سۆيۈملۈك رەقىبىم 9-10-قسىم

文摘   2024-12-16 20:04   新疆  


سۆيۈملۈك رەقىبىم 

خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق


9- قىسىم


- بىر نىمە دىسىلىچۇ ، زادى قانداق قىلىمىز بۇ ئىشنى ؟ بالىلار مۇشۇ چىقىپ كىتىشىدە يىراقلارغا كىتىپ قالماس ھە ؟ ۋاييەي ! راسلا قايتىپ كەلمىسە قانداق قىلارمىز دەيمەن ؟ تويلۇققا پۇل قوشساققۇ ئۇناپ قالار ئا تۇل خۇتۇن ، قۇدا بولساقمۇ بولامدۇقيا دادىسى ؟ نامراتنىڭ قىزىنى كىلىن قىلساق بۇمۇ بىر ھىساپتا ياخشى ، مەڭگۈ بىزنىڭ قاش قاپىقىمىزغا قاراپ ئۆتىدۇ ئەمەسمۇ ، - ئەزەلدىن ئوغۇللىرىغا چىدىمايدىغان گۆھەرخان ھەۋزىخاننىڭ نىمە سەۋەپتىن توينى بۇزغىنىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ يەنە ئۆز چوتىنى سوققىلى تۇردى . لىكىن ھاشىمنىڭ پوزىتسىيىسى سەل باشقىچە تۇراتتى .

- گەپ قىلمايلىغۇ ؟ بالىلار دىگىنىنى قىلىپ بىر يەرلەرگە كىتىپ قال …

- ۋاي زۇۋانىڭنى بىر يىغقىنا ! ئىزىتقۇ - جىنلىرىنى تاشلاپ نەگە كىتەلەيتتى ؟ سەن بىلەن مىنى قورقۇتۇپ قىلغان قىلىقى بۇ تۇزكورلارنىڭ ، تولا مىتىلداپ نېرۋامنى ئۆرلەتمىسەڭ ياخشىراق ئويلىنىپ باقاي مەن ، - ھاشىم بىلەن گۆھەرخان پۈتۈنلەي ئۆز غىمىدە دەتالاش قىلىۋاتقان شۇ پەيتتە دەرۋازا ئەنسىز ئىچىلىپ يەتتە سەككىز ياشلاردىكى بىر ئۇغۇل بالا ھاسىرىغان پىتى كىرىپ :

- ئاۋۇ … ئاۋۇ … ھىلىقى … ئاكام ئوتنى ئۈچۈرىمەن دەپ … ئۆزى كۈيۈپ … - دىيىشىگە بۇ تۇيۇقسىزلىقتىن چۆچۈپ كەتكەن گۆھەرخان قولىغا سۈپۈرگىنى ئىلىپلا بالىغا قارىتىپ ئىتىپ :

- ئوھوشتە ! ئادەمنىڭ نېرۋىسى چىچىلىپ ئاران تۇرغاندا نىمە ئىلەشتۈرىدۇ ماۋۇ تىجىمەل ؟ چىقىپ ئويۇنىڭنى ئوينىغىنە ماڭ ! - دەپ چالۋاقىدى . لىكىن ئاتقان سۈپۈرگە بالىغا تەگمىدى ، بالىمۇ چىقىپ كەتمەي ماڭقىسىنى يىڭى بىلەن سۈرتكەچ گىپىنىڭ داۋامىنى دەۋەرگەندىلا ئاندىن بالا - قازانىڭ خەقنىڭ بىشىغا ئەمەس ئۆزلىرىنىڭ بىشىغا كەلگەنلىكىنى بىلدى .

- پەخىردىن ئاكام ئوتتا كۆيۈپ … خەقلەر ئۇنى دۇختۇرخانىغا ئاپارمىز دەپ ھارۋىغا ياتقۇزۇپ …

- نىمىلەرنى جۆيلىۋاتىسەنوي ؟ پەخىردىن ئوتتا كۆيۈپ … پەخىردىن ؟! … جىنىم بالام … - گۆھەرخان ھۆ تارتىپ يىغلىغانچە سىرتقا يۈگۈردى ، ئاغرىق دەستىدىن ئىڭراپ ياتقان ھاشىممۇ ئۆزىدىكى ئاغرىقنى ئۇنتۇپ دىڭگوكلىغانچە ئۇمۇ ماڭدى .

- ۋاي ئىسىت ئاقكۆڭۈل بالام ! خەقنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتسە ساڭا نىمە ئىدى ؟ ئۆيگە يىنىپ كىرسەڭ يا بولمىسا يۇلۇڭغا كىتىۋەرسەڭ بولماسمىدى ؟ سەن ئىچىدە كۆرۈڭنى يۇمۇپ يىتىۋالغىنىڭ بىلەن بۇلار كۆزىنى پارقىرىتىپ ئولتۇرىدۇ مانا ، قوپۇشە ! ئوغلۇمنى تۆلەپ بېرىڭلار ! سەن خەقنىڭ ئوتىنى ئۆچىرىمەن دىمىسە بالاممۇ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالمايتتى … ئاقكۆڭۈل بالام … قۇرغۇيۇم بالام …

- ئۆزلىرىنى بىسىۋالسىلا گۆھەرخاچا ، دۇختۇرلار ئادەمنى بار كۈچىمىز بىلەن قۇتقۇزىمىز دىدىغۇ ، شۇڭا پەخىردىن بايۋەتچىگە ھىچ ئىش بولمايدۇ . سىلىمكاممۇ ئۆيىگە ئوت كىتىشىنى ئويلىمىغان ، سىلىنىڭ ئوغۇلنىڭ ياردەمگە كىلىپ قىلىشىنى ھەم يارىلىنىپ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ كىتىشىنى تىخىمۇ ئويلىمىغان تۇرسا ، بۇنداق دىسىلە ئۇ خىجىل بولۇپ قالماسمۇ ؟

- ۋوي ! مىنىڭ ئوغلۇم بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى ئۆزىدىن كۆرسە بولىدىكەندە ئەمىسە ؟ - ئوت كەتكەن نەق مەيداندىن دۇختۇرخانىغىچە بىللە كەلگەن يەنە بىر خوشنىسىنىڭ گىپى يىغلاۋاتقان گۆھەرخاننىڭ تىتاڭ تۇمۇرىغىلا تىگىپ كەتتى بولغاي ئىككى قولىنى بىقىنىغا تىرىگىنىچە بايىقى گەپنى قىلغان ئادەمنىڭ ئالدىغا دىۋەيلىدى . ئۇ ئادەم شۇئان ھۇدۇقۇپ قىزارغىنىچە كەينىگە داجىدى ، ئاڭغىچە بۇ يەردە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئەپىردىن پەيدا بولۇپ ، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان جىدەل ۋاقىتلىق بىسىققان بولدى .

- ئاكا ! ئاكامغا زادى نىمىش بولدى ؟ ھازىر ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟ يارىسى ئېغىر ئەمەستۇ ؟

- ئاخىرى كەلدىڭ بالام ، ئاكاڭ … ئاكاڭ ئۇ … كۆرمەسكە سېلىپ يولىغا مىڭىۋەرمەي نەدىكى بىر خەقنىڭ شاخ - شۇمبىسىغا كەتكەن ئوتنى ئۆچىرىشىپ بېرىمەن دەپ ئۆزى كۆيۈپ … - ئەپىردىن باشقا گەپ قىلمايلا پەخىردىننى ئەكىرىپ كەتكەن ، ئۇنى بۇ يەرگە بىللە ئىلىپ كەلگەن ھەممەيلەننىڭ دىققەت ئىتىبارى مەركەزلىشىپ تۇرغان ئاشۇ بۆلۈمنىڭ ئىشىكى تەرەپكە ماڭدى . ئىشىكنىڭ يۇچۇقىدىن خېلى ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ بىقىپ بىردىنلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كۆزىنى سىقىپ مىچىلداۋاتقان ئاپىسىنىڭ نەق ئۇدۇلىغا كىلىپ توختىدى .

- ئەمدى كۆڭلۈڭلار قەرەل تاپتىمۇ ؟ - دەپ چەكچەيگەن پىتى بىرلا ئېغىز سوئالنى سوراپ تۇرىۋالدى .

- سەن … سەن … زادى نىمە دىمەكچى ئەپىردىن ؟ ئەجىبا داداڭ ئىككىمىز مۇشۇنداق بولىشىنى خالامدىكەنمىز ؟ - گۆھەرخان تاراملاپ يىغلاپ تۇرۇپ ئەپىردىننىڭ قولىنى تۇتماقچى بولىۋىدى ئۇ قوپاللىق بىلەن سىلكىپ قەتئىي ئۆزىگە يىقىنلاشتۇرمىدى . ئۇلارنىڭ جىدەللىشىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قالغىنى ئەتراپتىكىلەرنىڭ چىرايىغا چىقىپلا كەتكەن بۇلۇپ ، سېلىممۇ ئۆيىگە ئوت كەتكەنلىك تالاپەتنى پاكپاكىز ئەستىن چىقىرىپ ، ھاشىم باي بىلەن گۆھەرخاننىڭ تالاپىتىنىڭ ئىسكەنجىسىدە يۈرىكى مىجىلىپ كىتەي دەۋاتقان شۇ پەيتتە باي ئائىلىسىدىكىلەر مۇشۇ ئىشنى باھانە قىلىپ جىدەللەشسە ئىش تىخىمۇ ياخشى يەردىن چىقمايدۇ ئەمەسمۇ .

- بىزنىڭ ياخشى ياشىشىمىزنى خالىساڭلار نىمىشقا ھىلىقىدەك ئىشنى قىلىسىلەر؟ ئاخىرى نىمە بولدى ئەمدى ؟ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە دادام ئىككىڭلار سەۋەپچى بولمىدىڭلارما ؟ ئاكامنىڭ كەيپىياتى جايىدا بولغان بولسا ئوت ئۆچۈرۈش جەريانىدا چۇقۇم ئېھتىيات قىلغان ، قاراملىق ياكى بىخۇتلۇق قىلمىغان بولاتتى ، شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ ئاپا ؟ ئۆزۈڭ دەپ باقە ! - ئەپىردىننىڭ سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ ، ھاياجانلانغانسېرى ئەسەبىيلىشىپ گۆھەرخاننىڭ ئىككى بىلىكىدىن چىڭ چاڭگاللىۋىلىپ كۈچەپ سىلكىپ كىتىۋاتقىنىدىن ساراسىمىگە چۈشكەن خۇلۇم خۇشنىلار ئاخىرى قاراپ تۇرالماي ئانا بالا ئىككىسىنى تارتىپ ئاجرىتىۋىلىشقا ئۇرۇندى .

- تارتە قۇلۇڭنى ، ۋۇ بەدبەخ تۇزكور ! ھە دەپ بەرسە سەن توڭگۇز سوراق قىلىپ بىزگە يانغۇدەك بولدۇڭما تىخى ! ئۇنتۇپ قالما ، ئاكاڭ ئىككىڭنى مانا بىز بىقىپ نوچى چوڭ قىلىپ قويغان . ئەمدىلىكتە بىر خۇتۇننى دەپ مۇشۇنچىلىك بولۇشۇپ كىتىمىز دىگىنە ؟ نوچى بولغاندىكىن ئۆزۈڭلار بېرىپ ئېلىۋىلىش شۇ خۇتۇنلارنى ! سەنلەر بىلەن ئەمدى كارىم يوق … - ھاشىم بىردىنلا تۈكرۈكلىرىنى چاچرىتىپ سەكرەپ بىر مۇنچە چالۋاقىۋىتىپ قولىنى كەينىگە قىلىپ مىڭىۋىدى گۆھەرخان :

- ھەي دادىسى ، توختىسىلا ، بالا ئىچىدىن تىخى چىقمىسا ، مۇشۇنداقلا كىتەملا ؟ نىمىلا قىلمىسۇن ئۇلار بەرىبىر بالا ئەمەسمۇ ؟ توختىسىلا دەيمەن ! - دەپ ئۈمتەلدى ، لىكىن ھاشىم ھىچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك كىتىۋەردى .

نەچچە كۈننىڭياقى توي خەۋىرى مەھەللىگە پۇر كەتكەن بىلەن ، ئەتىگەندىن بېرى بولغۇسى قۇدىلارنىڭ ئاق تاغلىق ، كۆك تاغلىق بۇلۇشۇپ كەتكىنىدىن خەۋەر تاپالماي قالغان ئايىقى ساياق ، لەكلەك پوچتىكەشلەر پەخىردىننىڭ ئوت ئاپىتىدە يارىلىنىپ ھازىر دوختۇرخانىدا ئۆلۈك - تىرىكلىكى نائىنىق ياتقانلىقىنى ھەۋزىخان ئائىلىسىگىمۇ تەڭلا يەتكۈزۈپ بولغانىدى .

كۆڭلىدىكىنى دىگەندە موماينىڭ ئىككى يىگىتكە تىرناقچە ئۆچلىكى يوق ھەتتا ئامراقلىقىدىن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىدەكلا كۆرىدىغان بولغاچقا بۇ خەۋەردىن كۆڭلى قاتتىق يېرىم بۇلۇپ تاپىنىدىن كىرگەن بىر ئاغرىق مىڭىسىدىن چىقىپ كەتتى . قىلغۇلۇقنى ئاتا ئانىسى قىلسا ، بار بولغۇلۇقنىڭ ئاشۇ بالىلارغا بولغىنىنى ئويلاپ تويلۇقنى ياندۇرىۋەتكىنىگە پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدى . لىكىن ، يۈرىكىنى تاش قىلىش كېرەككى ، كەينىگە ھەرگىزمۇ يانالمايدۇ ، بالىلار ئاشۇ ھاشىم بىلەن گۆھەرنىڭ بالىسىلا بولىدىكەن ئۇلارغا يىقىن يولىغىلى بولمايتتى .

خەۋەر يەتكۈزۈلگەندە پەيزىگۈل بىلەن نوچىگۈلمۇ بار بۇلۇپ ، نوچىگۈلنىڭ شۇئان يۈرىكى پەسكە تارتىلىپ كۆز ئالدى غۇۋالاشتى . پەيزىگۈلمۇ لىۋىنى چىشلىگەن ھالدا نوچىگۈلنىڭ قولىنى سىققاچ :

- كۆزۈڭنىڭ سۈيىنى سىقما نوچىگۈل ، مومام تىللىۋەتمىسۇن يەنە ، ئۇنىڭغا ھىچ ئىش بولمايدۇ ، ئەنسىرىمىگىن ھە ! - دەپ پىچىرلىدى . ھەۋزىخان پەيزىگۈلنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قالدىمۇ ياكى تىخى تەگمىگەن ئەر ئۈچۈن ياش تۆكۈپ خۇدىنى يۇقىتىۋاتقان نوچىگۈلگە ئاچچىقى كەلدىمۇ يەنە قايناشقا باشلىدى .

- نىمە يۇنداڭنى ئىقىتىسەن جۇۋاينىمەك ؟ خەق سىنىڭ ھىچنىمەڭ ئەمەس ھەم ھىچنىمەڭمۇ بولمايدۇ جۇمۇ ! كىيىنكى كۈنلەردە سىنى خۇتۇن قىلغان ئەر بۇرۇن باشقا بىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق مۇڭلىنىپ ئولتۇرغىنىڭنى بىلسە خىتىڭنى قۇلۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويمىسۇن يەنە ! خەق ئۆلەمدۇ تىرىلەمدۇ ئەمدى سەن بىلەن مىسقالچىلىك ئالاقىسى يوق ! تۇرە ئورنۇڭدىن ، يۈزۈڭنى يۇيۇپ تامىقىڭنى ئەت ، سەنمۇ قوپە قۇيرۇق چۆرىگۈچ ! - ئىككى قىز ئورۇنلىرىدىن سوزۇلۇپقىنا تۇرۇشۇپ قازان بىشىغا ئۆتتى .

- ھەي ! بېرىپ كۆرۈپ كىلەمسەن يا ؟

- مومام خاپا بولىدۇ ، بولدىلا بارساممۇ بەرىبىر پايدىسى بولمىغاندىكىن .

- مومامغا دىمەي بارمامسەن ساراڭ ، بۇ يەردە قويغان تۇتقىنىڭنى بىلمەي كۆزۈڭنى سىقىپ يۈرگەندىن بېرىپ يىراقتىن بولسىمۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ كۆڭلۈڭنى تىندۇرۇپ كەل ، مومام سورىسا ئاچچىقسۇغا ياكى تۇزغا دۇكانغا كەتتى دەپ تۇرىمەن ، بولە ماڭ !

- قاملىشارمۇ ؟ ھايالشىپ قالغۇدەك بولسام مومام گۇمان قىلىپ قالار ، شۇڭا …

- ئەزمەڭنى ئەزمەي يۈگۈرگەن پىتى بېرىپ ئۇچقان پىتى قايت ! گۇمانلانسا يولدا دۇستۇم ئۇچراپ قالدى دەرسەن يا ، كەلگىچە ئاچچىقسۇ ، تۇز ئالغاچ كىلىشنى ئۇنۇتما ، - موماينىڭ ھاجەتكە ئۆتۈپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ نوچىگۈل دەرۋازىدىن غىپپىدە چىقىۋالدى ۋە سەت تۇرارمۇ ، خەق قاراپ قالارمۇ دىمەستىنلا جىنىنىڭ بارىچە يۈگۈردى . ئۇ دۇختۇرخانىغا يىتىپ كىلىپ ئۇيان دۇقۇرۇپ ، بۇيان دۇقۇرۇپ يۈرۈپ بىر كەم بولغاندا ئاخىرى تۇنۇش چىرايلارنى ئۇچرىتالىدى ۋە ئۆزىنى چەبدەسلىك بىلەن بىر دالدىغا ئىلىپ تۇرغانلارنى تەپسىلىي كۆزىتىشكە باشلىدى . ئەپىردىننىڭ توختىماي ئۇياق - بۇياققا مىڭىشى ، پات - پات بۆلۈم تەرەپكە قاراپ ئۇھسىنىشلىرىدىن ، گۆھەرخاننىڭ ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە سۇنايلىنىپ ئولتۇرۇپ كۆز يىشى قىلىۋاتقىنىدىن ، بۈگۈن ئۆيىگە ئوت كەتكەن سېلىم ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى خوشنىسىنىڭ چىرايلىرىدىكى ئەنسىزلىكتىن پەخىردىننىڭ ئەھۋالىنىڭ تىخىچىلا نامەلۇم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ كۆڭلى بۇزۇلدى .

- ئىچىدىن بۇ كەمگىچە بىر جاۋاپ چىقمىغىنىغا قارىغاندا ئەھۋالى خەتەرلىك ئوخشىمامدۇ ؟ ھامىنى كەپتىمەن بۇ يەرگە ، مومامدىن تىل ئاڭلايدىغان ئىش بولسىمۇ يەنە بىردەم تۇرۇپ باقاي ئەمدى ، ھىلىغىچە خەۋەر چىقىپمۇ قالا . سىزگە ھىچ ئىش بولمىسۇن ، ئىككىمىز توي قىلالمايدىغان ئىش بولسىمۇ چۇقۇم ياخشى ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، غەيرەت قىلىڭ پەخىردىن ! - كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋاتقان نوچىگۈل ئاۋازىنىڭ ئۈنلۈك چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالدى . پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇ تەرەپتىكى ئەھۋالنى كۈزىتىۋاتقان قىز تۇيۇقسىز بىرەيلەننىڭ مۈرىسىنى تۇتىشى بىلەن چۆچۈپ كەينىگە قارىدى ، قارىغاندىن كىيىن بولسا تىخىمۇ چۆچۈپ ۋارقىراپ تاشلىدى .


داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ


10-قىسىم





ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن

ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ



نادىر ئەسەرلەر









维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章