ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
كونىلاردا قىشتا تۇرۇپ يازدا زەنجىۋىل يەڭ ، دوختۇرنىڭ دورا يېزىشى ھاجەتسىز دىگەن گەپ بار . تۇرۇپنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى ، كۆكتاتلارنىڭ ئەڭ ياخشسى ھەم دورۇلۇق يىمەكلىك ، بۇنىڭ يەنە كىچىك ئادەمگىياھ دىگەن نامى بار .
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز بۈگۈن سىزگە تۇرۇپنىڭ ھەر خىل تاماق تۈرلىرىنى كۆسەتمەكچى : -
تۇرۇپنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى
تۇرۇپ بۇرۇندىن ھازىرغىچە ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە ،تىببىي ئالىملىرىمىزمۇ تۇرۇپنى ھەر بىر تاماقتا كەم بولسا بولمايدۇ دېگەن .
ياپونىيە ، ئەنگىلىيە ، ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەن تېخنىكا ئالىملىرى ۋە ئۇزۇقلۇقشۇناسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، تۇرۇپ تەركىبىدە راكقا قارشى تۇرىدىغان ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇزۇقلۇق تەركىب باركەن .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىببىي ئالىملار تۇرۇپنىڭ قان قۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش رولى بولۇپلا قالماستىن ، بۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى قان بېسىم ، قان قېتىشلىق يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .
تۇرۇپنىڭ تەبىيىتى سوغۇق بولۇپ ، قىشتا بۇنى كىچىك ئادەمگىياھ دەپ ئاتايدىكەن ، بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ قىشتا تۇرۇپ يىيىشنىڭ ئىككى خىل پايدىسى بار .
ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ : - قىشتا ھاۋا سوغۇق ، كۆپىنچە كىشىلەر ئۆينىڭ ئىچىدە بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن پارنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىسسىقى بىلەن ئادەم كۆپلىگەن ئىسسقنى يىغىۋالىدۇ ، قىشتا تۇرۇپنى كۆپ يىگەندە بۇ ئىسسىقنى يوقاتقىلى بولىدۇ .
ئۇزۇقلۇقنى تەڭشەش : - ھاۋا سوۋۇسىلا كۆپىنچە كىشىلەر گۆش يەيدۇ ، يىمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەش نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئوتتۇرغا چىقسا ، تۇرۇپ ئەڭ مۇۋاپىق ئىسسىقنى ئالغۇچى يىمەكلىك ھېسابلىنىدۇ .
تۇرۇپ ياخشى بولغان بىلەن ، ھەممە كىشىنىڭ يېيىشىگە ماس كىلىشى ناتايىن ، ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ .
بىر تۇرۇپ ئون خىل دورىغا تەڭ : - ھەممىسىنىڭ ياخشى ئۈنۈمى بار ، تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ياقتۇرىدىغان كۆكتات تۈرى بولۇپلا قالماي دورىلىق قىممىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى .
ئېغىز يارىسى : - تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، ئوخشاش مىقداردىكى قايناقسۇنى قۇيۇپ ، ئېغىزىمىزنى چايقايمىز ، باشتا يارا ئىنتايىن ئاغرىيدۇ ، بىردەمدىن كېيىن ئىنتايىن راھەت بولۇپ قالىسىز ، كۈندە بىر قانچە قېتىم قىلغاندىن كېيىن ئېغىزىڭىز ئاغرىمايدىغان بولىدۇ .
ئۈششۈك يارىسىنى داۋالاش : - سوغۇق قىشتا ئۈشۈك يارىسى بولۇپ قالسا ، ئاق تۇرۇپنى پارچىلاپ قىزىتقاندىن كېيىن ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن داۋالايدىغان ئورۇنغا سۈرتىسەك تېرە قىزىل ھالەتكە كېلىدۇ ، داۋاملىق قىلساق ئاستا ئاستا ساقىيىدۇ .
گېلىڭىز ئاغرىسا : - گېلىڭىز ئاغرىسا 30 گىرام تۇرۇپ ، زەيتۇن مېۋىسىدىن 10 تالنى بىرلىكتە شورپا قىلىپ چاي ئورنىدا ئىچسە ئاغرىققا پايدىسى بار .
يۆتىلىش ، كۆپ تۈكۈرۈش : - يۆتىلىپ كۆپ تۈكۈردىغان ئادەم تۇرۇپنى يانچىپ ، ئازراق شىكەر قۇيۇپ دۈملەپ ، كۈندە بىر ئىستاكان ئىچسىڭىز مەنپەئەت قىلىدۇ .
ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ مەسلىكنى يېشىدۇ : - تۇرۇپ سۇغاق بولۇپ ، باشتىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، ھاراق ئىچىپ كەينىدىن تۇرۇپ يىسىڭىز باش قېيىش ، باش ئاغرىشنى توختىتىشقا پايدىسى بار .
پۇتتىكى پۇراقنى يوقىتىدۇ : - تۇرۇپ تەركىبىدە مول يىمەكلىك تالاسى ، كالىتسىي ، فوسفور ، كالىي ، ۋىتامىن ، يۇپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار بولۇپ ، ئىممۇنىت كۈچىنى ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ، تۇرۇپنى قاينىتىپ پۇتنى ھورداپ يۇيۇپ بەرسە پۇتتىكى پۇراقنى يوقىتىدۇ ، بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك .
تۇرۇپنىڭ دورىلىق قىممىتى
تۇرۇپ + نەشپۈت : - ئۆپكىنى ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ، بەلغەم بوشىتىدۇ ، نەشپۈتنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار ، تۇرۇپ بىلەن بىللە شەربەت قىلىپ ئىستىمال قىلسا تۇرۇپتىكى ئاچچىق تەمنى يوقىتىپلا قالماي ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى .
كۈز ۋە قىش پەسلىدە ، تال ئاشقازان ياخشى ئەمەس ئادەم سۇغاق شەربەتنى ئىچەلمىسە ، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ .
تۇرۇپ + پىياز : - سۇغاقتىن بولغان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، كۈز قىش پەسلىدە ، ئاسدن زۇكام بولىمىز . زۇكام بولغاندا ئادەم ، سۇغاقتىن ، شامالدىن قورقىدۇ ، ئاز تەر چىقىدۇ ، بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ ، بۇنداق ۋاقىتتا ئىسسىق نەرسە يەپ بېرىش كېرەك .
پىيازنىڭ غولىنى ، زەنجىۋىل ۋە تۇرۇپ بىلەن بىللە قاينىتىمىز ، زۇكامنى ياخشىلاپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
تۇرۇپ + خەيدەي : - قالقانسىمان بەز ئىششىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، لامىنارىيە ۋە قىزىل دېڭىز يۈسۈنى تەركىبىدە يود مول بۇلۇپ . ئاق تۇرۇپ بىلەن لامنارىيەنى ئارىلاشتۇرۇپ شورپا قىلساق ، بەلغەمنى بوشىتىپ ، ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار ، قالقانسىمان بەز ئىششىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور ئۈنۈمگە ئىگە .
ئاق تۇرۇپ + قوي گۆشى : - جىگەرنى ئوزۇقلۇقلاندۇرۇپ ئىسسىقنى ئاشۇرمايدۇ ، كۈز ۋە قىش پەسلىدە قوي گۆشى يېسە سوغۇقنى ھەيدەپ ، ئاشقازاننى ئىللىتىشقا پايدىلىق ، يەنە تەننى قۇۋۋەتلەپ قان تولۇقلاش ، جىگەرنى ئۇزۇقلاندۇرۇش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش قاتارلىق رولى بار .
لېكىن قوي گۆشىنى كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ قالىدۇ ، ئەگەر تۇرۇپ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە ، بەلغەمنى بوشىتىش ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولى بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ماينى ھەيدەپ ، قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ .
ئاق تۇرۇپ + تاپان بېلىق : - ئاق تۇرۇپ بىلەن تاپانبېلىقىنى شورپا قىلىپ ئىچسە ،تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ھۆللۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ .
تۇرۇپنى سۈت رەڭلىك بېلىق شورپىسىغا قۇيسا ، ئادەم قارىسا بەك يىيىشلىك كۆرىنىدۇ .
تۇرۇپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسىڭىز قىشتا ئاسان كېسەل بولمايسىز . مۇشۇنداق قىشنىڭ سۇغۇقلىرىدا تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قۇيۇڭ .
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز