سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
19- قىسىم
- يىقىندا ئۆزىنىڭ بىئارام بولىۋاتقىنىنى دىگەن ياكى دۇختۇرخانىغا بىرىپ كۆرۈنگەن ئىشلار بامىتى ؟ - پەخىردىن بىردە كۆزى چىڭ يۇمۇق ياتقان نوچىگۈلگە ، بىردە ئۆزىدىن جاۋاپ كۈتۈپ تۇرغان دۇختۇرغا قاراپ سەلگىنە مەڭدىۋالغاندىن كىيىن بىشىنى چايقىدى . ئەللىك ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بۇ دۇختۇر مەنىلىك كۈلگىنىچە پەخىردىننىڭ يىنىغا كىلىپ :
- ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق ، ئەھۋالدىن قارىغاندا پات ئارىدا دادا بولىدىغان ئوخشايسەن بالام ، يەنىمۇ ئىنىقراق جەزملەشتۈرىۋىتەي دىسەڭلار مۇنتىزم دۇختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتۈپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ ، - دەپ ئۇنىڭ دولىسىغا يىنىك شاپىلاقلاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى . پەخىردىن بىلەن پەيزىگۈل ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي تۇرغان جايىدا داڭقىتىپ تۇرۇپ قىلىۋەردى ، دوختۇرنى بولسا بىرەرسىنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ ئىشىك سىرتىدا تۇرغان ئەپىردىن ئۇزۇتۇپ قويدى .
بالىنىڭ خوشخەۋىرىنى ئاڭلاپ بۇ ھوجرىدا داۋاملىق بىزىرىپ تۇرىۋېرىشنى بىئەپ كۆرگەن پەيزىگۈل ئاستا چىقىپ كەتتى . شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى بايىقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە بىچارە ۋە تاشلاندۇق ، باينىڭ قىزى بولغاندىن سىرت ھامىلدار بولۇشتەك كاتتا مەرتىۋىگە ئېرىشكىلىۋاتقان نوچىگۈلنى بولسا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە كۈچلۈك ھەم ئەتىۋا ھېس قىلىپ روھى كەيپىياتى تىخىمۇ چۈشۈپ كەتكەن بۇلۇپ دۇختۇرنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ ھوجرىغا يىنىپ كىرگەن ئەپىردىننىڭ :
- بايا دۇختۇر نىمە دىدى ؟ بىرەر مەسىلە يوقتۇ ھە ؟ بۈگۈن ئاچا سىڭىل ئىككىڭلارغا زادى نىمىش بولدى دەيمەن ؟ بىرىڭلار يىغلاپ ھوشۇڭلاردىن كەتسەڭلار ، يەنە بىرىڭلار روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ھاڭۋىقىپ قالساڭلار ، ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرماي گەپ قىلىڭە خۇتۇن ، - دەپ سوراشلىرى ، چايقاپ سىلكىشلەشلىرىمۇ پەقەت كار قىلمىدى . قاچانلا قارىسا سېرىق قۇچقاچتەك ۋىچىرلاپلا تۇرىدىغان سۆزمەن خۇتۇنىنىڭ بۇ ھالىتى ئەپىردىننى ئوبدانلا ساراسىمىگە سىلىپ قويغان بۇلۇپ ، بۇ كىچە تۇلۇق ئىسىگە كىلىپ بولالمىغان نوچىگۈلنى ھىساپقا ئالمىغاندا قالغان ئۈچەيلەننىڭ كۆزىگە بىردەك ئۇيقۇ كەلمەي قويدى .
- ۋوي ، كۈن قەيەردىن چىققاندۇ بۈگۈن پەيزىگۈل سەھەر تۇرۇپ كەتكۈدەك ؟ ئۇيقۇڭغا قانداقمۇ قانغانسەن دەيمەن ؟ - تاڭ سەھەردە ھوجرىسىدىن چىقىپلا ئالدىراش ھويلا سۈپۈرىۋاتقان پەيزىگۈلنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن نوچىگۈل ئادىتى بويىچە چاقچاق ئارىلاش سالام قىلدى ، پەيزىگۈل سۈپۈرگە ئوينىتىشتىن دەقىقە توختاپ ، نوچىگۈلگە يەر تىگىدىن مۇنداقلا قاراپ قۇيۇپ بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماي يەرنى بايىقىدىنمۇ تىز- تىز سۈپۈرگىلى تۇردى . شۇندىلا نوچىگۈلنىڭ كۆز ئالدىدىن ئاخشامقى ئىشلار يالت - يۇلت قىلىپ ئۆتكەندەك بۇلۇپ سالپايغىنىچە ئاشخانىغا شۇڭغۇدى . ئىككى قىزنىڭ بۇنداق قاتمال مۇناسىۋەتكە چۈشۈپ قىلىشى ئەل ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم بۇلۇپ ، راستىنى دىگەندە نوچىگۈلمۇ ئۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيىدە بۇلۇشنى دەماللىققا بىلەلمەي قالغانىدى . يىنىغا بېرىپ قولىدىن سۈپۈرگىنى تالىشاي ياكى ئاخشامقى ئىشنى چۈشەندۈرەي دىسە پەيزىگۈلنىڭ قەغىشلىك قىلىپ ۋارقىراپ ئىشنى تىخىمۇ يۇغىنىتىۋىتىشىدىن ئەنسىرىدى . شۇڭا ئۆزىنى چەتكە ئىلىش سۈركىلىشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قاراپ ئۇمۇ ئۆز ئىشى بىلەن بولدى .
- بۈگۈن نوچىگۈل ئىككىمىزنىڭ ناھىيە بازىرىغا كىرىپ چىقىدىغان ئىشىمىز بار ئىدى ئاپا ، - ناشتىدىن كىيىن پەخىردىننىڭ گۆھەرخانغا ئىيتقان بۇ گىپى ئۆزلىرى يىتىۋاتقان ئۆيدىن ھويلىغا چىقىپ كىلىۋاتقان شەكىلەنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قىلىپ كىيىكتەك تاقلاپ كەلگىنىچە پەخىردىننىڭ بىلىكىگىلا ئىسىلدى .
- ئەجەپ ياخشى ! مىنىمۇ ئاپىرىڭە پەخىردىنكا ، ناھىيە بازىرىڭلارنى مەنمۇ كۆرۈپ باقاي ، قانداق ياخشى نەرسىلەر باركىن ؟ مىنى ساقلاپ تۇرۇڭ ھە ، - شەكىلە گىپىنى تۈگىتىپلا بايا چىققان ئۆي تەرەپكە مىڭىۋىدى پەخىردىن ھىچقاچانقىغا ئوخشىمايدىغان كەسكىن ھەم قۇپال تەلەپپۇزدا ئۇنى توختىتىپ قويدى .
- ھەممىلا يەرگە ئەگىشىۋېرەمسىز ، نوچىگۈل ئىككىمىزنىڭ بىجىرىدىغان شەخسىي ئىشىمىز بار بۈگۈن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى چاقلىق موتسىكلىتتا بارىدىغان ئىش ، سىز سىغمايسىز ! - خۇشال قىيغىتقىنىچە كىتىۋاتقان شەكىلەنىڭ چىرايىغا دەررۇ يىغا يامىشىپ جايىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى . يەنە شۇ گۆھەرخان ئارىغا كىرىپ شەكىلەنى ئەر خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇپ قويماقچى بولىۋىدى پەخىردىن :
- نوچىگۈلنىڭ مىجەزى يوق ئاپا ، ھەر قانچە بولسىمۇ دۇختۇرخانىغىمۇ ئەگىشەمدۇ ئەمدى ؟ گەپنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلىشىپ قىلساڭلار قانداق ؟ - دەپلا نوچىگۈلنىڭ قولىدىن تارتقان پىتى ھوجرىسىغا كىرىپلا كەتتى ۋە كۆپ ھايالشىمايلا نوچىگۈل بىلەن ئىككىسى چىقىپ موتسىكلىت بىلەن كىتىپ قىلىشتى .
- ۋۇ بىشىنى يەيدىغان جۇۋاينىمەك ! ئەجەپمۇ بىر ئىشى تۈگىمەيدىغان نىمىلەركەن بۇ ، بىرسى قويسا بىرسىنىڭ چاتىقى چىقىپلا تۇرغان ، مىنىڭ ماۋۇ ئەخمەق ئوغۇللىرىممۇ خۇتۇن دىسە دۈملا چۈشىدىغان بولدى ھازىر ، ئا قارا ! بىرسى پاچىقىغا ئىسىلىۋالىدىغاندەك ئالدىراش كىتىۋاتقىنىنى ، - ئادەتتە گۆھەرخاننىڭ بۇنداق ۋالاقلاشلىرىغا :
- ئۆزۈڭ بىشىڭنى يەرسەن جادى ! ئىش دىگەن ئۆلگەندە تۈگەيدىغۇ ، ئوغلۇڭغا خۇتۇننى شۇنداق دۈم چۈشكىلى ئىلىپ بەرمەي كۈنىگە ئۈچ ۋاق تىللاپ ، يەتتە ۋاق ئۇرغىلى ئىلىپ بەردىم دەپ ئويلىغانمىتىڭ ؟ ئارپاڭنى خام ئورۇپ قويغاندەك نىم ئادەم تىللاۋېرىسە دەللە … دەپ تىللاپ قايناپ كىتىدىغان پەيزىگۈل بۈگۈن ھىچ ئىش بىلەن كارى بولماي ئاشخانىنى يىغىشتۇرۇش بىلەن ھەلەك ئىدى .
- يىتىمغا يۆتەلنىڭ نىمە ئىشى دىگەندەك مەندەك يىتىم قىز قوغدايمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىمۇ ئاز كۈندىن كىيىن بىر باينىڭ ئەتىۋارلىق قىزى ، يەنە بىر باينىڭ ئىسىل كىلىنى ، ئېرىنىڭ ھامىلدار خانىشىغا ئايلىنىپ ھەممىسىنىڭ ئالقىنىدا پۈۋلىنىپ ياشاپ كىتىدىغۇ ؟ شۇڭا خەقنىڭ غىمىنى يەپ ئۇپراقچىلىق تارتقۇچە قىسايچۇ بولدى ، - دەپ ئويلايتتى پەيزىگۈل .
ئىيتقاننىڭ يولىدا كەچقۇرۇن بولغاندا نوچىگۈل بىلەن پەخىردىن خوشخەۋەر بىلەن قايتىپ كىلىپ ھاشىم تاز بىلەن گۆھەرخاننىڭ ئېغىزلىرىنى قۇلاقلىرىغا يەتكۈزۈشتى ، بۇ ئۆينىڭ مىھمىنى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئايزىمخان ۋە قاسىملارمۇ بۇ خۇشاللىقنى تەڭ تەبرىكلەشتى ، ئاكىسىنىڭ خوشاللىقىغا قاراپ ئەپىردىنمۇ خوش بولدىكى پەقەت پەيزىگۈل بىلەن شەكىلەلا ئانچە خوش ئەمەس ئىدى . ئۇ ئىككىسىنىڭ نىمىشقا خوش بولمايدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك نوچىگۈلمۇ ئىختىيارسىز شۇ ئىككەيلەنگە سەپسىلىپ قالدى .
- ئاسمان ئۆرۈلۈپ ، زىمىن گۆمۈرۈلۈپ كەتسىمۇ سەن مىنىڭ جانجىگەر قېرىندىشىم ، بىردىنبىر يىقىن سىردىشىمسەن پەيزىگۈل ، ئىشەنسەڭ مىنىڭ سەندىن تىرناقنىڭ قارىسىچىلىك ئالاھىدە بولىۋالغۇم يوق ئىدى ، لىكىن تەقدىر ئالدىدا سەنمۇ ، مەنمۇ ئامالسىزكەنمىز ، ئامال بار بۇ ئىشلارنى خىيالىڭدىن چىقىرىۋەتسەڭ ، مەنمۇ قايتا تىلغا ئىلىپ يۈرمىسەم ، بۇرۇنقىدەك ئۆتىۋەرسەك بولماسمۇ ؟
- ئامالسىز بولامسىز قەستەن قىلىۋاتامسىز ئىشقىلىپ مەن ئۈچۈن بەرىبىر ، ئىككىمىز ئەمدى ھەرگىزمۇ بىر قىيىقتىكى ئادەملەردىن بولالمايمىز، شۇڭا ئادەم زاڭلىق قىلغاندەك تولا بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالماڭ خىنىم ، ئادەمنىڭ بىچارىسى سىز ئەمەس جۇمۇ ھازىر ، - پەيزىگۈلنىڭ ناتۇنۇش ئادەمگە گەپ قىلىۋاتقاندەك تەلەپپۇزدا سىزلەپ تۇرۇپ گەپ قىلىشلىرى ھەقىقەتەن سوغۇق بۇلۇپ ، كۆڭلى يىقىنلىق قىلىپ دەپ سالغان شۇ گەپلىرى ئۈچۈن نوچىگۈل نەچچە مىڭ رەت پۇشايمان يىدى ، ئەمما ھىچقانداق مۇناسىۋەت بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتالمىدى .
شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئۆينىڭ ئېغىر يىنىك ئىشلىرى ئاساسەن پەيزىگۈلنىڭ زىممىسىگىلا يۈكلىنىپ قالدى ، قېرىشقاندەك نوچىگۈلنىڭ سېزىكى شۇنداق قاتتىق بۇلۇپ ئاشخانىغا كىرىش تۈگۈل كۆز ئالدىغا كەلتۈرسىمۇ ئىچ باغرى چۇۋۇلۇپ چىقىدىغاندەك ھۆ تۇتۇپ كىتەتتى . ھەممىدىن چاتاق بولغىنى كۆزى بىلەن نەپسى پەيزىگۈلنىڭ قاچىسىدىن ئۈزۈلمەيتتى ، لەغمەن بولسۇن ، پولو بولسۇن ھەتتا ئۇماچ بولسىمۇ پەيزىگۈل يەپ يېرىمىغا كەلگەن تاماقنى تالىشىپ تۇرىۋالاتتى ، يىڭىدىن ئۇسۇپ بەرسە ياكى بىرەر چوكا يىمەستە بەرسىمۇ يىمەيتتى ، چۇقۇم پەيزىگۈل يەپ يېرىمدىغان تاماقنى يەيتتى ، ھەتتا سۇ ئىچسىمۇ پەيزىگۈل ئىچىپ قالغاننى ئىچسە ئاندىن سىڭەتتى . بۇنداق بولغانسېرى پەيزىگۈلنىڭ خۇيى تىخىمۇ تۇتقىلى تۇردى .
- نىمانداق مازلىشىدىغاندۇ دەپ كاللامنى قاتۇرۇپ كىتىپتىمەن دىسە ! ئەسلى ھەممە ئادەم قىنىدا بارنى قىلىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ ئا شەكىلە دىگەن سېرىق ئاسلانمۇ ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان بىر نىمىتى ، بۇ نوچىخانمۇ شۇ بەتتامنىڭلا ئاچىسى بولغاندىكىن مۇشۇنداق قىلىق چىقىرىپتىكەندە ؟ سىنىڭ يەۋاتقان ، ئىچىۋاتقىنىڭ كۆزۈمگە ئوت كۆرىنىدۇيەي ، گۈل كۆرىنىدۇيەي دىيىشلىرى قوۋۇرغامنى ئىگىپ ، ھىھ ! - قەستەن قىلامدۇ ياكى سېزىكلىكتىن بولىۋاتامدۇ ئىشقىلىپ نوچىگۈل ئۇنىڭغا قانچە يىقىنلاشقانسېرى پەيزىگۈل ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك بىزار بۇلۇپ ھەتتا ئەپىردىنگە ئۆي ئايرىپ چىقىپ كىتىشنىڭ جىدىلىنى قىلىپمۇ باقتى ، لىكىن بۇنىڭغا ئەپىردىن قۇشۇلماي قويدى .
- پەيزىگۈل ھەدە ! نوچىگۈل ھەدە ! ھەۋزىخان مۇمام ئۇ … ئاغرىپ قالدى ، شۇڭا ئاپام مىنى بۇ تەرەپكە يۈگۈرتتى ، ۋاقىت چىقىرىپ مۇمامنى كۆرگىلى بارساڭلار بوپتىكەن ، - بىر كۈنى ئاشۋاختى بىلەن ھەۋزىخان مۇماينىڭ خوشنىسىنىڭ ئون نەچچە ياشلاردىكى ئوغلى ھاسىراپ ھۆمۈدىگىنىچە ھويلىغا كىرىپ كىلىۋىدى ئاشخانىدا ناشتىلىقنىڭ بىسەرەمجانلىرىنى بىسىقتۇرىۋاتقان پەيزىگۈلمۇ ، ھوجرىسىدا نىمە ئىشلار بىلەندۇ شۇغۇللىنىۋاتقان نوچىگۈلمۇ يۈگۈرۈپ چىققىنىچە تەڭلا ئۇ بالىنىڭ ئالدىغا كەلدى .
- نىمە دەۋاتىسەن ئۇكام ؟ مۇمامغا زادى نىمىش بوپتۇ ؟ قەيىرى ئاغرىيدىكەن ؟ بەك ئېغىر ئەمەستۇ ؟ …
- بۇرناكۈن مەن بارغاندىلا بىر ئوبدان قالغانتىغۇ مۇمام ؟ ئۇ ھازىر دۇختۇرخانىدىمۇ يە ئۆيدىمۇ ؟ ئۇنىڭ يىنىدا كىم بار ؟ - ئىككى قىزنىڭ بەس بەس بىلەن ياغدۇرىۋاتقان سوئاللىرىنىڭ قايسى بىرىگە جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىپ بولالمىغان بالا ماڭقىسىنى پەرتتىدە بىر تارتىۋىتىپ :
- مەن … مەن … تازا ئىنىق ئۇقمۇدۇم ، مەھەللىدە بالىلار بىلەن ئويناۋاتسام ئاپام چاقىرىپ سىلەرنىڭ قىشىڭلارغا جىددىي بۇيرىغان ، ئويناۋاتقان يەردىن يۈگۈرگەن پىتى ئۇدۇل كىلىشىم ، - دەپ قۇيۇپ پارقىراپ تۇردى . بۇ چاغدا ئىككىلا قىزنىڭ چىرايىدىن قان ، پۇت قولىدىن جان قاچقان بۇلۇپ ، نوچىگۈل كۆز جىيەكلىرىدىكى يىشىنى چاندۇرماي سۈرتكەچ :
- تىز بول پەيزىگۈل ! مومامنىڭ يىنىغا بېرىپ باقايلى ، - دەپ پەيزىگۈلنىڭ قولىنى تارتىپ مىڭىشقا تەمشىلىۋىدى ئويلىمىغان يەردىن پەيزىگۈل ئۇنىڭ قولىنى قاتتىق سىلكىپ چۈشۈرىۋىتىپ :
- سىز نىمە قىلغىلى بارماقچى مىنىڭ مۇمامنىڭ قىشىغا ؟ بېرىشقا تىگىشلىك بولسىمۇ پەقەت مىنىڭلا بېرىش سالاھىيىتىم بار قاراڭ ! شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سىز قېپقىلىڭ ، - دەپ ۋارقىرىۋىتىپ دەرۋازىدىن بوراندەك چىقىپ كەتتى . نەچچە ۋاقتىن بۇيانقى مۇئامىلىسىنى قىيداۋاتىدۇ ، دوق قىلىۋاتىدۇ ، ھالقىلىق يەرگە كەلگەندە ئىككىمىز يەنىلا قېرىنداش بولىمىزغۇ دەپ ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى ئەملەپ كىلىۋاتقان نوچىگۈل شۇ پەيتتە پەيزىگۈلنى راستىنلا تۇنىيالماي قالدى . بىر يۇتقاندا يىتىپ ، بىر تال تۇخۇمنىمۇ تەڭ يەپ ، بىرىنى بىراۋ بوزەك قىلسا يەنە بىرى كۆكرەك كېرىپ قوغداپ ، شۇنچە يىللارنى بىلىق بىلەن سۇدەك ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بۇ ئاچا سىڭىللارنىڭ مىھىر مۇھەببىتى ئېغى بىلەن بېغىنىڭ تايىنى يوق شۇنچىكى ئىش سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالارمۇ ؟
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر