;كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات8-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
86 |
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات8-بۆلۈم
87-قىسىم
87-قىسىم
قۇتراتقۇ
بولار ئىش بولدى. شۇنداق قىلىپ كېرەم ئائىلىسىدە بىر مۇنىرەلا قالدى. بوۋاي ئەزىمەتنى مۇنىرەگە ياردەملىشىپ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇدى.
نەۋقىران ئىليار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ تىنىنى قايتۇرۇپ كېلىپ ، مۇنىرەگە بىر جاۋاب بەرمەكچى بولدى.ئىليارمۇ ئۇنىڭ پىكىرىنى رەت قىلمىدى.
نەۋقىران ئۇلارنى ئەكېلىپ مۇنىرەگە تاپشۇرۇپ بەردى.
مۇنىرەنىڭ ئىككى كۆزىدە تېخى تارقالمىغان قىزىللىق بار ئىدى.
ئۇلار كېرەم، مىھراھ، مەخبۇبە ئۈچەيلەن مۇنىرەگە شۇنچە يىللاردىن بۇيان ھەرقانچە رەھىمسىزلىك قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا بۇ دۇنيادىكى يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر . كۆڭلى يېرىم بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
تۇغۇلۇشىدىنلا مەخبۇبەنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ يۈردى ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ كۈنگە قېلىشىدىكى سەۋەبمۇ يەنە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى.
نەۋقىران قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ چېچىنى يېنىك سىيلاپ ، ئاغزىنى چىڭ يۇمدى ، راست گەپنى قىلغاندا نېمە دېيىشنى بىلەلمىدى.
مۇنىرە ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردى ، مۇراسىمغا قاتناشقىلى كەلگەن كىشىلەرمۇ بېشىنى چايقاپ ئاھ ئۇرۇشتى.
ئۈچەيلەننىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ ئۆزى مۇنىرەگە بىر پەس تەسەللى بولدى ، كۆپچىلىك ئارقا - ئارقىدىن تارقىلىپ كېتىشتى.
ئايرۇس قىزى رەشىدەنى مۇراسىمغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەنىدى.
قانداقلا بولمىسۇن ھەممە ئادەم بىلىدىغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار.
رەشىدە بىلەن مۇنىرەنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا ، ئەسلىدە پۈتۈن مۇراسىم جەريانىدا بىر نەچچە ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ دەپ ئويلىغانىدى.
لېكىن رەشىدە ئەڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئايرىلمىدى.
كىرىپ چىقىدىغان ئادەملەر بولغاچقا، مۇنىرە ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ كەلگەن - كەتكەن ئادەملەرنى كۈتتى.
ـــ ئىليارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كەلدىمۇ ؟ ــ رەشىدە تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى ، تەلەپپۇزى مەسخىرىگە تولغانىدى، - ئىليارنى دەۋاتىمەن ، يەنە ھېلىقى دىلارە ئىسىملىك ئايالمۇ بار. - دېدى .
- ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغان مەجبۇرىيىتى يوق. مەخبۇبەنىڭ قىلغان ئاشۇ ئىشلىرىدىن كۆڭلى ئېلىشىپ تۇرسا ، نېمىگە ئاساسەن بۇيەرگە كېلىدۇ ؟ - دېدى مۇنىرە.
مۇنىرەنىڭ سۆزىدىن رەشىدە تېخىمۇ سوغۇق كۈلۈپ:
- مەجبۇرىيىتى يوقمۇ ياكى كېلىشكە جۈرئەت قىلالمىدىمۇ؟ - دېدى.
ـــ بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟ - دېدى مۇنىرە.
رەشىدە بۈگۈن قېنىق قەھۋە رەڭلىك قېلىن مامۇق چاپان كىيىپ، سۇس گىرىم قىلىۋالغان بولۇپ لەۋلىرىدە مەسخىرە يالتىراپ:
- مەخبۇبەگە دىلارە زىيانكەشلىك قىلدى ، كېرەم بىلەن مېھراي قالايمىقانچىلىقتا بىر تەرەپ بولدى، بىراق كەينى كەينىدىن بۇنداق كېلىشمەسلىككە ئۇچىرشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار زادى قانچىلىك تەلەيسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قالغاندۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرغان. سىلەر كېرەم ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقىنى راست. مۇنىرە ، مېھراي بىلەن مەخبۇبەگە مېھىر - مۇھەببىتىڭىزنىڭ يوقلۇقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ ، ئەمما دادىڭىز قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىسا، ئەجەبا مۇشۇنداق بولدى قىلامسىز ؟ - دېدى.
مۇنىرە بىر ھازا جىمىپ قالغاندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ رەشىدەگە قاراپ ، تۇيۇقسىز لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ قويۇپ:
ـــ مېنى تېرىكتۈرىمەن دېمەڭ. ھېچقانداق ئىسپاتىڭىز يوقلا دادامغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمدىن بىرنى پەيدا قىلىپ قويدىڭىز. مەقسىتىڭىز بەكلا ئېنىق بولۇپ كەتتىمۇ قانداق. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ دېگىنىڭىز راست بولسىمۇ ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپتى. ئۇلارنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ھېچكىم مەندەك ئېنىق بىلمەيدۇ. بۇرنىغا سۇ كىرسىمۇ بولدى قىلمايدىغانلاردىن، ئەگەر مەخبۇبە دەسلەپتە باشقىلارنىڭ ئاپىسى ۋە قىزىغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولمىغان بولسا ، بۈگۈنكى ئاقىۋەتكىمۇ قالمايتتى. ھەممە ئىشنىڭ سەۋەب - نەتىجىسى، جازاسى بولىدۇ خالاس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، قولۇمدا ھېچنېمە يوق،ئۆچ ئالاي دېسەممۇ ئامال يوق ، سىزمۇ بۇ نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ. ــ دېدى.
رەشىدە كۆزىنى ئاستا قىسىپ قويۇپ:
- پۈتۈن ئائىلىڭىز خانىۋەيران بولسا، ئەمما سىز ھازىرقى ھالەتتىن قانائەتلىنىپ ئولتۇرامسىز ، ھەقىقەتەن يارىماس ئىكەنسىز. - دېدى .
مۇنىرە قىلچە تەۋرىنىپ قالماي:
- مەخبۇبە يارىماس ئەمەس، ئەمما ئۇ ھازىر بارسا كەلمەس يەرگە كەتتى. ئادەم ئۆزىنى بىلىشى كېرەك، ئەپسۇس ئۇ ئۆزىنى بىلمىدى، ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىنى ئىزدەپ، تالىشىپ يۈردى، ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىمۇ ئۆزىنىڭ قارارىدىن بولدى، مۇشۇ يەردە سىزگە بىر ئېغىز نەسىھەت قىلىپ قوياي، بەك ئاچكۆز بولماڭ، بولمىسا ھازىر قولىڭىزدا بولغان نەرسىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالماڭ ، - دېدى .
ئۇ بۇرۇن بىر قېتىم كېرەم ۋە مەخبۇبەگە ئەگىشىپ Y رايوندىكى كاتتا زىياپەتگە قاتناشقان، ئايرۇس ئانا - بالىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
مېھراي ، مەخبۇبەگە ئوخشمايدىغان يېرى ئۇلار ئاچكۆز ئەمەس، ئوخشايدىغان يېرى ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرنى مەڭگۈ ئىگىلىۋېلىشنى ئويلايدۇ.
رەشىدە قارىماققا ئاجىز، ئىقتىدارسىز كۆرۈنىدىغان مۇنىرەنىڭ بۇنداق كەسكىن، يوچۇقسىز گەپ قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، ئاچچىقىدا كېسىلىپ قالايلا دېدى.
- سۇيۇق لاي تام بولماس دەپتىكەن. كېرەمنىڭ سىزدەك قىزىنىڭ بولغانلىقى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئىش بوپتۇ، - دېدى رەشىدە.
ـــ ئۇ ئەسلىدىلا ئېچىنىشلىق كۈنگە قالغان، - دېدى مۇنىرە ، - پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىققان ۋارىسى كېرەم گۇرۇھىنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىردى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ئىگىلىكى يوق بولدى ، ئۆزى بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى، ئۇ قايغۇرماي كىم قايغۇرىدۇ، كىمنىڭ كۈنى ئۇنىڭكىدىن ئېچىنىشلىق ؟ ــ دېدى .
رەشىدە سوغۇق كۈلۈپ قويدى ، چىرايى ئەمدى تىنچلىنالماي، قۇيرۇقىنى قىسىپ كېتىپ قالدى.
لېكىن ئۇ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىليار بىلەن دىلارە كەلدى.
رەشىدەنىڭ بايىقى گېپى مۇنىرەگە تەسىر قىلمىدى دېسە ئەلۋەتتە يالغانچىلىق بولۇپ قالىدۇ.
بىراق ئۇنىڭ بايا دېگەن گەپلىرىنىڭ ھەممىسى راست.
بۇ يەردە بىرەرسى ھېچكىمگە زىيانكەشلىك قىلغان ئىش يوق، ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى تاپقان بالاسى.
بىراق ئىليار بىلەن دىلارە ئىككىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئالدىدا پەيدا بولۇشىدىن يەنىلا ئازراق تەبىئىي بولالماي قالدى
ـــ كەلدىڭلارمۇ، - دېدى مۇنىرە.
قاراڭغۇ چۈشۈپ ،بۇ يەر چۆلدەرەپ قالغانىدى.
دىلارە ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئىچىگە كىرمىدى.
بەلكى سومكىسىدىن بىر ھۆججەتنى ئېلىپ مۇنىرەگە سۇنۇپ:
- سىز ئىلگىرى ماڭا ساقلاپ بېرىش ئۈچۈن بەرگەن شىركەتنىڭ پېيى، بۇرۇن قوبۇل قىلغانتىم، ھازىر قايتۇرۇپ بېرەي. كېرەم گۇرۇھىنى ياخشى ساقلاڭ. ـــ دېدى.
مۇنىرە ئالدىدىكى ھۆججەتكە قاراپ ، بىر مەھەل قانداق قىلىشنى بىلمەي:
- مېنىڭ شىركەت باشقۇرۇش تەجرىبەم يوق ، سىز مېنىڭ بىر شىركەتنى باشقۇرالمايدىغانلىقىمنى ئېنىق بىلىسىز. - دېدى.
دىلارە بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ئەگەر چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا ، كېلىپ مەندىن سورىسىڭىز بولىدۇ ، مېنىڭ گېپىمگە ئىشەنسىڭىزلا. ـــ دېدى.
مۇنىرە سۇس كۈلۈمسىرەپ:
ـــ كېرەم گۇرۇھى ئەسلىدىلا سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتۈپ بولغان، ھازىر ماڭا شەرتسىز بېرىۋاتىسىز ، ئىشەنمەسلىككە نېمە ئاساسىم بار ؟ بىراق ھازىر مېنىڭ بۇنداق چوڭ ئائىلە ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىم يوق ، دادام ئەزەلدىن مېنى بۇنداق نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ باقمىغان. مەندە ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق... - دېدى.
- ئاستا - ئاستا كېلەيلى. - دېدى دىلارە قولىدىكى ھۆججەتنى مۇنىرەنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ.
ئەڭ ئاخىرىدا مۇراسىم مەيدانىغا قاراپ قويۇپ، مۇنىرەنىڭ قولىغا يېنىك ئۇرۇپ:
ـــ ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئاسراڭ. - دېدى.
مۇنىرە دىلارەنىڭ ئىچىگە كىرىش نىيىتى يوقلۇقىنى ئېنىق ھېس قىلىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ ، ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
ئۇنىڭ كىرمەسلىككە نۇرغۇن سەۋەب، باھانىلىرى بار ئەلۋەتتە.
كىرىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىش بېجىرىش ئىستىلىغا ماس كەلمەيدۇ.
ئۇلارنىڭ بارا - بارا يىراقلاپ كېتىۋاتقان قارىسىغا قاراپ ، مۇنىرە قولىدىكى ھۆججەتنى ئاستا-ئاستا چىڭ سىقتى.
كېرەم ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىكى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ، يەنىلا ساقلاپ قېلىندى.
بۇمۇ كېرەمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولدى دەپ ئويلىدى مۇنىرە.
ئەگەر كېرەم ھايات بولغان بولسا، كېرەم گۇرۇھىنى بۇ ئۆمرىدە قايتۇرۇپ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.
دىلارەنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە رەشىدە يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى.
مۇنىرەنىڭ دىلارەنى كۆرگەندىكى بەزى سۈنئىي پوزىتسىيەسىنى تەبىئىيلا ھېس قىلدى.
رەشىدە بۇ قېتىم دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا ، ئەمەلىيەتتە ، ئارىدا قۇتراتقۇلۇق قىلغىلى كەلگەنىدى.
دىلارەنىڭ دۈشمىنىدىن بىرسى كۆپەيسە ، ئۇنداقتا ئۇلار ئانا - بالىلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى تېجەپ بېرەلەيدۇ.
رەھىمسىزلىككە كەلسەك ، ئايرۇس ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن.
نېمىلا دېگەن بىلەن مەخبۇبە ئايرۇس تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلدى ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ،يەنىلا مۇنىرەدىن پايدىلىنىشنى ئويلاۋاتىدۇ.
مەخبۇبەمۇ ئۇنىڭغا ئامال قىلالمىغان تۇرسا، مۇنىرەگە ئوخشاش بۇنداق ساددى، كۆپ ئادەمگە ئارىلىشىپ باققان قىز تەڭ كېلەلەمتى؟
ئەمدى بولغاندا ئادەم تېپىپ مۇنىرەگە تاقابىل تۇرۇشنى ئويلاۋاتامدۇ ؟
ھامىلىدار بولغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن دىلارەنىڭ قورسىقى ئازراق كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى.
راستتىنلا يەپ سەمرىپ كەتمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ، دىلارە ھەر قېتىم قورسىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىققانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئادەتتىن تاشقىرى سىرلىق ھېس قىلدى.
زۇبەيدە بىلەن كۆرۈنمە چاستوتىلىق كۆرۈشۈش تېلېفونى ئۇرۇپ، يانفوننى ئاپپاراتىنى ئۆزىنىڭ قورسىقىغا قارىتىپ ئۇزاققىچە قاراپ چىقىپ:
- قاراڭ ، قورسىقىم تومپىيىپ چىقتى. سىزنىڭچۇ ، سىزنىڭكىنى كۆرۈپ باقايچۇ! - دېدى.
زۇبەيدە كىيىمىنى قايرىپ ، بىر ھازا قاراپ ، بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ:
- غەلىتە ئىش ، مەن سىزدىن بۇرۇن ھامىلىدار بولغان تۇرسام، نېمىشقا سىزنىڭ قورسىقىڭىز تومپىيىپ چىقىپ ، مەندە يەنىلا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ ؟ - دېدى.
دىلارە مەمنۇن بولغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـــ مېنىڭ قوشكېزەك تۇرسا، - دېدى .
- نېرى بېرىڭە ! قوشكېزەك بولسا نېمە بوپتۇ ؟ ھامىنى قىز تۇغسىڭىز مېنىڭ كېلىنىم بولىدۇ، - دېدى زۇبەيدە.
دىلارە ئۇنىڭ بىلەن تالاشماي، جېكىلەپ :
- ئۆزىڭىزگە كۆپرەك ئېھتىيات قىلىڭ ، بالىدىن ئارتۇق مۇھىم نەرسە يوق . . . - دېدى.
- سىز تېخى خىجىل بولماي ماڭا مۇشۇ گەپنى دەۋاتامسىز ؟ ! - دېدى زۇبەيدە دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ .
دىلارە پېشانىسىغا بىرنى ئۇرۇپ قويدى، تازىمۇ بىر، قايسى گەپنى دېمەسلىكىنى ئويلىسا شۇنى دېگىنى نېمىسى.
زۇبەيدەنىڭ بىر ھازا تەنبىھىنى ئاڭلاپ ، سۆزلىشىشنى ئاخىرلاشتۇردى .
ئەسلىدە ئۇنىڭغا Y رايونغا بارىدىغان ئىشنى دەپ قويماقچى بولغان ، لېكىن ئۇنى ئەنسىرتىپ قويماسلىق ئۈچۈن يەنىلا ئىچىگە يۇتۇۋەتتى.
Y رايونغا بارىدىغان ئىشنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تەبىئىي كۆرۈندۈرۈش ئۈچۈن ، دىلارە دىلنارنىڭ يېنىدا بىر نەچچە كۈن تۇردى .
دىلنارنىڭ ئېلىپ كېتىلگەن ئىشىغا ئۇزۇن بولمىدى ، ئەگەر دىلارە ھازىرلا كېتىپ قالسا، ئەقىللىك دىلنار ئۇنىڭ Y رايونغا بېرىشتىكى مەقسىتىنى چوقۇم ئالدىن پەرەز قىلىۋالىدۇ .
ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى ، يېڭى يىل بارغانسېرى يېقىنلاشتى ، ئەڭ ئاخىرىدا دىلارە مومىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ مۇراسىمىدا كىيىدىغان مۇراسىم كىيىمىنى سىناپ بېقىشنى باھانە قىلىپ ، دىلنار بىلەن گۈلباھارنىڭ ئالدىدا Y رايونغا بارىدىغان ئىشنى ئوتتۇرىغا قويدى .
ئىلياردىن ئىبارەت بۇ ئاقپىشماق ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان بولغاچقا، گۈلباھارمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى .
بىراق دىلنار ئۇنىڭغا تىكىلىپ ئۇزاققىچە قاراپ قويدى، چىڭ يۇمۇلغان لەۋلىرىگە قانچىلىك گەپ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى.
ئاخىرى ئىليارغا قاراپ:
ـــ ئۇنىڭغا ئوبدان قاراڭ ، - دېدى.
ئىليارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى .
دىلارەمۇ كۆپ گەپ قىلمىدى .
ئالدىنقى قېتىملىق ئىشتىن كىيىن ئەنسەر دىلنارنى قوغداشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
گەرچە ئىليارنىڭ شەھەر سىرتىدىكى داچىسى ئەسلىدىلا قاتتىق قوغدىلىدىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ يەنىلا نۇرغۇن ئادەمنى قوغداشقا ئەۋەتتى.
دىلنار سىرتقا چىققاندا، ئەنسەر ئورۇنلاشتۇرغان ئون نەچچە ئادەم ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئەگىشىپ ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى.
دىلنار نەچچە قېتىم ئاچچىقلانسىمۇ، ئۇنىڭغا تەسىر قىلمىدى.
ئالدىنقى قېتىمقى ئىش ، ئېھتىمال ئۇنى دەككە - دۈككىدە چۈشۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەنسەر بولغاچقا، دىلنارنىڭ ئامانلىقىدىن دىلارە ۋاقتىنچە ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.
شۇنداق قىلىپ دىلارە Y رايونغا يەنە بىر قېتىم كەلدى ، يەنە كېلىپ ھېچقانداق شەپە يوقلا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ھەش-پەش دېگۈچە ئايرۇسنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ قويدى.
ئۇ ئىزچىل دىلارەنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئالدىن بىلمەي قالدى.
روشەنكى ئۇنىڭ نازارىتىدىن تولۇق ساقلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى.
مۇشۇنداق بىر قاتار ئىشلاردىن قارىغاندا، ئېنىقكى دىلارەنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى ياخشى ئىشتىن دېرەك بەرمەيتى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar