سۆيۈملۈك رەقىبىم 26-قسىم

文摘   2024-12-30 20:02   新疆  


سۆيۈملۈك رەقىبىم 

خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق


26- قىسىم


- سورىما دەپ بۇرۇنلا ئىيتقانغۇ ساڭا ، سورىمىغىنە بولدى ، - پەيزىگۈل جاۋاپ بەرمەي ھوجرىدىن چىقىپ كىتىشنىڭ قازىنىنى ئىسىۋىدىمۇ نوچىگۈل ئۇنى ماڭغىلى قويماي چىڭڭىدە ئىسىلىۋالدى .

- خەقنى بىرەر قېتىم دادا ، ئاپا دەپ باقمىساممۇ ئۆز ئاتا ئاناڭنى تىپىۋالدىڭ دەپ مىنى ۋاپاسىز ، ساتقىنغا چىقىرىۋەتكەنتىڭ ، سىنىڭ مەندىن بۇ ئىشنى سىر تۇتۇشۇڭنى نىمە دىسەم بولىدۇ دىگىنە ؟ بىر بىرىمىزدىن سىر يۇشۇرۇشمايمىز دەپ ۋەدە بېرىشكىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن ؟ مەنمۇ ئايزىمخاننىڭ قىزىنى ئىزدەپ كەلگىنىنى بىرىنچى بولۇپ ساڭا دىمىدىممۇ ؟ بۈگۈن دەپ بەرسەڭ گۆھەرخان ساڭا خۇشامەت قىلىپ ئىلىپ بەرگەن ھىلىقى ئۈزۈك بىلەن كىيىمنى قۇبۇل قىلىمەن ، ئوخشاش كىيىمىز . ناۋادا يەنە قىزغانچۇقلۇق قىلىدىغان بولساڭ سەن بىلەن ھەم سىنىڭ ھىچقانداق ئىشىڭ بىلەنمۇ كارىم يوق ، سەنمۇ ھەم بۇندىن كىيىن مەندىن ھىچنىمە كۈتمە ، - نوچىگۈلنىڭ بۇ گىپى پەيزىگۈلنى ئويغا سېلىپ ئىككىلەندۈرۈپ قويدى . كۆڭلىدىكىنى دىگەندە ئۇنىڭ نوچىگۈلدىن قەتئىي يىراقلاشقۇسى يوق . گۆھەرخاننىڭ سەتچىلىكىنى يالغۇز ئۆزىلا بىلىپ نوچىگۈلدىن سىر تۇتۇپ يۈرسە بۇ ئىشنى ساز قىلىشىپ بېرىدىغانغا ئادەم يوق تازا دىگەندەك پۇخادىن چىقالمايۋاتقانىدى .

- يات ئادەم بولمىغاندىكىن دەۋىتەيمۇيا ؟ ئىككىمىز بىرلەشسەك تىخىمۇ قىزىغۇدەك ، كۆڭۈللۈك بولمامدۇ ؟ - چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ئىشىك تەرەپكە تۇلۇق يۈزلىنىپ بولغان پەيزىگۈل شاققىدە كەينىگە ئۆرۈلۈپ نوچىگۈلنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇنىڭغا ھومايدى .

- ئەمىسە بۇ ئىشنى پەقەت ئۆزۈڭلا بىلىسەن ، پەخىردىنكامغىمۇ ھەتتا مومامغىمۇ ئىيتمايسەن ، قانداق ؟ - تىخىمۇ قىزىقسىنغان نوچىگۈل ئالدىراش بىشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بەرگەچ ئۇنى سۆرەشتۈرۈپ سافاغا ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزدى ئاندىن ئۆزىمۇ ئۇنىڭ يىنىغا چۆكۈپ ئاغزىغا تەلمۈردى . لىكىن پەيزىگۈل يەنىلا ئازراق ئىككىلىنىۋاتقاندەك يالغان ھىجىيىپ ئولتۇراتتى .

- نىمانداق قىلىسەنوي ؟ گەپكە گەپ ئۇدۇل كەلسە دادىسىدىنمۇ يانمايدىغان پەيزىگۈل سەن شۇمۇيا ؟ قوۋۇرغامنى ئىگىپ نىزىقاپ ئولتۇرۇشىنى بۇنىڭ …

- مەنغۇ بۇرۇنقى پەيزىگۈل شۇ ، لىكىن بۇ ئىشنى قالايمىقان يىيىۋەتسەم بىشىمغا پىت تېرىۋالارمەنمىكىن دەپ قورقىمەن ئەمەسمۇ ؟ …

- ۋاي ، ۋاي ، ۋاي ! قاچاندىن بېرى گەپنى بۇنداق چاينايدىغان بولىۋالدىڭ سەن ؟ ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسەنيا ؟ ئەمىسە دەرھال چىقىپ كىتە ماڭ ھوجرامدىن ، - نوچىگۈل پەيلىنى بۇزۇپ ئىككى بىلىكىنى چىڭ گىرەلەشتۈرۈپ تەتۈر قاراپ ئولتۇرىۋالغاندىلا ئاندىن پەيزىگۈل ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئۆتۈپ :

- خاپا بولمىساڭچۇ ، دەپ بېرەي دىدىمغۇ ، لىكىن سەنمۇ گىپىڭدە تۇرۇپ قاتتىق سىر ساقلا بۇلامدۇ ، ئەسلى بىراۋ بىلسە بولمايدىغان ئىشتى بۇ ، بولۇپمۇ بىز ئىككىمىز ، - دەپ نوچىگۈلدىن قاتتىق ۋەدە ئىلىۋالغاندىن كىيىن ناھايىتى بوش ئاۋازدا ھىلىقى روزىلەم ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردى . ئاڭلىغانسېرى نوچىگۈلنىڭ ئېغىزلىرى بىرە ئىككى تال چىۋىن كىرىپ سەيلە قىلىپ چىقىپ كەتسىمۇ تۇيمىغۇدەك دەرىجىدە ئىچىلىپ كىتىۋاتاتتى .

- مەن بىلىدىغاننىڭ ھەممىنى ئاڭلاپمۇ بولدۇڭ ، قانداق ؟ سەن بىلەن بىزدەك كىلىن بولغۇچىلار بىلىدىغان ئىشلار ئەمەس بۇ شۇنداقمۇ ؟ قىيناتىمىزغا ياكى ئەرلىرىمىزگە دەيلى دىسەك بۇ ئۆيدە چوڭ جىدەل چىقىدۇ ، قىيناتىمىزنىڭ غورورى كۈچلۈكرەك بولۇپ قالسا ھەتتا ئۆلۈم ۋەقەسى كىلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن . ھىچكىمگە دىمەي يۈرىۋېرەيلى دىسەك گۆھەرخاننى قوغدىغان دەللال بولىمىز ، كىيىن باشقا سەۋەپلەر بىلەن بۇ ئىش قىيناتام ياكى ئەپىردىنلەرنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ قالسىمۇ بەرىبىر ياخشى ئىش يوق . شۇڭا مەن ساڭا دىمىگەن بۇ گەپلەرنى ، - پەيزىگۈل گىپىنى تۈگىتىپ بۇرۇنقى ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان بىر تەرزدە ئېغىر ئولتۇرۇپ كەتتى ، نوچىگۈلمۇ پەيزىگۈل ئىيتقان ئاجايىباتلارنى تىخى تۇلۇق ھەزىم قىلىپ بولالمىغان بۇلۇپ ئىككەيلەن شۇ تەرىقىدە قانچە ئۇزۇن ئولتۇردى ، بىر چاغدا ھوجرا ئىشىكى غاچچىدە ئىچىلىپ پەخىردىن كىرىپ كەلگەندىلا ئاندىن ھەر ئىككەيلەن ئەندىكىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى .

- ۋوي ! ئاچا سىڭىل ئىككەيلەن مۇڭدىشىۋىتىپتىكەنسىلەردە ؟ قىزغىن پارىڭىڭلارنى ئۈزۈپ قويدۇممۇ نىمە ؟ - پەخىردىننىڭ بۇ گىپىگە پەيزىگۈل ئالدىراشلا :

- ياق ، ياقەي ئاكا ! گىپىمىز تۈگەپ بولغان ، مەن چىقاي ھە نوچىگۈل ، خوش ! - دىگىنىچە نوچىگۈلنىڭ : ھەي توختىغىنە پەيزىگۈل ، سەن تىخى ئاۋۇ … نىمىتى ؟ … ھەي … دەپ چاقىرىشلىرىغا قۇلاقمۇ سالماي چىقىپ كىتىۋەردى .

ئاخشام پەيزىگۈلنىڭ گىپى تۇلۇق تۈگىمىگەچكە نوچىگۈلنىڭ كۆزىگە كىچىچە ئۇيقۇ كەلمەي ، بىر بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ھەم چىگىش سوئاللارغا غەرق بۇلۇپ تەستە تاڭ ئاتقۇزدى .

- ئىنسان دىگەن ئاجايىپ بىر ئىشلار ئۈستىدە سىنىلىپ قالىدىكەن دىسە ! قىينانامنىڭ نىمىسىگە نىمە كەم بۇلۇپ شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەندۇ ؟ ئۆزىدىن يۇغان ئوغۇللىرىدىنمۇ ئەيمەنمىگەنمىدۇ ؟ پاختىنىڭ ئىچىدە چوغ ساقلىغىلى بولمايدىغان تۇرسا ، ناۋادا بۇ ئىشلار قىيناتامنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ قالسا بۇ ئائىلە نىمە بۇلۇپ كىتەر ؟ پەخىردىن بىلەن ئەپىردىنگە قانچىلىك ھار كىلىپ كىتەر ؟ ئىش ئاشكارىلىنىپ كەتمەي شۇ پىتى داۋاملىشىۋەرسىغۇ پەيزىگۈل ئۆز ئىشىنى يۈرۈشتۈرۈپ ياشىۋالا ، سەتنىڭ قېپى يېرىلىپ ، پەيزىگۈلنىڭ ھەر خىل شەكىلدە قىينانىمىزدىن غەللە - پاراق ئىلىپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىپ يۈرگىنىنى ئەپىردىن بىلىپ قالسا ئەر خۇتۇن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتمەسمۇ ؟ پەيزىگۈل ھەر قانچە بولسىمۇ شۇنچىۋالامۇ تەنتەكلىك قىلامدۇ دەيمەن ؟ ئۇف ! ئەمدى مەنمۇ ئۇقتۇم مانا بۇ ئىشنى ، پەخىردىنگە دەيمۇ يا بىلمەس بولۇپ يۈرەيمۇ ؟ … ھىلىقى روزىلەم دىگەن قايسى مەھەللىلىك ، زادى قانداراق كىشى بولغىيتتى ؟ پەيزىگۈلنىڭ : ئاۋازىدىن قارىغاندا ئۇ قىيناتىمىز ھەتتا قىينانىمىزدىنمۇ ياشتەك قىلىپ تۇرىدۇ ، قىينانىمىزدەك قېرى خۇتۇنغا بۇزۇلغىنىغا قارىغاندا ئۇ يەنە چۇقۇم بىر كەمبەغەل ئادەم دىگىنىغۇ ئۇنىڭ پەرىزى دەپ ئويلىدىم ، ئۇنىڭ پەرىزىمۇ ئورۇنسىز ئەمەس ، چۈنكى ھەر قانداق ئادەم قولىدا يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى ئەمەسمۇ … ۋاييەي ! ئىشلارنىڭ ئاخىرى نىمە بولۇپ كىتەر ھە ؟ پەيزىگۈل بۈگۈن نەگە بېرىپ نىمە ئىشقا يۇلۇققىنىنى دەپ بېرىشكە تىخى ئۈلگۈرمىگەنتى ، پەخىردىن سەل ھايالشىپ كىرگەن بولسىغۇ ئۇ ئىشنىمۇ ئاڭلاپ باققان بولسام ، بەلكىم ما ئىشلارنىڭ پوقىنى تىزراق جىمىقتۇرىۋالغىلى بولار بولغىيتتى ؟ پەيزىگۈل ، ھەي تەنتەك پەيزىگۈل ! قىلىۋاتقان ئىشىڭ كۆڭۈل ئاغرىقى تىپىپ بەرمىسىلا بولاتتىغۇ …

ئەتىسى ناشتىدىن كىيىن پەخىردىن بىلەن ئەپىردىن ئۆز ئىشلىرىغا ، ھاشىم بىلەن قاسىممۇ تىجارەت بىلەن قاياقلارغىدۇ كىتىپ ئۆيدە نوچىگۈل ، پەيزىگۈل ، گۆھەرخان ، ئايزىمخان ، شەكىلە قاتارلىق بەش ئايال كىشىلا قالغان بۇلۇپ ، نوچىگۈل بىلەن پەيزىگۈل ئاشخانىدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئەمدى ھويلىغا چىقىشىغا ئاتايىن ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان شەكىلە لوڭڭىدە قىلىپ :

- پاراڭلاشساق بوپتىكەن ، - دەپ نوچىگۈلگە قادالدى . ئۆز كۆڭلىدە ئۇنى بۇرۇن پەخىردىنگە سوۋۇنۇپ يۈرگەنلىرى ئۈچۈن خىجىل بولۇپ نوچىگۈلگە ناماقۇل بولماقچى دەپ ئويلىۋالغان پەيزىگۈل نوچىگۈلگە ۋەكالىتەن ئالدىراشلا جاۋاپ بېرىۋەتتى .

- ھازىر ھەممىمىز ئۇرۇق تۇغقان بولۇپ قالدۇق ئەمەسمۇ ، نوچىگۈل بۇرۇنلا ئۆتكەنگە سالىۋات دەۋەتكەن ، شۇنداقمۇ يە نوچىگۈل ؟ ھە ، شۇڭا سىز ئارتۇقچە خىجىل بۇلۇپ ئۆزىڭىزنى چۈشەندۈرمىسىڭىزمۇ … - دىيىشىگە شەكىلە پەيزىگۈلگە يۇغان بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ گىپىنى چۇرتلا ئۈزىۋەتتى .

- سىز ئۇنىڭ باياناتچىسىما ؟ يەنە ! ئا چاپاق كۆزىڭىزنى بىسىپ تۇرۇپ ئۇۋىلىۋىتىپ سىنچىلاپ قاراپ بىقىڭ ، مىنىڭ ما تۇرقۇمدىن سىلەرگە ناماقۇل بولىدىغاندەك تۇرامدىم ؟ بۇ قىتىم مەن بۇ يەرگە بەزىلەر بىلەن ئاچا سىڭىل بولغۇم كىلىپ ئەمەس ، دىيىشكە تىگىشلىكنى دەپ ، قايتۇرىۋىلىشقا تىگىشلىكنى بىرنى قويماي قايتۇرىۋالاي دەپ كەلدىم ، ئەتە بىز قايتىدىكەنمىز ، شۇڭا بۈگۈن چۇقۇم پاراڭلىشىشىمىز كېرەك ، - يىرتىق ئىشتاندىن بومبا ئىتىلغاندەك دىيىلگەن بۇ گەپلەر ئىككى قىزنىڭ يۈرىكىنى ئوبدانلا سىقىراتقان بۇلۇپ ، ئۇلار بىر تۇرۇپ جىيلى بولدى ، يەنە بىر تۇرۇپ جىددىيلەشتى .

- قىلىدىغاننى قىلىپ بۇلۇپ خىجىل بولماقتا يوق نىمانداق چوڭ سۆزلەيدۇ ماۋۇ ؟ كىم بۇنىڭ بىلەن ئاچا - سىڭىل بولۇشقا خۇشتاركىنا ؟ يامىنى كەلسە مومامنى دەۋالاتقاندىكى پۇلنى قايتۇرۇڭلار دەيدىغاندۇ شۇ ، قايتۇرساق قايتۇرارمىز ، تىرىكلىك جاھاندا بىر ئامالى بولۇپ قالار بىزگىمۇ … - دەپ ئويلىدى پەيزىگۈل دەماللىققا . نوچىگۈل بولسا : نىمىلا بولمىسۇن بىر قۇرساقتىن چىققان قېرىنداشقۇ بىز ؟ شۇنچىۋالا قەھرى بىلەن چالۋاقاش كىتەمدۇ دەيمەن ؟ ئۇ پۇللارنى ئاستا ئاستا قايتۇرۇپ بېرەتتۇق ئەمەسمۇ ؟ بۈگۈنلا قايتۇرۇڭلار دىسە قانداقمۇ قىلارمىز ئەمدى ؟ … دەپ ئىختىيارسىز ئۇھسىنىپ قويدى .

- پاراڭلاشساق پاراڭلاشتۇق ! كىم كىمدىن قورقاتتى ؟ مۇشۇ يەردە تۇرغان پەدىمىزدە پاراڭلىشىۋېرەمدۇق يا خالىيراق بىزنىڭ ھوجرىغا كىرەمدۇق ؟ - پەيزىگۈل قوللىرىنى ئۇيان بۇيان پۇلاڭشىتىپ سۆزلىگەچ ئالدىغا بىر قەدەم مىڭىۋىدى شەكىلە ئىككىسىنىڭ پۇت قولىنىڭ ھەركەتلىنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەن نوچىگۈل ئۇنى چىڭ تۇتىۋالدى .

- مىنىڭ سىلەرنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ سىلەر بىلەن تالاش تارتىش قىلغۇم يوق ، شۇڭا سىرتقا چىقايلى ، - شۇنداق قىلىپ ئۈچ قىز گۆھەرخان بىلەن ئايزىمخانغا : ئۈچەيلەن سىرتلارنى ئايلىنىپ كىرىمىز ! دەپ قۇيۇپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىشتى .

شەكىلە ئالدىدىراق نوچىگۈل بىلەن پەيزىگۈل قولتۇقلىشىپ كەينىدىرەك مىڭىپ ئۈچەيلەن بازارغىمۇ كىلىشتى .

- بۇنداق نامايىشچى ئەسكەرلەردەك كوچىدا مىڭىپ يۈرۈپ كۆڭۈلدىكىدەك پاراڭلاشقىلى بولمايدۇ خىنىم ، ھىچبولمىسا بىرەر راڭپىيزىخانىغا كىرىپ بىر تەخسىدىن لەمپۇڭ يىگەچ بولسىمۇ پاراڭلىشايلى ، ھاردىم مەن ، - پەيزىگۈلنىڭ شەكىلە بىلەن پەقەت خوشى بولمىغاچقىمۇ كەينىدىن ئۈن تىنسىز مىڭىۋېرىپ زېرىكتى بولغاي ئاخىرى ئۇنى توختاتتى . شەكىلە ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ مۇۋاپىق دەپ قارىغۇدەك بىرەر جاينى ئىلغا قىلالمىدى بولغاي لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ دىمىقىنى قاققىنىچە :

- نەگىلا قارىسا ئوچۇقچىلىق ، مەينەتچىلىك ! بۇنداق يەردە قانداقمۇ خاتىرجەم پاراڭلاشقىلى بولىدۇ ؟ بۇ يەردە مۇنداق قەھۋەخانا ، تورتخانا ھىچبولمىسا چايخانىمۇ يوقكەنغۇ ، سەھرا دىگەنغۇ ئۇچىسىغا ساڭگۇل - سۇڭگۇل بىر نىمىلەرنى ئارتىۋىلىپ ، چوڭ كوچىدا چىرقىرىشىپ يۈرىدىغان ئىپتىدائىي ئادەملەر ياشىسا بولىدىغان جايكەن زادى … - دىيىشىگە پەيزىگۈل ئىتىلىپ كىلىپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە يىيىلىپ تۇرغان چىچىغا چاڭگال سېلىپ بىرلا سىلكىۋىدى ئۆزى پەرەز قىلغاندەك دەلدەڭشىپ كىلىپ يىقىلىپ كەتمەي ، بىشىنى ئاقلىۋەتكەن ياڭيودەك قىلىپ تۇرغان جايىدا شۇ پىتى تۇرۇپ قالدى ، ئۇنىڭ بىشىدىكى چاچ بولسا پەيزىگۈلنىڭ قولىدا تۇراتتى .

- ئا !!! ساراڭ ياۋايى ! - شەكىلە ئاچچىق چىرقىراپ بىشىنى بىلەكلىرى بىلەن قاماللىغىنىچە زوڭزىيىپ ئولتۇرىۋالدى . پەيزىگۈل بولسا بىردە قولىدىكى چاچقا ، بىردە ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغان شەكىلەنىڭ تاقىر بىشىغا قاراپ بىردەم تۇرۇپ قىلىپ كەينىدىن قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى .

- ئەستا ، ئەستا ! خەقنى چوڭ كوچىدا بۇنداق زاڭلىق قىلساق بولمايدۇ ، ئەكەلگىنە ! - نوچىگۈل پەيزىگۈلنىڭ قولىدىكى چاچنى يۇلۇپ ئىلىۋىلىپ شەكىلەگە كەيدۈرۈپ قۇيۇش ئۈچۈن يالغان چاچنىڭ ئالدى كەينىنى تاپالماي ئاۋارە ئىدى .

- كىم ئۇنى ئۇنداق سەھرا ، مۇنداق سەھرالىق دەپ چوڭچىلىق قىلسۇن دەپتۇ ، خوپ بولدى تازا ، - پەيزىگۈل كۈلكىسىنى تىخىچە توختىتالمىغان بۇلۇپ ، قارىماققا ئۇ يېرىم پۇخادىن چىقىپ بولغاندەك كۆرىنەتتى .

يالغان چاچ شەكىلەنىڭ تاقىر بىشىغا كەيدۈرۈلگەندىن كىيىن نوچىگۈل شەكىلەنى قولتۇقلاپ ، پەيزىگۈل ئۇ ئىككىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مىڭىپ ئۇدۇل تەرەپتىكى بىر تاماقخانىغا كىرىپ بۇلۇڭغىراق بىر ئورۇنغا بېرىپ ئورۇنلاشتى .

- قىپقىزىل ساراڭكەنسىز سىز ! قاچانلا قارىسا غالجىر ئاسلاندەك ئادەمگە ئىسىلىمەنلا دەپ يۈرگەن ، تەربىيە كۆرمىگەن !

- ئۆزىڭىز تەربىيە كۆرگەن بولسىڭىز نىمىشقا سەھرالىقنىڭ ئاش نېنىنى يەپ تۇرۇپ سەھرالىقنى بىر نىمە دەيسىز ؟ شەھەرلىك شۇنداق يۇغان ئادەم بولسا ئاش - نان يىمەي ، تاش - تۇپراق يىسۇن دىگەننى بىلدۈرۈپ قۇياي دىدىم شۇ …

- بولدى ، بولدى ! تالاشماڭلار ، ئارتۇق جىدەلنى قۇيۇپ نەق گەپنىلا دىيىشەيلى ، - گەرچە ئىككى قىزنىڭ تالاش تارتىشى بىر باشقا چىقمىغان بولسىمۇ نوچىگۈلنىڭ بۇ گىپى بىلەن ھەر ئىككەيلەن ئۆز ئارا ھۈرپىيىشتىن توختاپ ئالدىدىكى چايدىن ئوتلاشتى .



ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن

ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ



نادىر ئەسەرلەر






بەختىمگە پۇتلاشماڭ

سۈيۈملۈك رەقىبىم

ئايچېچەك

مۇراببا تەملىك ھايات

قاشقا سانىساڭ كۆزگە

ۋىسال



维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章