سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
18- قىسىم
- ئويغاق ئولتۇرۇپ جۆيلۈپ بەرمەيۋاتقانسەن ماڭا خىنىم ؟ بۇ كەچتە نەدىن خەۋەر كەلدى ساڭا ؟ قىزىپقۇ قالماپسەن بولمىسا ، بۇ سەن …
- توغرا دەيسەن ، ماڭىغۇ بىرەر يەردىن خەۋەر كەلگىنى يوق ، بىرسى كىلىپ سەن مىنىڭ قىزىم دىگىنىمۇ يوق ، ئۆزۈمچىلا بىلىپ قالدىم …
- ھا … ھا … ھا … سىنىڭ بۇنداق تاققا - تۇققا خىيال سۈرىدىغان ئارتۇقچىلىقىڭمۇ بامىتى نوچىخان ؟ ۋىيەي ، ۋىيەي ! كۈلىۋېرىپ بىقىنلىرىم تېلىپ كەتتى مىنىڭ ، ئۆزۈڭچىلا تىپىۋالالايدىغان ئادەم نىمىشقا ئون نەچچە يىلنىڭياقىلا تىپىۋالمايسەن ئەمىسە ، - پەيزىگۈل بىر ياقتىن تىلىقىپ كۈلگەچ بىر ياقتىن سۆزلەۋېرىپ ، ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ ئولتۇرغان نوچىگۈلنى قايتىدىن پاڭڭىدە يىغلىتىۋىتىپ ئاندىن كۈلكىدىنمۇ ، سۆزلەشتىنمۇ چىپپىدە توختىغان بولدى ۋە دەقىقە مەڭدىگەندىن كىيىن بۇقۇلداپ يىغلاۋاتقان نوچىگۈلنىڭ مۈرىسىنى يىنىك تۇتۇپ :
- راسلا يىغلاۋاتامسەن نوچىگۈل ؟ بايىدىن بېرى چاقچاق قىلمىغانمىتىڭ ماڭا ؟ بولدى ، بولدى ! يىغلىمىغىن جىنىم ، نىمىنى ئويلىغان بولساڭ ئۇدۇللا دەۋېرە ، ئەمدى پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئاڭلاي گىپىڭنى ، - دەپ يىغىدىن تەستە توختىتىپ پاراڭ قايتا داۋام ئەتتى .
- قايسى كۈنى تۇيۇقسىز قىينانىمىز بىلەن ئايزىمخاننىڭ ( شەكىلەنىڭ ئاپىسى) پارىڭى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ، ئۇ كۈنى سەن مومامنىڭ ئۆيىگە كەتكەنمىكىن ئىشقىلىپ ئۆيدە يوق ئىدىڭ …
- ھە ، ھە … نىمىلەرنى دىيىشتى ئۇ ئىككى دەللە ؟ سىنىڭ ئاتا ئاناڭنى تۇنۇمدىكەن ئۇلار ؟ - بۇ ئىشقا رەسمىيلا قىزىقىپ قىلىۋاتقان پەيزىگۈل نوچىگۈلنىڭ ئاغزىدىكى گەپ چۈشۈپ قالسا تۇتىۋالىدىغاندەك بىر ھالەتتە ئۇنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈپلا قالغانىدى . پەيزىگۈلنىڭ گىپىگە لوقما سالغىنىدىن سەل خۇيى تۇتقان نوچىگۈل :
- بىردەم قىسىپ ئولتۇرساڭ جاۋاپ چىقاتتىغۇ بۇ سوئاللىرىڭغا ، تازىمۇ بىر، - دەپ ئالىيىۋىدى پەيزىگۈل كالپۇكىنى ئاتايىن يۇغان ئىچىپ كەينىدىن ھاپ قىلىپ يۇمۇپ چىڭ چىشلىۋىلىپ ئەمدى گەپكە قۇشۇق سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
- ئايزىمخانلارنىڭ شەكىلە بىلەن قۇشۇلۇپ ئۈچ قىزى بار دىمىدىمۇ ؟ ئەمىلىيەتتە بۇ خەقنىڭ تۆت قىزى باركەن قارا ، ئايزىمخان قاتىرىغا ئۈچ قىز تۇغىۋەرگەندىن كىيىن قىينانىسى :
- بۇيرۇتقاندەك قىز تۇغىۋېرىپ ئۆيۈڭدىن خۇتۇن پۇرىتىپلىۋەتتى بۇ يارىماس خۇتۇنۇڭ ! سەن ئۈچ ئەۋلات يالغۇز ئوغۇل بولغاندىكىن ئۈچ بالىدىن ئىككىسىنى ئوغۇل تۇغالمىسىمۇ بىرەرنى تۇغۇپ قويسا نىم بولىدۇ دەيمەن ؟ چوڭلىرى ئەقلىنى تىپىۋالدى ، بۇ قىتىم تۇغقىنىنى باشقىلارغا بېرىۋەتكىن ، قايتا قۇرساق كۆتىرىپ بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرسۇن ساڭا ، - دەپ قاسىمنىڭ ( شەكىلەنىڭ دادىسى) قۇلاق مىڭىسىنى يەپ ئارام بەرمەپتىمىش … - گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە پەيزىگۈل قەتئىي چىداپ تۇرالماي يەنە سۆزلەپ سالدى .
- تەقدىر مۇشۇنداق خۇتۇنلارغا بىر تالمۇ قىز بەرمەي ئۇغۇل دىگەننى بەش ئوننى بەرسە تازا ، ئاندىن قېرىغىنىدا سۈيدۈكىنى ھاجەتخانىغا ئاچىقىپ ئەمەس ئۇدۇل ئىشتىنىغا تۆكىدىغان بىر كىسەلنىمۇ قۇشۇپلا بەرسە . ئاياغ تەرىپىگە ھىچكىم كەلمەي پوق سۈيدۈكىگە چىلىنىپ ئۆلسە دەيمەن ، ئاغزىمنىڭ قىچىشىشىنى بىسىۋالدىم ، قىنى داۋاملىق سۆزلىگىنە ئەمدى ، - نوچىگۈل بۇ قىتىم پەقەت چىچىلماي پەيزىگۈلنىڭ گىپىگە راس دەيسەن ! دىگەن مەنىدە بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ گىپىنى يەنە داۋاملاشتۇردى .
- ئۇ قىز بالىنى بېرىۋىتىشكە ئايزىمخان ئۇنىماي ، يا ئۆيدە ئۇششاق گەپ تۈگىمەي بالا ئۈچ ئايلىقتىن ئاشقان بىر كۈنى ئايزىمخان ئۇخلاپ ئويغانسا بالا ئاقتىمۇ يوق كۆكتىمۇ يوق بۇلۇپ ئىزدىمىگەن يېرى قالماپتۇ ، پەقەت تاپالماپتۇ . ئەمدى ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاق ئۆزى ماڭالمىسا دەپ قىينانىسىدىن سوراپ بىقىپتۇ ، لىققىدە بىر قورساق تىل ئاڭلاپ دىمى ئىچىگە چۈشۈپتۇ . يىغلاپ يالۋۇرۇپ ئېرىدىن سوراپتۇ ، ئېرىمۇ كۆزىنىڭ سۈيىنى سىقىپ بىلمەيمەن دەپ ئولتۇرىۋاپتۇ . ھىچقانداق يىپ ئۇچى بولمىغاندىكىن ئۇلار قىزىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلالماي يىغلاپ قاقشاپ يۈرۈپ ئايزىمخان يەنە قۇرساق كۆتىرىپتۇ ، ۋاقتى سائىتى تۇشۇپ يەنىلا قىز تۇغۇپتۇ ، بۇ ئاز كەلگەندەك ئايزىمخاندىن خۇن تەۋرەپ كىتىپ تاس قاپتۇدەك ئۆلۈپ قالغىلى . ئۆلمىگەن بىلەن شۇ سەۋەپتىن تۇغۇش ئىقتىدارىنى يۇقىتىپ ئۇغۇل جىدىلى قىلىدىغانلارنىڭ قۇيرۇقىنىمۇ قۇم بىسىپتۇ …
- يىپ ئۇچى بولمىغاندىكىن دەپلا قىزىنى ئىزدىمەپتىما بۇ خەق ؟ شۇنچە كۈنلەرنى كۆرگەندىكىن قىيناپىسى دىگەن جادىنىڭ گىلىغا دەسسەپ تۇرۇپ بىر گەپ ئالسا بولمامدۇ دەيمەن ؟ چىك ، چىك ، چىك ! - ئىككەيلەن بىردەم جىمىپ قىلىپ بىردىنلا پەيزىگۈلنىڭ ئەقلىگە بىر ئىش كەلگەندەك دىرىڭڭىدە چۆچۈپ نوچىگۈلنى نوقىدى .
- ھەي ھەمدەم خىيال ! خەق قىزىنى يۇقاتقانىكەن ، مەنمۇ بىقىۋىلىنغان يىتىم قىزغۇ دەپلا ئۆزۈڭنى مۇشۇ خەقنىڭ قىزىمەن دەپ ئويلىۋالمىغانسەن ھە ؟ ئاپا ! دەپ بوينىغا ئىسىلىپ تۇنۇشلۇق بېرىپمۇ بولدۇڭ ھەقىچان ؟ - نوچىگۈلنىڭ لەۋلىرى چىڭ ھىمىرىلىپ ئىككى كۆزى غەزەپ بىلەن پەيزىگۈلگە چەكچىيىپلا قىلىۋىدى ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىن سەل ئەيمەنگەن پەيزىگۈل چىچەنلىك بىلەن گەپنى بۇراپمۇ ئۈلگۈردى :
- قىينانىمىز بىلەن بۇنچە ئۇزۇن مۇڭداشقىنىنى سەن قانداق ئاڭلاپ قالدىڭ راس ؟ مۇشۇ گەپلەرنى سەن قاراپ تۇرساڭمۇ دەۋەردىما ئا ئايزىمخان ؟ - بۇ ئىككى قىزغا ھەقىقەتەن ئامال يوق ، ئەزەلدىن توختىماي گەپ تالىشىدۇ ھەتتا ئۇرۇشىدۇ ، لىكىن بىر بىرىدىن بىر قەدەم نېرى بولالمايدۇ . نوچىگۈل چەكچەيگەن كۆزلىرىنى يۇغان قىلىپ ئالايتىۋىلىپ يەنە گەپ باشلىدى .
- مەن ئاشخانىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ چۈچۆرە تۈگىۋاتاتتىم ، ئۇ ئىككەيلەن ھويلىدىكى كارۋاتتا يىتىپ خېلى ئۇزۇن مۇڭداشتى ، مىنىڭ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاۋاتقىنىمنى بىلمىگەندۇ ۋە ياكى بىلسىمۇ مەندەك بىر كىلىننىڭ ئاڭلاپ قالغىنىنىڭ كارايىتى چاغلىق دەپ ئويلىغاندۇ …
- بەلكىم شۇنداقتۇ ، ئۇلار قىزىنى ھازىرغىچە تاپالماپتىمۇ ؟ قىيناپىسى دىگەن جادى بىرەر ئىشنى دەپ بەرمەپتىما ئۇلارغا ؟ ناۋادا سەن ئاشۇ خەقنىڭ … - پەيزىگۈل بالا ئىزدەش ئىشىغا قاتتىق قىزىقىپ قىلىۋاتقان بۇلۇپ ، يامان يېرى خىياللىرىنى ھەر قانچە ئېلىپ قاچسىمۇ بۇ ھىكايىنى نوچىگۈلگە باغلىۋىلىپلا تۇراتتى . ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم يۇغان ئالىيىشى بىلەن گىپىنىڭ داۋامىنى بۇغۇزىغا يۇتۇشقا مەجبۇر بولغان پەيزىگۈل بۇ قىتىم يەرگە قاراپ جىم ئولتۇرىۋالدى .
- ئۆتكەن يىلى ئۆلۈپ كىتىپتۇدەك ئۇ مۇماي ، سەكراتتىكى ۋاقتىدا يىپ ئۇچىنىمۇ دەپ بەرگەن ئوخشايدۇ ، گىپىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ بۇنچە ئۇزۇن تۇرۇپ قىلىشى يازنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەمەس ، قىزىنى ئىزدە - ئىزدە مۇشۇ ناھىيىنىڭ بىر يېزىسىدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ كەلگەنمىش ، ئاشۇ پاراڭ بولغان كۈنى ئايزىمخان قىزىنى بەش يىلدىن ئارتۇق باققان ئايال تەمىنلىگەن قىزىنىڭ سۈرىتىنى قىينانىمىزغا كۆرسەتكەندەك قىلغان ، ئۇ چاغدا مەن قەتئىي ئېرەنشىمەپتىكەنمەن ، باياتىن ھويلىدىكى كارۋاتتا ئايزىمخاننىڭ سومكىسى قىڭغىيىپ تۇرۇپتىكەن ، قارىسام كونا بىر پارچە سۈرەت سېرىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ ، نىمىشقىكىن ئۇ سۈرەت دىققىتىمنى تارتىپ قالدى ، قۇلۇمغا ئىلىپ قارىسام ئۇ سۈرەتتىكى بالا ھەۋزىخان مومام كىچىك ۋاقتىمىزدا ئىككىمىزگە ئوخشاش قىلىپ گىلەم دوپپا كەيگۈزۈپ چۈشۈرۈپ قويغان رەسىمدىكى ماڭا ئوپئوخشاش تۇرىدۇ ، كەينىگە قارىسام ھەمراگۈل دەپ يىزىقلىقكەن ، كىچىكىمدە بىرلىرىنىڭ مىنى ھەمراگۈل دەپ چاقىرىدىغىنى ھىلىمۇ غۇۋا ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ، شۇڭا مەن …
- شۇڭا سەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرىگە باغلاپ ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ قىزى دەپ جەزملەشتۈردۈڭ شۇنداقمۇ ؟ مەن ئويلىساممۇ شۇنداقتەكلا تۇرىسەن . مىنىڭ بىر گەپنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ سەندىن ، دىگىنە قىنى ، سەن شۇ خەقنىڭ قىزى بولۇپ قالساڭ قانداق قىلماقچى ؟ - پەيزىگۈلنىڭ مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ سورىشى بىلەن نوچىگۈلنىڭ كۆزىدىن تارام - تارام ياشلار تۈكۈلۈشكە باشلىدى .
- سەن نوچىگۈل ھەۋزىخان موماينىڭ كۈل قىزىدىن بىر كىچىدىلا ئۈرۈمچىلىك قاسىمباي بىلەن ئايزىمخاننىڭ ئەتىۋارلىق قىزىغا ئايلىنىپ كەتسەڭ … پاھ ، پاھ ! ئاندىن ھەۋزىخان موماي بىلەن مەندەك يىتىمەك پەيزىگۈلنى ياراتماس ، تۇنىماس بولۇپ كەتسەڭ ، ئا ھاشىم تاز بىلەن گۆھەرەكمۇ سىنى خىل خىلىغا ، گۈل گۈلىگە ماس كەلگەن چىرايلىق كىلىنىمىز دەپ چىكىسىگە گۈل قىلىپ قىسىۋالسا ، شىللىسىگە مىندۈرىۋالسا … مەنمۇ سىنىڭ ئاياق ئاستىڭدا ئۆمىلەپ كەتسەم خىزمىتىڭنى قىلىمەن دەپ … ۋايۋۇي ! نىمانداق تەلەيلىكسەنوي ؟ - پەيزىگۈلنىڭ شىكەر يالىتىلغان بومبىدەك بۇ گەپلىرى ئۇدۇل كىلىپ نوچىگۈلنىڭ مەيدىسىدە زوڭلا ئولتۇرىۋالدى .
ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنىمۇ دەل مۇشۇ مەسىلە ئەمەسمىدى ؟ ئەجىبا پەيزىگۈل دەۋاتقان ئاشۇ ئىشلارنى نوچىگۈل ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەي قالامدا ؟ راسلا شۇنداق بولسا ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولماي قالامتى ؟ كۆڭلىنىڭ يىقىنلىقىدىن ، دەردىنى تۆكىدىغان باشقا ئادىمىنىڭ يوقلىقىدىن پەيزىگۈلگە دەۋاتقاندۇ بۇ ئىشنى ؟ ھىلىغۇ ئۇ خەق نوچىگۈلنى : ۋاي قىزىم دەپ قوينىغا تارتقىنى يوق ، راسلا شۇنداق كۈنلەر كەلسە قانداق قىلىشى توغرىلىق قۇلاققا ياققۇدەك بىرەر يول كۆرسىتىشى ، ھىچبولمىسا ئانىڭدەك يۈرەكنى سىقىدىغان گەپلەرنى قىلماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ ؟ تاللاش توغرا كەلسە نوچىگۈل ھەرگىز باي ئاتا ئانىنى ، ئابروي ۋە مەرتىۋىنى ئەمەس يەنىلا تۇل موماينىڭ يىتىم نەۋرىسى بۇلۇشنى ، ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئورنىدا تىللىشىپ ، جىدەللىشىپ تۇرسىمۇ پەقەت قىيمايدىغان پەيزىگۈل بىلەن قېرىنداش ۋە دوس بۇلۇشنى تاللايتتىغۇ .
- شۇنچە يىلنىڭياقى بىر قازاننىڭ تامىقىنى يەپ كەلگىنىمىزنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلىپ بولسىمۇ كىيىنكى كۈنلەردە مەندىن كونا ئۆچلىرىڭىزنى ئالمىغان بولسىڭىز خىنىم ، بۇنچىلىك كاتتا خىنىم ئىكەنلىكىڭىزنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام سىزنى …
- بولدى قىلامسەن يوق ؟! ئاغزىڭدىن چىقىۋاتقان گەپلەرنى ئۆزۈڭ ئاڭلاپ بىلجىرلاۋاتامسەن يە ؟ سىنىڭ نەزىرىڭدە مەن شۇنداق ئادەمما پەيزىگۈل ؟ مەن … مەن … - ئولتۇرغان يېرىدىن چاچراپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان نوچىگۈلنىڭ بىردىنلا كۆزى قاراڭغۇلاشقاندەك بۇلۇپ كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ سافادا ئولتۇرۇشۇپ قالدى . ئىككى بىلىكىنى چىڭ گىرەلەشتۈرگىنىچە بوينىدا شاپتۇل قىقىپ ئولتۇرغان پەيزىگۈل ئۇنىڭ سافانىڭ كەينىگە يۆلەنگىنىچە بىشىنىڭ چۈشۈپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرگەندىلا ئاندىن سەل ئەندىكىپ ئۇنى چاقىردى .
- ھەي ! نوچىگۈل ! ساڭا زادى نىم بولدى ؟ كۆزۈڭنى ئىچىپ ھوجراڭغا چىقىپ ياتقىنە ماڭ ! ھۇيت ! ئورنۇڭدىن تۇرە ! ۋاي ئانىمەي ! ئۆلۈپ قالمىغانسەن ھە ؟ نوچىگۈل ! ۋاي پەخىردىنكا ، پەخىردىنكا !
ھوجرىسىغا ئىلىپ چىقىپ كارۋىتىغا ياتقۇزۇلغان نوچىگۈل ئەپىردىن مەھەللىدىكى يالىڭاياق دۇختۇرنى چاقىرىپ يىتىپ كەلگۈچىمۇ ھوشىغا كەلمىگەن بۇلۇپ ، پەخىردىن تىتىلدىغىنىچە ھىلى ئۇنىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ ، ھىلى مۇزلاپ كىتىۋاتقان بارماقلىرىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا قىستۇرۇپ ئىسستىش بىلەن ئاۋارە ئىدى . باشقا چاغلاردا نوچىگۈلگە بىرەر ئىش بولسا پەرۋانىدەك چۆرگىلەپ ئۇنىڭ يىنىدىن بىر قەدەم نېرى بولمايدىغان پەيزىگۈل ياندا قاراپ تۇرغانسېرى بىردىنلا ئۆزىنى شۇنداق يىگانە ۋە بىقۇۋۇل ، نوچىگۈلنى بولسا شۇنچە غالىپ ۋە ياپيات ھېس قىلىپ ئاچچىق بىر يىغا بۇغۇزىغا قاپسىلىپ كىتىۋاتاتتى . ئۇنىڭ چۈشەنچىسىدە نوچىگۈل راسلا شۇ خەقنىڭ قىزى بولۇپ چىقىدىغان بولسا بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ بۇ ئائىلىدىكى ئورنى بىراقلا كۆتىرىلىپ ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان قېرىنداشلىق ۋە دوسلۇقىغا ، ھاشىم تاز ئائىلىسىگە كىرگەندىن بۇيانقى ئىناق ئىپى يەڭگىلىك مۇناسىۋىتىگىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ، ھىچقانداق ئىش بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالاتتى . بىچارە مومايمۇ بار تىخى ! ئۇ بۇ ئىشنى ئاڭلىسا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ يوق ئۇنىڭغىمۇ بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ ! …
پەيزىگۈلنىڭ يۈرەكنى تىلغايدىغان ئەمما تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايدىغان چىگىش خىياللىرىنى ئۈزۈپ يىتىپ كەلگەن دۇختۇر نوچىگۈلنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ ، كۆزىنى يىرىپ ئىچىپ قارچۇقلىرىغا ، تىل ۋە بارماقلىرىغا بىرەر قۇردىن قاراپ چىققاندىن كىيىن پەخىردىندىن سورىدى .
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر