سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
11- قىسىم
گۆھەرخاننىڭ گۈلقەقەلىرى سەكسەن يېرىدىن ئىچىلىپ مۈكۈپ تۇرغان يېرىدىن بۇرۇلۇپلا لىكىلدىغان پەدىسىدە ھەۋزىخاننىڭ ئۆيىگە قاراپ ئۇچتى . ھەجەرخان يىتىپ بېرىپ تىخى رەسمىي گەپكە ئۆتمەي تۇرۇپلا ئۇمۇ ھۆمۈدىگەن پىتى يىتىپ باردى . بۇ سۆرۈن مىھماننى كۆرۈپ ھەۋزىخاننىڭ چىرايى سەت ئۆڭۈپ ، ھەجەرخانمۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنغىنىچە يۇغان بىرنى ئالىيىۋەتتى . گەرچە ھىچكىم قارشى ئالمىغان بولسىمۇ ئۆزى چاغلاپلا ھەجەرخاننىڭ يىنىغا كىلىپ ئورۇنلاشقاچ :
- چىرايلىق يارىشىقى بىلەن ، ئىسسىقىدا قۇدا بولىشىۋالامدۇق يە ئەتىۋارلىق قىزلىرىنىڭ قۇرسىقى دومبىيىپ چىققاندا بالىنىڭ دادىسىنى ئىزدەيدىغان كۈننى خالاملا ھەۋزىخاچا ؟ مەن بۈگۈن …
- سىسىق تىللىرىنى سۇغىرىۋالماستا تېش كۆزۈمدىن يوقىلىۋالاملا گۆھەرخان ، تاماقنىڭ ئورنىغا پوق يەپ كىرگەندەك نىم يوق گەپنى قىلىدۇ ما ساراڭ خۇتۇن ، - ھىلىلا ئوڭلۇق كىتىپ قالغان ئادەمنىڭ بىردەمدە ساراڭغا ئايلىنىپ كەينىدىن كەلگىنىدىن ئەقلى ھەيرانۇ - ھەس قالغان ھەجەرخان ئىتىلىپ كىلىۋاتقان ھەۋزىخاننى چاچراپ تۇرۇپ تۇتىۋالدى ۋە :
- سىلىنىڭ خىياللىرى زادى نىمە گۆھەرخاچا ؟ تىخى بايىلا ھىچ ئىشقا چىپىلمايمەن دىگەن ئىدىلە ، بىردەمدە نەدىكى پوقنى يەپ كەلدىلە كەينىمدىن ، ئۆزلىرىنى بىسىۋالسىلا ھە ھەۋزىخاچا ، مەن پاراڭلىشاي بۇ خۇتۇن بىلەن ، - دەپ جىڭ ساراڭدەك ھىجاراپ ئولتۇرغان گۆھەرخانغا گۆلەيدى .
- پوقنى مەن ئەمەس ما موماينىڭ تىپىلغۇسىز ئەخلاقلىق ، يۈزى تۆۋەن قىزلىرى يەپتۇ ، ھازىر ھىچنىمە دىمەي تۇراي مەن ، ھىلى قىزلىرى قايتىپ كەلسە نەگە باردىڭ ، كىم بىلەن نىمە ئىشلارنى قىلىپ كىردىڭ دەپ ئۆزىدىن سوراپ كۆرسىلە ، ھىھ ؟ - گۆھەرخاننىڭ گەپ ۋە ئوزايىدىن ھەۋزىخان بىلەن ھەجەرخان ھەم ھەيران قالدى ھەم چۈشىنىكسىز بىر غەمگە چۆكۈشۈپ قالدى .
- نەگە باردىڭ ؟ - ئۆيدە مىھمان بارلىقىدىن بىخەۋەر كىرىپ كەلگەن نوچىگۈل مومىسىنىڭ ۋارقىراپ سورىشىدىن چۆچۈپ ، باشقا ئىككى ئايالدىن ئۇيالغىنىچە يەرگە قاراپ بۇسۇغا تۈۋىدىلا تۇرۇپ قالدى .
- گەپ قىل دەيمەن ! نەگە ، نىمىش قىلغىلى باردىڭ ؟ - قىز يەنە بىر قىتىم چۆچۈپ مومىسىنىڭ چىرايىغا تەلمۈرگىنىچە ئارانلا :
- سوپۇن ئالغىلى دۇكانغا باردىم ، - دىيەلىدى .
- خەق سىنى بىر كىملەر بىلەن كۆرۈپ قاپتىغۇ ؟ كىمۇ ئۇ ؟ نىمىش قىلغانتىڭ خەقنى بۇنچە خوش قىلىۋەتكۈدەك ؟ - بۇ قىتىم قىز ئۆزىگە قادىلىپ تۇرغان ئۈچ ئايالغا دەممۇدەم ئۈمتەلگىنىچە يىغلاپ تاشلىدى ، لىكىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى . ئىشلارنىڭ تازا قاملاشمايۋاتقىنىنى پەملىگەن ھەجەرخان ئەقلىنى ئىشلىتىپ نوچىگۈلنىڭ قولىدىن تارتىپ ھويلىغا ئىلىپ چىقىپ يېرىم سائەت بۇرۇن نەدە نىمىش قىلغىنىنى تەپسىلى سوراپ بىلىۋالغاندىن كىيىن قىزنى ئادەم ئولتۇرمايدىغان يەنە بىر ئېغىز ئۆيگە كىرگۈزىۋىتىپ ، تالاغا چىقىپ پەخىردىننى مۇشۇ ئۆيگە چاقىرىپ كىلىشكە بالا يۈگۈرتتى . ئاندىن ھەۋزىخان بىلەن گۆھەرخان تەتۈر قارىشىپ قالغان ئۆيگە يىنىپ كىردى ، قىزنى ئاقلىيالايدىغان بىردىنبىر گۇۋاھچى كەلمەي تۇرۇپ مۇھىم گەپلەرنى دىيىشمەي تۇرۇش كېرەك بولسىمۇ ئايال خەقنىڭ خاراكتىرى بويىچە ئاز تولا تالاش - تارتىش بولغاچ تۇردى .
بىر چاغدا ئىشىكتىن ئوغلى پەخىردىننىڭ لوڭڭىدە كىرىپ كىلىۋاتقىنىنى كۆرگەن گۆھەرخان سەل ھودۇقتى ، لىكىن كۆرگەنلىرى ھەقىقەت بولغاندىكىن يەنىلا گىدىيىپ ئولتۇرىۋەردى . ھەجەرخان باشچىلىقىدا سەن نىمە قىلغان ؟ ئۇ نىمە قىلغان ؟ سەن نىمىشقا ئۇنداق قىلغان ؟ … لار داۋاملىشىپ ئىنىقلاندىكى :
قىزلارغا باشقا ئەلچىلەرنىڭ كىلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ ئولتۇرالمىغان پەخىردىن بۈگۈن ئاتايىن قىزنى ئىزدەپ چىققانلىقىنى ، خېلى ئۇزۇن ساقلىغاندا ئاندىن قىزنىڭ سىرتقا چىقىپ دۇكانغا ماڭغىنىنى ، قولايسىز بولۇپ قىلىپ قىزغا گەپ قىلالماي ، يىراقتىن ئەگىشىپ ، مىڭ تەستە ئادەم يوق يەرگە كىلىپ ئاندىن گەپ قىلىشقا پۇرسەت بولغىنىنى ، لىكىن قىز ئۇنىڭغا قارىماي قويغاچقا كۆڭلىكىنىڭ يىڭىدىن تارتىپ ئۆزىگە قاراتماقچى بولغىنىنى ، گۆھەرخاننىڭ شۇ ئىشنى كۆرۈپ قىلىپ يولسىزلىق قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئىنىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى .
- نىمىشقا دائىم مۇشۇنداق ئىشنى بۇزىدىغان قىلىق بولسىلا سەن قىلىسەن ئاپا ؟ خىيالىڭدا نوچىگۈلنى تويدىن بۇرۇن ئۇغلۇم بىلەن سۆرىشىپ يۈرگەن دەپ قارىلىۋەتسەم باشقا بىرى ئالىمەن دىمەيدۇ ، ئاندىن بىز بىلەن مەجبورى قۇدىلىشىدۇ دەپ ئويلىۋالغان ئوخشايسەن . سەن قانداقلا قىلغىن ، نوچىگۈل مىنىڭ نەزىرىمدە مەڭگۈ ياخشى قىز ئاپا ، مەن ئۇنى ھەممىڭلارنىڭ رازىلىقى بىلەن ، چىرايلىق يارىشىقى ۋە ئىناۋىتى بىلەن ئەمرىمگە ئالىمەن ، ناۋادا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلالماي قالساممۇ ھەرگىز ئۇنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزمەيمەن ھەم باشقىلارنىڭمۇ ئۇنداق قىلىشىغا يول قويمايمەن . چوڭلار بىلەن ئەزەلدىن بۇنداق زۇكۇنلىشىپ قالىمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن ، گەپلىرىم چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭلار، - پەخىردىن بىشىنى يەردىن كۆتۈرمىگەن ھالدا دەيدىغان گىپىنى دەپ بۇلۇپ تىز تىز مىڭىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . گۆھەرخان ئوغلى گەپنى يىڭى باشلىغاندىلا : ۋۇ ئەخمەقنىڭ چار خالتىسى ! ئىشىنى ئوڭشاپ قۇياي دىسەم قاراپ تۇرۇپ ئۆزى بۇزغىلىۋاتقىنىنى ! مەن قىزىڭ بىلەن قىلىشقا تىگىشلىكنىڭ ھەممىنى قىلىپ بولغان دىگەن بولسا ، ئەمرىڭگە قاچان ئالىسەن قىزىمنى دەيتتى ئەمەسمۇ ! ھەي ئىسىت كالۋا ! … دىگەن ئوي بىلەن چىشلىرى كىرىشىپ كەتكەن ئىدى .
پەخىردىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۈچ ئايال خېلى ئۇزۇنغىچە سۈكۈتكە چۆكۈشكەندىن كىيىن ھەجەرخاننىڭ ئىچى پۇشتى بولغاي جىمجىتلىقنى بۇزۇپ گەپ ئاچتى .
- بۇ ئىشنى قانداق قىلساق بولا ئەمدى ؟ - ھەۋزىخان بىلەن گۆھەرخان جاۋاپ ئورنىغا تەڭلا ئېغىر تىنىپ سالدى ، ئاندىن گۆھەرخان يەر تىگىدىن ھەۋزىخانغا بىر قارىۋىلىپ :
- دادىسى ئىككىمىزنىڭ ئارزۇسىغۇ بالىلارنىڭ كۆڭلىدىكى قىز بىلەن تويىنى قىلىپ كۆڭلىمىزنى خاتىرجەم قىلىش ئىدى ، شۇڭا ھەۋزىخاچا سىلىمۇ قورساقلىرىنى كەڭرەك تۇتۇپ ئەھ ! دەۋەتكەن بولسىلا بولماسمۇ ؟ بىزمۇ كەملىرىنى تۇلۇقلاپ ، خاتالىرىنى تۈزىتىپ ئالدىلىرىغا قايتا كەلگەن بولساق ، - دىدى . ھەۋزىخان دىمىقىدا بىرنى كۈلىۋەتكەندىن كىيىن :
- ھىھ ! بۇ گەپچىزە مەن نەپسى يامانلىق قىلىۋىتىپتىمەندە گۆھەرخان ؟ - دىۋىدى ، ھەجەرخان ئالدىراپ ئېغىز ئاچماقچى بولغان گۆھەرخاننى شەرەت بىلەن توختىتىپ قويدى ۋە :
- سىلىنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان ، مەرت ئايال ئىكەنلىكلىرىگە ھەممىمىز قايىل ھەۋزىخاچا ، شۇڭا سىلىگە قايتا - قايتا يالۋۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىزغۇ ئەنە . ئۇنىمۇ قۇيۇپ ، بۇنىمۇ قۇيۇپ مۇشۇ بالىلارنىڭ تويىغا بىر قۇشۇلىۋەتسىلە بەك كاتتا ئىش بولاتتى ، - دەپ موماينىڭ كۆزىنىڭ بالىخانىسىغا قاراپ ئولتۇرىۋالدى .
شۇنچىۋالا ئىشلار يۈز بېرىپ كەتسىمۇ يەنە تاش چىشلەپ تۇرىۋىلىشقا يول بولاتتىمۇ ؟ ھەۋزىخاننىڭ يۈرىكىمۇ تاشتىن ئەمەس قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن مىھىر مۇھەببەتلىك بىر ئايالغۇ ؟ ئۆمرىنىڭ نەچچە كۈنلىكى قالغاندا ئۇمۇ ئاشۇ دىلى سۇنۇق نەۋرىلىرىنى پەخىردىن بىلەن ئەپىردىندەك ئىسىل يىگىتلەرگە تاپشۇرۇپ خاتىرجەم بۇلۇشنى خالىمامدۇ ؟ ھاشىم بىلەن گۆھەرخانمۇ ئۇلار بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشىۋالمايدىغۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى قىزمۇ ئانچە بوش ئەمەس ، ئىككىسى بىرلىشىدىغان بولسا ھاشىم بىلەن گۆھەرخانغا بوزەك بولۇپمۇ قالماس ؟ … ھەۋزىخان ئاخىرى يۇمشاپ بالىلارنىڭ توي ئىشىغا قۇشۇلىدىغىنىنى بىلدۈرۈپ ھەممەيلەننى خوش قىلىپلىۋەتتى .
سۈت بىلەن كىرگەن خۇي بولغاچقا گۆھەرخان بىلەن ھاشىم ئاز تولا كىبىرىنى كۆرسىتىپ ، ئۇلار ئۇنداق قىلسا ھەۋزىخانمۇ بوش كەلمەي ئاندا - ساندا ئانار پوستىنى چىشلىتىپ يۈرۈپ ئىككى جۈپ قىز يىگىتنىڭ تويىمۇ ھەر ھالدا تىنىچ ئامان ئۆتكۈزۈلۈپ بولدى . توي كۈنى ئۆي مەشرىپى يېرىم كىچىگىچە داۋاملىشىپ ، مەشرەپ ئاخىرلاشقاندا بولسا ئىككى كىلىنچەك قۇنۇشۇپ بەرگەن بىر توپ قىزلارنىڭ ئارىسىدا يىتىپ بىر غېرىچچە قالغان تۈننى بىردەمدىلا تاڭغا ئۇلىغان بولدى . قائىدە بويىچە توينىڭ ئەتىسى سەھەردە كىلىنچەكلەر مومىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەچقۇرۇن بولغاندا قىينانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇپمۇ كىلىندى ، شۇنداق قىلىپ ئىككى قىزنىڭ تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشى رەسمىي باشلاندى .
ئەپىردىن سىرتتىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ توي ئۈچۈن ئاتايىن ئوتقاشتەك جابدۇلغان ھوجرىسىغا كىرگەندە گۈزەل خۇتۇنى پەيزىگۈل كۈندۈزى كىيىۋالغان تويلۇق كىيىملىرىنىڭ بىرىنىمۇ ئالماشتۇرماي ، ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنىمۇ سىلىۋەتمەي قىپقىزىل كىرلىك سىلىنغان لۆم - لۆم كارۋاتنىڭ لىۋىدە مىھماندەك قورۇنۇپقىنا ئولتۇرۇپ كەتكەنىدى . خۇتۇنىنىڭ ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىدىن ، ئۆزلىكىدىن تىترەپ كىتىۋاتقان بارماقلىرىنى چىڭ تۇتىۋىلىشىدىن قاتتىق جىددىيلىشىۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى ۋە يىنىغا كىلىپ پەيزىگۈلنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ :
- كىيىملىرىڭىزنىمۇ ئالماشتۇرماپسىزغۇ ؟ ھوجرىمىزنى قانداقراق بىزەپتىمەن ؟ كارۋاتنى ياقتۇردىڭىزمۇ ؟ دادام ئاكام ئىككىمىزگە بىردىن ئاتايىن ئۈرۈمچىدىن ئەكەلدۈردى ، بەك راھەت ھە ؟ - دىيىشىگە پەيزىگۈل دىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ دەرىزە تەرەپكە بېرىپ كەينىنى قىلىپ تۇرىۋالدى .
- ماۋۇ قىلىننى ! ئىشىكتىن كىرىپلا كارۋاتنىڭ گىپىنى قىلىۋاتقىنىنى ! يەڭگە قىزلارنىڭ دىگىنى راسمۇ نىمە ؟ ئەر كىشى دىگەن راس بەك قورقۇنچلۇقكەن جۇمۇ ، نىمىشقىمۇ توي قىلغان بولغىيتتىم دەيمەن ؟ مومامنىڭ نامرات كەپىسىدە قىسىلساقمۇ نوچىگۈل ئۈچىمىز ياشاۋەرسەكمۇ بوپتىكەن ، يەنە يىقىن كىلىپ ئۇيەر- بۇيېرىمنى تۇتسا قانداق قىلارمەن ؟ مومامنىڭ ئۆيىگە كەتسەم يولدا قوقارمەنمۇ ؟ … - پەيزىگۈل كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلاپ تۇرىشىغا دىگەندەك ئەپىردىن كەينىدىن كىلىپ ئۇنىڭ قولىنى شۇنداقلا تۇتىشىغا توك سوققاندەك چۆچۈپ ، كىيىكتەك قىيغىتقىنىچە ئۆزىنى تالاغا ئاتتى .
- نەگە بارىسىز ؟ توختاڭ ھەي ! نىمە قىلىق بۇ ئەمدى ؟ - ئەپىردىنمۇ ھەيران قالغىنىچە پەيزىگۈلنىڭ ئارقىدىنلا يۈگۈردى . بۇ دەل ھاۋا سوۋۇشقا باشلىغان كۈز پەسلى بولغاچقا گۆھەرخانلارمۇ ھوجرىسىدا بۇلۇپ ، ھويلىدا بىرەر كىم باردەكمۇ قىلمايتتى . يىڭى توي قىلدۇق دەپلا ھويلىدا قوغلىشىپ يۈرگىنىنى ئاشكارىلاشقا پەقەت بولمايتتى . شۇڭا ئەپىردىن پەيزىگۈلگە ئاۋازىنى چىقارمايلا ئەگەشتى ، يەنە ئازراقلا كۈچىۋەتسە خۇتۇنىنىڭ بىلىكىدىنلا تۇتىۋالىدۇ دە كاپلا قىلىپ كۆتۈرۈپ ھوجرىسىغا ئەكىرىپ كەتسە بولىدۇ ، ئىشقىلىپ قانداقلا قىلمىسۇن ، توي كۈنى خۇتۇنىنى قاچۇرۇپ قۇيۇشقا بولمايدۇ . قەتئىي ئاۋازىمنى چىقارمايمەن دەپ ئويلىغان ئەپىردىن ئىختىيارسىز :
- ھەي ، ھەي ، ھەي ! پەيزىگۈل ! سىز ! - دەپ ۋارقىراپ سالدى ، چۈنكى پەيزىگۈل دەرۋازا تەرەپكە يۈگۈرمەي ئۇدۇل بارغانچە پەخىردىن بىلەن نوچىگۈلنىڭ ھوجرىسىنىڭ ئىشىكىنى غاچچىدە ئىچىپ كىرىپ كىتىۋاتاتتى .
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر