كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
43 | 42 | 41 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
44-قىسىم
44-قىسىم
مەن سىزگە ئۆگىتىپ قوياي!
زىلالە ئامالسىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە مەجبۇر بولدى.
جەسۇرنىڭ چوكىنى قويغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال مۇزنى چىنىگە قايتىدىن قاچىلاپ، چوڭ ياتاق ئۆيگە باشلاپ كىردى.
جەسۇر ناھايىتى ماسلاشقان ھالدا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، كارىۋاتتا دۈم ياتتى.
زىلالە مۇز پارچىسىنى لۆڭگىگە ئوراپ، لۆڭگىنى ئېھتىيات بىلەن يارىسىغا قويدى.
بايىقى دوختۇرخانىدىكى ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا، يارىسى ئىششىپ قالغانىدى.
قىزىرىپ ئىششىغان يەرلىرى كۆكۈچ سۆسۈن رەڭگە ئۆزگىرىپ، قارىماققا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈندى.
زىلالە بىر قولى بىلەن بېلىنى يېنىك تۇتۇپ، قولىدىكى مۇز پارچىسىغا ئورالغان لۆڭگىنى ئاۋايلاپ ئازراق يۆتكىدى.
ئەڭ قاتتىق ئېشىشىغان جايغا تەگكەندە، جەسۇرنىڭ بېلى روشەن تىترەپ كەتتى.
زىلالە مۇزنى يارا ئەتراپىغا قويۇپ:
ــ ئاغرىۋاتامدۇ؟ - دەپ سورىدى.
ــ ئازراق. - دېدى جەسۇر.
- بولمىسا... ئاغرىق توختىتىش دورىسىدىن بىر تال ئىچىۋالامسىز؟ - دەپ سورىدى زىلالە.
ــ ھاجىتى يوق! - دېدى جەسۇر نەپىسىنى تەڭشەپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، ــ سۆيۈپ قويسىڭىزلا بولدى! - دېدى.
گەپنى دەپ بولۇشىغىلا زىلالە دۈمبىسىگە يېنىك بىرنى ئۇرۇپ:
ــ جىم يېتىڭ! - دېدى.
دوختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە 15 مىنۇت مۇز قويۇپ، لۆڭگە بىلەن دۈمبىسىدىكى سۇ داغلىرىنى سۈرتتى، ئارقىدىن ياللۇغ قايتۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان پۈركىمىنى پۈركىدى.
لۆڭگە بىلەن مۇز، چىنىلەرنى يىغىشتۇرۇپ، جەسۇرنىڭ ئورنىدىن تۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىتتىك مېڭىپ كېلىپ، مۈرىسىدىن يۆلەپ:
ــ سىز يەنە نېمە قىلماقچى، دوختۇر ئەڭ ياخشىسى كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئالسۇن دېدىغۇ؟ - دېدى.
يەنە بىر دۆۋە خىزمەت تۈگىمىدى، ئۇنىڭ ھازىر كارىۋاتتا ياتىدىغان ۋاقتى يوق.
ــ يالغۇز ياتسا بەكلا زېرىكىشلىككەن. - دېدى جەسۇر يانچە يېتىپ، ياستۇققا ئۇرۇپ، قەستەن چاقچاق قىلىپ، - بولمىسا ... خوتۇن ماڭا ھەمراھ بولۇپ يېتىشىپ بېرىڭ بولامدۇ! - دېدى.
زىلالە لەۋلىرىنى ھىم يۇمۇپ، كەينىگە بۇرۇلدى.
جەسۇر يوشۇرۇنچە كۈلۈپ، ئۇنى چىقىپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى.
ئويلىمىغان يەردىن ... زىلالە چىقىپ كەتمەستىن، جەسۇرغا دۈمبىسىنى قىلىپ ئۇچىسىدىكى پوپايكىسىنى سېلىپ، چېچىدىكى بوغقۇچنى بوشاتتى.
قارا رەڭلىك مايكا بىلەنلا كېلىپ، كۆزىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ، ئۇنىڭ يېنىدا يېتىپ، بىلىكىنى سوزۇپ، بوينىدىن يېنىك قۇچاقلىدى.
يۈزلىرى قىزىرىپ، ئىچىدە جىددىيلەشكەن بولسىمۇ، يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن كۆزىنى ئېچىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن لېۋىگە سۆيۈپ قويۇپ:
ــ ئەمدى بولدىمۇ؟ - دېدى.
جەسۇر ئۈچۈن بەك كۆپ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشى!
جەسۇر سول قولىنى كۆتۈرۈپ، پېشانىسىگە چۈشۈپ قالغان چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، بوغۇق ئاۋازدا:
ــ مەن بۇرۇن بىر قېتىم ئۆگىتىپ قويغان، بۇنى سۆيۈش دېمەيمىز! - دېدى- دە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، يېقىنلاپ كەلدى.
زىلالە ئۆزىنى قاچۇرمىدى، پەقەت كۆزىنى يۇمۇپ، بوينىدىن تۇتۇپ، جاۋاب قايتۇرۇشقا ئۇرۇندى.
ئىنكاستا ھەقىقەتەن سەل كالانپايلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جەسۇر يەنىلا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتتى.
ەە
زىلالە نەپەس ئېلىشىنىمۇ ئۇنتۇپ چىڭ قۇچاقلىدى، قولى ئىختىيارسىز دۈمبىسىگە ئۆتۈپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىسىغا تېگىپ كەتتى.
جەسۇر پەس ئاۋازدا ئىچىگە تارتىپ، قولىنى كەينىدىن تارتىپ ئالدىغا ئۆتكۈزدى.
زىلالە ئۇنىڭدىكى بىنورماللىقنى ھېس قىلىپ، جىددىيلەشكەن ھالدا كۆزىنى ئېچىپ:
ــ قولۇم يارىڭىزغا تېگىپ كەتتىممۇ؟ - دەپ سورىدى.
ــ ياق! - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ يېنىدا يانچە قۇچاقلاپ يېتىپ. بېلى ھەقىقەتەن ئازراق ئاغرىۋاتاتتى.
ــ دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ باقامسىز؟ - دېدى زىلالە.
ــ ھاجىتى يوق. - دېدى جەسۇر بىلىكىنى چىڭىتىپ، - خوتۇن سىز دوختۇرنىڭ دورىسىدىنمۇ بەكرەك پايدا قىلىسىز. - دېدى.
زىلالە خىجىل بولۇپ، يۈزىنى ئۇنىڭ بوينىغا تىقىۋېلىپ، مىدىرلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.
بىردەمدىن كېيىن، غەيرەتكە كېلىپ، ئىزچىل سورىماقچى بولغان ھېلىقى سوئالنى سورىدى.
ــ نېمە ئۈچۈن؟ - دېدى زىلالە.
ــ نېمە، نېمە ئۈچۈن؟ - دېدى جەسۇر نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمەي.
زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ:
ــ نېمە ئۈچۈن ھاياتىڭىزنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي مېنى قۇتقۇزىسىز؟ - دېدى.
ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىنىڭ سودا ئېچىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.
ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئاياللارنى ئەركىلەتكەنلىكى دەپ بىلىپ، بۇنىمۇ قوبۇل قىلدى.
لېكىن... بايىقى ئەھۋال ئوخشىمايدۇ.
ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا جېنىنىمۇ ئايىمىدى...
جەسۇر قولىنى كۆتۈرۈپ، بېشىنى تارتىپ كېلىپ، قايتىدىن مەيدىسىگە بېسىپ:
ــ مەن تېخى ئېرىشىپ باقمىغان ئادەمنى باشقىلار ئۇرسا قانداق بولىدۇ؟ ! - دېدى.
گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى، ئېرىنچەكلىك بىلەن كۈلگەندىكى ئۆپكىسى يوقتەك ھالىتى باشقىچە مەغرۇر كۆرۈنۈپ كەتتى.
ــ كىم ئويلىسۇن، بۇ ئەبلەخلەر، قول سېلىشقا پېتىنىپتۇ! - دېدى جەسۇر يەنە.
زىلالە قايتا گەپ قىلمىدى.
قارىغاندا ... ئۇ كۆپ ئويلاپ كېتىپتۇ!
جەسۇر ئۇنىڭغا ھەقىقىي مۇھەببەت باغلىماپتۇ.
بۇمۇ ياخشى بولغىنى... كېيىن ئىككىسى ئايرىلىپ كەتكەندە، ئۇمۇ تەڭلىكتە قالمايدۇ.
ئويلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە زىلالە ئۇھ دېدى، ئەمما كۆڭلىدە باشقىچە كەيپىيات پەيدا بولدى.
ئەمما بۇ خىل كەيپىيات بىردىنلا ئۆتۈپ كەتتى، زىلالەمۇ پەرۋا قىلىپ كەتمىدى.
مۇزىكا ئەترىتىدىكى تەستە قولغا كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدۇ.
ئۇ ھازىر بۇ كىرىزىسنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا ياخشىراق ئويلىنىشى كېرەك.
باشقا بىر ياتاق بىناسىدا.
مەربىيە كىرىسلۇدا يېتىپ، ئېكراندىكى تورداشلار يوللىغان، زىلالەنىڭ ماشىنىسىنىڭ چېقىلىپ، زىلالەنى قوغلاپ كەتكەن ۋىدىئوغا قاراپ، چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ:
- زىلالە، مانا بۇ سېنىڭ چىشىمغا تەگكىنىڭنىڭ بەدىلى... - دېدى.
توغرا!
ئىشلارنى ئاشكارىلىغان ئادەم دەل ئۇ.
ئىشىك يېنىك ئاۋاز چىقىرىپ ئېچىلدى، مەربىيە قەيسەرنىڭ كىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يان تېلېفوننى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.
تەشەببۇسكارلىق بىلەن چاپىنىنى سالدۇرۇپ، بېلىدىن قۇچاقلاپ ياخشىچاق بولۇپ:
ــ دەل ۋاقتىدا قايتىپ كەلدىڭىز، توخۇ شورپىسى قايناتتىم، تېتىپ باقامسىز؟ - دېدى.
قەيسەر ئۇنىڭغا يانتۇ قاراپ :
ــ جېدەل قىلمامسىز؟ - دېدى.
ــ ئالدىنقى قېتىم توغرا قىلماپتىمەن، خاپا بولماڭە! ــ دېدى مەربىيە قولىنى كۆتۈرۈپ گالىستۇكىنى يېشىپ،ــ سىزگە بېرىدىغان يەنە بىر كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بار، كۆرۈپ باققۇڭىز بارمۇ؟ - دېدى.
قەيسەر كۈلۈپ تۇرۇپ:
ــ يېڭى ئۇخلاش كىيىمى سېتىۋالدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
ــ ئۇنداق ئەمەس!ــ مەربىيە تېلېفوننى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئەكېلىپ، ــ بۈگۈن مەن سىزگە ياردەم قىلىپ ئۆچىڭىزنى ئېلىپ بەردىم! - دېدى.
قولىنى كۆتۈرۈپ ۋىدىئونىڭ قويۇش كۇنۇپكىسىنى باستى.
ــ ئۇ تيەننىڭ گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرىنىڭ قىزى!
ــ ئۇنى تۇتۇڭلار، قېچىپ كەتمىسۇن.
ــ تازا بىر ئەدىپىنى بېرەيلى...
ئېكراندىكى زىلالەنىڭ قوغلانغان، يەرگە يىقىلغان كۆرۈنۈشكە قاراپ، قەيسەرنىڭ قوشۇمىسى سەل-پەل چىڭىپ:
- ئۇچۇرنى سىز تەمىنلىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
توردىكى خەۋەرلەر ناھايىتى كۆپ تارقالدى، قەيسەرمۇ بۇ خەۋەرنى كۆرگەن.
ــ ئەلۋەتتە، ئۇ ھازىر بىزنىڭ مۇزىكا ئەترىتىمىزدە ئىشلەيدۇ، - دېدى سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشقان مەربىيە ئۆچ ئېلىش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىققا چۆكۈپ، قەيسەرنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلماي، ــ بۇ قېتىم ئۇنىڭغا كىچىككىنە ساۋاق بەردىم، كىم ئۇنى بىزنىڭ قەيسەر باش دىرېكتورغا ئاسىيلىق قىلىشقا پېتىنسۇن دەپتۇ، شۇنداقمۇ؟ قەيسەر، ئەمدىغۇ ئۆتكەندە ياقتۇرۇپ قالغان ھېلىقى سومكىنى ئېلىپ بېرەرسىز... - دېدى.
زىلالە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا توينى بىكار قىلدى، يەنە باشقا ئەر بىلەن تېپىشىۋالدى.
مەربىيەنىڭ قەيسەرنىڭمۇ زىلالەغا ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكىگە يېتەرلىك ئىشەنچىسى بار ئىدى.
ئەمما گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، قەيسەر قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ بوينىنى بوغۇپ، بىرنى ئىتتىرىدى.
مەربىيە سەنتۈرۈلۈپ تاماق ئۈستىلىگە سوقۇلدى.
جاپا تارتىپ پىشۇرغان توخۇ شورپىسى گۆشى بىلەن بىللە يەرگە چېچىلدى.
مەربىيە ئۈستەلگە تەگكەن پېشانىسىنى تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاچچىقىدا تەلۋىلەشكەن قەيسەرنى كۆردى.
ــ كىم سىزنى ئۇنىڭغا چېقىلسۇن دېدى، كىم سىزنى ئۇنى ئەدەپلەپ قويۇڭ دېدى؟ ! - قەيسەر غەزەپ بىلەن تىللاپ، ئېتىلىپ كېلىپ، قاتتىق بىرنى تېپىپ، -سىز قانچىلىك نېمىتىڭىز، زىلالەغا قول سالغۇدەك بولدىڭىزمۇ... ئۆلگۈر... - دېدى.
مەربىيە ئېچىنىشلىق ۋارقىراپ بېشىنى قۇچاقلاپ، پولدا تۈگۈلۈپ قالدى.
خۇرۇم ئاياغدا قاتتىق تېپىلگەندىن كېيىن، ئاندىن چۈشەندى.
ئۇ خاتالىشىپتۇ!
قەيسەر زىلالەغا ئۆچ ئەمەس، ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىكەن!
ئۇنىڭ كارىۋاتتا مۇلايىم، ئاجىز قىياپەتكە كىرىۋېلىشىنى ياخشى كۆرۈشى، ھەتتا ئاق رەڭلىك كۆڭلەك كىيىپ ئىسكىرىپكا چېلىشىنى ياخشى كۆرۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن...
چۈنكى، ئۇنىڭ ئاشۇ تۇرقى زىلالەغا ئەڭ ئوخشايدۇ!
مەربىيە قەيسەرنىڭ ئورۇندۇقنى تۇتۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، قورققىنىدىن جېنى چىقىپ كېتەيلا دەپ، ئالدىراپ - تېنەپ يالۋۇرۇپ:
- زىلالەغا ھېچ ئىش بولمىدى، ئۇ... ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۋېلىندى، - دېدى.
قەيسەر ئورۇندۇقنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ توختاپ قالدى.
- ئىشەنمىسىڭىز ۋىدېئونى كۆرۈڭ... - دېدى مەربىيە ئالدىراش ھالدا تېلېفوننى ئېلىپ، داۋاملىق قويدى.
قەيسەر يان تەرەپكە بۇرۇلۇپ تېلېفونغا قارىدى، كەينىدىكى ۋىدىئو سەل قالايمىقان بولۇپ، جەسۇرنىڭ چىرايى سۈرەتكە ئېنىق چىقمىغانىدى.
لېكىن قەيسەر يەنىلا زىلالەنى ئېلىپ كەتكەن ئادەمنىڭ جەسۇر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدى.
قەيسەرنىڭ غەزەپ ئوتى تېخىمۇ ئۆرلەپ، مەربىيەنى يەنە بىرنى تېپىپ، تاسمىسىنى تارتىپ چىقاردى.
ــ قەيسەر! - مەربىيە يىغلاپ تۇرۇپ ،- سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن... مەن ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، راستتىنلا... - دېدى.
قەيسەر بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، چېچىنى تۇتۇپ تۇرغۇزۇپ ئۈستەلگە يۆلەپ تۇرغۇزدى.
مەربىيە ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، بىلىكى بىلەن ئۈستەلنى تىرەپ:
ــ زىلالەنى ياخشى كۆرىسىز شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
قەيسەر ــ زىلالە دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ، توختاپ قېلىپ:
ــ نېمە دېمەكچى سىز؟ - دېدى.
مەربىيە قىزىلغا بويالغان چىرايى بىلەن خۇشامەت قىلىپ كۈلۈمسىرەپ:
ــ مەن سىزگە ياردەم قىلالايمەن... مەن... ئۇنىڭغا ئېرىشىشىڭىز ياردەم قىلالايمەن! - دېدى.
..................................
...........
...
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar