ياڭاقنىڭ بۇ يىرىنى چايغا چىلاپ ئىچسىڭىز مۆجىزە كۆرىسىز

文摘   2024-12-21 20:01   新疆  

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

ياڭاق پاسىلىنى قانداق چىلايمىز ؟ سىز بۇنىڭ قانداق ياخشى ئۈنۈمى بارلىقنى بىلەمسىز ؟  ياڭاق پاسىلى چېيىنى ئۇدا يەتتە كۈن ئىچسىڭىز زىھنى كۈچىڭىز ئۇرغۇيدۇ .


ياڭاق پاسىلى دىگىنىمىز ئەمىلىيەتتە ياڭاق ئوتتۇرسىدىكى ياڭاق گۆشىنى ئارىپ تۇرىدىغان ياغاچسىمان نىپىز ماددىدىن  ئىبارەت ، جۇڭگو تىبابىتىدە  بۇنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمى بەك يۇقۇرى ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىسەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ ، بۇنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى بار .بىراق ئۇنىڭ بىلەن چاي دەملەپ ئىچكەندە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تەرەپلەرمۇ ناھايىتى كۆپ ، چوقۇم تەپسىلى ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئاندىن ئىشلەتكەندە ئاندىن تەن سالامەتلىكنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ . تۆۋەندە بىز بىرلىكتە ياڭاق پاسىلىنىڭ تۆھپىسى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى !


ياڭاق پاسىلىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى


1. بۆرەك ياللۇغىنى داۋالاش : - ياڭاق پاسىلى بىلەن سېرىق ھاراقنى تەييارلىۋالغاندىن كىيىن بىرلىكتە  10 مىنۇت چىلايمىز ، ئەڭ ئاخىرىدا قاينىتىپ دورىلىق سۇيۇقلۇقنى ئېلىپ قالىمىز . ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن  ئۈچ قېتىمغىچە ئىشلەتسەك بۆرەك ياللۇغى تەبىئىي ھالدا يىراقلايدۇ .

2. قەنت كىسىلىنى داۋالاش : - ياڭاقنىڭ سىرتقى شاكىلى ، ياڭاق پاسىلى ، ياڭاق گۆشىنى بىرلىكتە قازانغا سېلىپ سۇ قۇيىمىز ، سۇس ئوتتا 60 مىنۇت قاينىتىمىز ، ئاندىن قېلىپ قالغان دورىلىق سۇيۇقلۇقنى ئىشلىتىمىز . بۇ خىل ئۇسۇلنى كۈنىگە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىشلىتىمىز ، بىر داۋالاش باسقۇچى بىر ئاي بولىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلەتكەندە بەدەندىكى قاندىكى ماي بىلەن قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىپ ، كىسەللىك ئازابىدىن يىراق بولىسىز .



3. بۆرەك زەئىپلىشىشتىن بولغان ئىھتىلام بولۇشنى داۋالاش : - ياڭاق پاسىلى ، سۇ لەيلىسى ئۇرۇقى ، جىن كىۋىزى ، چۈمچەك قۇلۇلىسى ھەمدە ئالىقاتنى تەييارلاپ ، بىرلىكتە قازانغا سېلىپ قايناتقاندىن كىيىن قېلىپ قالغان دورىلىق سۇيۇقلۇقنى ئىشلىتىمىز .

4. ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش : - ياڭاق پاسىلى ئۇيقۇسىزلىققا نىسبەتەن ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمى بار ، ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇسىزلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ياڭاق پاسىلىدىن 3 گىرام سېلىپ چاي دەملەپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە بىر ئىستاكاندىن ئىچىپ بەرسە ، بولۇپمۇ ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان ئىچىپ بەرسە ، ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاپ تەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كىلىدۇ ، بۇ ئۇيقۇسىزلىق كىسىلى بار بىمارلارغا ، ئۇيقۇ دورىسى ئىچىش ماس كەلمەيدىغان ياشانغانلارغا نىسبەتەن مۇۋاپىق كىلىدۇ . 


5. ياڭاق پاسىلىنىڭ نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بار : - جىگەر بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، ئالىقاتنىڭمۇ جىگەر بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ، مەنى پەيدا قىلىپ كۆزنى رۇشەنلەشتۈرۈش رولى بار . بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، شۇڭا بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ چاي دەملەپ ئىچكەندە ، ئىككىسى بىرلىكتە جىگەر بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ئاشىدۇ.


جۇڭگو تىبابىتىدە دىيىلىشىچە ، ياڭاق پاسىلىنى ئىشلەتكەندىن كىيىن بۆرەكنى كۈچەيتىپ ئۇرۇقنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ ، شۇڭا ئاق خۇن كىلىش ، قان سىيىش ، سۆزنەك ، ئىھتىلام بولۇش قاتارلىق كىسەللىكلەرگە قارىتا  ئۈنۈمى ياخشى . شۇڭا بىز سىزگە ياڭاق پاسىلىنى ئۇزاق مۇددەت ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىش ، كىيىن ياخشىلىنىش بولغاندىن كىيىن ھەر كۈنى ئەتىگەن - كەچتە بىر قىېتىمدىن ئىشلىتىش تەكلىپىنى بىرىمىز ، بۇنىڭدا  تەن سالامەتلىكنى تېخىمۇ ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ .

ئۆزڭىز ئەڭ يىقىن كۆرگەنلەرگە يوللاپ قۇيۇڭ .

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ


بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章