سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
25- قىسىم
- ئۆيدە ھەممە نەرسە تەل تۇرسا ، سىرتتىن بىر مۇنچە پۇلغا تەييار تاماق ئەكىلىپ مىھمان ئۇزىتىشى بىزنى ئاۋايلىغىنىمۇ ياكى خەققە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولىۋاتقىنىمۇ ؟ ئۈچ خۇتۇن بىكار ئولتۇرۇپ قازان قايناتمىغىنىمىز نىمە ئىشتۇ ئەمدى ؟ …
- نىمە قىلسا قىلا ! مىھمىنىنى تەييار تاماق بىلەن ئۇزىتامدۇ قۇرۇق پاراڭ بىلەنمۇ ياكى دەرۋازا ئالدىدىلا خوشلىشىپ يىنىپ كىرەمدۇ بىز بىلەن نىمە ئالاقىسى ؟ ئۆمىلەپ يۇندىچىلىق قىلمىساقلا بولدى ، - ئىككى قىز يەنە مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتتى .
- ياسىنىپ تارىنىپ ، مۇشۇنچىۋالا چوڭ تازىلىق قىلىپ ، بىر چىرايلىق دەستىخانمۇ ھازىرلاپتىمىز ، بۇنىڭغا يارىشا ئۆزىمىز تاماق ئەتكەن بولساق بولمامتى دەيمەن …
- ۋاي نىمانداق داۋىخو نىمە سەن ؟ ئۇنى قىلغان بولساق ، بۇنى قىلغان بولساق دەپ كىتىدىكەنسەن ، نوچى بولساڭ قازان بىشىغا ئۆتۈپ بىر چەينەك چاي قاينىتىپ باقە ، تولا ئۆزۈڭدىن يۇغان پاراڭ سالماي ، - پەيزىگۈلنىڭ ئالىيىپ جىملىشى بىلەن نوچىگۈل ئامالسىز سۆزلەشتىن توختاپ قالدى .
- ۋاي - ۋۇي ! قانداق ئەزىز مىھماندۇ دەپ كىتىپتىمەن تىخى ، ئادەمنى بىزار قىلىپ يەنە شۇ خەخكەنغۇ ؟ قىزىنىڭ كىملىكىنى بىلىپ ، نەدە ، قانداق ياشاۋاتقىنىنىمۇ كۆرگەندىكىن ئۆيىدە قىسىپ ئولتۇرسا بولىدۇ ، ئەجىبا ئەرگە تېگىپ بولغان قىزىنى يىراق ئۈرۈمچىسىگە ئەكىتىش پىلانى بارمىكىنيە ؟ ئۆز ئاچىسىنىڭ ئېرىغا چاچراپ يۈرگەن ئا نايناقمۇ بىللە كەپتۇ نۇمۇس قىلماي ، ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام …
- بولدى قىلغىن پەيزىگۈل ، ئاڭلاپ قالسا سەت تۇرىدۇ …
بۇ قىسىمنىڭ داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر