سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
24- قىسىم
- ھەرگىزمۇ ساڭا ئامراقلىقىدىن بىر يەرگە ئاپىراي دىمەيدۇ بۇ خۇتۇن ، ئادەم يوق يەرگە ئاپىرىپ ئەدىپىڭنى بەرمەس ھە ؟ - دەسلەپتە بۇ گەپنى دەقىقە ئويلىنىپ قالغان پەيزىگۈل ھايالشىمايلا پۇسۇقلاپ كۈلىۋەتكەندىن كىيىن :
- مىنى ئادەم يوق چۆل - جەزىرىگە ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈپ كۆمىۋەتسىمۇ ، تىرىك تۇرغۇزۇپ يەۋەتسىمۇ ئىز- دېرىكىمنى قىلىدىغانغا سەن بارغۇ ؟ شۇڭا نىمىدىن قورقاتتىم ؟ - دەپ قۇيۇپ ئىشىنى قىلىۋەردى .
- بۇ كىيىمىڭىز بەك ئاددى بۇلۇپ قاپتۇ ، ئەڭ ئىسىل كىيىمىڭىزنى كىيىپ ، زىبۇ - زىننەتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى تاقاپ چىقىڭ ، ھەراس ! ئازراق گىرىممۇ قىلىۋىلىڭ ، بولمىسا چىرايىڭىز تاتىراڭغۇ كۆرۈنۈپ قالىدىكەن ، - گۆھەرخاننىڭ ئاددىيلا جابدۇنۇپ چىققان پەيزىگۈلنى راۋۇرۇس ياسىنىپ چىقىشقا كىرگۈزىۋىتىپ كارۋاتتا سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ ئولتۇرۇشىغا قاراپ نوچىگۈلنى بىر خىل ۋەھىمە بىسىپ قالدى ۋە غىمىسسىدە قىلىپ پەيزىگۈلنىڭ يىنىغا كىردى .
- ھەي پەيزىگۈل ! ئىشلار ئەجەپ باشقىچىلا تۇرىدىغۇ ؟ سىنى بۇنچە ياساندۇرۇپ ئاپىرىپ سىتىپقۇۋەتمەس ھە ؟ …
- نەدە يوق گەپلەرنى قىلماي ماڭغىنەۋاي ساراڭ ! …
- ئەمىسە سىنى ياساندۇرۇپ نەگە ئاپىرار ؟
- قۇشخانىغا ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈپ گۆشۈمنى كېرەم سامسىپەزگە ، زاسۈي - پاقالچىكىمنى ئايشەم زاسۈيپەزگە سىتىۋىتەر ، ئاندىن كەچتە سىلەرگە شۇ سامسا بىلەن زاسۈيلەردىن ئالغاچ كىلىپ يىگۈزىۋەتسە مەندىن قۇتۇلارسىلەر ، بولدىما ؟ بىلمەيمەن دىسىمۇ سوراۋېرىدىغان تازىمۇ بىر ! - ئىككى قىزنىڭ تالاش - تارتىشى بىسىقماي تۇرۇپ گۆھەرخان توۋلاپ كەتتى .
- مانا ، مانا ئاپا ! تەييارلىقىم پۈتتى ، ھازىرلا چىقىمەن ، - نوچىگۈلنى يالغۇزغىنا ھەيرەتتە قالدۇرۇپ ، پەيزىگۈل بۇ ئۆينىڭ چىشى يولۋىسىغا ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى .
- نەگە بارىمىز ئاپا ؟ - دەرۋازىدىن ئازراق ئۇزاپلا پەيزىگۈلنىڭ زادى نەگە ماڭغانلىقىنى بىلگۈسى كىلىپ گۆھەرخاننىڭ بىلىكىگە قولىنى ئۆتكۈزدى . گۆھەرخان بىلىكىگە ئۆتكۈزۈلگەن پەيزىگۈلنىڭ قولىغا يىنىك ئۇرۇپ قۇيۇپ ئايانچىلىق كۈلدى .
- سىزگە ئالتۇن ئۈزۈك ، بىرەر قۇر كىيىم ئىلىپ ، مىھمان قىلىپ قۇياي دەيمەنغۇ ؟ ئەسلى نوچىگۈلنىمۇ ئىلىۋالساق بولاتتى ، لىكىن مىنىڭ سىز بىلەن يالغۇز بازار چۆرگىلەپ ئوبدان بىر مۇڭداشقۇم كىلىپ قالدى ، قانداق خوش بولدىڭىزمۇ ؟ - لىكىن بۇ گەپكە پەيزىگۈل گۆھەرخان ئويلىغاندەك ئۇنچە خوش بۇلۇپ كەتمىدى ، ئەكسىچە لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ غەم بىسىۋالغان قىياپەتتە ئۈمچىيىپ قالدى .
- نىمە خوش بولمىدىڭىزما ؟ - دەپ سورىدى . پەيزىگۈل بىشىنى تىخىمۇ تۆۋەن سېلىپ بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كىين :
- بولدىلا ئاپا ، ھىچنەرسە ئالمايلى ، - دىۋىدى گۆھەرخان تىخىمۇ ئارامسىزلىنىپ ئالدىراپ سورىدى :
- نىمىشقا ئالمايسىز ؟ ئەجىبا سىز ئالتۇنغا ، چىرايلىق كىيىمگە ئۆچما ؟
- ياق ئۇنداق ئەمەس ئاپا ، نوچىگۈل ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ نىمە ئالساق تەڭ ئالاتتۇق ، ئوخشاشنى ئالاتتۇق ، ئايرىم نەرسە سىتىۋىلىپ باقماپتىكەنمىز ، سىلى ئىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ئۇ كۆرمەي قالمايدۇ ، ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بۇلۇشىغا سەۋەپچى بولغۇم يوق ، شۇڭا ھىچنەرسە ئالمايلى ئاپا ، - گىپىنىڭ ئاياقلىشىشىغا ماسلىشىپ پەيزىگۈل قولىنىمۇ گۆھەرخاننىڭ بىلىكىدىن ئاستا ئاجرىتىۋىلىپ تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرىۋالدى . گۆھەرخان بولسا دەقىقە تۇرۇپ قىلىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە :
- نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن تىخى ! ئەسلى شۇ گەپمىتى ؟ بوپتۇ ! چىدىغانغا چىقارغان ، نوچىگۈل ئىككىلىڭلار ھاشىمباي بىلەن گۆھەرخىنىمنىڭ ئەتىۋارلىق كىلىنلىرى ، سىلەرگە خەجلىمىگەن پۇلنى بەرىبىر قەبرىمىزگە ئەكىتەلمەيمىزدە ، ھەممە نەرسىنى جۈپى بىلەن ئالساققۇ بولىدىغاندۇ ؟ نوچىگۈل ئىككىڭلارغا بىردىن ، - دىدى .
- راسما ؟! ياشاپ كەتسىلە چىرايلىق ئاپا ! ئۆزۈمنىڭ ئاپىسىدە سىلى ، رەھمەت ئاپا رەھمەت سىلىگە ، دادامغىمۇ رەھمەت ! بۇندىن كىيىن دادام ئىككىلىرىنىڭ خىزمىتىنى چۇقۇم بىجانىدىللىق بىلەن قىلىمىز، - پەيزىگۈل بىر ياقتىن چاۋاك چىلىپ سەكرىگەچ بىر ياقتىن گۆھەرخاننى قۇچاقلاپ ئەركىلەپ كەتتى . شۇ تاپتا بۇ ئىككەيلەن جانغا تاقىشىدىغان سىرلىرى ۋە كىشىگە دىگىلى بولمايدىغان مەخپىيىتى بار قىينانا كىلىنگە ئەمەس ، ئامراقلىقىدىن بىر بىرسىنى يەۋەتكۈدەك ئىجىل - ئامراق ئانا بالىلارغا ئوخشاپ قالغانىدى . لىكىن ھەر ئىككەيلەننىڭ ئاغزىدا كۈلكە - چاقچاق ، قوينىدا پالتا - پىچاق ئىكەنلىكىنى پەقەت ئۆزلىرىلا بىلىشەتتى .
- ۋۇ بىشىڭنى يەيدىغان جۇۋاينىمەك ! ئا ئىشىمنى بىلىپ قالمىغان بولساڭ چۈشۈپ قالغان پۇلۇم يوقتى مىنىڭ سەنلەرگە ئىسراپ قىلىدىغان ! ئېغىزىنى باشقۇرالماي ھاشىمەككە قالايمىقان جۆيلۈپ سالمىسۇن دىمەيدىغان بولسام يەنىلا شۇ ئايىقىمنىڭ پىتىكى ئىدىڭ سەن بىرنىمە ! بوپتۇ ئەمدى ، ئازراق زىيان تارتساممۇ مۇشۇنىڭ ئاغزىنى جىمىقتۇرىۋالمىسام ئۆلگىنىم شۇ ئەمەسمۇ … - دەپ ئويلايتتى چىرايىدا لىق كۈلكە بىلەن كىتىۋاتقان گۆھەرخان . خۇددى ئۆز قىزىدەك ئۇنىڭغا ئىسىلىپ ، ئەركىلەپ كىتىۋاتقان پەيزىگۈل بولسا :
- سىنى ئوبدان دەپ قۇيىمەن ،
ئوبدانلىقىڭ يالغان .
مۇشتا ماختاپ تۈكۈڭنى ،
يۇلغىنىم يۇلغان …
بۇنداق ئىلتىپاتلارنى خېلى كۆرسىتىپ باقىسەن تىخى قېرىغىنىنى تۇيمىغان شاتىراق دەللە ! - دەپ دىمىقىنى قىقىپ قۇياتتى .
بۇيرۇتۇپ ، قاراپ تۇرۇپ سوقتۇرغان ئوپئوخشاش بىر جۈپ ئۈزۈكنى ئېلىپ خوشلۇقتىن بىشى كۆككە يىتەي دىگەن پەيزىگۈل گۆھەرخاننىڭ قېرى كالىنىڭ قېرىنىدەك پولدورۇڭشىپ ساڭگىلاپ كەتكەن دىقماق يۈزىگە ھىمىرىپ تۇرۇپ نەچچىنى سۈيۈپ ، غۇلىچىنى كەڭ يىيىپ سىمىز گەۋدىسىنى يىنىشلاپ قۇچاقلاپ ، ئۆزى ۋە نوچىگۈل نامىدىن گۆھەرخانغا يەنە بىر تالاي رەھمەت ئىيتىپ كەتتى . ئاندىن ئۇلار كونا سىچاڭغا كىرىپ باشتىن ئاياق ئىسىل كىيىمدىن ئوخشاش قىلىپ ئىككى قۇر سىتىۋىلىپ ئاخىرىدا ناھىيە بازىرىدىكى ئەڭ داڭلىق داپەنجىخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇشتى .
- ھەي ئېسىت ! مۇشۇنداق پەيزى تاماقنى نوچىگۈل بىلەن موماممۇ يىيەلىگەن بولسا ھە ! سىلى بىلمەيلا ئاپا ، نوچىگۈل بىلەن مومام ئەزەلدىن بۇنداق تاماقلارنى يەپ باقمىغان ، راستىنى دىسەم مىنىڭمۇ تۇنجى قېتىم يىيىشىم ، گۆشى شۇنداق يۇمشاق ھەم مىزىلىك پىشىپتۇ ، چاينىمىسىمۇ گالدىن ناھايىتى سىلىق ئۆتىدىكەن …
- مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ دەپ ئەلۋەتتە ھەيران قالىسەندە قەلەندەر يىتىمەك ! سەن خەق يىيەلەيدىغان تاماقمىتى بۇ داپەنجى دىگەن ؟ بۇنى باغۇ بىزدەك پۇلى بار نوچىلار يەيدۇ ، ۋۇ دىۋانە ! - گۆھەرخان بىر ياقتىن ھۇزۇرلىنىپ تاماق يىگەچ ، بىر ياقتىن سېرىق قۇچقاچتەك ۋىچىرلاپ كىتىۋاتقان پەيزىگۈلدىن بىزار بۇلۇپ تۇرسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ :
- ئوخشىغان بولسا تويغىچە يەڭ قىزىم ، سەلتۇرۇپ مومىڭىزغىمۇ ئالغاچ كىتەيلى ، كەچتە نوچىگۈل بىلەن ئىككىڭلار بېرىپ يۇقلاپ كەلمەمسىلەر، - دىدى . گۆھەرخاننىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا پەيزىگۈل مەدھىيە ، رەھمەت دىگەننى ئايىماي ئىيتىۋەتتى .
- قىزىم ! - بىر چاغدا گۆھەرخان ئۇرغۇ بىلەن گىپىنى باشلىدى . پەيزىگۈل ئىچىدە : زادى بىر مەقسىتىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم مەن ، ماقۇل ! يۈزۈڭنى چەمدەك قىلىپ قايسى يۇسۇندا گەپ ئاچارسەنكىن قىنى ؟ دەپ ئويلىغاچ تاتلىق كۈلۈپ تۇرۇپ : نىمىش ئىدى ؟ دىگەن مەنىدە قىينانىسىغا قارىدى . گۆھەرخان دەماللىققا كۆزىنى ئۇيان بۇيان ئەپقىچىپ ، ئۆمسەرەپ بىقىپ ، كانىيىنى يىنىك قىرىۋالغاندىن كىيىن :
- نوچىگۈل ئىككىڭلار ھەقىقەتەن زېرەك ، ئايىقىڭلار چاققان ، بۇلۇپمۇ سىز بەكلا ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىسىز قىزىم ، بۇندىن كىيىن بىر بىرىمىزگە يار- يۆلەك بۇلۇپ ، ئەيىپ - نۇقسانلىرىمىز بولسا ئۆز- ئارا يىپىشىپ ، ھەقىقىي ئانا - بالىدەك يىقىن ئۆتەيلى ، نوچىگۈلغۇ ئۆز ئاتا - ئانىسىنى تاپتى ، بۇندىن كىيىن مەن سىزنىڭ قىينانىڭىز ئەمەس ئۆز ئانىڭىز بولاي بولامدۇ ؟ - پەيزىگۈل گۆھەرخاننىڭ ھىلىقى ئىشىنى بايقاپ قالمىغان بولسىدى بۇ گەپلەرگە ئېرىپ ئىقىپلا كەتكەن بولاتتى ، لىكىن بۇ ئىنىقلا پارا بېرىشنىڭ تۇنجى ئوقى بولغاچقا قەتئىي ھاياجانلىنىپ كەتمىدى ، شۇنداقتىمۇ چاندۇرۇپ قۇيۇشقا بولمايتتى . شۇڭا پەيزىگۈلمۇ قىلچە چاندۇرماي تۇلۇق تەسىرلەنگەن قىياپەتتە :
- مەن چۈش كۆرىۋاتمايدىغاندىمەن ھە ؟ سىلى نىمانداق ئۇلۇغ ! ماقۇل ئاپا ، ئىككىمىز ھەقىقى ئانا بالىلاردىنمۇ يىقىن ئۆتەيلى ، سىلى مىنى ئانىلىق باغرىلىرىغا باسسىلا ، مەنمۇ سىلىگە چامىمنىڭ يىتىشىچە كۆيۈنۈپ ، ۋاپادارلىق يەتكۈزەي ، دىيىشكە تىگىشلىك گەپنى دەي ، تىگىشلىك بولمىغاننى ئىچىمدە سىسىتىۋەتسەم سىسىتىۋىتەيكىن ھەتتا نوچىگۈلگىمۇ تىنماي ، - دىۋىدى گۆھەرخاننىڭ گۈلقەقەلىرى ئىچىلىپ ئىككى چىشلىق پاقىدەك ھىجىيىپلا كەتتى .
- ياق ! مەن بۇ نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلالمايمەن ، - ئويلىمىغان يەردىن نوچىگۈل گۆھەرخان ئىلىپ بەرگەن ئۈزۈك ۋە كىيىملەرگە قاراپمۇ قويماي ، ئۇ نەرسىلەرنى پەيزىگۈلنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىۋەتتى . ئۇنىڭدىن بۇنى كۈتمىگەن پەيزىگۈلنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ تىلى گەپكىمۇ كەلمەي قالدى :
- سەن … بۇ ؟ … - ئاڭغىچە نوچىگۈل گىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ :
- نىمە ؟ ھەيران قىلىۋاتامسەن ؟ ئاچچىقىڭمۇ كىلىۋاتىدۇ ھەقىچان ؟ …
- بىلىدىكەنسەن ھە ! دىگىنە نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن ؟ ئارتۇق دۆلەت بىشىڭنى يېرىۋىتەمتى ؟
- ئەمىسە ئاۋال سەن دىگىنە ، ئايزىمخانلارنىڭ ئاتا ئانام ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ، ئۇلار مومامنىڭ دەۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلىۋەتكەندە سەنمۇ مۇشۇنداق قىلمىدىڭمۇ ، شۇنداق بولغانىكەن مىنىڭ قىلغىنىمنىڭ نەرى خاتا ؟ سىنىڭ قىلغانلىرىڭنىڭ ئالدىدا مەن ئازراقمۇ ئاشۇرىۋەتمىدىم ، كىلىش سەۋەبى ئىنىق بولمىغان بۇنداق نەرسىلەرگە ئېھتىياجىم يوق شۇ ، - پەيزىگۈلنىڭ تىلى چۇرتتىدە تۇتۇلۇپ قالدى . ھە ماقۇل ئەمسە دەپ نەرسىلەرنى قولتۇقىغا قىسىپ چىقىپ كىتەي دىسە نوچىگۈلگە خېلى نۇرغۇن گەپلىرى باردەك ، دەيدىغاننى دەپ ئىچىنى بوشىتىۋالاي دىسە دەيدىغان گەپ يوقتەك ، ئايانچىلىق تولغانغىنىچە ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتتى . پەيزىگۈل زەللە قىلىپ ئەكەلگەن داپەنجىنى ئىلىپ مومىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە نوچىگۈل يەنە خۇيلىنىپ تاماققا چوكىمۇ تەگكۈزمەي ئولتۇرىۋالدى .
- كىلىن قىزلىرىم ، بۈگۈن ئۆيگە كاتتا مىھمان كىلىدۇ ، بالدۇرراق تۇتۇش قىلىپ ھويلايۇ ئۆيلەرنى پاكىز تازلاپ ، مىھمانخانىغا چاققانغىنە قىلىپ داستىخان راسلىۋەتكەندىن كىيىن ئۈستىبىشىڭلارنىمۇ راۋۇرۇس قىلىپ تۈزەشتۈرىۋىلىڭلار ، - بىر كۈنى سەھەر ناشتىمۇ قىلماستا گۆھەرخان كىلىنلىرىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈش بىلەن تەڭ ئۆزىمۇ بىللە ئىشقا كىرىشىپ كەتتى .
- گۆھەرخانمۇ پالاقشىپ كەتكۈدەك قانداق مۇھىم مىھماندۇ زادى بۈگۈن كىلىدىغان ؟ بىر ئىشنى تۈگىتىپ بولغۇچە يەنە يىڭى ئىش چىقىۋېرىدىغان ئۆيكىنا بۇ ئادەمنى زېرىكتۈرۈپ …
- ئۇف ! شۇنى دىگىنە ! سەلتۇرۇپ قازان بىشىدا يۇندىچىلىق قىلىدىغان ئىش تىخى …
ئىككى قىز ئۆز ئارا كۇسۇرلىشىپ ، تەگىشىپ يۈرۈپ ئىشلارنىمۇ خېلى بىر ياقلىق قىلىپ بولغاندا گۆھەرخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەر ئىككەيلەن كىيىم ئالماشتۇرۇشقا ھوجرىلىرىغا كىرىپ كىتىشتى ھەم گۆھەرخاننىڭ تاپىلىشى بىلەن تىزلا ياسىنىپ تارىنىپ چىقىپ :
- نىمە تاماق ئىتىمىز ئاپا مىھمانلارغا ؟ قازان ئاسقاچ تۇرامدۇق ؟ - دىۋىدى ئويلىمىغان يەردىن گۆھەرخان :
- بۈگۈن ئۆيدە تاماق ئەتمەيمىز ، ھىچقايسىمىز ئاشخانىغىمۇ كىرمەيمىز ، سەلتۇرۇپ پەخىردىن بىلەن ئەپىردىن بازاردىن داپەنجى ، تۇنۇر كاۋاپ ، سامسا دىگەندەك تەييار تاماق بىلەن مىۋە چىۋە ئىلىپ كىلىدۇ ، سىلەر ئەمدى يىنىمدا چىرايلىق ئولتۇرساڭلار مىھمانلارنى ساقلىساقلا بولدى .
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر