سۆيۈملۈك رەقىبىم 16-قسىم

文摘   2024-12-21 20:01   新疆  


سۆيۈملۈك رەقىبىم 

خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق


16- قىسىم

مىھمانلار كىلىپ بەشىنچى كۈنى كەچقۇرۇن ھاشىم تاز ۋە گۆھەرخانلار مىھمانلار بىلەن ھويلىدىكى يوغان كارۋاتتا قىزغىن پاراڭ سوقۇشىۋاتقان ئىدى ، ئاپىسىنىڭ يوتىسىغا بىشىنى قۇيىۋىلىپ سوۋۇنۇپ ياتقان شەكىلە پەخىردىننىڭ دەرۋازىدىن كىرىپ كىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپلا ياتقان يېرىدىن چاچراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى :

- ئىشتىن كۈندە مۇشۇنداق كەچ كىلەمسىز پەخىردىن ؟ ھىچيەرگە بارماي ئۆيدە ئولتۇرىۋېرىپ بەكلا زېرىكىپ كەتتىم مەن ، بىرەر كۈنى دەم ئىلىپ ئوينىتىپ كەلسىڭىز بوپتىكەن ، - قىزنىڭ چىشى مايمۇندەك ئىتىلىپ كەلگىنىچە بىلىكىگە ئىسىلىۋىلىشىدىن خىجىل ھەم بىزار بولغان پەخىردىن جاۋاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا ئالدىراش قىزنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋىتىپ چوڭلارغا سالام قىلغاچ ئاشخانا تەرەپكە ماڭدى ، لىكىن ئۇ رودىپاي پەخىردىندىن بىر قەدەممۇ قالماي تەڭلا ئەگىشىپ كىتىۋاتاتتى .

- ئاڭلىسام بۇ سەھرايىڭلاردا ئۆستەڭ - بۇلاق ، سۆگەتلىك - توغراقلىق دىگەندەك تەبىي مەنزىرلىك جايلار بەك كۆپمىشقۇ ، كەلگىلى نەچچە كۈن بولسىمۇ بىرەرسىگە ئاپىرىپ باقمىدىڭلار ، مىھمانغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسىلەر؟ - پەخىردىننىڭ قۇلاقنى يۇپۇرۇپ جىممىدە كىتىۋاتقىنىدىن گۆھەرخان ئوڭايسىزلاندىمۇ ئەيتاۋۇر چىڭ ئاۋازدا ۋارقىراپ كەتتى .

- ھۇيت بالام ! گاس بولۇپ قالمىغانسەن ؟ شەكىلە قىزىمغا جاۋاپ بېرىپ قوي مۇنداق ! تەربىيە كۆرمىگەندەك قىلىق قىلماي ، - ئاڭغىچە ئولتۇرغان ھەممەيلەننىڭ دىققىتى شۇ تەرەپكە مەركەزلىشىپ بولغان بۇلۇپ داۋاملىق گاچا ھالەتنى ساقلاۋېرىشكە بولمىغاچقا پەخىردىن بىر قىزىرىپ ، بىر تاتىرىپقىنا :

- ئىم ، ماقۇل ، بىر ئىككى كۈنگىچە قۇلۇم سەل بوشىسىلا ئاپىراي ، - دەپ قۇيۇپ ئاشخانىغا غىمىسسىدىلا شۇڭغۇۋىلىپ قۇتۇلغان بولدى ، شەكىلە ئاشخانىغا كىرىشنى خالىمىدىمۇ ياكى پەخىردىننىڭ ئايالى بولمىش نوچىگۈلنى كۆرۈشنى خالىمىدىمۇ تۇرغان جايىدا بىردەم تۇرۇپ قىلىپ ئاستا ئاپىسىنىڭ يىنىغا قايتىپ كەلدى .

- ئا شەكىلە دىگەن جۇمباقنىڭ كاللىسىنىڭ بىرەر ۋېنتىسى ئاپىسىنىڭ قۇرسىقىدا ئۇنتۇلۇپ قالغانمۇ يا خىجىل بۇلۇشتىن كىيىن تۇغۇلغان نىمىمۇ دەيمەن ؟ پەخىردىنكام توي قىلمىغان بويتاق بولسىغۇ نىمە قىلىۋالسا مەيلىتى ، سەندەك قانۇنلۇق خۇتۇنى بارلىقىنى بىلىپ ، كۆرۈپ تۇرۇپمۇ شالتىقىنى ئېقىتىۋېرىدىكىنا ؟ سەن دىيەلمىسەڭ مەن دەيمەن ، يا غىت قىسىپ يۈرسۇن ، يا كەلگەن جايىغا كەتسۇن ، قانداق دىگەن ئادەم بوزەك قىلغانلىق بۇ ، - پەيزىگۈلنى ئىختىيارىغا قۇيىۋىتىدىغان بولسا چىقىپ شەكىلەنى دەسسەپ چەيلەپ ، خىمىردەك يۇغۇرۇپ ، قىيمىدەك چاناپ ، مايدا داغلاپ ، لازىدا تەملىۋەتسىمۇ پۇخادىن چىقمايدىغان دەرىجىدە چىڭقىلىپ كىتىۋاتاتتى . پەيزىگۈل بۇنچىلىك بولۇپ كەتكەن يەردە نوچىگۈلنىڭمۇ پىغانى ئۆرلىمەي قالامتى ؟ مىھماننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش ، غەرەز ئۇقۇش ، كەڭ قۇرساق بۇلۇش باشقا ، بىر ئۆزىگىلا تەۋە ئەرنى يەنە بىر قىزدىن قىزغىنىش ئەلۋەتتە باشقا بىر گەپتە !

- قارىمامسەن ئا گۆھەرەكنى ، پەخىردىنگە يەنە بىر خۇتۇن ئىلىپ بېرەلەيدىغاندەك ئۇنى قىلىپ بەر ، بۇنى قىلىپ بەر دەپ ئىككىسىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ قويغۇسى كىلىپلا تۇرغىنىنى ، ئۇلارنى بەك مۇھىم كىشىلەرەي ، يامان ئەزىز مىھمانلەرەي ، رەنجىتىپ قۇيۇش ئەمەس پاشا چاققانچىلىك ئارامسىزلاندۇرۇشقىمۇ بولمايدىيەي دەپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي قىلىۋاتقىنىنى ، شۇنداق تۇرسا ئۇلارنى قوغلىۋىتىدىغانغا بىشىڭ ئون ئەمەستۇ سىنىڭ ؟ شۇڭا تولا ئىچىمنى زەرداپ قىلماي باشقا گەپ بولسا قىلە ، - نوچىگۈل ئېغىر بىرنى خۇرسىنغاچ كۆزىدىن تاشايلا دەپ قالغان يىشىنى زەردە بىلەن سۈرتىۋىتىپ تاختىدىكى شوخلىنى تاقىلدىتىپ چانىغىلى تۇردى . نوچىگۈلنىڭ يېغىرىنى تاتىلاپ قويغىنىدىن ئوڭايسىزلاندىمۇ ياكى شەكىلە دىگەن شەھەرلىك تۈلكىنى قوغلىۋىتەلمىسە ئەدىپىنى قانداق بېرىشنىڭ پىلانىنى سوقىۋاتامدۇ ئىشقىلىپ پەيزىگۈلمۇ جىمىپ قالدى .

- ھەي ئەپىردىن ، ئا شەكىلە دىگەن شەقىقىنى قانداق قىلغاندا پەخىردىنكامدىن يىراق قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىق ياخشىراق ئامال تىپىپ بېرىڭە ، بولمىسا ئۇلار بۇ يەردىن كەتكۈچە ئاچچىقتىن ئۆلۈپ قالىدىغان ئوخشايمەن مەن ، - نوچىگۈل بىلەن تولىدىن تولا تالاش - تارتىش قىلىپمۇ ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىزدىنىپ بىقىپمۇ تۈزۈكرەك ئامال تاپالمىغان پەيزىگۈل ئاخىرى بولماي بۇ ئىشنى ئەپىردىننىڭ مەسلىھەتىگە سالدى . بۇ ئىشقا ئەپىردىنمۇ دىققەت قىلغان چېغى گەپ چىقىشى بىلەن تەڭ ساقىلىنى ئىلىشتىن چىپپىدە توختاپ ئېغىر تىنغىنىچە بىر ھازا جىمىپ كىتىپ پەيزىگۈل نۇقۇشلاپ يەنە بىر قىتىم سۈيلىگەندىلا ئاندىن قىلىۋاتقان ئىشىنى داۋاملاشتۇرغاچ :

- قىزبالا تۇرۇپ خۇتۇنى بار ئەردىن داجىماي يار يىلىمىدەك چاپلىشىمەنلا دەپ يۈرسە ئۇنداق ئادەمگە غەرەز ئۇقتۇرماق تەس جۇمۇ ! يەنە كىلىپ ئۇلار مىھمان ، قاتتىق - يىرىك گەپ قىلغىلى تىخى بولمىسا ، بۇ ئىشقا مىنىڭمۇ ئىچىم سىقىلىپ تۇرىدۇ ، ھەيييي ! - دىۋىدى پەيزىگۈل ئالدىراش ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ چىرايىغا بىر خىل ھەييارلىق ياماشتۇرغىنىچە :

- مەن بىر ئامال ئويلىغان قاراڭ ، لىكىن بۇنىڭغا سىز قول تىقمىسىڭىز بولمايدۇ ، - دەپ ئەپىردىننىڭ چىرايىغا تىكىلىپ تۇردى . پەيزىگۈلنىڭ گەپ - سۆزىمۇ ، ئىشىمۇ خېلى ئوبدانلا تىتەم - پەتى بولغاچقا ئەپىردىن ئېرەنشىمەي ئۆز ئىشى بىلەن بولىۋەردى . بۇنىڭدىن سەل خۇيلانغان پەيزىگۈل ئېرىنى يەنە بىر قېتىم نۇقۇپ :

- قانداق ئامال دەپ سورىمايسىزغۇ ؟ پەمىمنى سەل چاغلاۋاتامسىزيا ؟ - دەپ تۇمشۇقىنى سوزۇپ تۇرىۋالدى .

- ئۇنداق ئىش يوق ، ھە قىنى دەڭە ، ئاڭلاپ باقاي …

- مەن مۇنداق قاراپ باقسام ئۇ شەھەردە ياشاپ زېرىكىپ كەتكەن بىر سېرىق قۇشقاچكەن ، شۇڭا ئۇنىڭغا بۇ يەردىن بىر لايىق تىپىپ بېرەيلى ، يىگىتنىڭ بوي تۇرقى پەخىردىنكامدەك بولسا ، پۇل - مېلىمۇ مۇشۇ خەقنىڭكىدىن كەم بولمىسا ، ھەراس ! پەخىردىنكامدەك رىمونتچى بولسا تىخىمۇ ئۆلچەمگە چۈشىدۇ ، قانداق ؟ ئامالىم بولامدىكەن …

- ھا … ھا … ھا … ھا … ھا …

- ئەسكى قاپاقتىن سۇ تۆكۈلگەندەك قاقىلداۋەرمەڭە ، بىر ئوبدان پىلان كۆرسىتىۋاتسام ئادەم زاڭلىق قىلىپ ، ۋۇ بىشىڭنى يەيدىغان ! ئاكىڭىزنى قايتا ئۆيلەش پىلانىڭلار بامىتىيا ؟ ئەگەر شۇنداق پىلان قىلغان بولساڭلار مەنمۇ ئاجرىشىپ كىتەي ، مەقسىتىڭلارغا بىراقلا …

- ۋاي بولدى ، بولدى ! ئادەمنى قىنىپ بىر كۈلگىلىمۇ قويمامدىكىنە بۇ ؟ - خۇتۇنىنىڭ ئامالىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتكەن ئەپىردىن ئۇنىڭ ئالىجوقا گەپلىرىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشنى خالىمىدى بولغاي يۇغان ئالقانلىرى بىلەن پەيزىگۈلنىڭ ئاغزىنى ئىتىۋىلىپ داۋاملىق بىلجىرلاشتىن مەجبورىي توختىتىۋالدى .

- ماقۇل ، سىز دىگەندەك لايىق تۇنۇشتۇرۇپمۇ باقايلى ، لىكىن تازا ئاقمايدۇ جۇمۇ بۇ ئىش . نىمىشقا دىسىڭىز ، سەھرالىق ، تەقى تۇرقى ئاكامغا ئۇخشاشراقنى ياخشى كۆرىدىغان ئىشى بولسا ئۇنىڭ كۆزى ئەجەپ ماڭا چۈشمەپتىغۇ ؟ مىنىڭچە ئۇ قانداقتۇ سەھرانى ياكى رىمونتچىنى ئەمەس ئاكامنى ياخشى كۆرۈپ قالغان گەپ . شۇڭا بىز …

- ماڭا كۆزى چۈشمەپتىغۇ دەپ كەتكىنىنى قانداق قىلاي ما گورۇسنىڭ ! سىزگىمۇ كۆزى چۈشكەن بولسا ياخشى بولاتتىكەن ھە ئەسلى ؟ بولدى ! تولا ماڭا قائىدە سۆزلىمەي بۇ ئىشقا ياردەم قىلامسىز ياقمۇ شۇنىڭغىلا جاۋاب بېرىڭە ، - ئەپىردىن بىلەن پەيزىگۈلنىڭ بىرى ئۇنى دەپ يەنە بىرى بۇنى دەپ تالىشىپ يۈرۈپ بۇ ئىشتا يەنىلا پەخىردىن ۋە نوچىگۈلنىڭمۇ بىر پىكرىنى ئىلىپ بىقىشنى توغرا تىپىشتى .

ئەلۋەتتە ، ئۆز نۆۋىتىدە پەخىردىن بىلەن نوچىگۈلنىڭمۇ بۇ ئىشقا بىشى قىتىپ ، دىيىشمىگەن گىپى قالمىغان بۇلۇپ ، كۈچلۈك ماي پۇراپ تۇرىدىغان ، نەگىلا قارىسا تۈمۈر- تەسەك يىيىلىپ تۇرغان ، ئىككى ئادەم يىتىش تۈگۈل بىردەم - يېرىمدەم قورقماي ئولتۇرغۇدەك جايمۇ يوق رىمونتخانىغا كۆچۈپ بېرىۋىلىشقا تىخى ئىمكان يوق . باشقا بىرەر ماكان تىپىپ ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرسىغۇ بولىدۇ ، لىكىن پەخىردىن بىلەن نوچىگۈل قانونلۇق ئەر خۇتۇن تۇرۇپ ، جەينەكتەك بىر قىزنىڭ ئالدىدا تىل تۇتۇقى باردەك ئۆز ئۆيىدىن قىچىشمۇ ئەقىلغا ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى . پەخىردىن ھەر قانچە ياراپ ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ خۇتۇنى بارلىقىنى بىلگەندىكىن شەكىلە ئۆزىنى سورىشى ، ھىچبولمىسا قىزنىڭ ئاتا ئانىسى بولغان ئادەملەر بولسىمۇ : ھايت قىزىم ! دىيىشى كېرەك ئىدى . بۇلار يەتمىگەندەك گۆھەرخاننىڭ پەخىردىننى قىزغا ئۇنى بۇنى قىلىپ بەرگىن ، بىر يەرلەرگە ئاپارغىن دىيىشلىرىچۇ تىخى ! گۆھەرخان بىلەن ھاشىمنىڭ خاراكتىرىدىن ئىلىپ ئىيتقاندىغۇ ئۇلارغا قۇدا بولۇشقا ئەڭ ماس كىلىدىغان ئادەملەر دەل مۇشۇ خەق بولغاندىكىن نوچىگۈلدەك كىلىنىنى قىلچە ئىتىبارغا ئالماي ، ماۋۇ سېرىق قۇچقاچنى ۋاي دەپ كىتىشى تەبىي ئەھۋال ، ئەمما ئەينى چاغدا نىمە ئىشلار يۈز بېرىپ ، ھەۋزىخان مومايغا قانداق تازىملەرنى قىلىپ ئاندىن بالىلارنىڭ توي ئىشىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەكتىغۇ ئاخىر ؟

- ئەتە ئوينىغىلى ئاكام بىلەن شەكىلەلا بارسا پەقەت مەزىسى بولمايدۇ ، شۇڭا نوچىگۈل بىلەن پەيزىگۈلنىمۇ ئىلىپ بەشىمىزلا بارايلى ، ئادەم جىق بولسا قىززىيدۇ ھەم بەك كۆڭۈللۈك بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكام ئوينايدىغان يەرلەرنى مەنچىلىك بىلمەيدىغۇ دەيمەن ، شۇنداقمۇ ئاكا ؟ - ئەپىردىن بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قۇيىشى بىلەن تەڭ شەكىلەنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ ، كۆزلىرى پاقىنىڭ قولتۇقىدەك ئاقىرىپ كەتتىيۇ ، لىكىن چىش يېرىپ : ياق ! مىنىڭ پەخىردىن ئاكام بىلەن يالغۇز بارغۇم بار ئىدى دىيەلمىدى . شۇنداق قىلىپ ئەتىسى پەخىردىن بىلەن ئەپىردىن بىر كۈن ئىشتىن توختاپ ، ئۈچ قىزنى ئىلىپ سەيلە قىلىپ كىلىدىغان بۇلۇپ يىتىپ قىلىشتى .

ئەتىسى سەھەردە بەشەيلەن بىر مۇنچە يىمەك - ئىچمەك ، گازىر- پۇرچاق ، كاۋاپ قىلىش ئۈچۈن زىخلاپ تەييارلانغان گۆش ، شەكىلە ئۈرۈمچىدىن ئالغاچ كەلگەن فوتو ئاپپارات دىگەندەك نەرسىلەرنى ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتنىڭ بىر تەرىپىگە ئىخچام قىلىپ بىسىپ بولغاندىن كىيىن موتسىكلىتنى كىم ھەيدەش توغرىلىق قىسقىلا مۇنازىرە قىلىنىپ ئوڭۇشلۇق يولغىمۇ چىقىۋالدى .

- ھىلىمۇ تەلىيىمگە ئەپىردىن موتو ھەيدىيەلمەيمەن دەپ تۇرىۋالدى ، شۇ بانادا ئاۋۇنىڭ يىقىمسىز چىرايىغا قاراشتىنمۇ ، تىتىقسىز نايناقشىشلىرىنى ئاڭلاشتىنمۇ قۇتۇلۇپ ، بىر ئوبدان دۈمبەمنى قىلىپ ماڭدىم مانا ، ئەمدى مۇشۇ ساياھەتتىن ساق - سالامەت بىر قايتىۋالساق ، ھەدىسە ئادەمگە رۇدىپايدەك چاپلىشىۋالىدىغان قىلىقىمۇ ئاز تولا پەسكويغا چۈشەر بۇ خىنىمنىڭ … - سەل ئۆسكىلەڭ بولسىمۇ ئۆزىگە خويمۇ ياراشتۇرۇپقىنا چاچ قويغان پەخىردىن چاچلىرىنى كەينىگە قارىتىپ ئۇچۇرغان ھالدا ئۆز خىيالى بىلەن كىتىۋاتماقتا . ئاتايىن ئالدى تەرەپكە چىقىپ ئولتۇرىۋالغان شەكىلە بولسا يىنىدىكى ئۈچەيلەننىڭ پاراڭ ۋە چاقچاقلىرىدىن پۈتۈنلەي مۇستەسنا ھالدا مۇمكىن بولسا پەخىردىننىڭ كەينىگە مىنگىشىۋالىدىغاندەك ، بىشىنى ئالدى تەرەپكە تۇلۇق قارىتىپ ، كۆزىنىمۇ ئۈزمەي ، ئۆزىچە قانداقتۇ بىر شېرىن تۇيغۇلارغا يەم ئىدى . بېرىقى ياندا چاندۇرماي پاراڭ سوقىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن نوچىگۈل قاتارلىق ئۈچەيلەننىڭ بىزارلىق ۋە ئۆچمەنلىك يىغىپ تۇرغان كۆزلىرى ئۇ خىنىمغا ئالىيىپ تىنمايتتى .

موتسىكلىت قۇمساڭغۇ توپىلاڭ يولدا يېرىم سائەتتىن ئۇشۇق غارقىراپ ماڭغاندىن كىيىن ئاخىرى بۈگۈنكى ئاساسلىق نىشان بولغان توغراقلىققا كىلىپ توختىدى . كۆلىمى ئۇنچە بەك چوڭ بولمىغان بۇ توغراقلىقنى مەنزىرگاھ ياكى ساياھەت رايونى دىگىلى بولمىسىمۇ بەزىلىرى ياشىرىپ ، بەزىلىرى سارغىيىپ يەنە بەزىلىرى قۇرۇپ كەتكەن شاخلىرى پۇتىلىپ قۇملۇقتا گىگانىت كۆتەكتەك سوزۇلۇپ ياتقان بۇ كارتىنا ئادەمگە ئاجايىپ بىر خىل ھۇزۇر بېرەتتى . توغراقلىققا ئانچە يىراق بولمىغان ئاۋۇ ياپيىشىل سۆگەتلىكتە چوڭ كىچىك ئۇتتۇز قىرىق كۆزدەك بۇلاق بۇلۇپ ، توغراقلىقتا رەسىملەرگە چۈشۈپ ، قۇرۇق شاخلارنى قالاپ ، تەييارلاپ كەلگەن كاۋاپلارنى پىشۇرۇپ يىيىشكەندىن كىيىنكى نىشان دەل ئەشۇ سۆگەتلىك بۇلاق ئىدى . بۇ يەردە تىلغا ئىلىنغان رەسىملەرگە چۈشۈش ئاساسلىق شەكىلە خىنىم بەھىرلىنىدىغان ئىمتىياز ، چۈنكى فوتو ئاپپارات ئۇنىڭ ، بۈگۈنكى بۇ ساياھەتمۇ شۇنىڭ جىدىلى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان .

مۇۋاپىق بىر جاينى تاللاپ چوڭ ئەدىيال سىلىنغاندىن كىيىن نوچىگۈل بىلەن پەيزىگۈل ئۆيدىن ئەكەلگەن تەييار يىمەك ئىچمەكلەرنى تىزىشقا باشلىدى ، پەخىردىننىڭ : بۇ نەرسىنى ئىشلىتىشنى مەن پەقەت ئۇقمايمەن دىگىنىگە ، ئەپىردىننىڭ : ئەكىلىڭە مەن تارتىپ قوياي دەپ تۇرىۋالغىنىغا ، شەكىلە : بىلمىسىڭىز مەن ئۆگىتىپ قويىمەن ، مانا قاراڭ ، ئاۋال مۇنداق قىلىسىز ، ئاندىن مۇنداق قىلىسىز دەپ يۈرۈپ فوتو ئاپپاراتنى پەخىردىنگە مەجبۇرى تۇتقۇزۇپ ھەر خىل ھەر ياڭزا شەكىل چىقىرىپ رەسىمگە چۈشۈشكە تەييارلىنىپ كەتتى . بۇ چاغدا ئەپىردىن كاۋاپقا چوغ چۈشۈرۈشكە تەرەددۇتلىنىپ ، ئىككى قىز دوقاسلىغىنىچە ، شەكىلەنىڭ رەسىمگە چۈشكەندە ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ئىلىۋالغان لىق كۆينەك قاچىلانغان سومكىسىنى بىرسى ئۇيان پىرقىرىتىپ ، بىرسى بۇيان پىرقىرىتىپ بارى يوق ئۆچىنى سومكىدىن ئىلىۋاتاتتى .

- ۋايجان ! ۋاي پۇتۇم ! - ھى … ھى … ھا … ھا … قىلىپ بىر خىلدا رەسىمگە چۈشىۋاتقان شەكىلەنىڭ تۇيۇقسىز ئاچچىق چىرقىرىشىدىن ھەممەيلەن چۆچۈپ كەتتى . شەكىلەنىڭ ھىچيەردە كۆرۈنمەي قالغىنىنى ، پەخىردىننىڭ بولسا قولىدىكى فوتو ئاپپاراتنى نەلەگىدۇ چۆرىۋىتىپ غايەت يوغان بىر كۆتەكنىڭ كەينىگە شۇڭغۇپ كىتىۋاتقىنىنىلا كۆرۈپ قالغان نوچىگۈللەر تىخىمۇ بەك چۆچۈپ كىتىشتى .



ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن

ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ



نادىر ئەسەرلەر









维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章