سۆيۈملۈك رەقىبىم 14-15-قسىم

文摘   2024-12-20 20:02   新疆  


سۆيۈملۈك رەقىبىم 

خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق


14- قىسىم


- قەنىدۇ بىزنىڭ زۇۋۇلا ياسايدىغان چىرايلىق خىنىم ؟ بۇلار نەچچىسى بىرلىشىۋىلىپ دوپپامغا قاق - جىگدىلەرنى لىققىدە تولدۇرۇپ قۇيۇپ ئاسماندا پەرۋاز قىلىشىدىكەندە ! بۇ ئىزىتقۇ ئەسلىدىنلا بىر پىلان بىلەن چىققان گەپ ئۆيدىن ، بىر بولسا تۇل مومىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى ، بىر بولسا … - گۆھەرخان كۆزلىرىنى شارىكتەك پىرقىرىتىپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلغاچ تەپەككۈرلىرى تىخىمۇ قانات يىيىپ نوچىگۈلنىڭ چىرايلىق جاندۇنۇپ پەخىردىنگە ئەگىشىپ چىقىپ كەتكىنىنىمۇ بۇ گۇمانغا چۈشۈرۈشكە باشلىدى .

- توختا ، توختا ، توختا ! بۇ ئىككى جۇۋاينىمەكنىڭ ئەتىگەندىلا بىر بىرىگە ئەگىشىپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىشىدە زادى بىر گەپ بار ئىدى ، ئەجىبا بۇ ئىككىسى … ياق ! ھەرگىزمۇ مومىسىنىڭ ئۆيىگە بارمايدۇ بۇلار ، ئەپىردىن بىر خىلدا نان يىقىۋاتىدۇ ، بەلكىم پەخىردىنمۇ ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش بولىشى مۇمكىن ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئىككىسى نەگە كەتكەندۇ ؟ - گۆھەرخان داۋاملىق ئويلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىنى ئەپىردىنگە تۇيدۇرماي ، بېرىپ پەخىردىنغا قاراپ باقماقچى بولدى ، چۈنكى ئەپىردىن ئاپىسىنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپلا قالسا گۆھەرخان ئۇياقتىكى ئىشلارنى بىلىپ بولغىچە بىر ئامال قىلىپ ئاكىسىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ ئىشنى جۆندىشىپ بولىدۇ دە ، يامانلارنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتىۋالالماي قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن « زېرەك » گۆھەرخان يىنىك قەدەملەر بىلەن چوڭ ئوغلىنىڭ رىمونتخانىسىغا قاراپ تىز تىز يۈرۈپ كەتتى .

- دىمىدىممۇ ، دىمىدىممۇ ؟! پەخىردىنمۇ شاگىرتلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرىيدۇ ئەنە ! دىمەك ، بۇ ئىككى ئىزىتقۇ چۇقۇم بىر يەرگە كەتتى ، زادى نەگە كەتكەندۇ ؟ چاندۇرماي موماينىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقايچۇ ، ناۋادا ئۇ ئىككىسى ئۇيەردىمۇ بولمىسا كەچكىچىغۇ ئۆينى تاپار، شۇ چاغدا راۋۇرۇس كۆرۈشمەيدىغان بولسام ، - گۆھەرخان شۇ پىلان بىلەن دۇستىنىڭ ئۆيىگە بېرىش ئويىدىن ۋاز كىچىپ ، قۇدىسى ھەۋزىخان موماينىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتى .

- ھەي ، پەيزىگۈل ! كۈنمۇ خېلى بىر يەرگە باردى شۇ تاپتا ، قايتىپ كەتسەك بولامۇ ؟ - تويى بولغان قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈپ ئەكىلىۋىتىپ داستىخانلارغا بىرەر قۇر داخىل بۇلۇشقان قىزلاردىن نوچىگۈل بىر ئىشتىن ئەنسىرەۋاتقاندەك دىلىغۇل بولۇپ تۇراتتى . لىكىن پەيزىگۈل قىلچە ئېرەنشىمەكتە يوق :

- قىزلارنىڭ ھىچقايسىسى كىتىدىغاننىڭ گىپىنىمۇ قىلماي ئولتۇرسا قانداق كەتكۈڭ كىلىدۇ ھەي ساراڭ ! ئەپىردىنلەر بىزنى ئالغىلى كىلىدىغان بولدىغۇ ، ئۆيگە تۆتىمىز تەڭ قايتىدىغان تۇرساق ، نىمىگە ئالدىرايسەن دەيمەن ؟ - دەپ قۇيۇپ باشقا قىزلار بىلەن نىمىلەرنىدۇ دىيىشىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرىۋەردى .

- ئىككىمىز توي قىلىپ بولغان قىينانىلىق ئاياللار جۇمۇ ! سەل ئۆزىمىزنى بىلىۋالساق بولامىكىن …

- قورقمىغىنە ۋاي ! تۆتىمىز تىلىمىزنى بىر قىلىۋالغان تۇرساق نىمىنى بىلەتتى ئۇ خۇتۇن ؟ بېرىپ راستىنى دەپ ياخشىچاق بولاي دەمسەنيا قىينانىمىز دىگەن دەللىگە ؟ …

- مەنغۇ دەپ يۈرمەيمەن ، نىمىشقىكىن بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولىدىغاندەك دەككە - دۈككە بوپلا تۇرىمەن . ئوبدان پەيزىگۈل ، گەپ ئاڭلىغىنە كىتەيلىچۇ ؟

- يېرىم سائەت ، ماقۇل دىگىنە يېرىم سائەتلا ! ناغرا - سۇناي چېلىپ قۇدا مەشرىپى قىلغاندا ئىككى مەيدان ئۇسسۇل ئوينىۋىلىپ ئاندىن قايتايلى ھە ؟ - ئۇسسۇلنىڭ گىپى چىقىۋىدى نوچىگۈلمۇ ئىككىلىنىپ بۇ تەكلىپكە قۇشۇلۇپمۇ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن تالاش - تارتىش بىسىقتى .

توي - مەشرەپ دىسە قانات چىقىرىپ ئۇچىدىغان قىزلارنىڭ ئىككى مەيدان ئۇسسۇل ئوينىۋىلىپ قايتقۇسى كىلەمتى ؟ نەغمە - ناۋا شۇنداق بىر باشلىنىۋىدى ئۇ ئىككى قىز نە ئاغزىنى تۇتىۋالسا قوڭڭى سۆزلەيدىغان ھازازۇل قىينانىسىنى ، نە ئەرلىرىنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆزلىرىنى ئالغىلى كەلگەن - كەلمىگىنىنى خىيال قەپىزىدىن تۇلۇق چىقىرىۋىتىپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئۇسسۇل - ساماغا چۈشۈپ كىتىشتى ۋە شۇ ئوينىغانچە ناغرا - سۇنايچىلار قورساقلىرىنى ئەستەرلىۋىلىش ئۈچۈن چىلىشتىن توختىغاندا ئاندىن مەيداندىن چۈشۈشتى .

- ۋاي ئانىمەي ! قاراڭغۇ چۈشۈپلا كىتىپتىغۇ !؟ ئەھ ! قىينانىمىزنىڭ ئاھانىتىگە ئۆلىدىغان بولدۇقتە ئەمدى پەيزىگۈل …

- ھەي ھاڭۋاقتى ! باياتىدىن نىمە قىلغانتىڭ كۈنگە قارىغاچ تۇرماي ؟ ئەمدى قانداق كىرىمىز ئۇ ئۆيگە ھە ؟ …

- ۋاي مانى ! بالدۇر كىتەيلى دىسەم ئۇنىمىغان سىلى بولغىيتتىلا ئاغچام ؟ كەچ بولۇپ كەتسە مەندىن كۆرەمتىلە ئەمدى ؟ تولا گەپ قىلماي پەخىردىن بىلەن ئەپىردىننى تىپىۋالايلى ماڭ ! بىزنىڭ چىقىشىمىزنى ساقلاپ تۇرغاندۇ بۇ چاغقا . ۋىيەي ! قاراپ تۇرۇپ ئاشۇ بىچارىلەرنىمۇ ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا يەنجىيدىغان بولدۇقتە ئاخىر …

- تەلىيىمىزگە بىز ئۆيگە بېرىپ بولغۇچە ئۇخلاپ قالسا ياخشى بولاتتى ئۇ جادى ؟ كۆزىگە كۆرۈنمەيلا ئۆيلىرىمىزگە كىرىپ كەتسەك …

- خىيالىڭنى خام چاغلىما پەيزىخان ، قاراڭغۇ چۈشتى دىگۈچە قونداققا چىقىۋالىدىغانغا قېرى مىكىيان بولمىسا ئۇ ؟ ئىككىمىزنىڭ تاناۋىنى تارتىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئامىتادەك تىك ئولتاغاندۇ ساقلاپ ؟ …

- ۋاييەي ! بولىدىغان ئىش بولۇپ بولغاندا نىمىدىن قورقۇش ؟ ھەر قانچە قىلسىمۇ بىرەر چىشلەم گۆشىمىزنى يەۋەتمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىنىمىزدا ئەپىردىن بىلەن قىيناكام بارغۇ . بولە ، بولە ! تىز ئۇلارنى تىپىۋالايلى .

