سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
22- قىسىم
ئۆز خىيالى بىلەن ئالدىراش كىتىۋاتقان پەيزىگۈل چۆچىگىنىدىن يۈرىكى قاتتىق سېلىپ ، ئەپىردىننى بىللە ئىلىپ چىقمىغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ كەتتى . ئېغىرراق نەپەسمۇ ئالماي زەن سېلىپ تىڭشىۋىدى بۇ ئاۋازنىڭ كۆز ئالدىدىكى پاكار سوقما تام كەينىدىنلا چىقىۋاتقىنىنى بايقىدى .
- كىلىنلىرىڭىز ھەر قانچە سەھەرچى بولسىمۇ ئۈرۈمچىدە شۇنچە ۋاق سۆرىلىپ يۈرۈپ جۇلۇقى چىقىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش ئەر- خۇتۇنلا سېغىنىشىپ ئارانلا قالغاندۇ ، مەن چېغىمدا بۇنچە بالدۇر كەتكۈم كەلمەيۋاتسا ئۇغۇللىرىڭىز ئامراق خۇتۇنلىرىنى سەھەر تۇرغىلى قۇيارمىدى ؟ تازىمۇ بىر ! - بۇ ناتۇنۇش بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئىدى . ھويلىغا قانداقتۇ بىر ئوغرى - يالغان ياكى قاراقچى چۈشمىگىنىنى دەسلەپكى قەدەمدە جەزملەشتۈرگەن پەيزىگۈل يۈرەك سوقۇشىنى سەل بىسىۋىلىپ تىخىمۇ زەن قۇيۇشقا باشلىدى .
- ئۇلار قانچىلا ھېرىپ كەتسۇن ، قانچىلا سېغىنىشىپ كەتسۇن قاتتىق ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ ، بۇلۇپمۇ مەن ! چۈنكى ئوغۇللىرىمنىڭ نەزىرىدە مەن ئەڭ دىيانەتلىك ، پاكىز ئايال ، مەڭگۈ مۇشۇ نامغا لايىق تۇرۇشۇم كېرەك ، بالىلىرىم قايتىپ كەلدى ، سېزىپ قالغۇدەك بولسا چاتاق چىقىدۇ ، كەلمەڭ دىسەممۇ بىشى چوڭلۇق قىلىپ يەنە كەپسىز ، تىز كىتىڭ دەيمەن ، تىز ! - بۇ گۆھەرخاننىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئاۋازدا پىچىرلاپ تۇرۇپ بايىقى ئاۋاز ئىگىسىنى بۇيەردىن كىتىشكە قىستاۋاتقان ئاۋازى ئىدى .
- ئىككى كۈندىن كىينلا پۇلدىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئا لەقۋا ئېرىڭىز قايتىپ كەلسە يەنە كۆرىشەلمەي يۈرىمىز ھەقىچان ، كىلىڭە بىرنى قۇچاقلىۋىلىپ ئاندىن ماڭاي ، كىلىڭە !
- نىمانداق قىلىسىز دەيمەن ؟ ئۇنداق قىلماڭ ، ۋۇ قېرىغىنىنى تۇيمىغان ساراڭ ! …
- قېرى دەپ ئا ھاشىم تازنى دەيسىز گۆھەر خىنىم ! پىقىر روزىلەم ئۇنىڭدىن خېلى ياش جۇمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ، - ئۇ ئىككەيلەن شۇ يۇسۇندا يەنە بىر ھازا تارتىشماق ئوينىغاندىن كىيىن تەستە پەسكويغا چۈشۈپ : خوش ! دىسە ، كەچتە يەنە كىلىمەن ، ئارقا ئىشىكنى ئۇچۇق قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ ھە ؟ دىيىشىپ ئاخىرى جىمىپ قىلىشتى . شۇندىلا بۇ يەردە يەنە تۇرىۋەرسە بولمايدىغىنىنى پەملىگەن پەيزىگۈل كەينىگە يىنىپ ھوجرىغا كىرىپ كىتىشنىڭ ئورنى بولمىغاندىكىن ئۆزىنى چاقماق تىزلىكىدە بىر دالدىغا ئاتتى . بۇ پەيتتە ھاجەتخانىغا مىڭىشقا بولمايتتى ، چۈنكى گۆھەرخاننىڭ ئارقا ئىشىكتىن يىنىپ كىرىپ ھاجەتكە ئۆتۈپ قىلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ . دىگەندەك گۆھەرخان ئارقا ئىشىكتىن غىمىسسىدە كىرىپ ھويلايۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھوجرىسى تەرەپكە بوينىنى سوزۇپ بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن پولتوسلاپ ھاجەتخانىغا ماڭدى .
- ئۇف ! ھىلىمۇ ھاجەتخانىغا مۆكمەپتىمەن ، بولمىسا ئالۋاستى جىندىن قورققاندەك ھەر ئىككىمىزنىڭ يۈرىكى يېرىلاركەن . ۋاي يۈرىكىم ، ئۇف ۋاييەي ! - مەيدىسىگە يىنىك شاپىلاقلىغىنىچە ئۆز ئۆزىگە سۆزلەۋاتقان پەيزىگۈل تۇرۇپلا قورقۇشنى ئۇنتۇپ گۆھەرخاننى تىللاپ قارغاشقا ئۆتتى .
- پاھ ، پاھ ، پاھ ! دىيانەتلىك گۆھەرخان ! ھاشىم باينىڭ خۇتۇنى گۆھەرخىنىم !! ئىككى بايۋەتچىنىڭ ئىسىل ئاپىسى گۆھەرئاي !!! ئەسلى مۇنداقمۇ ھۈنەرلىرىم بار دەپ قۇيۇڭ ! ئۆزىڭىزنى مۇشۇنداق گىدەيتكەن ، يوغىناتقان ، كېرىلدۈرۈپ قويغان ئېرىڭىزغا قارا ساناپ چاشقان تۆشۈكلىرىدە يۇندى يالاپ يۈرگىنىڭىزنى ئېرىڭىز بىلەن ئامراق ئوغۇللىرىڭىز بىلسە نىمە ئىشلار بولۇپ كىتەر ھە ؟ ۋۇ نۇمۇسنى بىلمەيدىغان ، شەرمەندى دەللە ! ما ھويلىدا سەندىن باشقا يەنە پۈتۈن - سۈرۈك تۆت ئادەمنىڭ بارلىقىدىن قىلچىمۇ ئەيمەنمەي خەقنى ئۆيۈڭگە سولاشقا پىتىنىپسىنا ؟! بالىلىرىم بىلىپ قالسا قېرى يۈزۈمنى قانداق كۆتىرىپ يۈرەرمەن دەپمۇ ئويلىمىدىڭمۇ ؟ چىك ، چىك ، چىك ! قاراپ تۇر گۆھەرەك ! مومامنى ، نوچىگۈل ئىككىمىزنى بوزەك ئەتكەنلىرىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ سىنى تازا رەسۋا قىلمايدىغان بولسام ! … - پەيزىگۈل بىردىنلا قىينانىسىنى تىللاشتىن تۇختاپ ، مۆكىۋالغان يېرىدە چوڭراق نەپەسمۇ ئالماي ئولتۇرۇپ قىينانىسىنىڭ ھاجەتخانىدىن چىقىپ ھوجرىسىغا كىرىپ كىتىشىگە قارىغىنىچە خىياللىرى ئۆزگىرىشكە باشلىدى .
- ياق ، ياق ! خاتالاشمىغىن پەيزى ! ئۇنى رەسۋا قىلىمەن دىسەڭ ساڭا زادى نىمە پايدىسى ؟ ئۇ دەللىنىڭ ئىشىنى ئاشكارىلىۋەتسەڭ ھاشىم تاز ئۇنى ئۇرۇپ - تىللاپ ، رەسۋالاپ يامىنى كەلسە كەشىنى توغرىلىۋىتىشىمۇ مۇمكىن ، ئۇ چاغدا خەق گۆھەرنى ياكى ھاشىمنى نىمىلا دەپ ھاقارەتلىسىغۇ مەيلى ، ئەپىردىن بىلەن پەخىردىنكامنى بۇزۇق خۇتۇننىڭ بالىلىرى ، نوچىگۈل ئىككىمىزنى بۇزۇقنىڭ كىلىنلىرى دەپ ھاقارەتلىسە ، چەتكە قاقسا قانداق قىلىمىز ؟ ئانىسىنىڭ قىلغانلىرى كۆزىگە كۆرۈنمەي مىنىڭ ئاشكارىلاپ قويغىنىمنى يامىنىغا ئېلىپ ئەپىردىن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر يىتىپ قالغۇدەك جۇمۇ بۇنداق قىلسام ! دىمەك ، پۈتۈن بىر ئائىلە ۋەيران بولغۇدەك . شۇڭا مەن … - پەيزىگۈل مۆككەن جايىدا ئولتۇرۇپ ئويلىنىۋېرىپ بىر كەم بولغاندا ئۆزىنىڭ ئەقلىدىن سۆيۈنگىنىچە ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى ۋە :
- ئۇنىمۇ قۇيۇپ ، بۇنىمۇ قۇيۇپ مۇشۇ ئامالنى ئىشلىتەيچۇ بولدى ! شۇنداق قىلسام ئەپىردىن بىلەنمۇ ياخشى ئۆتىۋەرگۈدەكمەن ، ئا گۆھەرەكنىڭ نوخلىسىنىمۇ ئەپ تۇرالىغۇدەكمەن ، رەھمەت ساڭا روزىلەم ئىسىملىك تاغا ! ئىسمىڭنى روزىلەم قويغان ئاتا ئاناڭ ھاياتلا بولسا ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ! كەچتە خاتىرجەم كىلىۋەر ، ئارقا ئىشىكنى گۆھەرخان ئۇچۇق قويسا مەن تاقاپ قۇيىمەن تازا ، قانداق قىلىسەنكىن قىنى ؟ - دىگەچ ھاجاتخانىغا ماڭدى .
كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچقان پەيزىگۈل نوچىگۈلنىڭ تەقدىرى ئۆزگىرىپ ، قاغىدىن سۇمرۇغقا ئايلانغىنىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭمۇ بۇندىن كىيىن گۆھەرخاننىڭ ھۆكىمرانلىقىدىن بىراقلا قۇتۇلۇپ ، ئەركىن يۈرەلەيدىغىنى كۆز ئالدىغا كەلسىلا خوشلۇقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قىلىۋاتاتتى .
- سەلتۇرۇپ تاڭ ئاتسا بۇ خوشاللىقنى بىرىنچى بۇلۇپ نوچىگۈلگە دەي ، ئاندىن … ياق ، ياق ! ئازمىغىن پەيزى ! ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى مەخپىي تۇت ! قانچە مەخپىي تۇتالىساڭ شۇنچە ياخشى ، بۇ ئىشنى جانابىي قىينانام ئىككىمىز بىلسەكلا كۇپايە بوپ تۇرا ، - ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ پەيزىگۈل بۇ ئىشنى ھازىرچە مەخپىي تۇتۇش قارارىغا كەلدى .
ئىككى كىلىن ئاز كەم بىر ئايدەك سىرتتا يۈرۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئۆينىڭ ئىشلىرى تازا يىغىلىپ كەتكەن بۇلۇپ ، قايتىپ كىلىپ ئەتىسىدىن باشلاپ ئىككەيلەننى ئىش بىسىۋالدى ، قولمۇ قول تۇتۇش قىلىپ ، نەچچە دۆۋە كىر- قاتنى بىر تەرەپ قىلدى ، ئۆزلىرىنىڭ ۋە قىيناتا قىنانىسىنىڭ ھوجرا ئۆيلىرى ، ئاشخانا قازان بىشى ، مىھمانخانا ئۆي ۋە ھويلا ، باغ تەرەپ ھەتتا ھاجەتخانىغىچە پاكىز تازلاپ سەرەمجانلاشتۇرۇپ بولغۇچە ئۈچ كۈن ۋاقىت ئاز كەلدى . ئۈچ ۋاق تاماق ۋاقتىدا قىلىنغاندىن تاشقىرى ئوخشىتىپ بىر تۇنۇر نان ياقتى .
- ئۆلگۈر دەللە ! بىزنى كىلىن قىلىپ ئەكىرىشتىن بۇرۇن يىمەي ئىچمەي ئاچ ، كىر قات يۇيماي قاسماق پىتى يۈرگەن ، ئۆيلىرىگە بىر سۈپۈرگە سالماي ئەخلەتخانىدا ياشىغان بولغىيمىتتى دەيمەن ؟ قىلسا قىلسا تۈگىمىگەن بۇ ئۆينىڭ يۇندىچىلىقى ! مومامنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ يىنىپ كەلگىلىمۇ تۆت كۈن بولدى مانا ، ئۆزىغۇ يۇقلاپ قۇيۇشقا يارىمىدى مومامنى ، يا بىزنى دىككىدە بېرىپ كۆرۈپ كىلىڭلار دىمىدى ، ئادەم ئەسكى بولا مۇشۇلارچىلىك بولا ، ۋۇ ئادەم ئەمەسلەر ، - بۇ قىتىم نوچىگۈل پەيزىگۈلگە : ئاغزىڭنى يامان قىلمىغىن ، ئاڭلاپ قالسا سەت تۇرىدۇ دەپ نەسىھەت قىلمىدى ، چۈنكى گۆھەرخاننىڭ شۇنچىلىك ئەقەللىي قائىدىنىمۇ بىلمىگىنىگە ئۇنىڭمۇ بەكلا قورسىقى كۆپۈپ كىتىۋاتاتتى .
- بۈگۈن بىر ئامال قىلىپ مومامنى كۆرۈپ كەلسەك بولاتتى ، - دىدى پەيزىگۈل مەسلىھەت سورىغانغىمۇ ، يول كۆرسەتكەنگىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر تەلەپپۇزدا . نوچىگۈلنىڭ ئويلاۋاتقىنىمۇ شۇ بولغاندىكىن شۇئان ئۇنىڭ چىرايىغا تەلمۈردى ۋە :
- بولسا شۇنداق قىلساق بەك ياخشى بولاتتى ، لىكىن يىللار بويى ھىچكىم يىپىنىپ قويمايدىغان مۇنۇ ئىسىل يۇتقان كۆرپىلەرنى بۈگۈندىن قالدۇرماي سۆكۈپ ئاپتاپقا سىلىۋەتمىسەك بۇلارنى چاشقان ياكى مىتە يەۋەتمىگەن بىلەن گۆھەرخاننىڭ قوڭڭىنى قۇرت يەپ قۇيارمىكىنتاڭ ، مۇشۇنىڭ بىلەنغۇ تۈگىگەندۇ بۇ خۇتۇننىڭ بىزنى سالىدىغان ئىشلىرى ، ئەھۋالغا قاراپ بىقىپ ئەتىلەتىن بارامدۇقيا ؟ - دىدى .
- ئەتىلەتىن دەپ كەتكىنىنى مانىڭ ، كىم بىلىدۇ ؟ ئەتە بۇ خۇتۇننىڭ مىجەزى يوق بۇلۇپ قالامدۇ ھىچبولمىسا ئى ھاشىم تاز قايتىپ كىلىپ قالىدۇ ھەقىچان ، شۇنىڭ بىلەن ئوخشىتىپ تاماق ئىتىمىز ، قىيناتىمىز يىراق سەپەردىن كەپتىكەن دەپ چىرايىغا قاراپ ئولتۇرارمىز ، شۇڭا بۈگۈن بىر ئامال قىلىپ بارايلى قارا ، گەپنى سەن قىلىسەن ، ئۆزىنى سوراپ بېرىڭلار دىسە مەيلى ، ناۋادا گەپنى بۇراپ بارغۇزمايدىغاننىڭ قازىنىنى ئاسقۇدەك بولسا رۇخسەتنى ئۆزۈم ئالىمەن بۇ گۆھەرەكتىن ، قانداق ؟ - پەيزىگۈلنىڭ تىتەم - پەتى گەپلىرىنىغۇ تولا ئاڭلىغان ، لىكىن مۇنداق چوڭ پاراڭ سالغىنىنى تولا ئاڭلاپ باقمىغاچقا نوچىگۈلمۇ ئۇنىڭ كارامىتىگە ئىشىنىپ قالغىلى تۇردى .
- ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە يىگىرمە نەچچە كۈن دەۋالانغانغا چۇشلۇق بەش كۈن بولمايلا يەنە ئاغرىپ يۈرمەس ؟ ئاغرىپ قالسىمىچۇ ئادەم ئەۋەتىشنى خېلى ئوبدان بىلىدۇ ئۇ قۇدام ، شۇڭا ئەنسىرىمەي ئىشلىرىنى قىلىشسىلا ئاغچىلىرىم ، نەچچە كۈنگىچە مىھمان كىلىدۇ ماۋۇ ئۆيگە مىھمان ! - مىڭ تەستە ئىچىلغان ئېغىز قۇپاللا تۇۋاقلىنىۋىدى گۆھەرخاننىڭ يىنىدا ئۆرە تۇرۇپ قالغان نوچىگۈل مىڭ يېرىدىن تۆكۈلگىنىچە كەينىگە يەنى پەيزىگۈلنىڭ قىشىغا يۇتقان كۆرپە سۆككىلى ماڭدى .
- قانداق بولدى ؟! دىمەيلى دىسەم ئۇنىمايسەن ، قىنى سىنىڭ رۇخسەتنى مەن ئالىمەن دەپ مەيدەڭگە ئۇرغىنىڭ ؟ ۋۇ شامالچى ! - ھەممىنى ئىنىق ئاڭلاپ نوچىگۈلنىڭ شۈمشەرىگىنىچە يىنىپ كىرگىنىنى كۆرۈپ تۇرغان پەيزىگۈل :
- قاراپ تۇر ھە ! ھىلى كۆرىسەن كارامىتىمنى ، - دەپ قۇيۇپ سۆكۈپ بولغان ئىككى يوتقاننىڭ پاختىسىنى قۇچاقلىغان پىتى ناخشا غىڭشىغاچ ھويلىغا ماڭدى :
روزىلەم دەيمۇ سىنى ؟
قوزىلەم دەيمۇ سىنى ؟
باغدا باققان پاخلىنىمدەك ،
ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سىنى ؟
ۋاي ۋاي روزى روزىلەم ،
قوينىڭ بالىسى قوزىلەم .
سوقما تامنىڭ كەينىدە ،
ساڭا دەرت ماڭا ئەلەم .
- ھەي ساراڭ ! ئىشەك ئۆلسە قوڭى غىجەك تارتىپتۇ دەپ ئادەم جىيلى بوپ تۇرسا نىم ناخشا ئىيتىپ كەتتىڭ ؟ پەلىپەتىشلىكى ئۇ ناخشاڭنىڭ ، خۇددى ئۆزۈڭدەك . رۇخسەتنى مەن ئالىمەن دىسەڭ ئىشەنگەندىكىن مەنمۇ ساراڭكەنمەن ، ئۇف ، بولدىلا ! مومامنى كۆرۈپ كىلىشتىن ئۈمىد ئۈزۈپ ئىشىمنى قىلايچۇ ، كەچ تەرەپتە پەخىردىنلەر بىر ئامالىنى قىلار ئەمدى ، - نوچىگۈل پەيزىگۈل كۆتىرىپ ماڭغان يۇتقاننى ئاپتاپقا يىيىۋىتىپ كىرىشىگە خاپىلىقتىن بۇغۇلۇپ كەتتى . لىكىن پەيزىگۈل ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قايتۇرماي ئىككىنچى يۇتقاننى ئىلىپ ماڭدى .
روزىلەم دەيمۇ سىنى ؟
قوزىلەم دەيمۇ سىنى ؟
باغدا باققان پاخلىنىمدەك ،
ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سىنى ؟
ۋاي ۋاي روزى روزىلەم ،
قوينىڭ بالىسى قوزىلەم .
سوقما تامنىڭ كەينىدە ،
ساڭا دەرت ماڭا ئەلەم .
ئاڭغىچە نوچىگۈلمۇ بىر يۇتقاننىڭ پاختىسىنى قولتۇقلاپ پەيزىگۈلنىڭ كەينىدىن ماڭدى ، بۈگۈنمۇ مومىسىنىڭ يىنىغا بارالمىغانغا ئىچى سىقىلىپ تۇرغاندا پەيزىگۈلنىڭ كەلسە كەلمەس ناخشىسى تىخىمۇ چىشىنى قېرىشتۇرۇپ كىتىۋاتاتتى .
- ۋۇ ئالىجوقا ! ناخشا ئىيتىۋاتقان ئاشۇ كانىيىڭغا چاقا چىقىپ قالا ! بارىدىغان بولسام مومامغا چېقىپ سىنى …
- ئۈرۈمچىدە يىگىرمە نەچچە كۈن بىللە تۇرمىدۇقمۇ مومام بىلەن ؟ ھەپتە ئون كۈن كۆرمىگەنگە نىمە بوپتۇ ئەمدى ؟ بىزنى كۆرگىسى كىلىپ كەتسە ئادەم ئىۋەتىدۇ مومام ، سەنمىچۇ ئىشنىڭ يولىنى بىلىۋال قارا نوچىگۈل ، مىھمان كىلىپ قىلىپ بۇ ئۆينىڭ ئىككى كىلىنى نىمانداق ھورۇن ، قىينانىسىنى بوزەك قىلىۋاپتۇ دىسە يۈزىمىزگە سەت بولا ؟ - ناخشا ئىيتىپ ھارغاندا دىگەن مۇنۇ گەپلەرچۇ تىخى !
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر