سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
7- قىسىم
ھەۋزىخان بىر ئويلىسا قورقتى ، شۇ تاپتا ئۆيدە نەۋرە قىزلىرىنىڭ تويلۇقىغا كەلگەن بىر مۇنچە ئالتۇن ۋە نەقپۇل بار، ناۋادا بىر نەچچە ئوغرى شېرىكلىشىپ چۈشكەن بولسا چاتاقنىڭ بەك چوڭى چىقاتتى . يەنە بىر ئويلىسا ھەيران بولاتتى ، تاڭ ئىتىپلا قالغان بۇ چاغ ھەرگىزمۇ ئوغرىلىققا چۈشىدىغان پەيت ئەمەستە . شۇ تاپتا ھەۋزىخان نەۋرە قىزلىرىنى ئويغىتىپ ئۈچەيلەن ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىرايدىغان بولسا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر مۇنچە ئادەم يىغىلىپ كىتىشىدە گەپ يوق … ھەۋزىخان ئەمدى قىزلىرىنى ئويغىتىشقا تەمشىلىشىگە دەرۋازا ئالدىغا بىر موتسىكلىت غارقىراپ كىلىپ توختاش بىلەن تەڭ بىر ئەر كىشىنىڭ :
- ھايت ! كىم سەنوي ! توختا دەيمەن ؟ تىز چۈشۈپ دەرۋازىنى قاقە ئاپىسى ، ئوغرىنى ھويلىدىلا تۇتايلى ، تىز ! - دىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئۇ ئاۋازغا ئۇلىشىپلا دەرۋازا قاتتىق قىقىلىشقا باشلىدى . ياردەمگە ئادەم كەلگىنىدىن يۈرىكى جايىغا چۈشۈپ ، پۇت - قولىغا ماغدۇر كەلگەن ھەۋزىخان ھويلىغا چىقتى ۋە پايپاسلاپ يۈگۈرگەن پىتى بېرىپ يىشىغا ماس كەلمىگەن چاققانلىق بىلەن دەرۋازىنى ئاچتى . موتسىكلىتلىق كەلگەن ئىككى گەۋدە دەرۋازىدىن كىرىپلا ئايال ئېرىنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئىچىدىن قۇلۇپ سالدى . ھەۋزىخان ھويلىنىڭ چىرىقىنى يىقىپ بىلدىكى ياردەمگە كىرگەنلەر ھەجەرخان بىلەن يولدىشى ھامۇت ئىدى . ھامۇت قولىغا چىققانلا بىر توقماقنى ئىلىپ باغ تەرەپكە مىڭىۋىدى ، ھەجەرخان بىلەن ھەۋزىخانمۇ سۈپۈرگەيۇ - گۈرجەكلەرنى تىپىشتۇرۇپ ئۇنىڭغا سۇڭداشتى .
- قايسى مەھەللىدىن سەن ؟ ئىسمىڭ نىمە ؟ تاڭ ئىتىپ قالغاندا ئوغۇرلۇققا چۈشۈپسىنا قورقماي ؟ مۇشۇنداق تۇتۇلۇپ قىلىشنى ئويلىمىغانمىتىڭ سەن ؟ گەپ قىلمىساملا قۇتۇلىمەن دەپ قالما ، سەندەك نىمىلەرنى سايرىتىۋىتىدىغان قانۇن بار جۇمۇ ئۇنتۇپ قالما ، - ئاڭغىچە قىزلارمۇ ئويغىنىپ ، جەمىي بەش ئادەم بۇ ناتۇنۇش ئوغرىنى سوراق قىلىشقا باشلىدى . لىكىن ئوغرى قەتئىي زۇۋان سۈرمەي تۇراتتى .
- ئوغرىلىقنى قاملاشتۇرالمىغىنىڭغا قارىغاندا ھۈنەردە تىخى خامكەنسەن ئۇكا ، بىرسى ۋاق قاپسەن ، يەنە بىرسى نىشاننى توغرا تاللىيالماپسەن ، مۇشۇنداق چاغدا ، مۇشۇنداق كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە نىمە بار ساڭا ؟ …
- توختىسىلا دادىسى ، ھەرلا ئويلىسام بۇ ئىشنىڭ بىر يەرلىرى ئەمەسلا تۇرىدىيا ، بۇ ھەرگىزمۇ ئوغۇرلۇققا چۈشمىدى جۇمۇ بۇ ئۆيگە …
- سەن نىمە دىمەكچى ؟
- سىرلىق گەپلەرنى قىلىپ ئادەم قورقۇتماڭە ھەجەرخان ، ئوغۇرلۇققا چۈشمىسە نىمىشمۇ قىلا مىنىڭ ئۆيۈمدە ؟ … ۋاي ئانىمەي ! - ھەۋزىخان كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ، ھاڭدەك ئىچىلىپ كىتىۋاتقان ئاغزىنى قوللىرى بىلەن ئىتىۋالدى . ئاڭغىچە ھامۇتمۇ ھەجەرخاننىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشىنىپ ، تىخىچە چاترىقىغا ساڭگىلاپ زۇۋانسىز ئولتۇرغان ئوغرىنىڭ ياقىسىدىن ئىلىپلا ئورنىدىن مەجبورىي تۇرغۇزدى ۋە چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ :
- ئۆزۈڭنىڭ نىمە ئادەملىكىنى ، بۇ ئۆيدە نىمە ئىشىڭنىڭ بارلىقىنى يۇۋاشلىق بىلەن دەمسەن ياكى بارار جايىڭغا ئاپىرىپ قويىمىزمۇ ؟ - دىۋىدى ھامۇتنىڭ ئەلپازىدىن قورقتى بولغاي تۇتۇلغاندىن تارتىپ گاچىدەك ئولتۇرىۋالغان ئوغرىدىن ئاخىرى زۇۋان چىقتى .
- مەن دەي ئاكا ، مەن ھەممىنى دەي ، - قالغانلارنىڭ سالا - سۈلھىسى بىلەن ئوغرىنىڭ ياقىسى بوشىتىلىپ بايىقى جايىغا زوڭزايدى ، ھەۋزىخانلارنىڭ ھەممىسى باياتىنقى تۇرغان ئولتۇرغان پەدىسىدە دىققىتىنى ئوغرىنىڭ دىمەكچى بولىۋاتقان گىپىگە مەركەزلەشتۈردى .
- مەن ئوغرى ئەمەس ئاكا ھەم بۇ مەھەللىلىكمۇ ئەمەس ، مۇشۇنداق چاغدا بۇ ئۆينىڭ تىمىدىن ئارتىلىشىم پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولغان ، مەن ھىچكىمگە كۆرۈنمەي تامدىن چۈشىۋىلىپ ، خەقلەرگە كۆرسىتىپ دەرۋازىدىن تىمىسقىلاپ چىقىپ كەتسەملا نۇرغۇن پۇل بەرمەكچى بولغان ، لىكىن تامدىن ئارتىلىۋاتسام سىلەر كىلىپ قالدىڭلار ، قىچىپ كىتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەندىكىن دەپ ئۆزۈمنى ئىچىگە ئاتساممۇ بەرىبىر كۆرۈپ قاپسەن ، بولغان ئىش مۇشۇ ، - يۇچۇن ئادەمنىڭ بۇنچىلىك گىپىگە قايىل بولامدا بۇلار ؟ ھامۇت يەنە ئۇنىڭغا ئىتىلماقچى بولىۋىدى ھەجەرخان ئېرىنى توختىتىۋىلىپ ئىچكىرىلەپ سورىدى .
- قىلغان ئىشىڭنىغۇ دىدىڭ ئۇكام ، ئەمدى سىنى بۇ ئىشقا كىمنىڭ بۇيرىغىنىنىمۇ دەۋەت قارا ، بولمىسا ما ئادەمنىڭ ئەلپازىنى كۆرىۋاتقانسەن ؟ - ئوغرى كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ھامۇتقا بىر ئۆمسىلىۋىتىپ :
- ئىسمىنى بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ ئۇلار مۇشۇ ئۆيگە قۇدا بولارمىشقۇ ، - ئوغرىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن جىمىپ ، بىر بىرىگە قارىشىپ قالدى .
- بۇ گىپىڭدىن قارىغاندا تىمىسقىلاپ دەرۋازىدىن چىققان ۋاقتىڭدا سىنى كۆرۈپ قالىدىغان ئادەممۇ تەييار شۇنداقمۇ ؟ - ھەۋزىخان ئىشنىڭ سەۋەپ - نەتىجىسىنى تۇلۇق جەزملەشتۈرىۋىتىش ئۈچۈن ئوغرىدىن ئەڭ ئاخىرقى سوئالنى سورىۋىدى ئوغرى جاۋاپ ئورنىغا بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى .
- بۇنى ئاپىرىپ ھاشىم تاز بىلەن يۈزلەشتۈرمىسەم بولمايدۇ مەن ، مۇشۇنداق ئادەم بوزەك قىلسا بولامدا ھەجەرخان ؟ ھىلىمۇ سىلەر كىلىپ قاپسىلەر بۈگۈن ، بولمىسا قانداق قىلىپ پوققا مىلىنىپ قالغىنىمىزنىمۇ بىلمەي يۈرەركەنمىز. ئۆلۈمنىڭ بۇسۇغىغىلا بېرىپ قالغان مەنغۇ مەيلى ، مۇنۇ ئىككى ناتىۋانغا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز تۆھمەتقۇ بۇ ؟ بولدى ، ھەممىنى ئاشكارىلاپ تويلۇقىنى ياندۇرىۋىتىمەن ، ئۇنداق نۇمۇسسىز، مەخلۇقاتلار بىلەن قۇدا بولمايمەن ئەمدى ، يۈرە ! - پەقەت ئۆزىنى بىسىۋالالمىغان ھەۋزىخان بىر ياقتىن ئىقىۋاتقان يىشىنى سۈرتكەچ ، بىر ياقتىن ئوغرىنىڭ چاپىنىنىڭ پىشىدىن تارتاتتى . توغرا ! ئوغرىنى شۇنداقلا قويىۋەتسە ئوغرى ئوغرىلىق قىلغىنىدىن ، ھاشىملارمۇ بۇ ئىشنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغىنىدىن تىنىۋالىدۇ ، شۇڭا تۈمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش كېرەك .
ھە - ھۇ بىلەن ئۈچەيلەن ئوغرىنى يالاپ ھاشىملارنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . بۇ چاغدا خوشخەۋەر ساقلىغاچ ھويلىدىكى گۈللىرىگە سۇ قۇيىۋاتقان گۆھەرخان ئۆگزىدىكى كەپتەرخانىسىغا چىقىۋالغان ھاشىمغا :
- بۇ چاغقىچە بىز بۇيرۇتقان قوغۇن پىشىپ ساپىقىدىن ئاجراپمۇ قالغاندۇ ھە دادىسى ؟ سەلتۇرۇپ ئاشۇ قوغۇن بىلەن تازا شېرىن ناشتا قىلىپ كەتسەك ، - دىسە ، ھاشىم ئالمان - تالمان ئوغۇللىرى ياتىدىغان ئۆيلەرگە ئۆندەرەپ قارىۋىتىپ :
- نىمە قالايمىقان ۋالاقشىيسەن ساراڭ ؟! بالىلار بىلىپ قالمىسۇن يەنە ، يۇم سىسىق زۇۋانىڭنى ، - دەپ چىڭقالدى . گۆھەرخانمۇ ئىختىيارسىز ئېرى قارىغان تەرەپكە بىر قاراپ ، چىرايلىرىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرۈپ :
- تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندۇ ئۇلار بۇ تاپتا ، ئويغاق بولسىمۇ بۇ گىپىمدىن نىمىنى بىلەتتى ؟ ھىھ ! - دەپ ناخشىسىنى غىڭشىغاچ گۈللىرىنى سۇغىرىۋەردى . لىكىن ئۇنىڭ ناخشىسى ئۇنچە ئۇزۇن داۋام ئەتمەيلا ھەشەمەتلىك دەرۋازىسى قوپال ئىچىلىپ ھەۋزىخان قاتارلىق ئۈچەيلەن يەنە بىرەيلەننى ئىتتىرىپيۇ ياقىسىدىن سۆرەپ دىگۈدەك ، ئادەم يەيدىغاندەك سۈر- ھەيۋە بىلەن كىرىپ كەلدى . بۇ كۆرىنىشتىن كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سېزىپ چۆچىگەن گۆھەرخان دەرھال ئۆگزىگە ئۈمتەلدى . ئاڭغىچە ھەۋزىخان ھىلىقى ئادەمنى ھەجەرخانلارغا تاشلاپ بېرىپ ئىتىلىپ كەلگەنچە گۆھەرخاننىڭ ياقىسىغا ئىسىلماقچى بولدى .
- ھەي گۆھەر دىگەن ماخور كاللا نۇمۇسسىز مەينەت ! مۇشۇنداق ئىشنى قىلىشتىن ئازراقمۇ ئۇيالمىدىڭما ؟ ئاشكارلىنىپ قالسام باشقىلارغۇ مەيلى ئۆزەمنىڭ ئۇغۇللىرىغا نىمە دەرمەن دىگەننى ئويلاپ قويمىدىڭما ؟ ھىچنىمىسى يوق تۇل مۇماي ھەۋزىخان كۆزۈڭگە نىمىلا قىلسا ھە دەيدىغان موللىمۈشۈك كۆرۈنۈپ قالدىمۇيا ؟ - ئىشنىڭ ئەسلى - ۋەسلىنى پەملەپ بولغان گۆھەرخانمۇ تەييارلىق ھالىتىگە تەمشىلىپ ئۇدۇل كەلگەنلا بىر ئۆيى تەرەپكە يۈگرىۋىدى ھەۋزىخان چاققان چىقىپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلىدە سويلاپ تۇرغان ئۇزۇن ئۆرۈم چىچىدىنلا ئالدى .
- قىچىپ نەگىمۇ بارالارسەن ؟ توختاپ ما پايلاقچىڭنى تونىۋال ، - ئاڭغىچە ھەجەرخان يىتىشىپ كىلىپ گۆھەرخاننىڭ چىچىنى ھەۋزىخاننىڭ قولىدىن ئاجرىتىشقا ئۇرۇندى .
- ئۆزلىرىنى بىسىۋالسىلا ھەۋزىخاچا ، بۇنداق قىلمىسىلىمۇ ھىچكىم ھىچيەرگە قىچىپ كىتەلمەيدۇ ، ھاشىماخۇن بىلەن كۈيئوغۇللارمۇ چىقسا ھەممەيلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ …
- ئوھوشتە ! كىمگە كۈيئوغۇل بولسا بولسۇنا بۇ نىمىلەرنىڭ مىڭگىتلىرى ! گۆھەر دىگەن مەرەز خۇتۇن بىلەن ئا ھاشىم تازنىڭ يۇۋاشلاپ قىلىشى بىكار ئەمەسكەنتۇق ئەسلى . ھەممىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ ، ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق ، بىرلا ئېغىز گەپ ! ئەمدى بۇلار بىلەن قۇدا بولۇشمايمەن ، مانىڭ ياقىسىدىن چايقاپ تۇرۇپ ، دەيدىغاننى سىز دىيىشىپ تۇرۇڭ ، مەن بېرىپ ئاپارغان تويلۇقلىرىنى ھارۋىغا بىسىپ ئەكىلەي ، بۈگۈننىڭ ئۆزىدە غېزىنى غاز ، ئۆردىكىنى ئۆردەك قىلىۋەتمىسەك بولمايدۇ ، - ھەۋزىخان شۇنداق دەپ بۇلۇپلا ھەجەرخاننىڭ چاقىرىشلىرىغا قۇلاقمۇ سالماي يۈگرۈپ دىگۈدەك ھويلىدىن چىقىپ كەتتى .
ھاشىم تازنىڭ پىشايۋانلىق ھويلىسىدىكى يۇغان كارۋاتتا ھەجەرخان ئەر- ئايال ، ھاشىم ئەر- ئايال تۆتەيلەن قاتار ئولتۇرۇپ ، ھاشىمنىڭ ئىككى ئوغلى يان تەرەپتە چوقچىيىپ تۇرۇپ ، تام تۈۋىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ھىلىقى ئوغرىغا قادىلىشقانىدى . ھەجەرخانغۇ كۆرگەنلىرىنى تۇلۇق سۆزلەپ بۇلۇپ قالغانلاردىن جاۋاپ كۈتمەكتە ، ھاشىم بىلەن گۆھەرخان بولسا ئوغرىنىڭ ھەممە ئىشنى ئۆزىگە يۈكلىۋىلىپ تۇرىشىنى ، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئوغرىنىڭ نۇرغۇن پۇلغا ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆزلىرىدە ئىشارە قىلىشىپ سۆزسىز تىتىلداشماقتا . كۈيئوغۇللارنىڭ كەيپىياتى ھەممىدىن جىددىي بۇلۇپ ، ئوغرى پالان - پوكۇن دەپ ئېغىز ئاچىدىغانلا بولسا ئاتاكىغا ئۆتىدىغان ئەسكەردەك تەييار تۇراتتى .
- مەن ئوغرى ئەمەس ھەم تامدىن ئوغرىلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ ئارتىلمىدىم ، ماڭا كېرىكى پەقەت پۇل ، مەنمۇ قېرى ئاتا ئانام بىلەن بالىلىرىمنى باقمىسام بولمايدۇ ، شۇڭا خەقنىڭ تىمىدىن چۈشۈپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتكەنگە ھىچنىمە بولمايدۇ دەپ ئويلاپ قىلىپ ساپتىمەن بۇ ئىشنى ، ئىشنىڭ تىگىدە ئىش بارلىقىنى ئەسلا بىلمەي قاپتىمەن ، دەيدىغاننىڭ ھەممىنى دىدىم ، يا ھىچكىمگە ھىچقانداق زىيانمۇ سىلىۋەتمىدىم ، شۇڭا مىنى كەتكۈزىۋەتكەن بولساڭلار ، مىنىڭچە قالغان ئىشلارنى ئۆزۈڭلار ھەل قىلىۋالساڭلارمۇ بولىدىغۇ دەيمەن ، - ئولتۇرغانلارنىڭ ھىچقايسىسىدىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن ئۇ ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى . دىمىسىمۇ شۇغۇ ! پۇل ئۈچۈن تامدىن ئارتىلىپ ، بىر تىيىنغا ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە بىكاردىنلا بىر مۇنچە ھەرەج تارتىۋالدى ئەمەسمۇ ؟ ھەۋزىخان تىخى يىتىپ كەلمىگەچكە ھەجەرخانلارنىڭ سۆزلەپ يۈرىشىنىڭ ئورنى يوق ، ئېغىر تىنىشىپ ئولتۇرىۋەردى . ھاشىم بىلەن گۆھەرخان بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى قانداق ئاقلاشنىڭ غىمىدە قوڭڭىغا پىت چۈشكەندەك ئارامسىزلىنىپ تۇرغاندا پەخىردىن بايۋەتچە ئېغىز ئاچتى .
- سىلەرنىڭ بۇ تويغا باشتىلا قۇشۇلغىڭلار يوقتى شۇنداقمۇ ؟ شۇڭا مۇشۇنداق چاكىنا ئۇيۇننى ئوينىدىڭلار؟ - دەقىقە جىمىۋالغان پەخىردىن ياندىكى چوڭ ئۈستەلدە تۇرغان گۈللۈك جانان چەينەكنى قولىغا ئىلىپ قەھرى بىلەن يەرگە بىر ئۇرىۋىدى خىش يىيىتىلغان يەرگە جاراڭلاپ چۈشۈپ چۇل - چۇل بولغان چەينەكتىكى ئىسسىق چاي ھورى كۆتۈرۈلگەنچە يەرگە يىيىلىپ سىڭىشقا باشلىدى .
- خەق ئاڭلىسا نىمىدىگەن سەتچىلىك بۇ دادا ، ئاپا ! خەقتىن ئىككى تال پۇلىمىزنىڭ ئارتۇق بولىشى شۇنچىلىك يوغان ئىشما نىمىلا قىلساق بولىۋېرىدىغان ؟ ئىككىمىزنى ئادەمدەك ياشىغىلى قويمامسىلەر زادى ؟ بۇ ئىشنى چىرايلىق ھەل قىلساڭلار قىلدىڭلار، بولمىسا ئاكام ئىككىمىز يۇرتنى تاشلاپ چىقىپلا كىتەيلى بولدى بۇنداق ياشىغاندىن ، - ئەپىردىنمۇ ئۆزىنى پەقەت تۇتىۋالالماي قالغان بۇلۇپ ، كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش بەڭباشلارچە سىرغىپ چۈشۈپ كەتتى .
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر