ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ 4 ﺧﯩﻞ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻨﻰ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘ بىزگە ﺑېرىلگەن ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎت ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺧﻪﯞﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
1. ﭘﯩﺪﯨﮕﻪﻥ
ﭘﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﻭﺭﺍ-ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ: ﭘﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭﻻﺭ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﻪﺭﮪﯩﺰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﺴﻪ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
2. ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻧﻪﻏﻪﺯﮔﯜﻟﻰ (黄花菜)
ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻧﻪﻏﻪﺯﮔﯜﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ-ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻧﻪﻏﻪﺯﮔﯜﻟﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ ﺑﺎﺭ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﮔﺎﻝ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭﻻﺭ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻧﻪﻏﻪﺯﮔﯜﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮪﻪﺯﻩﺭ ﺋﻪﻳﻠﯩﺸﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ.
3. ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭺ
ﻛﻮﻧﯩﻼﺭﺩﺍ: ﭼﯜﭼﯜﻣﻪﻟﮕﻪ ﺳﯧﺰﯨﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻏﯘﻝ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻘﺎ ﺳﯧﺰﯨﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻳﻮﻕ. ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭼﻨﯩﯔ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻳﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﮪﻪﻡ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭺ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭼﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭼﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭺ ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﮕﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.
4. ﭘﯩﻠﭙﯩﻠﮕﯜﻝ (慈姑)
ﭘﯩﻠﭙﯩﻠﮕﯜﻝ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻳﯧﻴﺸﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭘﯩﻠﭙﯩﮕﯜﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﮪﺎﻣﯩﻠﻪ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻣﺎﺳﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز