مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 77-قىسىم_ مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىل

文摘   小说   2024-11-04 14:28   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  92  -قىسىمغىچە   تامام 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271




76




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

77 -قىسىم

   

 

77- قىسىم 

ئىشنىڭ خاتىمىسى (1)


بېشى قاتتىق ئاغرىغان زىلالە  ھوشىغا كېلىپ، ئىختىيارسىز قولىنى كۆتۈرۈپ، كۆزىنى توسۇۋالغان قالايمىقان چاچلىرىنى تۈزىمەكچى بولدى.

شۇندىلا ئۆزىنىڭ بېغىشىنىڭ بىر نەرسە تەرىپىدىن چىڭ باغلانغانلىقىنى، زادىلا مىدىرلىيالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

تىرپىرلاپ يۈرۈپ مۈرىسىنى يەرگە تىرەپ ئولتۇردى، ئاندىن بېشىنى چايقاپ ئالدىدىكى قالايمىقان چاچلىرىنى سىلكىپ، تۆت ئەتراپقا قارىدى.

ئۇ ھازىر تۇرۇۋاتقان جاي،  تاشلاندۇق بىنادەك قىلاتتى.

كۆرۈش سىزىقى سېمونت تامدىكى ئالا-بۇلىماچ داغقا چۈشتى، ئالدىدىكى  تورۇستىن سۇ تامچىلاۋاتاتتى.

زىلالە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئوڭ-سولغا قارىدى، ئۇچىسىدىكى كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، پۇتى باغلىنىپ   تامدىكى پولات چىۋىققا مۇقىملاشتۇرۇلغانىدى.

 ئاستىغا  بىر پارچە مەينەت بورا سېلىنغان ئىدى.

بۇ بورا تاشلىنىپ قالغىلى خېلى يىللار بولغاندەك قىلاتتى، بىر نەچچە يەردە  ئۆمىلەپ يۈرگەن چۈمۈلىلەر بولۇپلا قالماي، يەنە كۆكىرىپ قالغان پۇراق بار ئىدى.

بىردەملىك قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن، زىلالەنىڭ كۆز ئالدى يۇرۇپ، بىلىشى قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى.

قەيسەرنىڭ ئۆزىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن زىلالە كەينىگە بۇرۇلۇپ، پۇتىنى كۈچەپ تارتتى.

پولات چىۋىق تامغا مىخلانغان بولۇپ،  ئۇنىڭ كۈچى بىلەن ھەرگىزمۇ مىدىرلاتقىلى بولمايتتى.

 پۈتۈن بەدىنىدىن تەر چىققۇدەك تىركەشكەن بولسىمۇ، پولات چىۋىقنىڭ ئازراق تۆمۈر دېتى چۈشتى خالاس.

 بەك كۈچەپ كەتكەچكە، دېرىزە تۈۋىدە سىياڭان يېتىپ قالدى.

يەنىلا تەن بەرگۈسى كەلمىگەن زىلالە ھاسىراپ تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزە سىرتىغا قارىدى.

 كۆز ئالدىدىكىسى  قاقاس، تاشلاندۇق قۇرۇلۇش ئورنى بولۇپ،  ئادەمنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.

خېلىدىن كېيىن سىرتتا، ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى، زىلالە ئېھتىيات بىلەن بېشىنى بۇراپ قارىدى.

قارا كىيىم كىيگەن قەيسەر چوڭ مال سېتىۋېلىش خالتىسىدا  يېمەكلىك ۋە سۇ ئېلىپ كىرىپ كەلدى.

زىلالەنىڭ ھوشىغا كەلگەنلىكىنى كۆرگەن قەيسەر سەل چۆچىدى، بىراق ناھايىتى تېزلا تىنچلىنىپ:

 - ئويغاندىڭىزمۇ؟ - دېدى.

- سىز... -  زىلالە ئورنىدا تىپچەكلەپ، جەينىكى بىلەن يەرگە تىرەپ ئولتۇرۇپ، -   نېمە قىلماقچىسىز؟ - دېدى.

 - نېمە قىلماقچى؟ -  قەيسەر سوغۇققىنە كۈلۈپ قويۇپ،  -  جەسۇر مېنى قىستاپ تۇيۇق يولغا كىرگۈزۈپ قويدى، مەن يەنە نېمە قىلالايتتىم، ئەلۋەتتە، چىقىش يولى تېپىشىنى ئويلايمەن، - دېدى.

زىلالە يېنىك نەپەس ئېلىپ، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ:

- جەسۇر ئىككىمىز ئاجرىشىپ كەتتۇق،  چىقىش يولى بېرىشنى ئويلىغان تەقدىردىمۇ، مېنى ئىزدىمەسلىكىڭىز كېرەك ئىدى. - دېدى.

 - بولدى قىلىڭە!  - دېدى قەيسەر دىمىقىنى قېقىپ، -  سىز مېنى بۇنداق يالغان گەپلەرگە ئىشىنىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ، سىزنىڭ تيەننىڭ شىركىتىنى قولغا چۈشۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جەسۇر ئىككىلەنمەيلا ئەركىن ئائىلىسىگە قايتىپ دادىسى بىلەن مۇرەسسە قىلدى، بۇنداق مەجنۇن ئەر  دۇنيادا كۆپ ئەمەس! - دېدى.

 - ئەگەر  پۇل ئۈچۈن قىلغان بولسىڭىز، سىزگە نەسىھەت قىلىپ قوياي، يەنىلا بۇ نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ. - دېدى زىلالە تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ،  - جەسۇر مەن ئۈچۈن پۇل خەجلەپ يۈرمەيدۇ، - دېدى.

 -  خەجلەمدۇ - خەجلىمەمدۇ سەل تۇرۇپلا بىلىمىز! - دېدى قەيسەر ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ قويۇپ،   زىلالەنىڭ بىلىكىدىكى پىلاستىرنى كېسىپ، يېزىپ قويغان خەتنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

زىلالەنىڭ بوينىدىن سىقىپ تۇرۇپ:

 -  يۇۋاشلىق بىلەن باغاقچىگە قاراپ ئوقۇڭ، بولمىسا  تۈزۈت قىلمىغانلىقىمدىن ئاغرىنماڭ. - دېدى.

قەيسەر بىر قولىدا زىلالەنىڭ بوينىنى يەنە بىر قولىدا يان تېلېفونىنى تۇتۇپ، جەسۇرغا تېلېفون قىلىپ، ئاۋازىنى ئېچىپ زىلالەنىڭ ئالدىغا سۇندى.

 ئېكراندىكى تونۇش سانلارغا قاراپ، زىلالەنىڭ كۆز ئالدى بىردىنلا يوردى.

تېلېفون ئۇلىنىپ، تونۇش ئاۋاز ياڭراپ:

 - ۋەي؟ - دېدى.


 - ۋەي، كىممۇ؟ !

تېلېفوننىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى جەسۇرنىڭ ئاۋازى جىددىيلىشىشكە باشلىدى.

- مەن... مەن... -  زىلالە باغاقچىدىكى قەيسەر يازغان مەزمۇنغا كۆز يۈگۈرتۈپ،  - مەن زىلالە. - دېدى.

 - زىلالە؟ -  ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان جەسۇر تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، -  سىز قەيەردە، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى. ئاۋازىدىن ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكى بىلىپ تۇراتتى.

- مەن... مەن ھازىر ناھايىتى بىخەتەر. - دېدى زىلالە قەيسەرنىڭ كۆزىگە بىر قارىۋېتىپ،  باغاقچىدا يېزىلغىنى بويىچە ئوقۇماي، -      مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سىز بىلەن قايتا ئالاقىلاشمايمەن. - دېدى.

 -  ئاناڭنى! - ئۇنىڭ باغاقچىدىكى مەزمۇننى ئوقۇمىغىنىغا قاراپ، قەيسەر ئۇنى كۈچەپ ئىتتىرىۋېتىپ، تېلېفوننى  ئېلىپ، - ماڭا قارا، ئەگەر ئۇنى ھايات كۆرگۈڭ بولسا مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىل! - دېدى.

جەسۇر   ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ قېلىپ:

 - قەيسەر، ساڭا دەپ قوياي، ئەگەر زىلالەنىڭ بىر تال مۇيىغا چېقىلىشقا پېتىنساڭسېنى بوش قويۋەتمەيمەن - دېدى.

قەيسەر دىمىقىنى قېقىپ:

  - جەسۇر،  ئەڭ ياخشىسى ھازىرقى ئەھۋالنى ئېنىق قىلىۋال، ھازىر مەن ساڭا شەرت قويىمەن، - دېدى.

جەسۇر چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، كەيپىياتىنى كونترول قىلىپ:

  -  قانداق قىلماقچىسەن؟ - دېدى.

 - ناھايىتى ئاددىي، پۇل تەييارلاپ، ئۆزۈڭ يالغۇز مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەل. - دېدى قەيسەر.

 - جەسۇر، كەلمەڭ! - دېدى  زىلالە يۇقىرى ئاۋازدا ئەسكەرتىپ،  - كەلسىڭىز سىزگە خەتەر يىتىپ قالىدۇ  كەلمەڭ، - دېدى.

 - پاسكىنا! -  قەيسەر ئاچچىقلانغان ھالدا پۇتىنى كۆتۈرۈپ،  دۈمبىسىگە قاتتىق بىرنى تېپىپ،  - يەنە قۇرۇق گەپ قىلىدىغان بولساڭ  ھايات قويمايمەن! - دېدى.

 - قەيسەر!-  ئۇنىڭ تىللىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان جەسۇر ۋارقىراپ تۇرۇپ،  - ئۇنىڭغا چېقىلما،  قانچە پۇل ئالماقچى بولساڭ، ھەممىنى بېرەي، - دېدى.

 - ناھايىتى ياخشى! - دېدى قەيسەر يەرگە يىقىلغان زىلالەگە قاراپ قويۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ بىر يانغا ئۆتۈپ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى پۇل سانىنى دېدى. ۋە بىر دەم تۇرىۋىتىپ  ، -  مىنىڭ دىگىنىم شىفىرلاشقان پۇل ئالىمەن، ساڭا بىر سائەت  بېرەي. - دېدى.

 - پۇلنىڭ سانى شۇنچە كۆپ  تۇرسا، بىر سائەت يەتمەيدۇ، ماڭا ئۇزاقراق ۋاقىت بەر، - دېدى جەسۇر.

 -  كارىم يوق، بىر سائەتكىچە پۇلنى ئالالمىسام، زىلالەنى تىرىك كۆرەلمەيسەن، - دېدى قەيسەر.

 - بولىدۇ، بىر سائەت،  قەيەردە كۆرۈشىمىز؟ - دەپ سورىدى جەسۇر.

 -  پۇلنى تەييارلاپ بولۇپ ئاندىن گەپ قىل، - دېدى قەيسەر زىلالەگە يانچە قاراپ قويۇپ، - سېنى ئەسكەرتىپ قوياي، ئەگەر  ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا پېتىنساڭ،  زىلالەنى مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكىڭگە كاپالەت بېرىمەن. - دېدى ۋە   تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

سەل ئويلىنىۋېلىپ، چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن كېلىپ، زىلالەنى يەردىن تارتىپ :

 -   تېخىچە ئۇنى قوغداۋاتامسىز. قول سېلىشىمدىن قورقمامسىز؟ - دېدى.

قەيسەرنىڭ  شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق چىراي ئىپادىسىدىن زىلالە ئۇنىڭ پۈتۈنلەي تەلۋىلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى.

ئەگەر  ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويسا راستتىنلا ئېغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشى مۇمكىن، بىچارە زىلالە لېۋىنى چىشلەپ، يېلىنغان تەلەپپۇزدا:

- كەچۈرۈڭ، قەيسەر، مەن خاتا قىپتىمەن، مېنى قويىۋەتسىڭىز بولامدۇ؟ - دېدى.

- بۇنداق گەپنى ئاز قىلىڭ، سىزنىڭچە مەن سىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىڭىزنى بىلمەمدىم؟ ئەمدى بولغاندا مەندىن ئۆتۈنسىڭىز، كېچىككەن بولىسىز، - دېدى قەيسەر ئۇنى يەرگە ئىتتىرىۋېتىپ، - بىراق خاتىرجەم بولۇڭ، بۈگۈن كەچ  پۇلنى ئالغاندىن كېيىن،  جەسۇر ئىككىڭلار مەڭگۈ بىللە بولالايسىلەر. - دېدى.


بايا قەيسەرنىڭ گېپى ناھايىتى ئېنىق بولدى، پۇلنى ئالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ جەسۇرنى ساق قويمايدۇ.

چوقۇم بىر ئامال قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدىن قېچىپ چىقىشى كېرەك.

شۇنداق قىلغاندا، جەسۇر ئىككىلىسى ھايات قالىدۇ.

قەيسەر مال سېتىۋېلىش خالتىسىدىن بىر قۇتا پىۋىنى ئېلىپ ئېچىپ، بىر يۇتۇم ئىچىۋېلىپ:

- زىلالە، ئەسكەرتىپ قوياي، نەيرەڭۋازلىق قىلماڭ، بولمىسا ...  - دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەسۇرنىڭ ئىشخانىسىدىكى ئەنۋەر  بىلەن زۆھرە جەسۇرنىڭ تېلېفوننى قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال ئېغىز ئېچىپ:

 - قانداق بولدى؟  زىلالەمىكەن؟ - دەپ سورىدى.

جەسۇر بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ:

  - ئۇ ھازىر قەيسەرنىڭ قولىدا ئىكەن، - دېدى.

 - ۋۇ ئەبلەخ! ـ زۆھرە غەزەپ بىلەن تىللاپ،  ـ مەن ھازىرلا ساقچىغا تېلېفون قىلاي، - دېدى.

 - زۆھرە!  - جەسۇر ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ، ـ ھاياجانلانماڭ، بىز ھازىر ئۇنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز، ئەگەر ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلمىساق  زىلالەگە خەۋىپ يىتىدۇ. - دېدى.

زۆھرەنىڭ نومۇر باسماقچى بولغان قولى توختاپ:

 - ئۇنداقتا... قانداق قىلىمىز؟ - دېدى.

 - بىز ئاۋۋال پۇلنى تەييارلايلى، مەن قەيسەر بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا، سىلەر بۇ يەردە تۇرۇپ ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭلار. - دېدى.

 - ئۇ قانچە پۇل ئالىدىكەن؟ - دەپ سورىدى زۆھرە.

جەسۇر پۇل سانىنى دەپ بولۇپ- ئۇ ماڭا پەقەت بىر سائەتلا ۋاقىت بەردى.-دېدى

 -    ساراڭ بولدىمۇ؟  بۇنچە كۆپ پۇلنى نەدىن تاپىمىز؟ -  دېدى ئەنۋەر.

جەسۇرنىڭ يۆتكىگىلى بولىدىغان مەبلىغىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تيەننىڭ پېيىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلگەن، بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانداقمۇ بۇنچە كۆپ پۇلنى تەييار قىلىيالايدۇ؟

 - سىز دەرھال يىراق ئەلدىكى شىركەتكە تېلېفون بېرىپ، ئۇلارغا مېنىڭ نامىمدىكى بارلىق زايوم، پاي چېكىنى سېتىۋېتىشنى ئېيتىڭ. - دېدى جەسۇر.

 ئەنۋەر قاپىقىنى تۈرۈپ:

  - ئەمما... بۇ سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بايلىقىڭىز. ناۋادا پۇل  قايتىپ كەلمىسە ... ۋەيران بولىسىز. - دېدى.

ۋاقتى كەلگەندە، جەسۇرنىڭ يېنىدا بىر تىيىنمۇ قالمايلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلىدۇ.

 - پۇل مۇھىممۇ ياكى زىلالەمۇ؟ - دېدى جەسۇر ئۇنى بىرنى ئىتتىرىپ، ‐ بېرىپ تېلېفون قىلىڭ!  - دېدى.


 



  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章