دائىم كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى (كولا قاتارلىق)ئىچىش ئادەم بەدىنىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ ؟1. چىشنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ :- كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئاز مىقداردا ئىچسە ئادەم بەدىنگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئەمما ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىچكەندە ئاسانلا چىشنى چىرىتىدۇ. كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەردىكى فوسفات كىسلاتاسى، كاربونات كىسلاتاسى چىش ئېمال ماددىسى بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، چىش ئېمال ماددىسى كالتسىيسىزلىنىپ، چىشتىكى مىنېرال ماددىلار ئېرىپ، چىش يۈزى نېپىزلەپ، سىرتقى يۈزى چۈرۈكلىشىپ، ئارقىدىنلا چىش كەمتۈك بولۇپ قېلىش، چىش مىلىكى چىرىش قاتارلقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى بىز مېدىتسىنادا« چىش كىسلاتالىشىپ چىرىش كېسىلى» دەپ ئاتايمىز .2. سەمىرتىۋىتىدۇ : - كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە% 10 ئەتراپىدا شېكەر بولۇپ، بىر بوتۇلكا ئىچىملىكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بىر-ئىككى يۈز كىلوكالورىيىگە يېتىدۇ، شۇڭا دائىم كولا قاتارلىق كاربونات كىسلاتالىق ئىچملىكلەرنى ئىچسە ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ.يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز