ئالتۇنلىرىڭىزنى مۇنداق تازلىسىڭىز يېڭى ئالغاندەكلا پارقىرايدۇ

文摘   2024-12-28 20:02   新疆  

سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن

كۆپ قىسىم كىشىلەر كولا ئىچىشكە ئامراق، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن بىر قۇتا كولا ئىچىپ بولۇپ چوڭقۇر بىر كېكىرىش ئادەمگە بىر خىل قانائەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ! كولانى بىۋاستە ئىچكەندىن باشقا يەنە بۇ ئورۇنلارغىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بىلەمسىز؟
1-زىبۇ-زىننەتلەرنى پاكىزلاش 


زىبۇ-زىننەتلەرنى ئۇزۇن مەزگىل تاقىسا رەڭگى ئۆڭۈپ قالىدۇ، بەزىلەر مەخسۇس دۇكانلارغا ئاپىرىپ يۇيدۇرۇشقا كۆزى قىيمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا بىر قۇتا كولا بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ! رەڭگى ئۆڭۈپ قالغان زىبۇ-زىننەتلەرنى كولاغا چىلاپ ئارقىدىنلا چىش چوتكىسى بىلەن چوتكىلاپ يۇيغاندا، يېڭى ھالىتىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ.
2-كىيىملەرنى تازىلاش 

كولا كىيىمدىكى غەيرىي پۇراقنى ۋە قان داغلىرىنى يوقىتىدۇ. كىيىمنى كىرئالغۇغا سېلىپ ئۈستىگە بىر قۇتا كولا قۇيۇۋەتكەندە، كىيىملەرنى پاكىزە يۇيغىلى بولىدۇ.
3-سۇ چەينىكىنى تازىلاش 


سۇ چەينىكىنى تازىلاشمۇ باش قاتۇرىدىغان ئىش، سۇ چەينىكىنى تازىلاش ئۈچۈن بىر قۇتا كولا بولسىلا كۇپايە. چاي چەينىكىنى بىر كۈن كولاغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە چاي داغلىرىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
4-سېغىزنى تازىلاش 

ئادەمنىڭ ئايىغىغا سېغىز چاپلىشىپ قېلىش ئادەمنى بەكلا بىزار قىلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاياغنىڭ سېغىز چاپلىشىپ قالغان يېرىنى كولاغا بىردەم چىلاپ ئاندىن سېغىزنى پىچاقتا قىرغاندا، ئاسانلا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
5-قازاننىڭ تېگىدىكى قارا داغلارنى تازىلاش 

قازاننى ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە قارا داغلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا قازانغا بىر قۇتا كولا قۇيۇپ بىردەم قاينىتىپ قويسىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ.
6-تۆمۈر داتلىرىنى يوقىتىش 

كولا تۆمۈر داغلىرىنى بىمالال يوقىتالايدۇ. كولانى قاچىغا قۇيۇپ، لاتىنى كولاغا چىلاپ داتنى سۈرتكەندە، ئاسانلا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

7-تەرەتداننى تازىلاش 

كولانى ئۇدۇللا تەرەتدانغا قۇيۇپ بىردەم تۇرغۇزغاندىن كېيىن سۇ ماڭدۇرۋەتسە، تەرەتداننى پاك-پاكىزە تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
8-زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش 

زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دورا ئىچىش ھاجەتسىز، بۇ ئىستاكان كولا-لىمون-زەنجىۋىل چېيى بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. كېسىپ تەييار قىلىۋالغان زەنجىۋىل، لىمون، كولانى قاينىتىپ، سۈيىنى ئىسسىق ۋاقتىدا ئىچىۋەتكەندە، زۇكامنى داۋالاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
9-مېدۇزا چىشلىۋالغاندىن كېيىنكى ئاغرىقنى توختىتىدۇ 

مېدۇزا چىشلىۋالغاندىن كېيىن كولا ئارقىلىق ئاغرىقنى توختاتقىلى بولىدۇ. كولانى ئۇدۇللا مېدۇزا چىشلىۋالغان يەرگە قۇيسا، ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك توختاتقىلى بولىدۇ.
10-تاماقتىكى ياخشى ياردەمچى 

كولا ئارقىلىق توخۇ قانىتى قورۇمىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەززىلىك تاماقلارنى ئەتكىلى بولىدۇ.
كولانىڭ يۇقىرىدىكىدەك سېھىرلىك ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى بىلەمسىز؟
مەزمۇنغا كەتكەن ئەجرىم بەدىلىگە ئاستى زەيكەننى بىرنى بېسىپ چەمبىرەككىمۇ يوللاپ قويۇڭ... رەھمەت سىزگە ئوماق دوستۇم!

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ


بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章