سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
21- قىسىم
نوچىگۈلنىڭ سېزىكى بىر خىلدا داۋاملىشىۋاتقان بۇلۇپ ، قۇرسىقى ئاچسىلا پەيزىگۈلدىن :
- تاماق يىمەمسەن ؟ - دەپ سورايتتى ، لىكىن پەيزىگۈل ئەتەي قاش كۆزىنى سۈزۈپ :
- قۇرسىقىم ئاچمىدى ، سىزنىڭ ئاچقان بولسا يەۋېرىڭ ، - دەپ تۇرىۋالاتتى . دەسلەپتە نوچىگۈل ئۇنىڭ قۇرسىقىنىڭ ئىچىشىنى ساقلاپ يىمەيمۇ باقتى ، پەقەت بەرداشلىق بېرەلمىگەندە زولاپ ئۇنى بۇنى يەپمۇ باقتى ، لىكىن پۇخادىن چىقالماي قىينىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەخىردىن سىرتتىن ئالدىراش كىرىپ ئۇنىڭ قولىنى تارتىپلا ئەپ ماڭدى ، ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىغان نوچىگۈل :
- نەگە ئاپىرىسىز مىنى ؟ مومام يالغۇز قالدى ، - دەپ سورىۋىدى پەخىردىن شۇ ماڭغان پەدىسىدە كىتىۋىتىپ :
- بايا قارىسام پەيزىگۈل بىر ئاشخانىغا كىرىپ كىتىۋاتىدۇ ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىزنى تۈزۈك بىر نەرسە يىيەلمەي قىينىلىپ كەتتى دەپ يۈگرۈپلا كىرىشىم ، مومامغا سىستىرالار بولغاندىكىن ھىچنىم بولمايدۇ ، تىزرەك بولمىساق تامىقىنى بۇيرۇتۇپ يەپمۇ بولىدۇ جۇمۇ ، تىز ! - دىدى . نوچىگۈلنىڭ ھەيرانلىقى يەنىلا بىسىلماي :
- يۇرتتىن كىيىپ چىققان ئاياق پۇتۇمنى قىستاپ كىتىۋاتىدۇ دەپ راھەترەك ئاياق ئالغىلى چىقىپ كەتكەنغۇ ئۇ ؟ - دەپ سورىدى .
- شۇنداق يالغانلار بىلەن سىزنى گوللاپ قۇيۇپ ئۇنى بۇنى يەپ تۇرمىسا پەيزىخان بۇلامدا ئۇ ؟ بىز پەقەت بايقىمىغان گەپ خالاس ، تىز بۇلۇڭ !
ئىككەيلەن ئاشخانا ئىشىكىدىن كىرىپ مۇنداقلا قاراپ مەززە قىلىپ پولو يەۋاتقان پەيزىگۈلنى كۆرىۋالدى ، چۈنكى بۇ چۈشلۈك تاماققا بىرەر سائەتتەك ۋاقىت بار مەھەل بۇلۇپ ، ئاشخانىدا خېرىدار يوق دىيەرلىك ئىدى .
- قارا ما ئىنساپسىزنى ! ھىچكىمنىڭ قۇرسىقى ئاچماستا بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا چىڭداپ يەۋىلىپ ، مىنىڭ قىينىلىپ يۈرۈشۈمگە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ يۈرۈپتىكەندە ئەسلى ! خەپ توختاپ تۇر پەيزى ! بۇندىن كىيىن سىيگىلى بارساڭمۇ ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىدە پوستتا تۇرمايدىغان بولسام ، ھىھ ! - نوچىگۈل شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ غاچ - غاچ دەسسەپ مىڭىپ پەيزىگۈلنىڭ قاق ئۇدۇلىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ كەلگىنىنى بايقاپ بولغۇچە ئۇنىڭ ئالدىدىكى پولو تەخسىسىنى شارتلا قىلىپ تارتىۋالدى .
- ھەي ئوغرى مۈشۈك ! گىرمانىيىنىڭ جاسۇسلىرىدەك خۇپىيانە قۇرساق چىڭدىساڭ پەيزى بولامدىكەن ؟ مەن سىنىڭ ئۆپكەڭنى يا جىگىرىڭنى سورىمىغاندىمەن بۇنچىلىك قىلىپ كەتكۈدەك ؟ ناھايىتى كەلسە شۆلگەيلىرىڭ ئارىلىشىپ كەتكەن بىر ئۇچۇم تاماققۇ شۇ ؟ تويمىغان بولساڭ يەنە بۇيرۇتە ، ھەقىچان بۇنچىلىك تاماققا مەنمۇ تويمايمەن ، - نوچىگۈلنىڭ بېدىلىكتىن موگو ئۈنگەندەك بۇ يەردە پەيدا بولۇپ قىلىشىنى بىرمۇ ئويلىمىغان پەيزىگۈل ئەمدى ئاغزىغا سالغان بىر قۇشۇق پولونى يۇتۇشقا قادىر بولالماي ، قىقىلىپ كىتىپ پۈركۈپ تاشلىدى ، ناۋادا قولى بىلەن توسۇۋالمىغان بولسا ئاغزىدىن چاچراپ چىققان گۆرۈچلەر نوچىگۈلنىڭ شۇنچە زارىقىپ كۈتكەن تامىقىنى بۇلغىۋەتكەن بولاتتى . نوچىگۈل پەيزىگۈلنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان پولونى ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقاندا پەخىردىن لەغمەندىن ئىككىنى بۇيرىتىۋەتكەن بۇلۇپ ، لەغمەنمۇ ھايال قالماي چىقىپ ئۈچەيلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماقلاندى .
- ئۇف ! ئاخىرى تويغۇدەك تاماق يەۋالدىم ، رەھمەت مۈشۈكۈم ئىلتىپاتىڭغا ! بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق ئاشقان - تاشقانلىرىڭنى ئايىمىغايسەن ، - تارتىۋالغان پولونى يەپ تويماي ، كىيىن چىققان لەغمەندىنمۇ بىرنى پەيزىگۈلدىن ئاشۇرغۇزۇپ يەپ ئاندىن تويغان نوچىگۈل خۇماردىن تازا چىقىۋالدى .
ئۈرۈمچىدىكى مۇساپىرچىلىق يىگىرمە كۈندەك داۋام ئەتكەندە ھەۋزىخانمۇ خېلى ئوبدانلا ئەسلىگە كىلىپ قالدى . بۇ جەرياندا ئايزىمخانلار كۈندە تاماق ، مىۋە چىۋە ، لازىملىقلارنى تۇشۇپ ئامال بار ئۇلارنىڭ بوينىنى قىسىپ قويماسلىققا تىرىشتى . ئۇلاردىن قايسى بىرى دۇختۇرخانىدا پەيدا بولىدىكەن شۇئان پەيزىگۈلنىڭ خۇيى تۇتۇپ ، ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوقلا دوقاسلاپ كىتەتتى ، نوچىگۈلگە قىرىچە يىنىچە تىگىپ ، ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتەتتى . ئۇلار كۆتىرىپ كەلگەن ھەر قانداق نەرسىگە قاراپمۇ قويمايتتى ھەم ئادىمگەرچىلىك يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئۇلارغا بىرەر ئېغىز رەھمەت تەشەككۈر ئىيتىپمۇ قويمايتتى . بۇنداق چاغلاردا نوچىگۈل سەل ئوڭايسىزلىنىپ ئايزىمخانلارغا ئاندا - ساندا تەكەللۇپ قىلىپ قويغۇدەك بولسا لوڭڭىدە قىلىپ :
- دائىم نەرسە كۆتىرىپ كىلىۋېرىپ ئادىمگەرچىلىك قەرزىگە بوغىۋەتمىسەڭلار بولاتتى بىزنى ، مومام ئىككىمىز بۇ ئۆمرىمىزدە قايتۇرۇپ بولالمايمىز جۇمۇ ، - دەپ كىنايە قىلىپ نوچىگۈلنى تىخىمۇ ئوڭايسىزلاندۇراتتى . پەيزىگۈل ئىككىسى خالىي قالغان چاغلاردا ئۇنىڭغا چىرايلىق نەسىھەت قىلىپمۇ باقتى ، ئايزىمخانلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەندۈرۈپ ، كىچىككىنە يۈز بېرىپ قۇيىشىنى ئۆتۈنۈپمۇ باقتى ، لىكىن ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە دىگەندەك بۇ گەپلەر پەيزىگۈلنىڭ قۇلىقىغا كىرىپمۇ چىقمىدى . قىزىنى تىپىۋالغىنىغا بەكلا خوش بۇلۇپ كەتكەنمۇ ئەيتاۋۇر ئايزىمخانلار بۇ ئىشلارنى ئانچە ئېغىر ئىلىپمۇ كەتمىدى .
ھەۋزىخان بالنىستىن چىقىپ يۇرتقا قايتىدىغان كۈنى بىرسى ئۈرۈمچىگە كەلسە بىرسى يۇرتقا قايتىپ نۆۋەت ئالمىشىپ تۇرىۋاتقان پەخىردىن بىلەن ئەپىردىننىڭ ئىككىسىلا تەق بۇلۇپ ھەممەيلەن تۇشمۇ تۇشتىن قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى . ئايزىمخان بىلەن قاسىممۇ قاق سەھەردىلا كىلىۋالغان بۇلۇپ ، ھەۋزىخان بىلەن نىمىلەرنىدۇ پاراڭلاشماقتا . پاراڭ ئارىلىقىدا ئايزىمخاننىڭ ھەۋزىخاننى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە ئەكىتىپ ھالىدىن بىر مەزگىل خەۋەر ئالغۇسى بارلىقىنى ئىيتقاندا پەيزىگۈل يەنە :
- مومامنى ئۆيىگە ئەكىتىمەن دەيدىغانغا كىمكىنا بۇ خەق ؟ مۇشۇنداق ياپيات خەققە تاشلاپ قۇيۇپ كىتىدىغانغا ساراڭ بولغۇيتتۇم مەن ! ئۆيىگە ئەكىتىدىغان ئادىمىنى تىپىپ ئەكەتسە بولمامدۇ قوۋۇرغامنى ئىگىپ ، ھىھ ! - دەپ غۇدۇڭشۇپ كەتتى . نوچىگۈلنىڭ :
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىسەڭچۇ ، ئادىمگەرچىلىك يۈزىسىدىن مۇنداقلا دەپ قويغان گىپىدۇ خەقنىڭ ، - دەپ سالا قىلغۇسى بولسىمۇ ئۇنىڭ تىخىمۇ خۇيلىنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ قۇلىقىنى يۇپۇرىۋالدى . چوڭلارنىڭ پارىڭى ئاۋۇپ بىر كەم بولغاندا ئويلىمىغان يەردىن ئايزىمخان :
- بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ بەرگەن بولسىلا بەكلا خوش بۇلاتتۇق ، كۆنەلمەيمەن دەپ ئۇنىماي تۇرىۋالدىلا ، ئەگەر كۆڭۈللىرىگە كەلمىسە نوچىگۈل … نوچىگۈل بىر مەزگىل تۇرسا قانداق بولار ؟ - دەپ سورىۋىدى ھەممەيلەن دىيىشىۋالغاندەك :
- ھە ؟؟ نىمە ؟! - دەپ توۋلاپ كىتىشتى . ھەۋزىخاننىڭمۇ كۆزلىرى يوغىناپ ئاغزى ھاڭغىرقاي ئىچىلىپ قالدى . گەپنىڭ تازا پەيتىنى تىپىپ قىلالمىغىنىنى سەزگەن ئايزىمخان دەرھال گەپنى بۇراپ ، ئىشنى پاساڭ باستۇردى .
- ھە … ھەۋزىخاچا … سىلى بەكلا بەخىتلىككەنلا جۇمۇ ! قارىسىلا ، بىر مۇنچە قىز ئۇغۇل نەۋرىلىرىنىڭ سىلى ئۈچۈن پالاقشىپ كىتىۋاتقىنىنى ، يۇرتقا قايتقاندىن كىيىن ئۆزلىرىنى بەك ئاسرىسىلا ، دادىسى ئىككىمىز سىلىنى كۆرگىلى بارىمىز ، بىز قايتقاچ تۇرامدۇق دادىسى ، - دەپ ئۆمسەرىگىنىچە قاسىمنى تارتقۇشلاپ دىگۈدەك بالنىستىن چىقىپ كەتتى .
نوچىگۈلگە ھەدىسە قىرىچە يىنىچە تەگكىنى بىلەن ئايزىمخاننىڭ بايىقى گىپىنى ئاڭلاپ پەيزىگۈلنىڭ مىڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەن ، ئەلۋەتتىدە ! ئۇرۇشسۇن ، تالاشسۇن ، قىيداشسۇن … ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ تا بۈگۈنگە قەدەر بىر- بىرىدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلىپ باقمىغان تۇرسا ، ئەگەر ئۇ ئۈرۈمچىدە قىلىپ پەيزىگۈل يۇرتقا قايتىدىغان بولسا غېرىپسىنىپ ئۆلگىنى شۇ ئەمەسمۇ ؟! ئايزىمخان ئەر ئايال چىقىپ كەتكەندىلا ئاندىن خاتىرجەم بۇلۇپ يىنىدىكىلەرگە تۇيدۇرماي يىنىك تىن ئىلىۋالغان پەيزىگۈل قەستەنگە :
- ئۈرۈمچىدە قالىدىغاننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بەزىلەرنىڭ قۇلىقى تىكلىنىپ كىتىۋىدى تەماگەرنىڭ چىلىكى تۆشۈك چىقىپ قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ كىتىپ قىلىشتىغۇ ما خەق ، ۋاي ئىسىت ، ۋاي ئىسىت ! - دەپ قەستەن نوچىگۈلنىڭ چىشىنى قېرىشتۇرماقچى بولىۋىدى نوچىگۈلمۇ بوش كەلمەي :
- ئالدىرىماي تۇر ! ئۇنداق كۈنلەر ھامىنى كىلىدۇ ، ھازىرچە ساڭا ھۆ بىلەن دۆ كۆرىنىپ چىشىڭغا تەگكىنىم تەگكەن ، - دەپ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ قويدى .
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كۈنلىرى تۇلۇق ئاياقلىشىپ تىنىچ ئامان يۇرتقىمۇ كىلىۋىلىشتى . ھەممەيلەن ئۇدۇل ھەۋزىخاننىڭ ئۆيىگىلا يىنىپ كىلىشكەن بۇلۇپ ، موماينى تام خوشنا ئايالنىڭ ياردىمىدە پاكىز رەتلىك تۇرغان ئۆيىگە ئەكىرىپ چىرايلىق ئورۇنلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن ، يەنە شۇ ئايال كۆتىرىپ كىرگەن بىر كورا ھاردۇق ئىشىغا ئېغىز تىگىشىپ ئولتۇرغاندا ھەۋزىخان ئېغىز ئاچتى .
- مىنى دەپ ھەممىڭلار جاپا تارتىپ كەتتىڭلار . پەخىردىن ، ئەپىردىن سىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن جىنىم بالىلىرىم ، ئۆزۈم تۇغقان بالىلىرىم بولسىمۇ سىلەرچىلىك قىلار بولغىيتتى ، ھەر قايسىڭلارنىڭ دۆلىتىدە مۇشۇنچىلىك ھالغا كەپتىمەن ، بۈگۈندىن باشلاپ پۇت قۇلۇڭلارنى سوزۇپ ئوبدان ئارام ئىلىۋىلىڭلار . سىلەرمۇ شۇ قىزلىرىم ، قىيناتا قىينانىلىق ئادەملەر شۇنچە ئۇزۇن سىرتتا يۈرۈپ كەتتىڭلار ، ئۆيۈڭلارغا قايتىپ چوڭلارغا بىر كۆرىنىۋىتىپ ، يىغىلىپ قالغان ئىش - كۈشلەر بولسا بىسىقتۇرىۋىتىپ ئاندىن كىلەرسىلەر ، قوغلاۋاتىدۇ دەپ قالساڭلارمۇ مەيلى ، تاماقنى يەپ بۇلۇپلا دەرھال مىڭىڭلار …
- موما ، سەن تىخى تۇلۇق ئەسلىڭگە كىلىپ بولالمىغان تۇرساڭ ، يالغۇز تاشلاپ قويساق قانداق بولىدۇ سىنى ؟ مەن ساڭا يەنە بىر مەزگىل ھەمراھ بولايچۇ بۇلامدۇ ؟ گۆش بىلەن ماي بىر تۇققان ، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن دەپ ئۇ ئۆيگە بارساممۇ بەرىبىر ياخشى ئىش يوق ماڭا … - ھەۋزىخاننىڭ يۇغان بىرنى چەكچىيىشى بىلەن گىپىنىڭ داۋامىنى يۈتىۋىتىشكە مەجبور بولغان پەيزىگۈل لىۋىنى يىنىك چىشلىگىنىچە ئىككى يىنىغا قىمدىلىپ كەتتى .
- نەچچە ۋاقىتتىن جاپا تارتقىنىڭنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئارتۇق گەپ قىلمىسام ئەجەپ ئۆزۈڭنى بىلەلمەي كىتىۋاتىسىنا سەن ، نوچىگۈلنىڭ نىمىلا دىسەڭ جىم تۇرىشى ئۇنىڭ بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغىنىدىن ئەمەس بىلىپ قوي ! بۇندىن كىيىن ئا تىكەنلىك زۇۋانىڭنى يىغىپ يۈر ! بولمىسا ئەدىپىڭنى ئۆزۈم بېرىمەن جۇمۇ ! - مومىسىنى ھەر قانچە بولسىمۇ بۇنچىلىك خاپا بولۇپ كىتىدۇ دەپ ئويلىمىغان پەيزىگۈل : مەن نەدە ئۇنداق قىلدىم دەپ ئۆزىنى بىر ئېغىز ئاقلاشقىمۇ پىتىنالماي چالا سىرتقان ئۆپكىدەك قىزىرىپ تاتىرىپ تاس قالدى يەرگە كىرىپ كەتكىلى .
تۆتەيلەن موماينى بۈگۈنچە خوشنا ئايالغا تاپشۇرۇپ قۇيۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى . ھاشىم تاز تىجارەت ئىشى بىلەن كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىگە كىتىپ ئۆيدە گۆھەرخان يالغۇز قالغانىدى . نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى مۇساپىرچىلىققا سەپەر ھاردۇقى قۇشۇلۇپ ھەممەيلەنگە ھاردۇق يىتىپ كەتكەن بولسىمۇ ھەۋزىخاننىڭ قايتا - قايتا تاپىلىشى بىلەن ئىككى قىز قىينانىسىنىڭ يىنىدا بىر ھازا ھال - مۇڭ بولغاچ ئاددىي بولسىمۇ ئۈرۈمچىدىن ئالغاچ كەلگەن سوۋغا - سالاملىرىنى بەردى ، گۆھەرخانمۇ ئۇلارنىڭ ھارغىنىنى بىلگەندەك : كەچمۇ بۇلۇپ كەتتى ، چىقىپ ۋاقتىدا ئارام ئىلىڭلار دەپ ئۇلارنى ناھايىتى ئالدىراش ئازاد قىلىۋەتتى .
تاڭغا يىقىن پەيزىگۈل ھاجەتكە ئۆتمەكچى بۇلۇپ باغ تەرەپكە ماڭدى ، سۈتتەك ئايدىڭ بولغاچقا پەيزىگۈل قول چىراقمۇ ياقماي ، ئەپىردىننى بىللە چىقىشىپ بېرىڭمۇ دىمەي ئالدىراشلا چىققان بۇلۇپ ، يۈگرۈپ دىگۈدەك كىتىۋىتىپ يىقىنلا يەردىن چىقىۋاتقان گۇدۇڭ - گۇدۇڭ ئاۋازدىن چۆچۈپ چىپپىدە توختاپ قالدى .
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر