بالىياتقۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەزا بولۇپ، ئۇنىڭ ساغلاملىق ھالىتى ئاياللارنىڭ پەرزەنت كۆرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، ھەيىز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار.
شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىياتقۇنى ئاسراش ئاياللار دائىم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى. ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
ھەيىز مەزگىلىدە تۆۋەندىكىدەك بەش خىل ئالامەت كۆرۈلمىسە بالىياتقۇڭىزنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
01
ھەيىز مەزگىلىدە بۇ 5 ئالامەت كۆرۈلمىسە بالىياتقۇڭىز ئىنتايىن ساغلام
1. ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش
بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنى سوغۇق قاپلىغان بولمايدۇ، ھەيىز كەلگەندە ھەيىز ئاغرىتىپ كەلمەيدۇ.
نۇرغۇن ئاياللار سوغۇق مىجەزلىك بولۇپ، ئادەتتە بالىياتقۇسىنى ياخشى ئاسرىماي، سوغۇق ئىچىملىك ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ، بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلماي، ئاسانلا بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلىغان بولسا قان ئۇيۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىدۇ. شۇڭا، بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللاردا ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.
2. ھەيىز قالايمىقانلىشىش
بالىياتقۇسى ياخشى بولسا ھەيىز قالايمىقانلاشمايدۇ.
بالىياتقۇ ئاياللاردا ھەيىز پەيدا بولىدىغان جاي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۇخۇمداننى قوغداش رولىمۇ بار، ئەگەر بالىياتقۇ ياخشى بولمىسا، بالىياتقۇ پەردىسى ئۆسۈپ، چۈشۈپ كەتمىسە ھەيىز مىقدارى ئازىيىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر بالىياتقۇدا بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلسە، ھەيىز مىقدارى كۆپىيىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئومۇمەن ھەيىز نورمالسىزلىقىمۇ بالىياتقۇدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بالىياتقۇنى ياخشى ئاسرىغان ئاياللارغا نىسبەتەنمۇ ھەيىز قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى ئاسان كۆرۈلمەيدۇ.
3. ھەيىز قېنى قارا رەڭدە بولۇش
بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللارنىڭ ھەيىز قېنى سۈزۈك قىزىل رەڭدە بولىدۇ، بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلىۋالغان ياكى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر بار ئاياللارنىڭ ھەيىز مەزگىلىدىكى ھەيىز قېنى قارا رەڭدە بولىدۇ، يەنە قان ئۇيۇو قالغان ھالەتتە بولىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدا يەل تۇرۇپ قېلىپ، قان ئۇيۇپ قېلىپ، بالىياتقۇدىكى قاننى راۋان چىقىرىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئاياللار ۋاقتىدا تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك. ئەمما، بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللاردا بولسا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.
4. كۆز ئەتراپى قارىداش
بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللار نىڭ ھەيىز مەزگىلىدە كۆز ئەتراپى قارىداپ قالمايدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىش ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بالىياتقۇ بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى بالىياتقۇدا قان ئۇيۇپ قېلىپ، ئۈزۈل-كېسىل سىرتقا چىقالمىغانلىقتىن، قان ۋە قاننىڭ ئايلىنىشى نورمالسىزلىشىپ، كۆز ئەتراپى قارىداپ كېتىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئاياللار كېسەللىكلىرى، مەسىلەن بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، ھەيىز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار كۆز ئەتراپىنىڭ قارىداپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا، ئاياللار ئۆزىنىڭ ھەيز مەزگىلىدە ئاسانلا كۆز ئەتراپى قارىداپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇيقۇ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقىسا، ئەڭ ياخشىسى ۋاختىدا تەكشۈرۈتۈش كېرەك، بەلكىم بالىياتقۇدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە كۆز ئەتراپى قارىداپ قالمايدۇ.
5. يۈزىگە دانخورەك چىقىش
بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە يۈزىگە دانىخورەك چىقمايدۇ.
بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللارنىڭ تېنىدىكى زەھەر راۋان ھالدا چىقىپ كېتىدۇ، ئەمما بالىياتقۇ ساغلام بولمىسا، ئۇنىڭ زەھەر چىقىرىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، زەھەر بەدەندە يىغىلىپ قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈزگە ئاسانلا دانىخورەك چىقىپ كېتىدۇ. نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە ئېڭىكىگە دانىخورەك چىقىدۇ، بىراق بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللاردا بۇنداق ئەھۋال ئاسان كۆرۈلمەيدۇ.
يۇقىرىقى بەش خىل ئىپادىدە، ئەگەر سىزدە ھىچقايسىسى بولمىسا، بۇ بالىياتقۇڭىزنىڭ ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەگەر بۇنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا ۋاقتىدا تەڭشىشىڭىز كېرەك. ئۇنداقتا قانداق تەڭشەش كېرەك؟ يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەڭشەش ئەڭ ياخشى تاللاش،بۇ ئىككى خىل تەبىئىي يېمەكلىك سىزنىڭ بالىياتقۇنى ئاسراپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
02
بالىياتقۇنى ئاسرايدىغان ئىككى خىل يېمەكلىك
1. گۈلبوغۇن (益母草)
گۈلبوغۇن بىر خىل تەبىئىي سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، شۇنداقلا ئاياللارغا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان بىر خىل جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىسى. ئۇنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيىزنى تەڭشەپ ئاغرىق توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار بولۇپ، ھەيىز قالايمىقانلىشىش، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيىز توختاش قاتارلىقلارنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بۆرەك ياللۇغى سۇلۇق ئىششىقىنى داۋالاشقىمۇ بولىدۇ.
2. دولانە
دولانا بىر خىل چۈچۈمەل، تاتلىق، تەملىك مېۋە بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىشتىھانى ئېچىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە قاننى جانلاندۇرۇپ، قېتىشمىلارنى ئېرىتىپ، بالىياتقۇنى ئاسرايدۇ، يەل تۇرۇپ قالغان، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىدىغان ئاياللارغا نىسبەتەن، دائىم دولانە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ناھايىتى پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، دولانا يەنە ياغلارنى پارچىلاپ، ھۆسن تۈزەش، ئورۇقلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز