بۇنى كۆرۈپ يەنە تىرناق ياسىتامسىز ؟

文摘   2024-12-16 20:04   新疆  

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

ئاياللار ئادەتتە ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، چىراينى چىرايلىق ياساپلا قالماي ، ھەتتا قولنىڭ گۈزەللىكىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئاياللار ھازىر مودا بولىۋاتقان تىرناق ياسىتىشقا بەك ئامراق، ئادەتتە نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ياساتقان تىرناق نۇسقىسى ئاساسەن دېگۈدەك بىر ھەپتىدە بىر قىتىم يىڭلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ كەتتى . 

بىراق نۇرغۇن خانىم-قىزلار تىرناق ياسىتىشنىڭ سالامەتلىككە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۆمكىن . ئاياللار ئەگەر دائىم تىرناق ياساتسا بەدىنىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ تۆۋەندە بىز بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى : - 

1 - سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ : - نۇرغۇن تىرناق لاكىنىڭ بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان پۇرىقى بار، بۇ تىرناق لاكىنىڭ تەركىبىدە بىر قىسىم خىمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ ، شۇنى بىلىش كېرەككى ، ئادەتتىكى تىرناق لاكىنىڭ ھەممىسى نىتراتلاشتۇرۇلغان تالالارنى خام ئەشيا قىلىدۇ ، بۇنىڭغا ئاتسېتون ، ئاتسېتىك كىسلاتا ۋە ئېتىل ئېستېر قاتارلىق خىمىيىلىك ئېرىتكۈچىلەردىن پايدىلىنىپ ، ئالاھىدە خىمىيىلىك ماددىلار قوشۇلۇپ ياسالغان ، ئەگەر دائىم ئىشلەتكەندە ، ئادەم بەدىنىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ . 

ئالاقىدار تەتقىقاتلاردىن كېيىن ، تىرناق لاكىنىڭ ئىچىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بېنزول بارلىقى بايقالدى، ئەگەر ئاياللار دائىم ئىشلەتسە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا ئادەتتە ئاياللار چوقۇم كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك .

2 - تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ : - ئادەتتە تىرناقنى سىلىقلاپ بولغاندىن كېيىن تىرناققا بىر قەۋەت تىرناق مېيى سۈركەپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدە تېز سۈرئەتتە قاتىرىدۇ، گەرچە بۇ خىل ئۇسۇل تىرناق لاكىنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىنى تېزلەتسىمۇ، ئەمما ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ قول ۋە تېرىگە بولغان زىيىنى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، بۇ خىل 30 ~ 40 سېكۇنتلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا قاقلانغاندا، تېرىنىڭ ھەقىقىي تېرە قەۋىتى تېرىنىڭ ئېلاستىك تالالىرى ۋە كوللاگېنلىق ئاقسىل تالالىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن تېرىدە قېرىش ۋە قورۇق پەيدا بولىدۇ، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق .

3 - تىرناق ئەتراپى تېرە كېسىلى : - نۇرغۇن تىرناق ياسىتىش تەجرىبىسى بار ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. تىرناق لاكىنى تېخىمۇ تەكشى رەڭ بېرىش ئۈچۈن، تىرناقلىرىمىز سىلىقلىنىپ بىر قەدەر سىلىق ھالەتكە ئىلىپ كىلىنىدۇ، ئەگەر دائىم مۇشۇنداق قىلساق، تىرنىقىمىزنىڭ سىرتقى يۈزىگە تىز سۈرەتتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، تىرناقمۇ ئىنتايىن غىدىقلىنىدۇ، بەزىدە ئېھتىيات قىلمىسا، يەنە تىرناقلىرىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قول يەنە تىرناق ئېرىقچىسى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ، ياكى قالقانسىمان خالتىلىق ئىششىق، تېرە كېسەللىرى قاتارلىق خەۋىپلەرنى ئىلىپ كىلىشى مۆمكىن، شۇنداقلا ئۈزۈل-كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىنماي قولىمىزنىڭ تېرىسىگە تەگكەندە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .

دائىم تىرناق ياسىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خانىم-قىزلار بەلكىم مۇنداق تەسىراتقا ئىگە بولۇشى مۇمكىن : تىرناق ياساتقانسىرى قولۇم قارىداپ كىتىۋاتدۇ... بۇ زادى قانداق ئىش؟

تىرناق لاكى قۇرتۇش چىرىقى دەل ئۇلترا بىنەپشە نۇر چىرىقى

« نۇر بىلەن داۋالاش» دېگەن بۇ سۆزنى بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ نامنى ھەقىقەتەن دەل جايىدا قويولغان دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنى كۆرسىڭىز، كاللىڭىزدا بارماقلىرىم ئىللىق نۇردا SPA نىڭ ھوزۇرىنى سۈرەمدۇ قانداق ؟ دەپ ئويلىشىڭىز مۆمكىن . لېكىن سىز ھېلىقى سۇس سۆسۈن رەڭلىك نۇرنىڭ زادى قانداق نۇر ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ توغرا ، ئۇ بولسا ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىز ھەر كۈنى ئاپتاپتىن ساقلىنىش پۈركىمسى ، قالپاق ، كۈنلۈك قاتارلىقلار ئارقىلىق ئالدىنى ئالىدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇر...

تىرناق ياسانقاندا نىمىشقا ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ئىشلىتىدۇ؟ چۈنكى بىزنىڭ تىرنىقىمىزغا سۈركەلگەن تىرناق مېيى يېلىمى بىر خىل« UV نۇر قاتۇرۇلغان يېلىم» بولۇپ، بۇ خىل ماتېرىيال ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا يولۇققاندا رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ قاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ. بۇمۇ ندەل چىراغ يورۇتقاندا قولنى قىزىپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى .

ئۇلترا بىنەپشە نۇر دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 100nm_400nm بولغان بىر خىل نۇر بولۇپ، دولقۇن بۆلىكىگە ئاساسەن UVC،UVB ۋە UVA دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 

نۆۋەتتە بازاردىكى تىرناق چىرىغىنىڭ لامپۇچكىسى ئاساسلىقى ئىككى خىل: 

بىرىنچىسى : UV فلۇئورېسسېنسىيىلىك چىراغ، قويۇپ بىرىدىغان ئىسسىقلىق دولقۇن بۆلىكى 320nm_400nm؛ 

ئىككىنچىسى: UVLED چىراغ، قويۇپ بىرىدىغان ئىسسىقلىق دولقۇن بۆلىكى 375nm_425nm؛ 

ئىككىسىنىڭ تېخنىكا ۋاسىتىسى ئوخشىمايدۇ، چىقارغان نۇرى UVA نى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا، تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش چىرىغى ئەمەلىيەتتە سۈنئىي UVA يورۇقلۇق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

UVA دېگەن نېمە ؟ بۇ ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان خانىم-قىزلارغا چوقۇم ناتونۇش ئەمەس، « رەڭ ئۆزگەرىتكۈچى» دىسەكمۇ كۆپتۈرمە بولمايدۇ. UVA  نىڭ يەتتە تۈرلۈك زىيىنى 

(1)تېشىپ ئۆتۈش كۈچى كۈچلۈك، تېرە ھەقىقىي تېرە قەۋىتىگە بىۋاسىتە بارىدۇ 

(2)قارا پىگمېنتنىڭ بىرىكىشىنى تېزلىتىدۇ 

(3)نەملىك ساقلاش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ، تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرىدۇ 

(4)ئېلاستىك تالالار زەخىملىنىپ، تېرىدە ئىنچىكە سىزىقچىلار پەيدا بولىدۇ. 

(5)كوللاگېن ئاقسىلىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، تېرىنى بوشاشتۇرۇۋېتىدۇ 

(6)تېرىنى ياللۇغلاندۇرۇپ، جاراھەتلەندۈرىدۇ 

(7)DNA نىڭ ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ پەقەت تېرىڭىز UVA بىلەن ئۇچراشسىلا، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ زەخىملىنىش جەريانى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بەزىلەر ھەر ئايدا بىر قېتىم تىرناق ياساتسا، ھەر قېتىم چىراغ يورۇتقاندا 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمىسە، تەسىرى چوڭ بولمامدۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. لېكىن ئەمەلىيەتتە.... تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش چىرىغىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈكلۈكى كۈن نۇرىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ. 

ئامېرىكا تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ھۆكۈمەت تەرەپ قەرەللىك ژۇرنىلىدا بىر پارچە تەتقىقات ئېلان قىلغان بولۇپ، بازاردىكى دائىم ئۇچرايدىغان ئىككى خىل تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش چىرىغىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار بۇ خىل چىراغنىڭ رادىئاتسىيە ئېنېرگىيەسىنىڭ قۇياشنىڭ 4.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. 

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى : - چىراغقا چۈشۈپ 10 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئىككى قول قوبۇل قىلغان ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ مىقدارى بىر كۈن دالىدا خىزمەت قىلغان خىزمەتچى قوبۇل قىلدىغان  ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ مىقدارىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ : - ئەگەر تىرناق ياساتقاندا قولنى بىر قېتىم چىراغ يورۇقىدا تۇرغۇزغان ۋاقىتنى سەككىز مىنۇت ھېسابلىغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11.8 قېتىم تىرناق ياساتسا  DNA زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تىرناق چىرىغىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن، زىيىنى كۆپ بولىدۇ. تىرناق چىرىغىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ھەقىقەتەن قولىڭىزنى قارايتىۋېتىدۇ، ھەتتا قېرىتىۋېتىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە قولدىكى قورۇقلار ئېغىرلىشىپ، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىغا تايىنىپ قۇتقۇزۇش تەس بولۇپ قالىدۇ. تىرناق ياساتسا بولىدۇ، لېكىن ئاپتاپتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئىككى قولغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ 

بەزى قىزلارغا نىسبەتەن بۇ ئۆمرۈمدە تىرناق ياساتماسلىق مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلغاندىلا، قول تىرىسىنىڭ زەخمىلنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

1. ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈركەش، ئۇنىڭ ئۈستىگە UVA دىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈركەش كىرەك ھەر قېتىم تىرناق ياساتقاندا ئاپتاپتىن ساقلاش پۈركىمسى ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى تاللاشقا دىققەت قىلغاندىلا، ئاندىن UVA نى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. 

2. تىرناق ياساتقاندا مەخسۇس ئاپتاپتىن ساقلىنىش پەلىيى كىيىۋېلىش ھېچقانداق ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى بولمىسا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى پۈتۈنلەي توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يەنە بىر قەۋەت فىزىكىلىق قوغدىنىش، يەنى تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش پەلىي كىيىۋىلىش كېرەك. سېتىۋالغاندا پەلەينىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن مۇداپىيەلىنىش كوئېففىتسېنتىنى (UPF) كۆرسەتكەن-كۆرسەتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك ، ئادەتتە UPF50 + پەلەينىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.

 3. يورۇتۇش ۋاقتىنى ئازايتىش بەزى كىشىلەر تىرناق ياساتقاندا تىرناق مېيىنى مۇستەھكەم ساقلاش ئۈچۈن، قەستەن ئۇزاقراق قىزىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھاجىتى يوق. ۋاقىتنى ئامال بار قىسقا قىلىش كىرەك. 

4. بىر قانچە خىل كىشىلەر تىرناق چىرىقىدا قىزدۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ قول تېرە كېسەللىكلىرى ياكى تىرناق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار، مەسىلەن: تىرناق ئەتراپى تېرە ھۆل تەمرەتكىسى، قول تەمرەتكىسى، تىرناق تەمرەتكىسى، تىرناق ئېرىقچىسى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار؛

ھەر قېتىملىق تىرناق ياساتقاندا قىزدۇرۇش ۋاىتى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر ۋاقىت ئۇزۇن، قىتىم سانى كۆپ بولسا تىرناق چىرىغىنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، قول تېخىمۇ ئاسان قارىداپ قالىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈچ ئاي ئەتراپىدا بىر قىتىم تىرناق ياسىتىش بىر قەدەر ياخشى، پەقەت مۇشۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلغاندىلا زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

يىقىنلىرىڭىزغا ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ


بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز


维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章