سەۋزە بىلەن تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى ئىچكەندىكى 5 خىل ئاجايىپ ئۈنۈم

文摘   2024-12-25 20:01   新疆  

سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن

تۇرۇپنىڭ خىللىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغىنىمىز بولسا تۆت خىل تۇرۇپ، بۇ تۆتىلى خىل تۇرۇپنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى ۋە ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بار، ئەڭ مۇھىمى شۇكى بارلىق تۇرۇپلارنىڭ تەركىبىدە خولېستېرىن يوق. شۇڭا قان تومۇرىدا مەسىلە بار دوسىتلارنىڭ يىيىشىگە بەك ماس كېلىدۇ.
جۇڭگو تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا: ئاق تۇرۇپ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، يەلنى راۋانلاشتۇرىدۇ. سەۋزە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، قان تولۇقلايدۇ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر بىمارلىرىنىڭ يىيىشىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ. كۆك تۇرۇپ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ جىگەرنى راھەتلەندۈرىدۇ. سۇلۇق تۇرۇپنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى. شۇڭا كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىغا ئاساسەن، ئەڭ مۇۋاپىق بىر خىلىنى تاللاپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

1- ئاق تۇرۇپ
ئاق تۇرۇپنى خام يېسە ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، پىششىق يېسە قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ. خام يېگەندە يەنە ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ، ھەم  ناھايىتى كۈچلۈك ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئويناپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. توخۇ گۆشى، قوي گۆشى قاتارلىقلار بىلەن دۈملەپ پۇشۇرۇپ يېسە، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.

2- سەۋزە 
سەۋزىنى خام يېسە قان تولۇقلايدۇ، پىششىق يېسە بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇنىڭدىكى كاروتىن ياغدا ئېرىيدىغان ماددا بولۇپ، مايدا قورۇپ يېيىشكە ئەڭ ماس كىلىدىغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇق سۈمۈرۈلىدۇ.
سەۋزە بىلەن قوۋۇرغا گۆشنى شورپا قىلىپ قاينىتىپ ئىچسە ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

3- سۇلۇق تۇرۇپ
سۇلۇق تۇرۇپنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ۋېتامىن C ۋە يېمەكلىك تالاسى ئىنتايىن مول بولۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، تاماق سىڭدۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.

4- كۆك تۇرۇپ
كۆپ تۇرۇپنىڭ تەركىبىدىكى كىراخمال ئېنزىمى، ئاقسىل، كالىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، بەلغەم كۆپ بولۇش، ئېغىز قۇرۇش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
دېققەت: تۇرۇپ يەپ بولۇپ تۆت سائەتتىن كىيىن ئاندىن مېۋە يېيىش كېرەك.

سەۋزىنى خام يېسە، بەش خىل پايدىسى بار.
خام يېيىش ئۇسۇلى: ناۋات قوشۇلغان سەۋزە شەربىتى
 سەۋزىدىن 500 گىرام ئېلىپ، پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق توغراپ، مېۋە سىقىش ماشىنىسىغا سېلىپ شەربەت قىلىپ سىقىپ، ناۋاتنى مۇۋاپىق مىقداردا سۇدا ئېرىتىپ، ئىستاكانغا قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ .
 دېققەت: ئەتىگەندە ئاچ قورساق ۋاقىتتا، بىر ئىستاكان ئىچسە سۈمۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

پايدىلىق تەرەپلىرى: 
1- قان تومۇرلارنى قوغداش
سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى ۋېتامىن C نىڭ مىقدارى نەشپۈت بىلەن ئالمىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ۋېتامىن C قان تومۇرنى يۇمشىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەۋزىنىڭ تەركىبىدە خولېستېرىن يوق، ياشانغانلار كۆپرەك يەپ بەرسە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش رولى بار، شۇنداقلا ئۇنى يەنە تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدۇ.
2- داغ يوقىتىپ تېرە گۈزەللەشتۈرۈش
سەۋزىدە مول ۋېتامىن A بار بولۇپ، بۇ خىل ۋېتامىننىڭ تېرە ئاسراشقا ناھايىتى چوڭ ياردىمى بار، كۈندىلىك تۇرمۇشتە كۈندە بىر ئىستاكان سەۋزە شەربىتى ئىچىش ئادىتىنى يىتىلدۈرسەك، داغ يوقىتىپ ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە  ئېرىشەلەيمىز.

3- جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش
دائىم كۆز ئىشلىتىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەتتە كۈندە سەۋزە يەپ بەرسە، كۆز چارچاشنى پەسەيتىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نورمال كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ، ھەمدە كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى، تۈن قارىغۇسى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە  ئىگە. بولۇپمۇ كومپيۇتېرغا كۆپ قارايدىغانلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا سەۋزىنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.
4- ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش
سەۋزەنىڭ تەركىبىدىكى لىگنىن ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كاروتىن ۋېتامىن A غا ئايلانغاندا، يەنە ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى ۋاستىلىك يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ. 

5- ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش 
سەۋزىدىكى ئۆسۈملۈك تالاسى ناھايىتى كۈچلۈك سۈمۈرۈشچانلىققا ئىگە بولۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ئۈچەينى سىلىقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
مانا مۇشۇنداق ساغلاملىقىڭىزغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سالوننى قوللاپ، ئەجرىم ئۈچۈن ئاستى زەيكەننى بىرنى بېسىۋىتىڭ. چەمبىرەككە يوللاش ئىختىيار،،، رەھمەت!

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章