كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
76 -قىسىم
76- قىسىم
غالجىر ئىت ئادەم چىشلەشكە باشلىغاندەك قىلىدۇ
ماشىنا يول بويى ئۇچقاندەك يۈرۈپ، ناھايىتى تېزلا سودا شەھەرچىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىردى.
جەسۇر ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇرغان زۆھرەنى كۆرۈپ، ماشىنىنىڭ توختىشىنى ساقلىمايلا ماشىنىدىن چۈشۈپ ئېتىلىپ بېرىپ، زۆھرەنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ:
- زىلالە سىزگە قاچان تېلېفون قىلغان؟ - دەپ سورىدى.
زۆھرە تېلېفوندىكى سۆزلىشىش خاتىرىسىگە قاراپ:
- 40 مىنۇتنىڭ ئالدىدا، نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىپ بولغانلىقىنى، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا مېنى ساقلاپ تۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئۇنىڭ سايىنىسىمۇ تاپالمىدىم، - دېدى.
جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئەتراپقا بىر قاراپ، زۆھرەنىڭ ماشىنىسىنىڭ چاقى ئاستىدا بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
چوڭ قەدەملەر بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ، ئېڭىشىپ، چاقناپ تۇرغان نەرسىنى قولىغا ئالدى.
بۇنىڭ زىلالەگە سوۋغا قىلغان ھېلىقى پۇت زەنجىرى ئىكەنلىكىنى تونۇدى. زەنجىرنى قايتا ئۆزگەرتىپ ياساپ، بېغىشىغا ئېسىلىپ قويغانلىقى يادىغا كېلىپ، كۆڭلىدە بىر خىل شۇملۇق پەيدا بولدى.
ھېلىقى ئۈزۈلگەن بىلەزۈكنى چىڭ تۇتۇۋالغان جەسۇر كەينىگە بۇرۇلۇپ لېفىتقا قاراپ يۈگۈرۈپ:
- يۈرۈڭلار، بېرىپ نازارەت قىلىش ئاپپاراتىنى تەكشۈرۈپ باقايلى! - دېدى.
زۆھرە بىلەن ئەنۋەر ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىللە لىفىتقا چىقتى، ئۈچەيلەن بىرلىكتە سودا ساراينىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسىنى تاپتى.
ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال كۆزىتىش ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى لىفىتنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتىدا ئېلىنغان كۆرۈنۈشنى ئېچىپ:
- مانا! - دېدى.
جەسۇر ناھايىتى تېزلا ئېكراندىن زىلالەنىڭ سىماسىنى تاپتى، ئۇنىڭ قولىغا قەغەز خالتىنى ئېلىپ، لىفىتتىن چىققانلىقىنى كۆردى.
كۆرۈنۈشتە لىفىتتىن چىققانلىقىنىلا كۆرگەن جەسۇر دەرھال بېشىنى بۇراپ:
- ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى ئاپاراتچۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئامانلىق ساقلىغۇچى ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ نازارەت قىلىش ئاپپاراتىغا يۆتكەپ چىقىپ، زىلالەنىڭ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈنۈشىنى تاپتى.
ئەپسۇس بۇلۇڭ ۋە كۆرۈنمەس رايون مەسىلىسى سەۋەبىدىن، نازارەت قىلىش ئاپپاراتى زىلالەنىڭ ئېلىپ كېتىلگەن كۆرۈنۈشنى تارتالمىغانىدى.
جەسۇر كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەنۋەرنىڭ قولىدىن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تارتىپ ئېلىپ:
- دەرھال ساقچىغا تېلېفون قىلىڭ، قانداق ئىلگىرىلەش بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ. - دېدى.
گەپنى دەپ بولۇپلا بۇرۇلۇپ كۆزىتىش ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى.
- جەسۇر دىرېكتور! - ئەنۋەر كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ، - نەگە بارىسىز؟ - دەپ سورىدى.
- بېرىپ ئۇنى ئىزدەيمەن! - دېدى جەسۇر كەينىگە قاراپمۇ قويماي بىنانىڭ ئاستىغا چۈشىدىغان بىخەتەرلىك پەلەمپىيىگە ئېتىلىپ كىردى.
ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ئۇچقاندەك كېلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ كابىنكىغا كىرىپ ئولتۇردى، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمايلا ماشىنانى قوزغىتىپ، تېزلىكتە ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن چىقتى.
ماشىنا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىپ، ئەركىننىڭ شىركىتى جايلاشقان خىزمەت سارىيىغا كەلدى.
ماشىنىنى بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىغا توختاتقان جەسۇر قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن زالغا ئېتىلىپ كىرىپ، ئۆزى بىلەن سالاملاشقان خىزمەتچى خادىملارغا پەرۋا قىلماي، چوڭ قەدەم بىلەن لېفىتقا چىقىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ كۇنۇپكىسىنى باستى.
لىفىت ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققاندا، جەسۇر ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇدۇل تەرەپتىن كېلىۋاتقان مەمۇرىي بۆلۈم خادىمىنى كۆرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ:
- ئەركىن نەدە؟ - دەپ سورىدى.
خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن قورقۇپ كېتىپ، دۇدۇقلاپ:
- ئەركىن دىرېكتور... ئۇ ... يىغىن زالىدا. - دېدى.
جەسۇر كەينىگە بۇرۇلۇپ كارىدوردىن ئۆتۈپ، يىغىن زالىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.
يىغىن زالىدا ئەركىن ئابلىكىم قاتارلىق بىر قانچە يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلار بىلەن يىغىن ئېچىۋاتاتتى، جەسۇرنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك تەڭلا ئۆرۈلۈپ قاراشتى.
- جەسۇر؟ - ئەركىن ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تىك تۇرۇپ، - نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.
جەسۇر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئەركىننىڭ ياقىسىدىن قاماللاپ تۇتۇپ:
- زىلالەگە نېمە دېدىڭىز، ئۇنىڭغا نېمە قىلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
- جەسۇر! - دېدى ئابلىكىم قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئېتىلىپ كېلىپ، - نېمە قىلىۋاتىسەن؟ - دېدى.
جەسۇر يانغا بۇرۇلۇپ، ئابلىكىمنى كۆرۈپ، ئەركىننى ئىتتىرۋېتىپ، ئابلىكىمنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ:
- يەنە سىزمۇ بار، ماڭا دەڭە، زىلالەگە قول سالدىڭىزمۇ! - دېدى.
ئابلىكىم قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ بىلىكىنى سىلكىۋېتىپ:
- نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم! - دېدى.
جەسۇر چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، كەيپىياتىنى سەل-پەل كونترول قىلىۋېلىپ:
- مەن سىلەردىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سوراي، ئىككىڭلار زىلالەگە بىرەر ئىش قىلدىڭلارمۇ؟ - دېدى.
- نىمە دەۋاتقانلىقىڭنى پەقەت بىلمىدىم، ئەتىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، دادام ئىككىمىز مۇشۇ يەردە يىغىن ئېچىۋاتىمىز. - دېدى ئابلىكىم ئىككى قولىنى كەڭرى ئېچىپ، - ئىشەنمىسەڭ، نەق مەيداندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىسپاتلاپ بولالايدۇ، - دېدى.
- شۇنداق، جەسۇر دىرېكتور، ئەركىن دىرېكتور بىلەن ئابلىكىم ئەتىگەندىن ياقى مۇشۇ يەردە يىغىن ئاچتى...
- ھەرگىز خاتا چۈشىنىش بولمىسۇن...
نەق مەيداندىكى بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بەس ـ بەستە ئىپادە بىلدۈردى.
جەسۇرنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە سۆز-ئىبارىلىرىدىن، ئەركىن نېمىلەرنىدۇر پەرەز قىلىپ:
- جەسۇر، زىلالە خانقىزغا بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- سىلەر ئەڭ ياخشىسى ئۇ ۋە ئىككى بالىغا ھېچ ئىش بولماسلىقىنى تىلەڭلار، - دېدى جەسۇر كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ، ئاتا-بالا ئىككىسىگە تىكىلىپ، - بولمىسا مەن سىلەرنى ئۆلگەندىنمۇ بەتتەر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى ئېغىر ئالمايمەن! - دېدى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپلا، چوڭ قەدەم بىلەن يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى.
- ھەقىقەتەن غەرەز ئۇقمايدىكەن، - دېدى ئابلىكىم قاپىقىنى تۈرۈپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، - بولدى، كۆپچىلىك يىغىننى داۋاملاشتۇرايلى، - دېدى.
- بۈگۈنكى يىغىن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. - دېدى ئەركىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ، - ئابلىكىم قېلىپ قال، قالغانلار چىقىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار، - دېدى.
كۆپچىلىك نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى، ئابلىكىم يەنىلا قاپىقىنى تۈرۈپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ:
- ئۇ كېلىپ بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويسىلا يىغىننى توختىتىپ قويۇپ، يەنە مېنى ئېلىپ قالدىڭىز، بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز؟ - دېدى.
- ماڭا سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بەر، - دېدى ئەركىن جىددىي تەلەپپۇزدا، - زىلالەنىڭ ئىشىنى بىلەمسەن؟ - دەپ سورىدى.
- نېمە دېگەن بىمەنىلىك! - دېدى ئابلىكىم ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، - جەسۇرنىڭ خوتۇنىغا بىر ئىش بولسا، بىزدىن سوراپ، تەھدىت سالدى. ئەمدىلىكتە سىزمۇ مېنى سوراق قىلىۋاتىسىز. پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى، مەن زادى سىزنىڭ ئۆز ئوغلىڭىزمۇ ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
- بىغەرەز! - دېدى ئەركىن غەزەپلەنگەن ھالدا، - مېنىڭ ھازىر سەندىن بۇنداق سورىشىممۇ داداڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئەخمىقانە ئىش قىلىشىڭنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن، - دېدى.
ئابلىكىم دادىسىنىڭ كۆزىگە قاراپ، كەينىگە بىر قەدەم چېكىنىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، يۈرىكى پوك-پوك بولغان ھالدا كىرپىكىنى ساڭگىلىتىپ:
- بىلمەيمەن، مەن ھېچ ئىش قىلمىدىم، - دېدى.
ئەركىن بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ، ئابلىكىمنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ:
- مەن سېنىڭ جەسۇرغا بىر تەرەپلىمە قارىشىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەزەلدىن بىرەر ئىشنى خاتا قىلغىنى يوق. بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشىڭ كېرەك! - دېدى.
- چۈشەنمەيمەن! - دېدى ئابلىكىم بېشىنى كۆتۈرۈپ، - ئەگەر ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى بولمىغان بولسا، ئائىلىمىز ھازىرقىدەك بولمايتتى، - دېدى.
- ئاپاڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشى باشتىلا بىر خاتالىق. - دېدى ئەركىن ئېغىر ئۇھ تارتىپ، - مۇيەسسەر تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاپاڭ ئىككىمىز يا سوقۇشتۇق، يا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلدۇق، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە بۇرۇنلا دەز كەتكەن، - دېدى.
ئابلىكىم قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- ئۇنداقتا سىلەر نېمىشقا ئاجرىشىپ كەتمەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى.
- سېنىڭچە مەن ئاجرىشىشنى ئويلىمامدىم؟ - دېدى ئەركىن ئامالسىز بېشىنى چايقاپ، - مەن ئاپاڭغا ئۇنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى قانائەتلەندۈرىدىغانلىقىمنى، پەقەت ئۇ قوشۇلسىلا، ئۆيدىن قۇرۇق قول چىقىپ كەتسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم، لېكىن ئۇ قوشۇلمىدى، ئۇ مۇيەسسەر ئىككىڭلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ماڭا تەھدىت سالدى، شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مېنى قانداق قىلسۇن دەيسەن؟ - دېدى.
- تەھدىت، ئۇ سىزگە تەھدىت سالالامتى؟ - دېدى ئابلىكىم سوغۇققىنە دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ، - مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن! - دېدى.
- سەن... - ئەركىن سۆزلەپ يېرىمىغا كەلگەندە، توختاپ قېلىپ: - بولدى، دېيىشمەيلى، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى دېيىشنىڭمۇ ئەھمىيىتى يوق. قىسقىسى، ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم، ئاپاڭ ئىككىڭلارغا يۈز كېلەلمەيدىغىنىمۇ مەن، جەسۇر ۋە ئۇنىڭ ئاپىسىغا يۈز كېلەلمەيدىغىنىمۇ مەن. ئەگەر نەپرەتلەنمەكچى بولساڭ، مەندىن نەپرەتلەن. مېنىڭ بۇلارنى دېيىشىم، ئۆزۈمنى ئاقلاش ئۈچۈن ئەمەس، مەن پەقەت جەسۇرنى ئەيىبلىمەسلىكىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. - دېدى.
ئابلىكىم ئارقا چىشىنى چىشلەپ:
- مەن ئۇنىڭغا يامان نىيەتتە بولۇپ باقمىدىم، زىلالەنىڭ ئىشىنىمۇ بىلمەيمەن. - دېدى.
- ئۇنداق بولسا ياخشى. - دېدى ئەركىن بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، - ئەخمىقانە ئىش قىلمىساڭلا، مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن. - دېدى.
ئەركىن كەينىگە بۇرۇلۇپ يىغىن زالىدىن ئاستا قەدەم بىلەن چىقىپ كەتتى.
ئۇنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرگەن ياردەمچى دەرھال ئابلىكىمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
- بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئابلىكىم بېشىنى چايقاپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- قارىغاندا، قەيسەر دېگەن غالجىر ئىت ئادەم چىشلەشكە باشلىغاندەك قىلىدۇ! - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar