ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
دورا يەپ تولۇقلىغاندىن يېمەكلىك بىلەن تولۇقلىغان ياخشى ئاياللارنى سۇدىن يارىتىلغان دەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئازراقمۇ ساختا ئەمەس . سۇ ئاياللارغا نىسبەتەن بەك مۇھىم ، سۇنىڭ ئاز كۆپلىكى ئاياللارنىڭ تېرىسىنىڭ يېشىنى بەلگىلەيدۇ .
تۆۋەندىكى سۇ تولۇقلايدىغان رېتسىپلارنى بىلىۋالسىڭىز ، پۇل خەجلەپ ھۆسن تۈزەش مەركىزىگە بېرىپ يۈرمەيسىز .
قارا شېكەر-كىرەش تۇخۇمى
بىر ھەپتىدە 1-2 قېتىمغىچە ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، چىرايى سارغىيىش،( ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، مىقدارى ئاز بولۇپ قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئۈنۈمى بەك ياخشى)
ماتىرىياللار: كىرەش 15 گىرام، تۇخۇم 100 گىرام، قارا شېكەر 30 گىرام
ئېتىش ئۇسۇلى: بارلىق ماتىرىياللارنى تەييار قىلىۋالىمىز. كىرىشنى سۇغا 10 مىنۇت چىلاپ قويىمىز، ئاندىن چىش چوتكىسى بىلەن چوتكىلاپ يۇيۇپ پاكىزلايمىز. كىرەشنى نېپىز پارچىلايمىز. كىرەشنى قازانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۈزۈك سۇ قۇيىمىز، چوڭ ئوتتا قاينىتىۋالغاندىن كېيىن ئوتنى كىچىكلىتىپ 15 مىنۇت قاينىتىمىز.
تۇخۇمنى قازانغا سېلىپ، تۇخۇم چۆككۈدەك سوغۇق سۇ قۇيۇپ پىشۇرۇۋالىمىز. ئېلىپ سوغۇق سۇغا چىلاپ قويىمىز، ئاندىن تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويۇۋىتىپ،ۋېلكا بىلەن تۇخۇمنىڭ ئېقىنى تېشىپ قويىمىز. ئاقلىغان تۇخۇمنى كىرەش سۈيىگە سالىمىز.
ئوتنى چوڭايتىپ قاينىغاندىن كېيىن 10 مىنۇت پىشۇرىمىز. قارا شېكەر سېلىپ ئېرىگۈچە قاينىتىمىز. سوۋۇتۇپ يېسەك بولىدۇ.
چىلان-قارا شېكەر زەنجىۋىل
ماتىرىياللىرى: - چوڭ چىلان 6 تال، زەنجىۋىل 1 پارچە، قارا شېكەردىن بىر قوشۇق، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ
ئېتىش ئۇسۇلى : - چىلاننى سۇغا چىلايمىز، ئاندىن چوتكا بىلەن چىلاننى چوتكىلاپ يۇيىمىز. 2. يۇيۇۋالغان چىلاننى پارچىلايمىز. 3. زەنجىۋىلنى پارچىلىۋالىمىز. 4. چىلان بىلەن زەنجىۋىلنى قازانغا سالىمىز. 5. ئوتنى ئېچىپ سۇنى قاينىتىۋالىمىز. 6. قارا شېكەرنى سالىمىز. 7. ئوتنى كىچىكلىتىپ پىشۇرۇۋالىمىز. 8. ئىستاكانغا قۇيۇپ ئىچسەكلا بولىدۇ.
چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، بەدەننى ئىللىتىش ،ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئاغىرىتىپ كېلىشنى توختۇتۇشقا پايدىلىق، بالىياتقۇنى ئاسراپ، داغ، سەپكۈننى يوقۇتۇپ، يۈزگە كۆپ مىقداردا سۇ تولۇقلايدىغان بۇ رېتسىپنى چوقۇم بىلىۋېلىڭ، ھەپتىدە ئاز دىگەندە ئۈچ قېتىم ئىستىمال قىلىپ ھەم گۈزەل ھەم ساغلام ئايال بولۇڭ!!
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز