ئاياللار كۈندە يېسە 5 ياش ياشارتىدىغان 5 خىل يىمەكلىك

文摘   2024-12-26 20:01   新疆  

سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن

ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ھەر قېتىم تېلېۋىزوردىكى ئايال چولپانلارنى كۆرگەندە، گەرچە ئۇلارنىڭ يېشى ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولسىمۇ، ئەمما يىللارنىڭ ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق ئىز قالدۇرمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قارىماققا 20 نەچچە ياشلىق قىزلاردەك ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.

ئۇنداقدا ئوخشاشلا ھەر كۈنى ئۆزىمىزنى ئاسراپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ چولپانلار بىلەن بولغان پەرقىمىز شۇنچە چوڭ بولىدۇ؟
بەزىلەر چوقۇم ئايال چولپانلار دائىم پەردازخانىغا بارىدۇ، شۇڭا ئىزچىل مۇشۇنداق ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى بۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ مەخسۇس ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى بارلىقىدا، ئۇ مۇتەخەسىسلەر ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسىغا ئاساسە يېمەك ـ ئىچمىكىنى تەڭشەپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلايدۇ. شۇڭا بىزمۇ ئۆزىمىزگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دېققەت قىلىشىمىز كېرەك.

30 ياشلىق ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ بەش خىل يىمەكلىكنى كۆپرەك يەپ بەرسە سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق.
1- چىلان ۋە ياڭاق
ئالدى بىلەن چىلان، بۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى يېمەكلىك بولۇپ،  ۋىتامىن تولۇقلاپلا قالماي، يەنە قان ۋە قۇۋۋەتنى ياخشىلايدۇ، ياڭاقنى كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان داڭلىق نەرسە، بۇ ئىككىسىنى ماسلاشتۇرغاندا ئىنتايىن تەڭپۇڭلاشقان ئىسىل غىزاغا ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئاياللارنىڭ كۆپرەك يەپ بېرىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

ئەلۋەتتە يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاشقىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، تاللىغاندا چىلاننىڭ قىپقىزىل، تۇخۇمغا ئوخشاش چوڭلىرىنى، مېغىزى قېلىن ياڭاقنى تاللاپ يىسە بولىدۇ، بۇنداق يىگەندە ئۇلارنىڭ تەمى مۇكەممەل بىرلىشىپ، ئىنتايىن يىيىشلىك ۋە قۇۋۋەتلىك بولىدۇ.

2- ئېرىمچىك قېقى
ئېرىمچىكنى ئادەتتە بىز ناھايىتى ئاز يەيمىز، بىراق ئۇ بىر خىل ئىنتايىن مەززىلىك ئۇششاق يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىكى كۈچلۈك سۈت تەمى ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشىمىغان تەمدىكى ئېرىمچىك قېقىغا يەنە قۇرۇق ئۈزۈم ياكى قاتتىق پوستلۇق مېۋە قوشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەمى تېخىمۇ مول بولىدۇ.
ئىرىمچىك قېقىنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماي، يەنە بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەنى تولۇقلايدۇ.

3- پىچەكگۈل، پويرارىيە يىلتىزى، قوناق تالقىنى
كۆممىقوناقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، يەنە يىرىك تالالىق يېمەكلىك بولۇپ، ھەزىم قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، پىچەكگۈل بىلەن پويرارىيە يىلتىزى ئوزۇقلۇق قىممىتى مول تەبىئىي يېمەكلىك بولۇپ، ئۇلارنى ماسلاشتۇرغاندا بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، بەدەنگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

4- دولانا قېقى 
ئاياللار مەلۇم ياشقا بارغاندا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا چۈچۈمەل، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يىسە، ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ، دولانا قېقى دولانادىن ياسالغان ئۇششاق يېمەكلىك بولۇپ، بىزگە ۋىتامىن تولۇقلاپلا قالماي، يەنە كۆڭۈلنى بوشىتىش ۋە ئىشتىھانى ئېچىش رولىنى ئوينايدۇ.

دولانا قېقى قارامتۇل قىزىل رەڭدە بولۇپ، شەكلى ئۇزۇنچاق، تۇتقاندا سەل قاتتىق، بىراق چاينىغاندا يېپىشقاق ھەم يۇمشاق، تەمى چۈچۈمەل ھەم تاتلىق، قانچە كۆپ يىسە كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ.

5- ھۆسىن تۈزەش تورتى
ئاياللار ئادەتتە يېمەك ـ ئىچمەكتە ماي ۋە شېكەرنى ئاز يەپ، تەبىئىي دانلىق زىرائەتلەردىن خۇئاسىڭ، ئالقات قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك، ھۆسىن تۈزەش تورتىنىڭ يېمەكلىك ماتېرىياللىرىمۇ دەل خۇئاسىڭ بىلەن ئالقات قاتارلىقلار بولۇپ، ھۆسىن تۈزەش تورتى ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

ھەمدە ئۇنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت ئەتىرگۈل تالقىنى چېچىلغان بولۇپ، ئېغىزىنى ئاچقان ھامان گۈلنىڭ مىززىلىك پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەمى چۈچۈمەل ھەم تاتلىق بولۇپ كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، ھەم دائىم يىگەندە ئادەمنى تەبىئىيلا ياش كۆرسىتىدۇ.
ئايال چولپانلارلا ئەمەس، ئەتراپىمىزدىمۇ بەدىنى ۋە تېرىسى ياخشى ئاياللار بار، ئۇلارمۇ ئادەتتە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.
ئاياللار بولۇپمۇ 30 ياشتىن كېيىن، يېمەك ـ ئىچمەككە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرىقى بەش خىل ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.
مانا مۇشۇنداق ساغلاملىق ۋە گۈزەللىكىڭىزگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سالوننى قوللاپ، ئەجرىم ئۈچۈن ئاستى زەيكەننى بىرنى بېسىۋىتىڭ. چەمبىرەككە يوللاش ئىختىيار،،، رەھمەت!

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ


بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز


维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章