تەلەيلىك ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئۈچ چوڭ گۆھەر

文摘   2024-12-19 20:03   新疆  

سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن 

بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەم بەختلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن بەخت نېمىدىن كېلىدۇ؟ بەخت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ، تىرىشچان ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ، ئۆزىگە تەۋە بەخت يارىتالايدۇ، ھەر قانداق ئادەم بەختلىك بولىمەن دەيدىكەن ئاۋۋال جاپا چېكىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەيدىغان» كىشىلەرنىڭ بەختلىك بولۇشى ئىنتايىن مۈشكۈل، يەنە كېلىپ بەختلىك بولالايدىغان ئاياللاردا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل «گۆھەر» بولىدۇ. 

1- ئېغىزىنى باشقۇرۇش 
بىر ئۇستاز شاگىرتىغا بازاردىكى ئەڭ قىممەت ۋە ئەڭ ئەرزان نەرسىنى تېپىپ كېلىشنى ۋەزىپە قىلىپتۇ، بىردەمدىن كېيىن شاگىرت بىر تىلنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ، ئۇستازى ئۇنىڭ نېمىشقا تىلنى سېتىۋېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي، ئۇنىڭدىن سوراپتۇ، شاگىرت: «تىل دېگەن بۇ نەرسە ياخشى بولسا ئادەمنى ئۇلۇغلاشتۇرسا، ئەسكى بولسا ئادەمنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ» دەپتۇ. 
كونىلار «ئادەم ئېغىزىدىن بالاغا قالۇر» دەپ بىكارغا ئېيتمىغان، ئېغىزىنى باشقۇرالمايدىغان ئادەم ئاسانلا باشقىلارغا ئازار بېرىپ قويىدۇ، گەپ قىلغاندا باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاشمايدۇ. ئەكسىچە گەپ قىلىشنى، ئېغىزىنى باشقۇرۇشنى بىلىدىغان ئاياللار گەپلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى خۇشال قىلالايدۇ، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ، ئۆزىمۇ خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ يوللىرى تېخىمۇ داغدام بولىدۇ، كۈنلىرى بەخت ئىچىدە ئۆتىدۇ. 

2- ئاقكۆڭۈل بولۇش 
ئاقكۆڭۈللۈك بىباھا بايلىقتۇر، نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر ئىش ھازىرمۇ يادىمدا. ئۇدۇلدىكى قوشنامنىڭ يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئۇ 5-4 ياشلىق بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەپ، بىر ئائىلىنى باقاتتى، كېيىنچە بالىسىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش ئەپسىز بولغاچقا، ئۇ بالىسىنى ئۆيىگە سولاپ قويۇپ ئىشقا بارىدىغان بولدى. ياندىكى قوشنىسى بۇنى كۆرۈپ، كۈندىزى بالىغا قارىشىپ بېرىشنى ئېيتتى، ئۇدۇلدىكى قوشناممۇ رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەر ئايدا ئۇلارغا ئازدۇر-كۆپتۇر پۇل بېرەتتى. كېيىنچە ياندىكى قوشنىمىزغا كېلىشمەسلىك كېلىپ، ئۆيىدە پەقەت مومايلا قالدى، ئۇدۇلدىكى قوشنام ھېچ نەرسە دېمەيلا ئۇ موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، موماينى خۇددى ئۆزىنىڭ ئانىسىنى باققاندەك باقتى. 
ئاقكۆڭۈللۈك مانا شۇنداق نەرسە، سىز باشقىلارغا ياخشىلىق قىلسىڭىز، ھامان بىر كۈنى بۇ ياخشىلىقىڭىز ئۆزىڭىزگە يانىدۇ، شۇڭلاشقا ھەر ۋاقىت ئاقكۆڭۈل بولۇشنى ئۇنۇتماڭ. 

3- «ئۇنۇتقاق» بولۇش 
ئۆزىڭىزگە تەۋە نەرسىنى باشقىلار ھەر قانچە قىلىپمۇ تارتىپ كېتەلمەيدۇ، باشقىلار تارتىپ كېتەلىگەن ئىكەن ئۇ نەرسە سىزنىڭ ئەمەس، بەزىلەر سۆيگۈنىنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىدىن ئازابلىنىپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، يەنە بەزىلەر قولغا كېلەي دەپ قالغان خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن ئۇھ سىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئارتۇقچە، مەيلى قانچىلىك ئازابقا دۇچار بولۇڭ، ئۇنۇتقاق بولۇشنى ئۇنۇتماڭ، سىزنى ئازابلىغان شۇ نەرسىلەرنى، شۇ ئىشلارنى، شۇ ئادەملەرنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، شۇندىلا بەختلىك بولالايسىز، ھاياتىڭىزدىكى بەختنى ھېس قىلالايسىز. 
بۇ ھايات شۇنچىلىك قىسقا، بەختنى ھېس قىلىشنى، بەختلىك بولۇشنى ئۇنۇتماڭ. 
مەزمۇننى تەييارلاشقا سائەتلەپ ئەجرىم كىتىۋاتىدۇ. ئاستى زەيكەننى بېسىپ چەمبىرەككە چىقىرىپ قويىشىڭىزغا سىكونت ۋاقىت كىتىدۇ. قوللاش شۇنچىلىكلام ئاددىي... رەھمەت!

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز


维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章