گۆھەرخاننىڭ بۈگۈنكى ئىشلارنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغىنىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر ھالدا يىتىپ كىلىشكەن تۆتەيلەن دەرۋازىدىن تەڭ كىرسە چېنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ پەخىردىن بىلەن نوچىگۈل ئاۋال كىرىپ ئۆزلىرى بارغان سورۇندىن مۇشۇنداق كەچ قالغىنى ئۈچۈن چۈشەنچە بېرىۋالماقچى ،، ئارىدىن ئازراق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئەپىردىنلەر كىرىپ ناۋايخانىدىكى سودىنىڭ ئەمدى بىسىققىنىنى باھانە قىلىشنى مەسلەتلىشىپ ئۇ ئىككىسى ئاۋال كىرىپ كىتىشتى .

- ھىلىغىچە ئۇ ئىككىسى دەيدىغاننى دەپ ھوجرىسىغىمۇ كىرىپ كىتىشكەندۇ ؟ يۈرىڭە ئەمدى ، بىزمۇ كىرىپ باقايلى ، - ئالاھەزەل ئون مىنۇتلار ئۆتكەندىن كىيىن ئەپىردىن شۇنداق دىگەچ دەرۋازا ئىچىگە شۇڭغۇماقچى بولدى .

- يۈرىكىم ئەجەپ سىلىپ كىتىۋاتىدا مىنىڭ ، ئاپام تىللاپ كەتكۈدەك بولسا مولۇن مۈشۈكتەك جىم تۇرىۋالماڭ جۇمۇ ! …

- ۋاي قوقماي مىڭىڭە ! ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە تىرىۋالغىلى مەندەك ئېرىڭىز بار مانا ، - شۇنداق قىلىپ ئاخىرقى ئىككەيلەنمۇ ھويلىغا كىرىپ كىتىشتى .

- كىلىن بولۇپ كىرگىلى نەچچە ئاي بولماي تۇرۇپ نەدىن كەلگەن بويۇنتاۋلىق بۇ سىلەردىكى ؟ مەن گۆھەرخان سىلەر خالىغانچە ئەخمەق ئېتىپ ئوينايدىغان ئۈچ ياشلىق بالا كۆرۈنۈپ قالدىممۇيا ؟ ئاچا سىڭىل ئىككىڭلارزە ئىككى ئوغلىنىڭ بىشىنى ئارغامچىدا باغلاپ بۇلۇشتۇققۇ بۇ خۇتۇننىڭ دەپ كۆرەڭلىشىپ مەندەك قىينانىنى ئىتىبارغا ئالمىغان يەرلىرىڭلارما بۇ ؟ قىنى ئا كىچىك شاقاۋۇز ؟ تەڭ كىرسەك بىلىپ قالىدۇ دەپ مەسلىھەتلىشىۋالدىڭلار شۇنداقمۇ ؟ ھەر قايسىڭ مىنى قايىل قىلشساڭ قىلىش ، بولمىسا ھىچقايسىڭغا ياخشى ئىش يوق بۈگۈن ! …

- ئەتىگەن نوچىگۈل ئىككىمىز تويغا بارىمىز دەپ چىقىپ كەتمىدۇقمۇ ئاپا …

- ئاغىنەڭ تويىنى سىنىڭ رىمونتخاناڭدا ئۆتكۈزدىما ؟ پاھ ! كارامەت يىڭىلىق گەپ بولدىغۇ بۇ ؟ لىكىن مەن ئۇ يەردە سىنىڭ شاگىرتلىرىڭ بىلەن مايغا مىلىنىپ ئىشلەۋاتقىنىڭنىلا كۆرگەندەك قىلدىمغۇ ؟ پەخىردىن ھاشىم ! ئەمدى گەپ قىلىدىغان بولساڭ ئاغزىڭنى تىكىۋىتىمەن …

- ئاپلا ! ھەممىنى بىلىپ بوپتىغۇ بۇ دەللە ؟! - ئەمدىلا ئىشىككە يىقىنلاشقان كەنجى كىلىنچەك يىنىدا ئەپىردىننىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ ئىختىيارسىز گۆھەرخانغا تىل سىلىپ تاشلىدى ، - ئۆيدە كۆزىمىزگە كىرىۋالغىنى يەتمىگەندەك كەينىمىزدىن پايلاپ يۈرگىنىنى ئاپشاركىدەك ! قانداق خۇتۇنغا كىلىن بولۇپ قالغاندىمىز دەيمەن ؟ كۆرىدىغان كۈنىمىز بارمۇ نىمە نوچىگۈل ئىككىمىزنىڭ ؟ …

- جىق گەپ قىلماي مىڭىڭە ، بىز بۇ يەردە تۇرىۋەرگەن بىلەن ئاپام نوچىگۈلنى تىللاۋېرىدۇ ، - ئەپىردىن ئاغزىدا شەھەر ئالغان بىلەن پۇت قولى لاغىلداپ ئاران قالغان پەيزىگۈلنىڭ قولىدىن بىرلا تارتىپ داتاڭ - سوراق داۋام ئىتىۋاتقان مەزكور ھوجرىغا كىرىپ كەلدى .

- ئاپا …

- قايتىپ كىلىشنى بىلىدىكەنسىلەر ھە ؟ بۇ ئەلپازىڭلاردىن مىنى نىمە دەپ گوللاشنىمۇ ئويلىشىپ بولدۇڭلار ھەقىچان ؟ ئەپىردىن ، سەن زۇۋانىڭنى چىقارماي تۇر ! قىنى دەڭە چىرايلىق ، زېرەك كەنجى كىلىنىم ؟ زۇۋۇلىنى قانداراق ئاچتىڭىز بۈگۈن ؟ ناۋايخانىنىڭ ئىشى تەسمىكەن يا ؟ - گۆھەرخان گەپ دىگەننى چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ ، دانىمۇ دانە قىلغان پەدىسىدە ئەتراپىدىكىلەرگە تىنىمسىز ئۈمتىلىپ تۇرغان پەيزىگۈلگە كۆزىنى مىختەك قاداپ تۇرىۋالدى . پەخىردىن بىلەن نوچىگۈل سوراق قىلىنىپ بولدى ، ئەپىردىننىڭ سۆزلىشى چەكلەپ قۇيۇلۇپ گۆھەرخاننى قايىل قىلىپ بىسىقماس زۇۋانىنى يۇمدۇرۇش يالغۇز ئۆزىگە قالغىنىنى مۆلچەرلەپ بولغان پەيزىگۈل كاللىسىنى ناھايىتى جىددىي يۈگۈرتۈپ چىقتى .

- ئالدىغىنىمىزنى ئۆز ئاغزىمىز بىلەن ئىقرار قىلدۇرۇپ نوچىگۈل ئىككىمىزنىڭ بىشىنى تىخىمۇ ئەگمەكچىكەنسەندە قېرى دەللە ؟ ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا دەپتىكەن ، شۇڭا ئەتە نىم بولسام مەيلىكى بۈگۈن ئاخشام قانداقلا قىلسام قىلىپ ئاغزىڭنى تۇۋاقلىمايدىغان بولسام قاراپ تۇر ! ھىھ ! - ئۆزىمۇ سەزمەيلا لەۋلىرى ھىمىرىلىپ كەتكەن پەيزىگۈل بىردىنلا يىغلامسىراش ھالىتىگە ئۆتۈپلا گۆھەرخاننىڭ بوينىغا گىرە سىلىۋالدى .

- ئاپا ! سىزگە ئايرىم دەيدىغان گىپىم بار ئىدى ، قانداق قىلىمەن ؟ ماڭا يول كۆرسەتمىسىڭىز بولمىدى ، - پەيزىگۈلنىڭ بۇ تۇيۇقسىز قىلىقىدىن چۆچۈپ كەتكەن قالغان ئۈچەيلەن ھاڭ تاڭ قىلىشقىنىچە بىر بىرىگە قاراپلا قىلىشتى .

- بۇنداق ئىھتىماللىقنى يۈز بېرىپ قالىدۇ دەپ ھىچقانداق ئالدىن مەسلىھەتلىشىۋالمىغان تۇرساق ، نىمىلەرنى جۆيلۈپ سالا بۇ ئەمدى ؟ ئۇف … - دەپ ۋايىم يەيتتى نوچىگۈل . پەخىردىن بولسا :

- ئاپامغا ئايرىم گىپىم بار دەپ ھەممىنى نوچىگۈلگە ئارتىپ قويماس ھە ؟ - دىگەن دەككە دۈككىگە چۈشتى . ئەڭ ھەيران قالارلىقى بۇ قىزلارغا ئەزەلدىن مۇزدەك مۇئامىلە قىلىدىغان گۆھەرخاننىڭ قارامتۇل چىرايىغا سەل پەل يۇمشاقلىق يۈگۈرگەندەك بۇلۇپ ئۆزئارا چىڭ گىرەلەشتۈرۈۋالغان بىلەكلىرى ئاستا پەسكە سېرىلدى . بۇنى سېزىپ تۇرغان پەيزىگۈل پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئېغىزىنى گۆھەرخاننىڭ قۇلىقىغا چاپلاپ تۇرۇپ بەك جىقمۇ ئەمەس ئۈچ تۆت ئېغىزچە پىچىرلىۋىدى ئويلىمىغان يەردىن گۆھەرخاننىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگرۈپ ، كۈلگەنسېرى ھاياجاندىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكىلى تۇردى . پەيزىگۈلنىڭ ھىچ كۈچىمەيلا ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە بۇراپ كىتىۋاتقىنىغا ئۆي ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەم ئەقلى لال ئىدى ھەم بەك خوش ئىدى .

- ھە ئەسلى ئىش مۇنداقمىتى ؟ ! ياخشى ئىشكەنتۇققۇ بۇ ؟ نىمىشقا ئەتىگەندىلا … ھە چۈشەندىم قىزىم ، ماقۇل ئەمىسە ، باشقا گەپ بولسا ئەتە پاراڭلىشامىز ، ھەممىڭلار چىقىپ ئارام ئىلىڭلار ، بولۇڭلار چىقىڭلار ، - گۆھەرخاننىڭ پوزىتسىيىسىدە بىردىنلا يۈز سەكسەن گىرادۇس ئۆزگىرىش بولۇپ ئادەتتە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان ئالۋاستى ، ئىزىتقۇ ، شاقاۋۇزلارمۇ … قىزىم دىسە قىزىمغا ئالمىشىپ ھەتتا ئۇلارنى بالدۇر ئارام ئىلىشقا دەۋەت قىلغىنى ئادەمنى تىخىمۇ ھەيران قالدۇرىۋەتتى .

ھەيرانلىقىنى ئىچىگە ئاران سىغدۇرۇپ ھويلىغا يىتىپ چىققان نوچىگۈل ئەپىردىندىن ئالدىراش ھوجرىسىغا كىرىپ كەتكىلىۋاتقان پەيزىگۈلنىڭ كەينىدىن شاپاشلاپ يۈگۈرگەچ :

- ھەي توختىغىنە ! ئاپىمىزنىڭ قۇلىقىغا نىمە دىدىڭ زادى ؟ سېھىرگەرلىكتىن خەۋىرىڭ بارلىقىنى ئەجەپ بىلدۈرمەپسىنا ماڭا ، توختا دەيمەن پەيزى ! ھەي ، ھەي ! …

- نىمە سېھىر ئىشلەتكىنىمنى ئەتە تەپسىلى دەپ بىرەي ساڭا ، ھازىر بەك كەچ بولۇپ كەتتى ، سىيىپ كىرىپ خاتىرجەم ئۇخلا ، خوش ! - پەيزىگۈل بايىقى مىڭىشىنى بۇزماي شۇ پەدىسىدە ھوجرىسىغا كىرىپ كىتىۋەردى . نوچىگۈل بولسا :

- ئىچى ھۆپۆپتىنمۇ سىسىق نىمىكىنا ماۋۇ ! بايىمۇ ئىككى ئېغىز شىۋىرلاپلا تۈگەتكەن گەپقۇ تايىنلىق ، مىت - مىت قىلىپ مىنىڭ كۆڭلۈمنىمۇ تىندۇرۇپلىۋەتسە ئۆلەمدىكىنە ! ۋۇ بىنورمال ! - دەپ غۇدۇڭشىغان پىتى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ قالدى .


داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ


15-قىسىم




ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن

ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ



نادىر ئەسەرلەر









维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章