سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
12- قىسىم
- نوچىگۈل ، مەن … مەن … بۈگۈن سىنىڭ يىنىڭدا ياتسام بوپتىكەن ، - ئەپىردىن پەيزىگۈلنىڭ كەينىدىن كىرگەندە ئۇ شۇ گەپنى دەۋاتقان بۇلۇپ ، ھىلىمۇ نوچىگۈل ئايىقىنى سىلىپ ساپما كەشنى كىيىۋاتقان ، پەخىردىن ھوجرىدا يوق تۇراتتى . پەيزىگۈلنىڭ تۇيۇقسىز ئىت قوغلىغاندەك جىددىيلا كىرىپ قىلغان بۇ گىپىدىن نوچىگۈل ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدى .
- نىمە قىلغىنىڭىز بۇ پەيزىگۈل ؟ مەن ئادەم يەمدىكەنمەن يا ؟ يۈرىڭە سەت تۇرىدۇ ، - ئەپىردىن ئاۋال نوچىگۈلگە قاراپ ئوڭايسىز جىلمىيىپ قۇيۇپ بوش ئاۋازدا سۆزلىگەچ پەيزىگۈلنىڭ يىڭىدىن تارتتى . لىكىن پەيزىگۈل ئىتىلىپ كەلگەنچە نوچىگۈلنىڭ بوينىغا ئىسىلىپ يىغلىغىلى تۇردى .
- توي قىلمىسام بوپتىكەن نوچىگۈل ، بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن . سەن ، مومام ئۈچىمىز بىللە ياشاۋەرسەك بوپتىكەن . يا سەن بىلەن ياتاي ، يا بولمىسا مومامنىڭ يىنىغا كىتەي مەن ، ھۈ … ھۈ … - ئەپىردىن بىلەن نوچىگۈل بىر بىرىگە ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپلا قالدى ، ئاڭغىچە پەخىردىن كىرىپ ئۇمۇ بۇ مەنزىرىدىن داڭقىتىپ تۇرۇپ قالدى .
- ئەپىردىن بىلەن توي قىلىشنى ئۆزۈڭ تاللىغان ، سىنى بىر كىم مەجبورلىمىغان شۇنداققۇ ، ئەمدى بولغاندا نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن ؟ - نوچىگۈل ھىقىقداپ يىغلاۋاتقان پەيزىگۈلنىڭ گەجگىسىگە يىنىك شاپىلاقلىغاچ سورىۋىدى پەيزىگۈل ئۇنىڭغا تىخىمۇ چىڭ يىپىشىپ بايىقىدىنمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى .
- ياق ، ئاڭلىمايمەن ، ئاڭلىمايمەن ! ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغۇم يوق شۇ ، يىنىڭدا ياتسام بولامدۇ ؟ ئۇنىمىساڭ مومامنىڭ ئۆيىگە كىتىمەن ، - ئۇنىڭ ئەلپازىغا قاراپ ئەپىردىنمۇ ، نوچىگۈلمۇ ئىلاجسىز قالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئىشلارنىڭ نىمە بولىۋاتقىنىنى چۈشەنگەن پەخىردىن گەپ قىلمايلا ئەپىردىننى ھوجرىدىن ئىلىپ چىقىپ كەتتى .
- بولدى كۆپ ئويلىۋالمىغىن ، بەلكىم يىڭى تۇرمۇشقا كۆنەلمەي قالغاندۇ ، نوچىگۈل بىلەن يىتىپ ئاستا ئاستا كۆنۈپمۇ قالا ، ئۇنىڭغا بىر ئىككى كۈن ۋاقىت بېرەيلى ھە ، - ھوجرىدىن يىنىپ چىقىپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېغىر خۇرسىنغىنىچە تۇرۇپ كەتكەن ئەپىردىنگە ئاكىسى بولمىش پەخىردىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق گەپمۇ قىلالمايتتى . ئاكىسى نەسىھەت قىلىۋاتسا گەپ قىلماي جىم تۇرىۋىلىشتىن ئۇيالدىمۇ بىردەملىك سۈكۈتتىن كىيىن ئەپىردىن :
- سىنى قىيناپ قويىدىغان بولدۇق ھە ؟ بىزنىڭ ھوجرىدا ياتامسەن يا ؟ ھەييي ! نىمانداق قاملاشمىغان ئىش بۇ ؟ - راستىنلا قاملاشمىغان ئىش بولىۋاتاتتى . ھەر كىم ئۆز جۈپتى بىلەن توي كىچىسى ئۆتكۈزمەي ، ئىككى قىز بىر ئۆيگە كىرىۋىلىپ ، بىر كارۋاتتا ياتالىغان بىلەن ، چوپچوڭ ئىككى يىگىت بىر كارۋاتتا يىتىپ تۇرالمايدۇ دە . پەخىردىن دەرھاللا :
- ۋاي ياقەي ! سەن كىرىپ يىتىۋەر ، دادام ئاپام سورىسا بىرەر سەۋەپ كەلتۈرۈپ قۇيۇپ ئاغىنەمنىڭكىدە ئىككى كۈن قونۇپ تۇراي ، پەيزىگۈل نوچىگۈلگە ھەمراھ بولۇپ تۇرغان بولسۇن ، ئويلاپ باقسام بۇنىڭدىن ياخشىراق ئامالمۇ يوقكەن ، - دەپ قۇيۇپ سىرتقا ماڭدى . ئەپىردىنمۇ يەنە شۇنداق ئېغىر تىنغىنىچە بىردەم تۇرۇپ بىقىپ ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى .
- ھەي ساراڭ ! نىمىشقا بۇنداق قىلغىنىڭنى ئەمدى بىر دەپ باقە ! ئەپىردىندىن باشقا بىرسىگە تەگمەيمىنەي ، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە سۈر بويتاق ئۆتىمەنەي دەپ شېئىر بىيىت توقىۋاتاتتىڭ ، قايسى قىلىقى سىنى بۇنچىۋالا قورقىتىۋەتتى ؟ بىرەر چىشلەم گۆشۈڭنى چىشلەپ ئۈزىۋالدىمۇ ؟ قۇربىڭ يەتمەيدىغان بىرەر ئىشقا مەجبورلىدىمۇيا ؟ - پەيزىگۈل تىخىچە يىغىدىن توختىمىغان بۇلۇپ نوچىگۈلگە ھازىرچە جاۋاپ بېرىدىغاندەكمۇ قىلمايتتى . تولا بەزلەپ زېرىكتى بولغاي نوچىگۈل بىردىنلا ئۇنى سىلكىشلەشكە چۈشتى .
- نازلىنىۋەرمىگىنە قوۋۇرغامنى ئىگىپ ! ئۆيدە ئىككىمىزدىن باشقا ئادەممۇ يوق ھازىر ، يىغاڭدىن دەرھال توختاپ جاۋاپ بەرمىسەڭ ھوجراڭغا ئەچىقىۋىتىمەن جۇمۇ سىنى ! - بۇ گەپنى ئاڭلاپ پەيزىگۈل دەرھال كۆزىنى ئىچىپ ھەييارلىق بىلەن كۈلدى ۋە :
- ۋاي - ۋۇي ! مومام ئىككىڭلار بىلەن يىتىپ كۆنۈپ كىتىپتىكەنمەن ، ھوجرىغا كىرە - كىرمەيلا كارۋات ئۇنداقمىكەن ؟ مۇنداقمىكەن ؟ دەپ يۈرىيدۇ قارا ، ھىلىقى خۇتۇنلارنىڭ ئەرلەرنىڭ قانداقلىقى توغرىلىق دىگەن گەپلىرى …
- ھەي پەلىپەتىش ! شۇنداق دىدى دەپلا مىنىڭ ھوجرامغا كىرىۋالامسەن ؟ …
- ۋاي ياق ! مۈرەمنى ، قۇلۇمنى تۇتۇپ يۈرىيدۇ ، نىيىتىنىڭ بۇزۇقلىقى ئىنىقلا تۇرمامدۇ ئەنە ؟ …
- ھا … ھا … ھا …
- قاقىلداۋەرمىگىنە ساراڭ ، شۇنداق قىلسا سەن بولساڭ قورقمامتىڭ ؟ بىشىڭغا كەلمىگەچكە بىلمەيسەندە سەن ، تىنىڭ شۈركىنىپ كىتىدىكەن دەيمەن ، ۋىيەي ، ۋىيەي ! - پەيزىگۈل دولىلىرىنى قورۇپ ، باشلىرىنى چايقاپ نوچىگۈلنى ئۆزىنىڭ راسلا قورقۇپ كەتكىنىگە ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇناتتى . نوچىگۈلمۇ بۈگۈنچە ئۇنى قايىل قىلىشقا كۆزى يەتمەي نەسىھەت قىلىشتىن يالتىيىپ يىتىۋىلىشقا تەرەددۇتلاندى .
ئەتىسى سەھەر ئويغىنىپ كەتكەن نوچىگۈل نۇقۇشلاپ يۈرۈپ پەيزىگۈلنىمۇ تۇرغۇزىۋەتتى .
- پەيزىگۈل ، تۇرە ئورنۇڭدىن ! بۇ مومامنىڭ ئۆيى ئەمەس ، بىزمۇ مومامنىڭ ئەركە نەۋرىسى ئەمەس ، خەقنىڭ كىلىنى جۇمۇ ھازىر ! قىينانىمىز كۆرۈپ قىلىشتىن بۇرۇن ھوجراڭغا چىقىپ كەت ، تۇرە ! - نوچىگۈلنىڭ ئۈستى - ئۈستىلەپ چاقىرىشى بىلەن پەيزىگۈل سوزۇلۇپقىنا بىر كېرىلىۋىلىپ يەنە غۇدۇڭشىغىلى تۇردى .
- ۋايجۇن ! توي قىلسا پەقەت ياخشى ئەمەسكەن جۇمۇ ، ئاجرىشىپ كەتسەم بۇلامدۇ نىمە ؟
- تىلىڭغا تاش !! توي قىلىپ ئىككى كۈن بولمايلا ئاجرىشىمەن دىسەڭ خەق نىمە دەپ قالىدۇ ؟ تولا ئەركىلىمەي چىقىپ ئېرىڭنى ئويغىتىپ يۈز- كۆزىنى يۇيغىلى سۇ تەييارلاپ بەر ماڭ ! - ھوجرىدىن نوچىگۈل ئۆزى ئاۋال چىقىپ قىينانىسىنىڭ چىرىقىنىڭ تىخى يورىمىغىنىنى كۆرۈپ ئاندىن پەيزىگۈلنى چىقىشقا ئىشارە قىلدى . بۈگۈنغۇ ھىچقانداق ئىش چانماي ئۆتۈپ ، كۈن كەچكە يىقىنلىغىلى تۇردى . ئەپىردىن قاتارلىقلار پەيزىگۈلنىڭ كۈندۈزدىكى ئىپادىسىگە قاراپ كەيپىياتىنى تۇراقلىشىپ قاپتۇ دەپ جەزملەشتۈرۈپمۇ بۇلۇشقان ، لىكىن كەچ بولىشىغىلا ئۇ يەنە نوچىگۈلنىڭ يىنىغا كىرىۋىلىپ پەقەت چىقىپ كەتكىلى ئۇنىمىدى .
- ئەپىردىننى ياخشى كۆرىسەن ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا ئۆزۈڭ رازىلىق بەرگەن ، توي قىلغاندىن كىيىن قىز- يىگىت ، ئەر- خۇتۇنغا ئايلىنىپ بىر ئۆيدە ياشايدىغىنىنىمۇ بىلىسەن ، نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىر ھوجرىدا يىتىشنى خالىمايدىغانسەن ؟ - پەيزىگۈلنىڭ بۇ قىلىقىغا نوچىگۈلنىڭ بىر تۇرۇپ ئاچچىقى كىلەتتى ، بىر تۇرۇپ كۈلگىسى كىلەتتى .
- نىمىلا دىسەڭ مەيلى ، ئىشقىلىپ مەن چىقىپ كەتمەيمەن ، زادى چىقىپ كەتمىسەڭ بولمايدۇ دىسەڭ مومامنىڭ يىنىغىلا كىتىمەن شۇ ، - قىيناكىسىنىڭ كارۋىتىدا ھىچ ئەيمەنمەي سونايلىنىپ ياتقان پەيزىگۈل كۆزىنى پارقىرىتىپ داۋاملىق يىتىۋەردى .
- ساڭا دەپ قوياي پەيزىگۈل ، ھەر ئىشنىڭ چېكى بولىدۇ قارا ، پەقەت ئۈچلا كۈن مۆھلەت ساڭا ، شۇ چاغدىمۇ ئېرىم بىلەن بىر ئۆيدە ياتمايتتىم دىسەڭ بېرىپ ئاجرىشىپ كەتسەڭمۇ كىتە بولدى ، لىكىن قىيناتا قىناناڭنىڭ خۇي پەيلىنى ئويلىشىپ قوي ھە ، مىنى ئىشقى يوق گومۇش دەيسەن تىخى ، سەن ئۆزۈڭ بىر ياڭيۇكەنسەن ، جىسمىلا بار ، كاللىسى يوق ، - بۇ گەپنى ئاڭلاپ پەيزىگۈلنى خىيال باسقىلى تۇرىۋىدى نوچىگۈلمۇ ئۇنى ئوبدانراق ئويلىنىشقا قۇيۇپ كۆزىنى يۇمۇپ يىتىۋالدى .
دىمىسىمۇ شۇغۇ ! خەق داغدۇغا بىلەن بىر مۇنچە چىقىم تارتىپ ئىككى ئوغلىغا خۇتۇن ئىلىپ بەردۇق دەپ يۈرسۇن ، بۇ ئىككى كىلىن بىر ئۆيگە كىرىۋىلىپ بىر ئوغلىنى يالغۇز ھوجرىغا ، يەنە بىر ئوغلىنى ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە پالىۋەتسە … ھىچقانداق ئىس - بۇسىنى چىقارماي نەچچە كۈننىغۇ ئۆتكىزىۋالا ، ئۇلار ئەقلىنى تىپىپ ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالغۇچە ئىش ئاشكارلىنىپ قالسىزە ئاشۇ گۆھەرخان دىگەن خۇتۇن ھىلىغۇ بۇ ئىككەيلەنكەن ھەۋزىخاننى ھەتتا ئۇلارنىڭ جەددى جەمەتىنىمۇ قۇشۇپ زىخقا ئۆتكۈزۈپ شېئىر بىيىت بىلەن ھاقارەتلەپلا بىر تەرەپ قىلىۋىتىدۇ ، شۇڭا پەيزىگۈلگىمۇ قاتتىقراق گەپ قىلماي بولمايتتى .
ئەتىسى قائىدە بويىچە گۆھەرخان ئىككى كىلىنىنى ئازنىغا ئەكەلدى ، ھەۋزىخاننىڭكىدە چۈشتىن قايرىلغۇچە مىھمان بۇلۇشقاچ تويدىن قالغان بىسەرەمجانچىلىقلارنى بىسىقتۇرغان ئىككى قىز ئاخىرىدا خۇلۇم - خوشنىلارنىڭكىدىن ئارىيەت ئەچىققان نەرسە كېرەكلەرنى گۆھەرخانغا تۇيدۇرماي سۇنۇپ ئىشلارنى ئاساسەن بىر ياقلىق قىلىپ بۇلۇشتى . ئاندىن ھەۋزىخانغا ئۆزىنى بەك ئاسراشنى ، ئاخشىمى خوشنىلارنىڭ نەۋرىسىنى ھەمراھ قىلىپ يىتىشىنى ، قاتتىق - قۇرۇق ئىشلارنى قىلىمەن دەپ جاپا تارتماي ئۆزلىرىگە ئىلىپ قۇيۇشىنى قايتا - قايتا تاپىلاپ كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ كىتىپ قىلىشتى .
- قانداق قىلاي دەيسەن پەيزىخان ؟ مىنىڭكىدە يەنە بىرەر ئاخشام قونىۋالامسەن يا بولدى قىلامسەن ؟ - كەچلىك تاماق ئىتىۋاتقاچ پاراڭلىشىپ قالغان چوڭ كىلىنچەك كىچىك كىلىنچەك بىلەن قەستەن چېقىشتى . كىچىكىمۇ بوش كەلمەي :
- قانداق قىلاتتىم ، ھىچنىمە قىلمايمەن ، ھوجراڭدىمۇ قونمايمەن ، كارۋىتىڭ مەن ياتقانغا ئۇپراپ كەتمىسۇن يەنە ، - دەپ دومسايدى .
- ھەببەللى ! ئەمدى مومامنىڭ نەۋرىسىگە لايىق گەپ قىلدىڭ ئۇكام ، ھەر ئىشنى يولىدا قىلايلى ، ھىچكىمدىنمۇ قورقمايلى ، ئەمىسە سىنى بۈگۈن ئاخشامدىن باشلاپ ئەپىردىنگە تاپشۇردۇم ھە …
- ھەئە شۇنداق قىل ، ۋۇ ئەر سارىڭى !
قاچقۇن كىلىن ئۈچىنچى كۈنى ئۆز ھوجرىسىغا قايتىپ ، چوڭ بايۋەتچىمۇ سەرگەردانلىق كۈنلىرىگە ئاخىرى خاتىمە بېرەلىدى ، ئاندىن بۇ ئىككى جۈپ يىڭى ئەر- ئايال نورمال ئەر خۇتۇنغا ئايلىنىپ شېرىن كۈنلىرىنى باشلىۋالدى .
- پەخىردىن بىلەن نوچىگۈلنىڭ ئالدىدا شۇنداقمۇ يۈزۈمنى قويمىدىڭىز ، بۇ قىلغىنىڭىز ئۈچۈن جازالىمىسام بولمايدۇ سىزنى ، - ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى تەبىي رىتىمغا چۈشكەندىن كىيىن ئەپىردىن ئۆتكەن ئىشتىن ھىساپ ئىلىشنى ئۇنۇتمىدى . پەيزىگۈل لەببەي دەمتى ئۇنىڭغا ؟
- سىز مىنى بارچە ئەيىپ - نۇقسان ، كەمچىلىكلىرىم بىلەن قۇشۇپ ئۆز ئەمرىڭىزگە ئالغانىكەنسىز ، ماڭا كىلىدىغان شۇ جازانىمۇ ئۆز ئۈستىڭىزگە ئىلىشىڭىز كېرەك ، شۇڭا ئۆزىڭىزنى جازالاڭ ، مىنى ھاپاش قىلىپ ئۆينىڭ ئىچىدە ئوننى ئايلىنىڭ ، كىلىڭە ، - دەپلا خىرامان تۇرغان ئەپىردىننىڭ ھاپىشىغا يىپىشىۋالدى .
- ئا ئىككى تەنتەكنى رېلىسقا چۈشۈرمەك خويمۇ تەسكە توختىۋىدى ، ھا - ھا ، كى - كى قىلىشىپ پۈتۈن ھويلىنى بىشىغا كەيدىغۇ ، - ياتلار بىلسە ھامان ئاتا - ئانامنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ قالىدۇ دەپ ئىككى كىچىنى قوغۇنلۇقتىكى ئەسكى ساتمىدا ئۆتكۈزگەن پەخىردىننىڭ پاتىنىغا يەل تۇرۇپ قالغاچقا شۇنىڭغا چاپلاق چاپلاۋاتقان نوچىگۈل يان ھوجرىدىن چىقىۋاتقان قىيا - چىيانى ئاڭلاپ سەل ئوڭايسىزلاندى بولغاي غۇدۇڭشۇپ قويدى .
- قانداق ياشىسا خوشال بولسا شۇنداق ياشىغۇلۇق ، مەيلى ئەمەسمۇ …
- ئۇنداق دىگىنىڭىز بىلەن دادام ئاپام ئاڭلاپ قالسا …
- ۋاي ھىچنىمە بولمايدۇ ! ئۇلارنىڭمۇ بىزدەك ۋاقىتلىرى بولغان ، ئۇ ئىككىسى كۈلۈشسە قىزغىنىپ قىلىۋاتامسىزيە ؟
- مىڭڭە قىلىن ! نەدىكى گەپنى قىلماڭ ھە ! - پاراڭ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يان ھوجرىنىڭ ئىشىكى تاقىلداپ ئۇرۇلۇپ بىرەيلەننىڭ گۆررىدە توۋلىشى بىلەن پەخىردىن بىلەن نوچىگۈل ئىككەيلەنمۇ جىمىپ سىرتنى تىڭشاپ قىلىشتى .
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر