قول ۋە پۇت ئالقىنى تەرلەش
قان زەئىپلىشىش
ئەگەر كەيپىيات جىددىيلىشىش، ھاياجانلىنىش ۋە قورقۇش بولسا، قول ئالقىنى ۋە پۇت ئالقىنى ئاسانلا تەرلەيدۇ، بۇ بولسا تال ھەرىكىتىنىڭ نورمالسىزلىقى، تال ۋە ئاشقازاننى ئىسسىق قاپلاپ كەتكەنلىكى ھەم قان زەئىپلىشىشنىڭ ئىپادىسى.
تەكلىپ: ھەركۈنى تاماقتىن كىيىن قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاش، ئاۋۋال سائەت ئىستىرېلكىسىنىڭ يۆلىنىشى بويىچە 30 قېتىم ئايلاندۇرۇش، ئاندىن يەنە سائەت ئىستىرېلكىسىنىڭ قارشى يۆلىنىشى بويىچە قېتىم ئايلاندۇرۇش. ئەگەر بۇنى داۋاملاشتۇرالمىسىڭىز، تاماقنى مىقدارىنى كونتىرول قىلىش، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
پىشانە تەرلەش
جىگەر مۇسبەتلىكى ئېشىپ كېتىش
ئەگەر پىشاندىن دائىم تەر چىقسا، بەلكىم جىگەر مۇسبەتلىكى ئېشىپ كېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
تەكلىپ: ئادەتتە ئامال بار كەيپىياتنىڭ تىنىچ ھالىتى ساقلاپ، ئاز ئاچچىقلىنىش ، ھەم يىتەرلىك ئۇيقۇغىمۇ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا مەنپىيلىك زەئىپلىشىش، جىگەر مۇسبەتلىكى ئېشىپ كېتىشنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەركۈنى ئالىقاتنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، جىگەرنى تىنىچلاندۇرۇش رولى بار.
بۇرنى تەرلەش
ئۆپكە قۇۋۋىتى يىتىشمەسلىك
ئەگەر دائىم بۇرۇننىڭ ئۇچى تەرلىسە، ئۆپكە قۇۋۋىتى يىتىشمەسلىكنى بىلدۈرىدۇ، قۇۋۋەتلەپ تەڭشەشكە ئېھتىياجلىق. بۇ بولسا ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، شۇڭا ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
تەكلىپ: ئۆپكە قۇۋۋىتى يىتىشمەسلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا تۇغما بەدەن ئاىزلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان. بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا ئىككى قولىڭىزدا ئىككى پۇتىڭىزنى يىنىك ئۇرۇپ بىرىڭ ھەم ئىككى پۇتىڭىزنىڭ ئوڭ-سول ئىككى تەرىپىنى بىسىپ بىرىڭ، چۈنكى بۇ بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆپكە جايلاشقان ئورنى. بىر كۈنى ھىرىپ كەتكەن پۇتىڭىزنى ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
بويۇن تەرلەش
ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش
بويۇن تەر بېزىنىڭ تارقىلىشى شالاڭ، شۇڭا ئىنتايىن ئاز قىسىمدىكى كىشىلەرنىڭ بوينىدىن تەر چىقىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بوينىڭىز دائىم تەرلىسە، بەلكىم سىزنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
تەكلىپ: ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بىرىپ ئومۇميۈزلۈك ھورمۇن تەكشۈرتۈش ئىلىپ بىرىڭ. ئادەتتە ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەش ئاساسلىقى يېمەك-ئىچمەك، ھەرىكەتتىن باشلاش كېرەك، زۆرۈر بولغان ۋاقىتتا قوشۇمچە دورا بىلەن داۋالىسا بولىدۇ؛ ياخشى بولغان يېمەك-ئچىمەك ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، يېڭى مېۋە، كۆكتاتلارنى، يۇقىرى ئاقىسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش، سۇنى كۆپ ئىچىش، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان تەركىبلەرنى تولۇقلاش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرخىل ھەرىكەتلەر بىلەن چېنىقىش، بەدەننىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؛ يەنە ئىلمىي بولغان تۇرمۇش قانۇنىيىتى بولۇشى، دائىم تۈنىمەسلىك كېرەك.
كۆكرەك تەرلەش
تال ۋە ئاشقازان خىزمىتى ياخشى ئەمەس
ئەگەر كۆكرەكتىن دائىم تەر چىقسا، جۇڭيى تىبابىتىنىڭ قارىشىچە بۇ بولسا تال ۋە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنىڭ ئىپادىسى، بۇ بەدەندىكى قان ئايلىنىشنىڭ ناھايىتى ئاستىلىقىنى، ئوكسىگىن توشۇشنىڭ راۋان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
تەكلىپ: زىيادە تەشۋىشلەنمەسلىك، مايلىق يېمەكلىكلەر ۋە خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئېستىمال قىلىش كېرەك، ئادەتتە چوڭ چىلاننى قايناقسۇغا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتىنى ياخشىلايدۇ.
پۈتۈن بەدەن تەرلەش
سۇنى كۆپ تۇلۇقلاش كېرەك
ئەگەر پۈتۈن بەدەن تەرلىسە، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ يازدا بەك ئىسسىق بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن.
تەكلىپ: ياز كۈنلىرى بەك ئىسسىق، نۇرغۇن ئورۇنلار ناھايىتى قىززىپ كىتىدۇ، چوقۇم ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇسسىغاندىلا سۇ ئىچىش ئەمەس. ئۇسىسىغاندا بەدەندە ناھايىتى سۇ كەمچىل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سۇ ئىچكەندە بىر يۇتۇمدىلا ئىچۋەتمەسلىك كېرەك، ئۇنداق قىلغاندا بەدەن سىز تولۇقلىغان سۇنى ياخشى سۈمۈرەلمەيدۇ، نەچچە يۇتۇم ئىچكەندىن كىيىن ئاندىن يەنە ئىچىش كېرەك، ھەم سۇ ئىچىش ياخشى ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭ.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز