ئائىلىدە داغ، سەپكۈن يوقىتىشتىكى 6 خىل يەرلىك رېستىپلار

文摘   2024-12-23 20:02   新疆  


ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ يۈزىدە ياكى پۇت قولىدا داغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ، شۇنىسى سەمىڭىزدە بولسۇنكى ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ تېرىڭىزنى مەخسۇس ئاسرىتىش بىلەن بىللە، كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ داغ يوقىتىشقا سەل قارىماڭ. 

1. سەۋزە سۈيىگە كالا سۈتى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر ئاخشامدا يۈزگە سۈركەپ ئەتىسى ئەتىگەندە يۇيۇپ بەرسە بۇلىدۇ .

2. يۇمغاقسۈتنى يىلتىزى بىلەن بىللە يۇيۇپ قاينىتىپ 

سۈيىدە ئىزچىل يۈز يۇسا يۈزدىكى سەپكۈن بارا بارا يوقاپ كېتىدۇ.

3. گۈرۈچ سىركىسىگە، بايناقنى چىلاپ سۈيىنى ھەركۈنى يۈزگە سۈركەپ بەرسە يۈزدىكى سەپكۈن يوقىلىدۇ.

4. ھۆل زەنجىۋىلدىن ئەللىك گرام ياكى قۇرۇق زەنجىۋىلدىن 25 گرامنى %50 لىك ئىسپىرتقا، ھاۋا ئۆتكۈزمەي 15 كۈن چىلاپ سۈيىنى، ئەتىگەن ئاخشىمى، يۈزنىڭ داغ چۈشكەن يېرىگە سۈركىلىدۇ.

5. شاپتۇل ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ ھەرقايسىسىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ سۇغا چىلاپ، سۈزۈلگەن سۈيىدە يۈز يۇسا سەپكۈن سۇسلايدۇ.

6. ئالمىنى ئاقلاپ سىقىپ سۈيىنى چىقارغاندىن كېيىن سۈيىنى يۈزگە سۈركىسە بۇلىدۇ، ئەگەر تېرە قۇرغاق زىيادە سېزىمچان بولسا ئالما شەربىتىگە مۇۋاپىق مىقداردا سۈت ياكى زەيتۇن مېيى قوشۇلىدۇ، مايلىق تېرە بولسا تۇخۇم ئېقى قوشۇلىدۇ، تەييارلانغان مەلھەمنى يۈزگە سۈركەپ، ئون بەش يىگىرمە مىنۇتتىن كېيىن قىزىق لۆڭگە بىلەن سۈرتۈۋېتىلىدۇ، مەلھەمنى يۈزگە كۈن ئاتلاپ سۈركەپ بەرسە يۈزدىكى داغ يوقايدۇ.


يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ



بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章