زەنجىۋىلنى مۇنداق ئىستىمال قىلسىڭىز،بەدەندىكى زەھەرنى تازلايدۇ

文摘   2024-12-18 20:02   新疆  

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

زەنجىۋىل تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىك، مەيلى تاماقلىرىمىزدا تېتىقۇ ئورنىدا بولسۇن، شورپىلىرىمىزغا قوشۇلغان بولسۇن دائىملىق ئىستىمالىمىزدا ئۇ بار، ئۇنداقتا سىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان زەنجىۋىلنىڭ قانداق دورىلىق رولىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟ 

 تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ باقايلى!

  1. زەنجىۋىل چېيى

   بىر قانچە تال چاي يۇپۇرمىقى بىلەن ئاقلانغا بىر قانچە پارچە زەنجىۋىلنى ئېرىتىپ تاماقتىن كېيىن  ئىستىمال قىلىندۇ، بۇنداق ئىستىمال قىلىش بەدەننى ئىللىتىپ، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.  زەنجىۋىل چېيى ھەممىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىچىشكە مۇيەسسەر بولغان بولۇپ ئەمما ئۇلارنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى بىزنىڭكىگە بەك ئوخشاپ كەتمەيدىغان بولۇپ ،ئۇلار دەملىگەن چاي ئۈستىگە بىر بوغۇم زەنجىۋىلىنى سېلىپ ئازراق قارا شىكەر سېلىپ بەش ئون مىنۇت ئەتراپىدا دەملەپلا ئىچىدۇ .

2.  زەنجىۋىل مىۋە شەربىتى

زەنجىۋىلنى يەنە نۇرغۇن مىۋە، كۆكتاتلار بىلەن ئارلاشتۇرۇپ سىقىپ شەربەت قىلىپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ، زەنجىۋىل بىلەن بۇتروپېرىسوم مېۋىسى(牛油果) نىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇش تەركىبى بولۇپ ئادەتتە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تەم بويىچە تەڭشەپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ. 

3.زەنجىۋل بىلەن قارا شىكەر

   زەنجىۋىل شېكىرى يەنى زەنجىۋىل بىلەن قارا شىكەرنى قاينىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، تەمى تاتلىق ئىچىدە ئاچچىق-چۈچۈك ئارىلاش بولىدۇ. بەدەندىكى نەملىك، سوغوقنى ھەيدەش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ ھۆل-يىغىن پەسلى ئىچىشكە ماس كېلىدۇ. 

4. زەنجىۋىل قوشۇلغان سۈت

  زەنجىۋىل قوشۇلغان سۈت پەنيۈي كىشىلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشكەن يىمەكلىك بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە. زەنجىۋىل ئارلاشتۇرۇلغان سۈتنىڭ تەمى ياخشى بولۇپ ئاشقازاننى تەڭشەپ، سوغوقنى ھەيدەيدۇ، ھۆسۈن تۈزەيدۇ. شۇ يەرلىك كىشىلەر پەنيۈيگە كېلىپ بىر قاچا زەنجىۋىل سۈتى ئىچمەي كەتكەنلىك بۇ يەرگە بىكارغا كەلگەنلىك دەيدىكەن . 

5. زەنجىۋىل تورىت

 زەنجىۋىل تورتمۇ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ قەدىمدە خان ئوردىسىنىڭ ئېسىل يىمەكلىكى بولۇپ باھالىنىپ خان، خانىشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشكەن، خانىش سىشى ئىستىمال قىلىپ قاشتېشى تورت دەپ نام بەرگەن بولۇپ قالماي يەنە<< ماي بولغان بىلەن كۆڭۈلگە تەگمەيدىغان، قەنىت بولغان بىلەن بەدەنگە زىيان قىلمايدىغان، گۈزەللىكى سۈزۈك قاشتېشىدەك، يۇمشاقلىقى كۈز ئاسمىنىدىكى بۇلۇتتەك>> دەپ تەسۋىرلىگەن. 

  

زەنجىۋىلنىڭ دورىلىق قىممىتى توغرىسىدا

 ئادەتتە زەنجىۋىلنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بەدىنىمىزنىڭ قىزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز سەۋەبى زەنجىۋىل بەدەندىكى قان-تۇمۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش، تەر تۆشىكچىلىرىنى چوڭايتىش رولىغا ئىگە، شۇنداقلا بەدەندىكى مىكىروپ، سوغوقنى ھەيدەش رولىغا ئىگە. 

زەنجىۋىلنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. سوغوقتىن بولغان زۇكام:  4-3پارچە زەنجىۋىل بىلەن قارا شىكەرنى قاينىتىپ ئىچىش، كۈنىگە 3-2 قېتىم. 

2.زۇكامدىن بولغان يۈتەل: 4-3 پارچە زەنجىۋىل، 8-7 دانە سامساق ۋە يېرىم قۇشۇق قارا شىكەرنى قاينىتىپ كۈنىگە 3-2 قېتىم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. 

3. زۇكامدىن بولغان قىزىتما :  زەنجىۋىل، قارا شىكەر سېلىنغان سۇغا يەنە بىر تۈپ پىياز  سېلىپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ، كۈنىگە 3-2 قېتىم. 

4. يىمەكلىكتىن كېلىپ چىققان قوساق كۆپۈش: خام زەنجىۋىلنى بىۋاستە ئىستىمال قىلسىمۇ ياكى زەنجىۋىل سۈيىنى ئىستىمال قىلسىمۇ قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

5. سوغوقتىن بولغان ئىچى سۈرۈپ قېلىش: قاينىتىلغان زەنجىۋىل سۈيىگە بىر دانە تۇخۇم  ئارلاشتۇرۇپ كۈنىگە 3-2 قېتىم ئىستىمال قىلسا تېزلا ئوڭشىلىدۇ ،  ئىچ سۈرۈشتىن توختىغاندىن كېيىن يەنە بىرە كۈن ئىستىمال قىلسا ئاشقازاننى ئىللىتىپ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

6.ھاۋا تەڭشىگۈچ شامىلىدا ئۇزۇن ئولتۇرغاندىن بولىدىغان پۈتۈن بەدەن كىرىشىش: دائىم خام زەنجىۋىلنى ئىستىمال قىلىش ياكى كۈنىگە 3-2 پارچە زەنجىۋىلنى قايناقسۇغا دۈملەپ ئىچسە بولىدۇ

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ


بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章