سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
23- قىسىم
تولغىقى تۇتۇپ كەتكەن بوغاز مايمۇندەك جايىدا جىم ئولتۇرالماي ، ھىلى پەيزىگۈلگە نىمىلەرنىدۇ دەۋىتىش ئۈچۈن دىۋەيلەپ بىقىپ ، ھىلى پىشانىسىنى سىلاپ ، ھىلى قولى بىلەن ئاغزىنى ئىتىۋىلىپ كەينىگە يېنىپ ، چىچاڭشىپ كىتىۋاتقىنى چىرايىغىلا ئەمەس پۈتۈن ئۇزايىغا ھەتتا ئالچاڭلاپ مىڭىشلىرىغا چىقىپ كەتكەن گۆھەرخاننىڭ نىمىشقا بۇنداق بولۇپ كىتىۋاتقىنىنى پەقەت پەيزىگۈللا ھېس قىلىپ ، چۈشىنىپ تۇراتتى . كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قىينانىسىنى كۆزەتكەچ بىر خىلدا ئىشىنى قىلىۋاتقان پەيزىگۈل ناخشىنىڭ ئۈنۈم بېرىۋاتقىنىدىن ھاردۇقى چىققاندەك بۇلۇپ ، تىخىمۇ ئۈنلۈك ، تىخىمۇ ئاھاڭغا چۈشۈرۈپ ئىيتىپ كىتىۋاتاتتى . بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر نوچىگۈلنىڭ سەۋر قاچىسى راسلا توشتى بولغاي پەيزىگۈل ئەمدى قولتۇقلاپ ئىلىپ ماڭغان يۇتقاننى شارتلا قىلىپ قولىدىن تارتىۋىلىپ كاڭغا پىرقىرىتىپ تاشلىدى ۋە قەھرى بىلەن :
- زۇۋانىڭنى يىغامسەن يوق ؟! سىنى تىتەم پەتى دەپ يۈرۈپتىمەن ، قىپقىزىل ساراڭنىڭ ئۆزىكەنسەن جۇمۇ ! ۋۇ مىڭىسىگە سوغاق ئۆتۈپ كەتكەن گەلدەمە ، - دەپ ۋارقىراپ كەتتى . لىكىن پەيزىگۈل چىرايىنى قىلچىمۇ ئۆزگەرتىپ قويماي ، بايىقىدەك تاتلىق كۈلگىنىچە قىشىنى لىك ئىتىپ ئېغىزىنى نوچىگۈلگە يىقىن ئەكەلدى ۋە تەبىي بوش ئاۋازدا :
- چىچىلمىغىن بولدى ! ھىلىغىچە موماڭلارنى كۆرۈپ كىلىڭلار دەپ ئالدىمىزغا ئۆزى كىلىدۇ قاراپ تۇر ، مىشىنچىلىك يېرى قالدى مىشىنچىلىكلا ، - دەپ باش بارمىقى بىلەن بىگىز بارمىقىنىڭ ئۇچىنى ئۆلچەپ كۆرسەتتى . ئۇنى يەنىلا گەپ سىتىۋاتىدۇ دەپ ئازراقمۇ ئىشەنمىگەن نوچىگۈل دىمىقىنى قاتتىق قاققىنىچە ھويلىغا ماڭدى . ئۇ ئەمدى بوسۇغىدىن ئاتلاپ ھويلىغا قەدەم ئىلىشىغا كارۋاتتا بۇ تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغان گۆھەرخان ئۇنى چاقىرىپ قالدى .
- نوچىگۈل ! نەچچە كۈندىن بۇيان توختىماي مىدراپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بولدۇڭلار ، قارىسام تۈزۈك ئىشمۇ قالمىغاندەك قىلىدۇ ، شۇڭا ئاچا سىڭىل ئىككىڭلار ھازىرلا جابدۇنۇپ ، بېرىپ موماڭلارنى كۆرۈپ كىلىڭلار ، بىرەر كىچە قۇنۇپ باش كۆزلىرىنى يۇيۇپ تاراپ ، ئوبدان مۇڭدىشىپ كەلسەڭلارمۇ بولىدۇ ، ھەراس ! قايسى كۈنى ئۆلتۈرگەن قوينىڭ سان گۆشىدىن ئالغاچ بېرىڭلار جۇمۇ ، قۇلۇڭلارغا تەلمۈرۈپ قالمىسۇن ، - بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ نوچىگۈل قۇلىقىغىلا ئەمەس مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىدىغان كاللىسىغىمۇ ئىشىنەلمەي قالدى . توي قىلغاننىڭياقى قىزلارنىڭ مومىسىنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قىلىشى تۇرماق ئىككىسىنىڭ بىللە بېرىشىغىمۇ قۇشۇلمايدىغان ، سان گۆش يىراقتا تۇرسۇن ئىككى تال كۆيۈك توقاچمۇ سۇنمايدىغان قەقەچتىن قەقەچ ، بىشەمدىن بىشەم گۆھەرخاننىڭ بۇنداق مەرت ۋە ئوڭلۇق بۇلۇپ كىتىشى بەكلا غەلىتە ئەمەسمۇ ؟ غەلىتىلا ئەمەس چۇرت ئەقىلغا سىغمايدىغان ئىشتە بۇ !
- مەن چۇقۇم خاتا ئاڭلاپ قالدىم ، يا بولمىسا بۇ خۇتۇن جۆيلۈپ قالدى ، ئىشىمنى قىلىۋېرەيچۇ بولدى ، - دىگەنلەرنى جەزملەشتۈرگەن نوچىگۈل گۆھەرخانغا ئاقمۇ دىمەي ، كۆكمۇ دىمەي بىشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئاشخانا تەرەپكە ماڭدى .
- ھۇيت چوڭ كىلىن ! سىزگە بىر چىرايلىق گەپ قىلىۋاتسام گومۇشتەك ئۇ يەرگە كىتىۋاتىسىزغۇ ؟ مومىڭىزنىڭ ئۆيىگە بارغۇڭىز يوقمۇيا ؟ - گۆھەرخان ما گەپلەرنى يەنە بىرقېتىم قىلغاندىلا ئاندىن ئۆز قۇلىقىغا ۋە قىينانىسىنىڭ راسلا رۇخسەت بەرگىنىگە ئىشەنگەن نوچىگۈل گۆھەرخانغا بىردەم قاراپ تۇرىۋىتىپ شاققىدە پەيزىگۈلگە قارىدى ، بۇ چاغدا پەيزىگۈلمۇ ئاخىرقى يۇتقاننىڭ پاختىسىنى كۆتەرگىنىچە ئۆزىگە قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ چىقىپ كىلىۋاتاتتى .
- ھازىرغىچىلا ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ مىنىڭ ، قىينانىمىزنىڭ تۇيۇقسىزلا ئوبدان بۇلۇپ كەتكىنىنى دەيمەن ؟ ھەي پەيزىخان ! پال ئىچىشنى قاچان ، قەيەردە ئۆگىنىۋالغانتىڭ سەن ؟ - مومىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مىڭىپ يېرىم يولغا كىلىپ قالغان بولسىمۇ نوچىگۈل ھەيرانلىقىنى پەقەت باسالمايۋاتاتتى . لىكىن پەيزىگۈل ئۇنىڭچىلىك ھەيران ئەمەس ئىدى بەلكى ئەتىگەن گۆھەرخاننىڭ قىزلارنىڭ مومىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىغا قۇشۇلمىغان چاغدىكىدىن ھىچ پەرقىمۇ يوقتەكلا ، شۇنداق تەبىي ۋە خوشال ، ھەيرانلىقتىن قىلچە ئەسەر يوق ئىدى .
- پال ئېچىش دىگەنلەرنى قەتئىي ئۇقمايمەن بىلىسەن ، لىكىن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ ئادەم بولۇپ قىلىشى بىكار ئەمەس خىنىم ! ئەلۋەتتە بىر سەۋەبى بار…
- نىمە سەۋەپ ئۇ ؟ ماڭىمۇ دەپ بېرە ، بىر بىلىپ قالاي ، ماڭىمۇ ئەسقىتىپ قالسا …
- سەۋەبىنى بىلىپ نىمە قىلاتتىڭ سەن ؟ ياخشى ئىشلا بولسا سىنىڭما ؟ ھىھ ! تىخى تۈگمىگەن مانتىدا ئاغزىڭ كۆيۈپ قاپتۇ سىنىڭ ، - پەيزىگۈل بىردىنلا خۇيلىنىپ ، مۇئامىلىسىنى يۈز سەكسەن گىرادۇس بۇرىغىنىچە تىز تىز دەسسەپ نوچىگۈلنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كىتىۋەردى .
ھەۋزىخاننىڭ سالامەتلىكى خېلىلا ياخشىلىنىپ قالغان بولسىمۇ قارامتۇل ھەم ياداڭغۇ چىرايى ، ئالدىغا بىلىنەرلىك ئىگىلگەن قەددى ئۇنىڭ قاتتىق ئاغرىق تارتىۋالغىنىنى مانا مەن دەپ ئاشكارىلاپلا قويغانىدى ، نەۋرە قىزلىرىنى كۆرۈپ ئالەمچە شادلىققا چۆمگەن ھەۋزىخان كۆز ياشلىرىنى باشقۇرالماي قالدى . ئۈچەيلەن يەنە جەم بۇلۇپ گۇڭۇر- مۇڭۇر پاراڭلاشقاچ تاماق ئىتىپ يىدى ، تاماقتىن كىيىن ئۆي ۋە ھويلا - ئاراملارنى بىرەر قۇر سەرەمجانلاشتۇرۇپ بولغۇچە كۈنمۇ كەچ بولۇپ قالغانىدى .
- ئا ئۆيدىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ بولالماي ھېرىپمۇ قالغان بىز ، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك قىلىپ تۇرامدۇق ؟ قالغان ئىشلارنى ئەتە سەھەر تۇرۇپ قىلايلى ، - دىدى پەيزىگۈل ئاخىرقى بىر چىلەك سۇنى دەرۋازا ئالدىغا چېچىپ بولغاندىن كىيىن . ئەخلەتلەرنى تۆكۈپ بىلىنى ئەمدى رۇسلىغان نوچىگۈل تىخىمۇ ھارغان بۇلۇپ ، ئالدىراش باش لىڭشىتىپ پەيزىگۈلنىڭ پىكرىگە ماقۇللۇق بىلدۈردى .
- ئەجەپ بىر قايتىدىغاننىڭ تەييارلىقىنى قىلماي خاتىرجەم سوزۇلۇپ يىتىپ كىتىپسىلەرغۇ قىزلىرىم ؟ كەچ قالساڭلار گۆھەرخان تاناۋىڭلارنى تارتىۋەتمىسۇن يەنە ، - بايىدىن بېرى ئۆيدە ئارام ئىلىۋاتقان ھەۋزىخان ھويلىغا چىقىپ قىزلارنىڭ سۇپىدا سۇنايلىنىپ يىتىشىپ كەتكىنىگە قاراپ سەل كۆڭلى بۇزۇلدى : بىچارە قىزلىرىم ، گۆھەردەك قىينانىنىڭ ئالدىدا چۇقۇم ياخشى كۈن يوق سىلەرگە ، ئۇ ئۆيدىن ھېرىپ چارچاپ كەلسەڭلار ماۋۇ تاماقنى يەۋىلىڭلار ، بىر كۈن بولسىمۇ جىم يىتىپ ئارام ئىلىۋىلىڭلار دىيەلمەي ئېغىرىمنى سېرىپلا قويدۇم . سىلەرنىڭ بەختىڭلارنى كۆرۈپ ئارمىنىمغىمۇ يىتىپ بولغاندىكىن كىتىپ قالساممۇ بولاتتى مەن ، بەكلا ئۇزۇن ياشاپ كەتتىم ھىلىمۇ …
- ئۇ دەللىنى ئادەم قىلىۋەتتۇق مۇما ، ئەمدى بىزنىڭ بىر تال مويىمىزغىمۇ تىگەلمەيدۇ ئۇ ، بۈگۈنمۇ ئۆز ئاغزى بىلەن بىرەر كىچە قۇنۇپ ، موماڭلارنى قانغۇدەك ئىمىۋىلىپ ئەتە قايتىپ كەلسەڭلارمۇ مەيلى دىگەن ، شۇڭا قالغان ئىش كۈشلەرنى ئەتە قىلايلى دەپ يىتىپ كەتتۇق موما … - پەيزىگۈل ئەركىلىگىنىچە كىلىپ موماينىڭ بىلەكلىرىگە چىڭ ئىسىلدى . موماي پەيزىگۈلنىڭ گەپلىرىگە چىنپۈتمەي نوچىگۈلگە قارىۋىدى ئۇنىڭ دىگەنلىرى راس دىگەن مەنىدە سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدى .
- بۇ ئالىجوقا قانداق سېھىر ئىشلەتتىكىنتاڭ ئۇ خۇتۇننى مومدەك يۇمشىتىپلىۋەتتىغۇ ؟ ئۆزىچە گۆشلەرنى ئەۋەتىپ تىخى ساڭا ، ھەراس موما ! ئۈستىباشلىرىڭنى يۇيۇپ ، چاچلىرىڭنى تاراپ قۇيايلى ، كىلە ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرساڭ مەن ئىسسىق سۇ تەييارلاي ، پەيزىگۈل قۇپە ! سەن داسنى تىپىپ ئۆيگە ئەكىر ! - ھەۋزىخان نەۋرە قىزلىرىنىڭ شۇنچە ھېرىپ كەتكىنىگە باقماي كىيىكتەك سەكرىشىپ ئۆزى ئۈچۈن پەرۋانە بۇلۇپ كىتىۋاتقىنىغا قاراپ ھەم خوش بولدى ھەم ئۇلارغا ئىچى ئاغرىدى .
ئەتىسى ھەۋزىخان قىزلارنىڭ ئۇيقىسى قېنىپ ئۆزلىرى ئويغانغىچە ئويغىتىشقا كۆزى قىيماي ، كۈچىنىڭ يىتىشىچە ئاددىيلا ناشتىلىق تەييارلاپ ئۇلارنى ساقلاپ ئولتۇردى . ناشتىدىن كىيىن قىزلار موماينىڭ : ئەمدى بولسىمۇ ئارام ئىلىڭلار بولدى ، ھېرىپ كەتتىڭلار دىگىنىگە ئۇنىماي چۈشكىچە پالاقشىپ ، ئاندىن ئوخشىتىپ تاماق ئىتىپ بىللە ئولتۇرۇپ يىيىشكەندىن كىيىن موماينىڭ سۈيلەپ تۇرىۋىلىشى بىلەن ئامالسىز قايتىشنىڭ تەييارلىقىغا چۈشتى .
- ئۆزۈڭنى ئاسرىغىن موما ، ھەر قانداق قاتتىق - قۇرۇق ئىشلار بولسا قىلىمەن دەپ زورۇقماي بىزگىلا ئەپ قوي ، بۇندىن كىيىن ئىككىمىز پات - پات كىلىپ تۇرىمىز ، - مىڭىشتىن بۇرۇن پەيزىگۈل ھەۋزىخاننىڭ بوينىغا چىڭ گىرە سېلىپ شۇنداق دەپ خوشلىشىۋىدى نوچىگۈل يەنە بىر قىتىم مەڭدەپ قالدى ۋە يولدا كىتىۋىتىپ پەيزىگۈلدىن سورىدى .
- ئۆزۈڭگە شۇنچىلىك ئىشىنەمسەن پەيزىگۈل ، مومامنىڭكىگە راسلا پات پات كىلىپ تۇرالامدۇق ؟ گۆھەرخان بىزنى ئاخىرغىچە ئىختىيارىمىزغا قۇيىۋىتەرمۇ يا بەش كۈندە بۇرۇنقى خۇيىنى تىپىۋالارمۇ ؟ ئۇنداق قىلماي گۆھەرخاننى نىمە قىلغىنىڭنى بىر دەپ بېرە ، يامان بەك قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن ، - لىكىن پەيزىگۈل جاۋاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا يەنە شۇ روزىلەمگە غىڭشىغىلى تۇردى . خاپا بولسا ئۇنىڭدىن تىخىمۇ گەپ ئالغىلى بولمايدىغىنىنى پەملىگەن نوچىگۈل ئاۋازىنى تىخىمۇ يۇمشاق چىقىرىپ :
- ئوبدان پەيزىگۈل ، ناخشاڭنى قۇيۇپ گەپ قىلساڭچۇ ؟ ئۇ نىمىشقا بۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قالىدۇ دەيمەن ؟ - دىسىمۇ پەقەت جاۋاپ بەرگىلى ئۇنىمىدى ، ئاخىرى نوچىگۈلمۇ سوراۋېرىپ زېرىكتى بولغاي قىيدىغاندەك قىلىپ ، يولىنى جىمجىت داۋام ئەتكەندىلا ئاندىن دەپ بەرگۈسى كىلىپ نوچىگۈلنىڭ مۈرىسىگە مۈرىسى بىلەن نوقۇپ :
- نىمىشقا ئۆزگىرىپ قالغىنىنى سەن سورىما ، مەن ئىيتماي . لىكىن ئىشەنگىنكى ئۇ خۇتۇن ئەمدى بىزنى ھەرگىز بوزەك ئىتەلمەيدۇ ، بەلكى بىشى باغلانغان سىيىردەك مەن نىمە دىسەم ھە بوپتۇلا دەيدۇكى ، مەن بىلەن قەتئىي ئىيتىشمايدۇ ، پو گەپ ئەمەس ! ھازىر ئۇنىڭ تەقدىرى مىنىڭ قۇلۇمدا ، - دىدى .
- ئۇنداق ئاشۇرىۋەتمىگىنە سەنمۇ ، شۇنچە مەمەدان گۆھەرخان قانداقسىگە سىنىڭ قۇلۇڭغا چۈشۈپ قالغۇدەك ؟
- ساڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق چۈشەندۈرۈپمۇ يۈرمەي بۇندىن كىيىنكى ئىشلارغا قاراپ ئۆزۈڭ جەزملەشتۈرىۋالمامسەن …
قىزلار قىزغىن مۇنازىرە - پاراڭلار بىلەن ئۆيگىمۇ يىتىپ كىلىشتى ، ئۇلار دەرۋازىدىن كىردى دەپ بولغۇچە سەپەردىن ئاللىقاچان يىنىپ كەلگەن ھاشىم تاز ۋالاقلاشقا باشلىدى :
- ياتلىق قىلىنغان قىز دىگەن سىپىۋىتىلگەن سۇغا ئوخشايدىغان تۇرسا ، ئۈرۈمچىدە شۇنچە ۋاق بىللە يۈرگەندىكىن كىلىپ بەش كۈن بولمايلا موماڭلارنىڭ ئۆيىگە چاپمىساڭلارمۇ بولاتتىغۇ ؟ ئوغۇللىرىم بىلەن كارىڭلارمۇ بولماي قۇنۇپ كىتىشلىرىڭلار باركەن تىخى ! سىلەرگە ئۇنداق قىيمايدىغان ئادەم …
- ۋاي - ۋۇي دادىسى ! نىم ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىپ يۈرىيلا ؟ چوڭ سۈپەت تۇرسىلا مۇنداق . ئۇلارنىچۇ مومىسىنىڭ ئۆيىگە مەن بۇيرىغان ، قۇنۇپ كىلىشنىمۇ مەن تاپىلىغان . ھەۋزىخاچام ئاغرىقنىمۇ خېلى تارتىۋالدى ئەمەسمۇ ، يىقىن بولغاندىكىن پات - پات بېرىپ تۇرمىسا كىلىن قىزلار خاتىرجەم بولالمايدۇ ، مومىسىمۇ قىينىلىپ قالىدۇ ، جىق گەپ قىلماي كىرىپ تاماقلىرىنى يىسىلە ، سىلەرمۇ كىرىڭلار ، تاماقنى بىللە ئولتۇرۇپ يەيلى قىزلىرىم ، - گۆھەرخاننىڭ ئۆيدىن ئىتىلىپ چىققانچە ھاشىم تازنى گەپ قىلغىلىمۇ قويماي ، تارتىشتۇرۇپ ئەكىرىپ كىتىۋاتقىنىغا ، كىلىن ئەكىرگەندىن بۇيان بىرەر قىتىممۇ تاماققا قول تىقىپ باقمىغان گۆھەرخاننىڭ كىلىنلىرىنى تاماق يەڭلار دەۋاتقىنىغا ئەدناسى ئۇلارنى قىزلىرىم دىيىشلىرىگە ھەيرانۇ - ھەسلا قالغان نوچىگۈل يىنىدا مەردانە جىلمىيىپ تۇرغان پەيزىگۈلگە قادىلىپ تۇرۇپلا قالدى .
كەچتە نوچىگۈل بۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنى پەخىردىنگە دەپ ئىككەيلەن مىڭىسىنىڭ قىتىقى چىقىپ كەتكۈدەك ئويلىنىپ ، پەرەز قىلىشىپمۇ ھىچبىر ئەقىلغا سىغقۇدەك جاۋاپ تىپىشالماي : ۋاقتى سائىتى كەلگەندە بىلىپمۇ قالارمىز سەۋەبىنى … دىيىشىپ توختاپ قىلىشتى .
- نوچىگۈل ! سىز چۈشلۈك تاماققا جابدۇغاچ ئۆيدە ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ ، سەلتۇرۇپ پەيزىگۈل ئىككىمىزنىڭ بىر يەرگە بارىدىغان ئىشىمىز بار ، - ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ ناشتىدىن كىيىن گۆھەرخان شۇ گەپنى قىلىۋىدى ، قىزلار خۇپىيانە كۇسۇرلىشىۋالدى .
- ھەي ئىچى يامان ! مىنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن نەگە بارىسەن ؟ - دىدى نوچىگۈل دەستىخاننى يىغىشتۇرىۋاتقان پەيزىگۈلنىڭ يىڭىدىن سىلكىپ .
- ۋاي تاڭ ! ھىچنىمىنى بىلمەيمەن مەن ، - پەيزىگۈلنىڭ تۇرقىدىنمۇ ھىچنىمىنى بىلمەيدىغاندەكلا تۇراتتى . ئەقلى يەتمىگەنسېرى نوچىگۈل تىخىمۇ قىزىقسىنىپ كىتىۋاتاتتى .
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر