىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئابلىكىمنىڭ ئاپىسى سانىيە ئىكەنلىكىنى تونۇدى.

ئارىدىن ئاران بىر ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇرۇنقى سالاپەتلىك باي ئائىلىنىڭ خانىمى  ياداپ قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈندى.

 ئۈستىدىكى مەينەت چاپاننىڭ ئىچىدىن ئۇخلاش كىيىمىنىڭ بىر بۇرجىكى بىلىنەر-بىلىنمەس كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

كۆپچىلىك ھەيران قېلىۋاتقاندا سانىيەنىڭ كۆزلىرىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولدى.

ئۇ تۇيۇقسىز يېنىدىن قىرلىق بىر نەرسىنى چىقىرىپ، جەسۇرغا قاراپ ئېتىلىپ:

 -  جېنىڭنى ئالىمەن...  سەنلا كۆزۈمدىن يوقالساڭ،  ھېچكىم ئېرىمنى تارتىۋالالمايدۇ ... - دېدى.

كۆپچىلىك ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى.

 ئەنۋەر بىلەن ئەكبەر سانىيەنى بېسىپ تۇرۇۋالسىمۇ، توختىماي تىركىشىپ:

- مېنى قويۇۋېتىڭلار، سىلەر ئەرلەرنىڭ بىرىمۇ ياخشى نەرسە ئەمەس!  - دېدى.

جەسۇر سانىيەگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئەكبەرگە قاراپ:

 - مۇيەسسەرگە تېلېفون بېرىڭ، بۇ ساراڭ ئايالنى  ئېلىپ كەتسۇن. - دېدى. 

ئەكبەر تېلېفون قىلغىلى ماڭغاندا زۆھرە كېلىپ، زىلالەنى قوغداپ:

 -  بۇ ئايالغا نېمە بولدى، ئېلىشىپ قالغاندەك قىلىدىغۇ؟ - دېدى.

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

  - بىلمەيمەن.  - دېدى.

ناھايىتى تېزلا، بىر ماشىنا داچا ئولتۇراق رايونىغا كىردى.

ماشىنا يول بويىدا توختىدى، مۇيەسسەر ئۆيىدىكى خىزمەتكار ۋە ئائىلە دوختۇرىنى باشلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ ماشىنىدىن چۈشتى.

بىر نەچچەيلەن يەنە قالايمىقان گەپ قىلىۋاتقان سانىيەنى يۆلەپ ئارقا ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى.

مۇيەسسەر ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ، بۇرۇلۇپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

 - كەچۈرۈڭلار، ئاپامنىڭ يېقىندىن بۇيان روھىي ھالىتى ئانچە ياخشى ئەمەس، سىلەرگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەردۇق. خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن چوقۇم ئۇنىڭغا ياخشى قارايمەن، ئەمدى  سىلەرنى ئاۋارە قىلمايدۇ.  - دەپ كۆپچىلىككە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ كەتمەكچى بولدى.

ئۆمەر يۈك-تاقلارنى قويۇپ، ئۆيدىن چىققاندا ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، تېز قەدەم بىلەن پەلەمپەيدىن چۈشۈپ:

 -  مۇيەسسەر؟  - دەپ چاقىردى.

مۇيەسسەر كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۆمەرنى كۆرۈپ، كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.

بىراق، بىردەمدىن كېيىن، يەنە قايتىدىن ئازابلىنىپ:

-  ئۆمەر ئاكا، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ. ئەمىسە مەن قايتاي.   - دېدى- دە  كەينىگە بۇرۇلۇپ، لېۋىنى چىشلەپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇردى.

ئۆمەر جايىدا تۇرۇپ ماشىنىنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، يېنىك ئۇھ تارتتى.

- ئۆمەر ئاكا، سىلەر تونۇشامسىلەر؟  - دەپ سورىدى زىبارە قىزىقىپ.

 ئۆمەر ئېسىگە كېلىپ:

  - بىز ئىلگىرى  يىراق ئەلدە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا، بىر مەكتەپتە ئوقۇيتتۇق، مەن بىناكارلىق فاكۇلتېتىدا ، ئۇ لايىھەلەش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، - دېدى. 

زۆھرە ئالىقىنىنى تۈگۈپ، ئاغزىغا ئەكېلىپ مۇزلىغان قولىنى ئىسسىتىپ:

- ھاۋا بەك سوغۇق، كۆپچىلىك تېز كىرىپ كېتەيلى!  - دېدى.

كۆپچىلىك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى داچىغا كىردى، پەقەت ئۆمەرلا يەنىلا ئۆز جايىدا تۇرۇپ، ماشىنا ماڭغان تەرەپكە قاراپ تۇراتتى.

زىلالە ئۆمەرگە قاراپ، ئاندىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان ماشىنىغا قارىدى.

مۇيەسسەرنىڭ ئىلگىرى ئۇنىڭغا دېگەن گەپلىرىنى ئەسلىگىنىدە، تۇيۇقسىز چۈشەنگەندەك بولدى.

ئېسىدە قېلىشىچە، دادىسى  ئۇنىڭغا ئاكىسىنىڭ قىز دوستى بارلىقىنى دەپ بەرگەن.

ئەينى چاغدا دادىسى نەچچە قېتىم چاقچاق قىلىپ، قىز دوستىنى ئېلىپ كېلىپ كۆرسىتىشنى ئېيتقانىدى.

كېيىن، ئاكىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندە، ھېلىقى قىزنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغان.

ئەگەر  توغرا پەرەز قىلغان بولسا، ئۇ قىز چوقۇم مۇيەسسەر.

 ئۆمەرنىڭ بىلىكىنى تۇتقان زىلالە مۇلايىم ئاۋازدا:

  - سىرت سوغۇق، كىرىپ كېتەيلى!   - دېدى. 

ئۆمەر ئېسىگە كېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:

 - بولىدۇ، كىرىپ كېتەيلى! - دېدى. 

زىلالەنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ،  پەلەمپەيگە چىققان ئۆمەر مۇيەسسەر كەتكەن تەرەپكە بىر قارىۋېتىپ، لېۋىنى يۇمۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن  ئىچىگە كىرىپ، ئىشىكنى چىڭ ياپتى.



 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章