بۈگۈنكى مەزمۇنلىرىمىزدا ھاقىلىق پەيىتتە جاننى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان 20 خىل يىمەكلىكلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. گەرچە بۇ يىمەكلىكلەر كۆپ ئۇچىرسىمۇ، لىكىن سىز ئۇلارغا سەل قارىماڭ، ئۇلارنىڭ بەزىبىر كېسەللىكلەرنى مۇئەييەن دەرىجىدە داۋالاش ئۈنىمى بار، شۇڭا ئۇلارنىڭ تەبىئىي دۇرا دىگەن نامى بار، ئەمىسە بىز بۈگۈن بۇ يىمەكلىكلەر بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.
1. يىڭنىسىمان ئوتياش رئىاكسىيەگە قارشى تۇرىدۇ - يىڭنىسىمان ئوتياش زەمبۇرۇغ سېپى تەركىبىدە بىر خىل ئاقسىل بۇلۇپ زىققا، بۇرۇن ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، بۇنداق كېسەل بولمىغانلارمۇ يەپ بەرسە ئىمۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
2. دولانە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ - دولانە تەركىبىدە ترىتېرپېن توردىكى ۋە فىلاۋون خىلدىكى تەركىبلەر بۇلۇپ قان زەردابىدىكى خۇلىستىروننى ئازايتىدۇ، شۇڭلاشقا دولانە يۇقىرى مايلىق قان كېسىلى بىمارلىرى ئىستىمال قىلدىغان ئىسىل تائام ھېساپلىنىدۇ.
3. مايمۇن شاپتۇلى ئاپلىسىن - تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ كۈز پەسىلىدە مايمۇن شاپتۇلىنى كۆپ يىسە، ئىسىقىنى قايتۇرۇپ سۈيدۈكنى ھەيدەيدۇ، ئۇنىڭدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلا مول بۇلۇپ، ئىمۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، باكتىرىيە ۋە زۇكام ۋىروسلىرىغا قارشى تۇرۇپ، يۈرەك قان تومۇر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، ئاپلىسىن زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يېقىندا تەتقىقات قىلىپ بايقىشچە، ۋېتامىن C نىڭ زۇكامدىن ساقلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ھالبۇكى، ئاپلىسىن، مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە مول ۋېتامىن C بار.
4. ئاناناس ھەزىم قىلىشقا ياردەم بەرگۈچى - ئەگەر دائىم ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىسا، تاماقتىن كىيىن ئاناناس يىسە بۇلىدۇ، ئاناناس تەركىبىدە ئالاھىدە ئاقسىل ئىنزىمى بار، بىراق ئاشقازاندا ئاقسىلنى پارچىلايدىغان ئادەم بەدىنىدىكى ھەزىم قىلىش ئىنزىمى كەمچىل، شۇڭا ئاناناس ھەزىم قىلىشقا ياردەم بىرىدۇ.
5. پىچەكگۈل دۇرا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسىدا - پىچەكگۈل بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تال ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ دەپ خاتىرلەنگەن، شۇڭا پىچەكگۈلنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش رولى بۇلىدۇ.
6. ھايمانتۇس ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ - كىشلىك مۇناسىۋەتتە زىياپەت سۇرۇنلارغا بېرىپ چوڭ يەپ - چوڭ ئىچىشتىن ساقلىنىش تەس، چوڭ يەپ - چوڭ ئىچىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لىكىن مېھماندارچىلىقتىن كىيىن ھايمانتۇسنى يالپاقلاپ ئازراق تۇز بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يىسە بۇلىدۇ، ھايمانتۇس تەركىبىدە ۋىتامىن C بار بۇلۇپ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئاق رەڭلىك ھايمانتۇس مېۋىسى سۈيدۈكنى راۋان قىلىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بىرىدۇ، ئاقسىل ئىنزىمىنى ئاجىرتىش سۈرتىنى تىزلىتىپ گۆش، قاقلاپ پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يىشىيىشتىن بولغان قورسىقى كۆپۈش بىئارام بۇلۇشقا يېڭى ھايمانتۇس يىيىش ئارقىلىق قورساق كۈپۈشنى تۈگەتكىلى بۇلىدۇ. ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشتا قىزىل ھايمانتۇس مېۋىسىنى يىيىش پايدىلىق، شۇنداقلا ئۇ مېھماندارچىلىقتىن كىيىن يىيىشكىمۇ بۇلىدىغان ياخشى مېۋە ھېساپلىنىدۇ .
7. تاۋۇز تېمپېراتۇرنى تۆۋەنلىتىدۇ - تاۋۇز سوغۇق، شۇنداقلا تىبابەتتە تەبىئىي قىزىتمىنى قايتۇرۇش دورىسى، ئەگەر پىشانىسى ئازراق قىزىپ قالسا، دەرھال بىر ئىستاكان تاۋۇز شەربىتى ئىچسە، سۈيدۈكنى ھەيدەيدۇ، ناھايىتى تىزلا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما تاۋۇزنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىماڭ، بولمىسا پىلىكوپېىن ۋە باشقا ئۇزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ يېرىمى كېمىيىپ كىتىدۇ، تاۋۇزنىڭ تەمى ياخشى بولسىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى تاۋۇزنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، كۆپ يىسە تال ئاشقازاننى ئاسانلا زەخمىلەندۈرىدۇ، قورساق ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ ياكى ئىچى سۈرۈپ كىتىدۇ
8. شىرنىلىك مېۋىلەر تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ - شىرنىلىك مېۋىلەرنىڭ ئىسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، سۇ ۋە يىمەكلىك تالالىرى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇنىڭدىكى يىمەكلىك تالاسى ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەركىتىنى ياخشىلاپ، ئۈچەي يوللىرى ئارقىلىق سۇنى ساقلاپ تۇرالايدۇ، چىقىرىندى ماددىلارغا نىسبەتەن يۇمشىتىش نەملىك ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
9. ئاچچىق كاۋا قەنىتنى تۆۋەنلىتىدۇ - تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشچە ئاچچىق كاۋا تەركىبىدىكى ئىنسولىننى ئايرىپ چىققان بۇلۇپ، روشەن قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينىغانلىقتىن قەنىت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يىمەكلىكى ئىكەنلىكىنى بايقاپ چىققان.
10. لۇڭيەن ئالما چوڭ مىڭىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش رولى بار - ئالىمنىڭ تەركىبىدە سىنىك مول بۇلۇپ، چوڭ مىڭىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۈرەكنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈنىمى بار، لۇڭيەن مېۋىسى ئەقىل - پاراسەت مېۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چوڭ مىڭىنى ئاچىدۇ، تەپەككۇر ئىنكاس ئاستىلاپ كەتكەنلەر لۇڭيەن مېۋىسىنى يەپ بەرسە ياخشى، بىراق لۇڭيەن سەل ئىسسىق خۇسۇسىيەتلىك، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن ۋە ياللۇغلىنىش ئالامىتى بار ۋاقىتتا يىمەسلىك كېرەك.
11. چىلان ئاپلىسىن، لىمون، مايمۇن شاپتۇلى - بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋېتامىن C مىقدارى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك يىمەكلىك دەپ ئاتىلىدۇ، بىراق چىلاننىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C يۇقىردىكى يىمەكلىكلەرنىڭكىدىنمۇ مول بۇلۇپ ھەر 100 گىرام چىلاننىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى 200 - 500 مىللىگىرامغا تەڭ دىيەرلىك.
12. سامساق ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ - سامساق تەركىبىدىكى گبرمانى سېلىن قاتارلىق ئىلمىتلار ئۆسمە ھۈجەيرىسى بىلەن راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تەجىربىلەردىن بايقىلىشچە سامساق يىگەنلەرنىڭ، راك كېسىەللكى يۈز بىرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان، قان تەركىبىدىكى سېلىن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان، راكقا قارشى تۇرىدىغان پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇردىغىنى يەنىلا سامساق.
13. بانان بۆلجۈرگەن، دولانە قان تۇمۇرنى قوغداش رولى بار - بانان تەركىبىدە كالى ئىئونى بۇلىدۇ، ئۇنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، يۈرەك - قان تۇمۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار، بۆلجۈرگەن تەركىبىدە پېكتىن مېۋە يىلىمى ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلا بۇلۇپ، ئارتىرىيە قېتىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دولانە ھەزىمنى ياخشىلاپ تۇسالغۇلارنى ئېچىش راۋانلاشتۇرۇش رولى بار، خۇلىستىېرول ئارتېريە ئىچىكى دىۋارى ئىچىدىكى چۆكۈندىنى ئازايتىدۇ، قاننى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
دولانە قان تۇمۇر تاريىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۈرەكنىڭ قاننى سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، قان يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ يۈرەك قان تومۇرنى قوغدايدۇ لىكىن ئاشقازان ياخشى ئەمەس كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كىيىن دولانە يىيىشى كېرەك، تاماقتىن كىيىن چىش چوتكىلاش كېرەك، چۈنكى دولانە بەك كىسلاتالىق چىشقا زىينى بار.
14. ئۈجمە - ئۈزۈم قان تولۇقلايدۇ - سۆسۈن رەڭلىك ئۈجمە قاننى جانلاندۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، چىرايىڭىز ياخشى ئەمەس ۋاقىتتا ئۇدا بىر ئاي يىسىڭىز بۇلىدۇ، شەربىتىنى ھەتتا پوستىنىمۇ يەپ بەرسە چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ، يازدا ئۈزۈم شەربىتىنى كۆپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، قان تۇلۇقلاپ، چاچنى قارايتىدۇ، لىكىن ئۈجمە تەركىبىدە زىيادە سەزگۈرلۈك ماددىلار ۋە گىئالورۇن كىسلاتا بۇلۇپ، زىيادە ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئاسانلا قان ئىرىشچان ئۈچەي ياللۇغى بۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا بالىلار كۆپ يىسە بولمايدۇ.
15. كاللەكبەسەي ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ - كاپۇستا تەركىبىدىكى ۋىتامىن C كاروتىن، يىمەكلىك تالاسى قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ، قان تۇمۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار ئىكەن، شۇڭا سىمىز كىشىلەر ۋە قان تۇمۇر قېتىشقان كىشلەرگە نىسبەتەن قۇشۇمچە داۋالاش رولى بۇلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا كاپۇستىنىڭ يەنە ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بۇلىدىكەن، يېڭى كاللەكبەسەي شىرنىسى ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماقئۈچەي يارىسىغا شىپا بۇلىدىكەن، ئاغرىقنى پەسەيتىش ۋە ساقىيىشنى تىزلىتىش رولى بار ئىكەن .
ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ جۇڭيى تىبابىتىدە كاللەكبەسەي زەھەرسىز بۇلۇپ يىلىك تۇلۇقلاش رولى بار، بۇغۇمنى ياخشىلاش، سۆڭەك ۋە پەيلەرنى چىڭتىش، ئىچكى ئەزالارنى ياخشىلاش، ئىسسقنى قايتۇرۇپ ئاغرىق توختۇتۇش، قان تۇمۇرلارنى تازلاش قاتارلىق رولى بار، شۇڭا ھەر تامىقىمىزدا كاپۇستا بولسۇن، كاپۇستا ھەر قانداق كىشىنىڭ ھەتتا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغىمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ، كاپۇستىنىڭ يۇقىردا دىگەن ئۈنىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنى ھەر بىر ئادەم كۈنىگە 70 گىرامدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىشى كېرەك ئىكەن، كاپۇستىنى قېرىنقۇلاق يەنى مور ئاچچىقسۇ، پىياز، سامساق قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا ئۇنىڭ پايدىلىق رولى تېخىمۇ كۈچىيدىكەن.
16. كۆك چېچەكسەي قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ - كۆك چېچەكسەي ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلا ۋىتامىن C ۋە كاروتىن مول بۇلۇپ، ئالىملار ئۇنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش رولى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
17. چوڭ ئاپلىسىننىڭ تەبىئىي مېۋە كونسىرۋاسى دىگەن نامى بار - ئۇنىڭ تەركىبىدە ئورگانىك كىسلاتا يەنى ئاقسىل، ۋىتامىن، يەنە فوسفور، كالتسىي، ماگنىي، ناتىرىي قاتارلىق ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر قىسىم ئىلمىنتلار بار، ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسىڭىز، چوڭ ئاپلىسىن يىسىڭىز بۇلىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كونترول قىلىدۇ، بىر ئادەم بىر كۈندە چوڭ ئاپلىسىندىن 100 - 200 گىرامغىچە يىسە ئادەم بەدىنى ئاسان قۇبۇل قىلالايدۇ، چوڭ ئاپلىسىننىڭ تەمى سەل قېرىقراق، ئەگەر تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن يىسە، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
18. چارتال نەشپۈت بەلغەم بوشىتىدۇ - چارتالنىڭ يۆتەلنى توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، بەلغەم بولسا بىر قانچىتال يېڭى چارتال ئىستىمال قىلسا بەلغەم ھەيدەيدۇ، دائىم پىشۇرۇلغان نەشپۈت ئىستىمال قىلسا، ئېغىز نەملەپ، گالنى ئاسىراش رولىنى ئوينايدۇ، نەشپۈت قىىزتما قايتۇرۇش، تىنجلاندۇرۇش ئۈنىمىگە ئىگە، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، لىكىن تەبىئىتى سوغۇق شۇڭا بىر قېتىمدا جېق يەۋالماڭ.
19. بانان ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ - بانان تەركىبىدە ماگىني ئىئونى بۇلۇپ مۇسكۇللارنى بوشىتىپ ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولى بار، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بانان يىيىش، سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا كالورىيە تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇقلۇق تالا تەركىبى مول تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى ناھايىتى ياخشى يىمەكلىك ھىساپلىندۇ.
20. ئاپلىسىن، شاپتۇل نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ - جۇڭيى تىبابىتىدە ئاپلىسىن تۈردىكى مېۋە - چېۋىلەرنىڭ ھۆللۈكنى يوقىتىش، ئەقلى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، مىڭىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش رولى بار، بىر نەرسە يىيىشنى خالىمىغان ۋاقىتتا، پۇراپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ، ماندارىن، لىمون پۇرقى كىشنىڭ قەلبىنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
شاپتۇل چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ سەمىرىپ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كىتىشتىن ساقلايدۇ، يەنە قاننى جانلاندۇرۇپ قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرىدۇ، لىكىن ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارىنى ناچارلاشتۇرۋېتىدۇ،، ياشانغانلار، كىچىك بالىلار كۆپ يىمەسلىك كېرەك، بۇنىڭدىن سىرىت شاپتۇل تەركىبىدە شېكەر مىقدارى يۇقىرى بۇلۇپ، دىيابىت كېسىلى بىمارلىرى ئېھتىيات بىلەن يىيىشى كېرەك.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز