دائىم يامان چۈش كۆرۈشنىڭ 6 خىل سەۋەبى

文摘   2024-12-27 20:04   新疆  

سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن

نۇرغۇن كىشىلەر دائىم چۈش كۆرۈش ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەزەلدىن چۈش كۆرمەيدىغان، بىر ئۇخلىغانچە تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالايدىغان كىشىلەرگە ھەۋەس قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار چۈش كۆرۈشنى چەتكە قاقىدۇ، ھەتتا دائىم قاباھەتلىك چۈشنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچراپ، ئۇخلاپ ئويغانغاندا، ئۇخلىمىغاندىنمۇ بەكرەك ھېرىپ كېتىپ، ئۆزىنى ياخشى ئۇخلىيالمىغاندەك ھېس قىلىدۇ.
ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشىلەر قەتئىي چۈش كۆرمەيدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر ئارىلاپ يامان چۈش كۆرۈپ قالىدۇ، بىراق يەنە بەزىبىر كىشىلەر توپى دائىملا دىگۈدەك يامان چۈش كۆرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟

1- قان شېكىرى تۆۋەنلەش
دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا ئاسانلا كېچىدە قان شېكىرى تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ سەھەر سائەت 1:00 دىن 3:00 كىچە بولغان ئارىقتا، شۇڭا دىيابېت بىمارلىرى يېرىم كېچىدە دائىم قارا بېسىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قول ئىختىيارسىز تىترەش، يۈرەك سېلىش ۋە تەرلەش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
2- ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق
ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى چۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ قاتتىق ئۇيقۇ ھالىتىدىن تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كېتىپ، يەنە بىر قېتىم ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگەندىن كېيىن ئادەمنى ئاسانلا قارا باسىدۇ. يامان چۈش كۆرۈش ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش پەيدا قىلىدۇ.

3- باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەمنىڭ بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىشتىن بۇرۇن ئاسانلا يامان چۈش كۆرۈپ قالىدىكەن، بولۇپمۇ غەزەپلىنىش ۋە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك يامان چۈش كۆرۈپ قالىدىكەن.
4- يۈرەك كېسىلى
دائىم يامان چۈش كۆرۈش يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى ۋە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئەگەر يۇقىرى قان بېسىم، دالانچە تىترەش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ھەمىشە يامان چۈش كۆرسە، كېسەللىك ئەھۋالى يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

5- ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش
ئۇخلاش جەريانىدا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قالسا، قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا باش ئاغرىش ۋە كۆكرەك سىقىلىشنى پەيدا قىلىپ، قاباھەتلىك چۈش كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6- بەك تەشۋىشلىنىش
خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولغاندا، ئادەم روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىدۇ. يېقىن تۇغقانلىرى ئۆلۈپ كېتىش، زەربىگە ئۇچراش قاتارلىقلار ئاسانلا تەشۋىشلىنىش ۋە خامۇشلۇق كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنى يامان چۈش كۆرىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا دائىم قارا بېسىشمۇ ئادەتتە ناچار بولغان ئالامەتلەر ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئادەتتە دائىم يامان چۈش كۆرگەندە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ قاراتمىلىق تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك، بولمىسا تەن ساغلاملىقىغا زىيان يېتىدۇ.
مەزمۇننى تەييارلاشقا سائەتلەپ ۋاقتىم كەتتى، تارقىتىپ ئاستى زەيكەننى بېسىپ قويۇشىڭىزغا سىكونت ۋاقىت كىتىدۇ... رەھمەت!

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章