بۇلغانغان ھاۋارايىدا ياشاۋاتقانلار ئۆپكىڭىزنى مۇنداق تازىلاڭ

文摘   2024-12-16 20:04   新疆  

كۈز ۋە قىش پەسلىدە تۈتەكلىك ھاۋارايى  بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقتىن، تۇرمۇشىمىزدا تۈتەكتىن ساقلىنىش ۋە ئۆپكىنى تازىلاشتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆز پەيدا بولدى. تۈتەكلىك ھاۋارايى شارائىتىدا، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاپ يۈرۈشتىن باشقا، سالامەتلىكنى يەنە يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەڭشەش لازىم. 

تۆۋەندىكىدەك يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى ئارقىلىق ئۆپكىنى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ

1. پېچەكگۈل (山药)

تەركىبىدە كۆپ قەنتلىك ئاقسىل بىرىكمە ماددىسى «يېپىشقاق ئاقسىل» بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە قارىتا ئالاھىدە ساقلىق ساقلاش رولى بار، تالنى كۈچەيتىپ ئاشقازاننى ئاسرايدۇ، ئۆپكىنى ئاسراپ بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ. پىچەكگۈلنى دۈملەپ، ئۈستىگە ئازراق شېكەر قوشۇۋەتكەندە بالىلار تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. 


2. ئاق تۇرۇپ (白萝卜)

ئاق تۇرۇپنىڭ تەركىبىدە قىچا مېيى، كىراخمال ئېنزىمى ۋە يىرىك تالا بار بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش رولىغا ئىگە. ئاق تۇرۇپ قوشۇلغان قوۋۇرغا شورپىسى، ئاق تۇرۇپ سېلىپ قاينىتىلغان سۇ قاتارلىقلار تۈتەكلىك كۈنلەردىكى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. 


3. نېلۇپەر يىلتىزى (莲藕)

نېلۇپەر يىلتىزى يۈرەككە قان تولۇقلايدۇ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ. نېلۇپەر يىلتىزى شورپىسى كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ئۆپكىنى تازىلايدۇ. نېلۇپەر يىلتىزى قوۋۇرغا شورپىسى ياكى سوغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان نېلۇپەر يىلتىزىمۇ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. 


4. ئاققۇلاق (银耳)

ئاق رەڭلىك يېمەكلىكلەر ئىچىدە ئاققۇلاقنىڭ «زەمبۇرۇغلار شاھى» دەيدىغان نامى بار بولۇپ، خاراكتېرى مۆتىدىل. بەدىنى سوغۇق ياكى ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ، يەنە ئۈچەينى تازىلاش رولىمۇ بار. ئاققۇلاق، ئاق نەشپۈت، گۈلسامساقنى قاينىتىپ دۈملىگەندە تۈتەكلىك كۈنلەردىكى خاسىيەتلىك سۇغا ئايلىنىدۇ. 


5. ئاق نەشپۈت (雪梨)

ئاق نەشپۈتنىڭ تەركىبىدە ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، ۋىتامىن B1، B2، ۋىتامىن C ۋە كاروتىن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار. ئاق نەشپۈتنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى، خاراكتېرى ئازراق سوغۇق بولۇپ، ھۆللۈك ھاسىل قىلىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىش رولى بار. ئاق نەشپۈتنى سۇدا قاينىتىپ ياكى شىرنىسىنى سىقىپ، گۈلسامساق، بۇسات ئوتى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا ئۈنۈمى دورىدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ. 


6. قارا قېرىنقۇلاق (黑木耳)

قارا قېرىنقۇلاق تەركىبىدە يېلىم ماددىسى مول بولۇپ، نەپەسلىنىشتىن ئادەم بەدىنىگە كىرگەن چاڭ-توزان، ئارىلاشما ماددا، ئەخلەت قاتارلىق بۇلغىما ماددىلارنى يىغىپ سۈمۈرۈپ، بەدەن سىرتىغا ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئۈچەي ۋە ئاشقازاننى تازىلاش، ئۆپكىنى تازىلاش ۋە ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قارا قېرىنقۇلاق كان، توقۇمىچىلىق ۋە خىمىيە سانائىتى ئىشچىلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ساغلاملىق يېمەكلىكى، يەنى تۈتەكتىن ساقلىنىشتىكى زۆرۈر يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. قارا قېرىنقۇلاقنى پېچەكگۈل بىلەن قورۇغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 


7. گۈلسامساق (百合)

ئۆپكە ئەسلىدىلا قۇرغاقلىقنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ، قۇرغاق شارائىتتا ئاسانلا زەھەرنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گۈلسامساقنىڭ ئۆپكىنى ئاسراش رولى بار بولۇپ، ئۆپكىنىڭ زەھەرگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. 



8. موموردىكا (罗汉果)

موموردىكانىڭ «ئەۋلىيا مېۋىسى» دېگەن نامى بار بولۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلاش، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىشتىكى ئالدىنقى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. تۈتەك كۈنلىرى موموردىكا چېيىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرگەندە بۇلغانغان ھاۋا تەسىرىدىن پەيدا بولغان گال قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆپكىنى سىلىقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. موموردىكا تەركىبىدىكى قەنتنى ئادەم بەدىنى سۈمۈرەلمەيدۇ، شۇڭا سەمرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. 


9. تۇخۇمەك گۈل ھەسىلى (槐花蜜)

تۈتەكلىك كۈنلەردە، نۇرغۇن كىشىلەر ماسكا تاقاپ سىرتقا چىقىدۇ، بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا كېكىردەك بىئارام بولۇپ، ئۇسساشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق چاغدا بىر ئىستاكان سۇس ھەسەل سۈيى ئىچكەندە، ھەسەل تەركىبىدىكى قەنت بەدەننىڭ سۇ سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كېكىردەكنى سىلىقلاش، بىئاراملىقنى بېسىش رولىنى ئوينايدۇ. 


10. نېلۇپەر ئۇرۇقى (莲子)

تۈتەكلىك كۈنلەردە ھاۋا سۈپىتى ناھايىتى ناچار بولغانلىقتىن، نەپەس سىستېمىسى ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچراپ، جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، جىددىي خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى، زىققا قاتارلىقلار ھەمىشە كۆرۈلىدۇ. ئۆپكىنى سىلىقلايدىغان، ئۆپكىنى تازىلايدىغان، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىدىغان يېمەكلىكلەر بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان ياخشى تاللاش بولۇپ، نېلۇپەر ئۇرۇقىنى ياخشى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. 


11. ئۆرۈك مېغىزى (杏仁)

ئۇزاق مەزگىل ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋادا تۇرغاندا، ئۆپكىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا دۆلەتلىك راك تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەڭ يېڭى بايقىشىچە، تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ۋىتامىن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان تەبىئىي يېمەكلىك بولۇپ، تۈتەككە قارشى تۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ


بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章