سۆيۈملۈك رەقىبىم
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
17- قىسىم
- بۇ پۇتىڭىز بىلەن ئەمدى سەيلى قىلىپ ، سۈرەتكە چۈشەلمەيدىغان ئوخشايسىز ، سىزنى دۇختۇرخانىغا ئاپىرايلى ئەمدى ، - يۇغان كۆتەكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ، ئىككى قولى بىلەن كەڭ ئىتەكلىك كۆڭلىكىنى ئىككى يانغا كۆتۈرۈپ كىپىنەك شەكلى چىقىرىپ رەسىمگە چۈشىۋاتقان شەكىلە ئۆزىنى دەڭسىيەلمەي يىقىلىپ چۈشكەن بۇلۇپ ئۇنىڭ سول پۇتىنىڭ ھوشۇقىنى تۇتقانچە ئىچىنىشلىق يىغلاپ كىتىۋاتقىنىغا قاراپ ئىككى قىزنى بۇلۇپمۇ پەيزىگۈلنى قاتتىق كۈلكە قىستاپ قەستەن خەقنىڭ يېغىرىنى قىچىقلاپ قويدى . لىكىن شەكىلە دەررۇلا ئىتىراز بىلدۈرۈپ :
- ياق ! سەھرايىڭلارغا كىلىپ بۈگۈن ئاران بىر سىرتقا چىققىنىمدا پۇتۇم ئۈزۈلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ قانغۇچە ئوينايمەن ! سۈرەتكىمۇ بولۇشىچە چۈشىمەن ، - دەپ ھومايدى .
- ۋىيەي ! بوغاز ئۆچكىدەك چىرقىرىغان بىلەن مۇشۇ ئىنجىمارۇقلىقىڭ بىلەن يەرگە دەسسىيەلىسەڭ بولا سەن ؟ گىپىنىڭ چوڭلىقىنى كۆرمەمدىغان ، ھىھ ! - پەيزىگۈل دىمىقىدا بىرنى پۇسۇقلىۋەتكەندىن كىيىن قولىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ تۇرۇپ :
- ۋاي ماقۇل خىنىم ! قولىڭىزنى ئەكىلىڭە ئەمىسە ، نوچىگۈل ئىككىمىز يۆلىۋالايلى سىزنى ، - دىدى . بۇ گەپ بىلەن تەڭ نوچىگۈلمۇ ئۇنى يۆلەشكە تەمشەلدى . لىكىن ئۇ قولىنى ھىچكىمگە بەرمەي ، يەنە شۇ پەخىردىنگە بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ :
- ماڭا ئىشىنىڭ پەخىردىن ، پۇتۇمنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقىنى راس ، سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ مىنى بۇ يەرگە ئەكەلمىكىڭىزمۇ ئاسانغا توختىمىدى شۇنداققۇ ؟ شۇڭا مىنىڭ بۇنداقلا قايتىپ كەتكۈم يوق ، مىنى سىز يۆلىۋىلىڭ بۇلامدۇ ؟ - دەپ تۇرىۋالدى . نوچىگۈل بىلەن پەيزىگۈلنىڭ دەررۇ قۇشۇمى تۈرۈلدى :
- تولا ئاشۇرىۋەتمەڭ ھە ! نوچىگۈل ئىككىمىز يۆلىسەك نىم بوپتۇ سىزنى ؟ توي قىلمىغان قىزۋالا تۇرۇپ نىمانداق خەقنىڭ ئېرىگە ئامراق سىز ؟ - بۇ يەردە نە گۆھەرخان ياكى ھاشىم ، نە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى بولمىغاندىكىن پەيزىگۈل ئويلىغىنىنى بۇغۇزىغا يۇتمەي ئۇدۇللا دەۋەردى . تازنى تاز دىسە ئۆلگىسى كەپتۇ دىگەندەك بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىجاتلىق ئىزدەپ ھەممەيلەننىڭ چىرايىغا بىر قۇردىن تەلمۈرۈپ چىقىپمۇ بىر ئېغىز تەسەللىيگە ئېرىشەلمىگەن شەكىلە ئەمدى ئاۋازىنى قۇيىۋىتىپ يىغلاشقا ئۆتتى . يىغلىغىنىنى كۆرۈپ نوچىگۈل سەل ئوڭايسىزلاندى بولغاي ئۇنىڭ يىنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ مۇلايىم ئاھاڭدا :
- شەكىلە ، يىغلىماڭ بولامدۇ ؟ سىزنى پەخىردىن يۆلىسە يۆلىسۇن بولدى ، پەخىردىن ! تىز بۇلۇڭ ، ئۇنى يۆلەپ ، چىرايلىق قىلىپ بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىپ قويسىڭىز، ئاڭغىچە بىزنىڭ كاۋىپىمىزمۇ پىشىپ قالىدۇ ، بولىڭە ! - دىۋىدى ، پەيزىگۈل يەنىلا قايىل بولماي ئۇنىڭ بىلىكىنى كۈچەپ تارتتى . لىكىن نوچىگۈل پەرۋامۇ قىلماستىن پەخىردىننىمۇ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ، ئۇ ئىككىسىنى سۈرەتكە چۈشۈشكە قوپۇزىۋىتىپ ئاندىن بايىقى جايىغا يىنىپ كەلدى .
- سەن ساراڭمۇ يە مەن ساراڭمۇ ؟ قانداق ئادەم بىلەن ئاچا سىڭىل بولۇپ قالدىم مەن ھە ؟ ھەي بىنورمال ! كۆزۈڭنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ ئېرىڭنى ئۇ تۈلكىگە قىتىپ قۇيىۋاتىسىنا ؟ تايىنلىق پەخىردىنكامنىڭ يوتقىنىغا … - پەيزىگۈلنىڭ گىپىنىڭ داۋامى ئەپىردىننىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقالماي ئامالسىز ئىچىگە تۇنجۇقۇپ كەتتى . ئېغىر ئويغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتكەن نوچىگۈلنىڭ ئاغزىنى ئېرىنىڭ قولىدىن ئاجرىتالماي تىپچەكلەپ كىتىۋاتقان پەيزىگۈلگە كۆڭۈل بۆلۈشكىمۇ ، شەھەرلىك تۈلكىنى يۆلەشتۈرۈپ يۈرۈپ سۈرەتكە تارتىپ يۈرگەن پەخىردىننى قىزغىنىشقىمۇ رەغدى يوق بۇلۇپ ، بىر قارىماققا ھەممىدىن ئۈمىد ئۈزگەنگىلا ئوخشاپ قالغانىدى .
- ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرغىچە پەخىردىن بىلەن ياشاش پىشانەمگە پۈتۈلگەن بولسا ئۇ بۇنداق ئۆتكەلدىن مىڭى كەلسىمۇ ساق ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ ، ناۋادا ئۇ مىنىڭ رىسقىمغا پۈتۈلمىگەن بولسا قانچە چىڭ چاڭگاللىساممۇ بەرىبىر ، مەن ئۈچۈن خاپا بولىۋاتقىنىڭنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن پەيزىگۈل ، نىمىلا بولمىسۇن ئۇلار مىھمان ، بۇ يەردىن كەتكۈچە چىداپ باقاي قىنى ، - گىپىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ نوچىگۈلنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشۈپ كەتتى . بۇ چاغدا ئەپىردىننىڭ قوللىرى پەيزىگۈلنىڭ ئاغزىدىن ئاجراپ ، ئۇمۇ تىپچەكلەشتىن توختىغان بۇلۇپ ، ئىككەيلەن يەر تىگىدىن بىر بىرىگە قارىشىپ جىمجىت ئولتۇرۇپ قىلىشتى .
توغرا ! بايلىق ، مەرتىۋە ، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ مىڭ تەستە ۋىسال تىپىشقان ، بىر بىرىنى ھەقىقىي ھەم سەمىمىي ياخشى كۆرۈشكەن بۇ بىر جۈپلەرگە نىسبەتەن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئىشلاردىن ئارتۇقچە گۇمان قىلىش نەھاجەت ؟ پەخىردىننىڭ ھەربىر ئىش ھەرىكەت ۋە گەپ سۆزىلا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ دىگەن گەپقۇ . بۇ يەردە نوچىگۈلنىڭ كۆزىدىن ئاققىنى قانداقتۇ ئازاپلانغاننىڭ ئەمەس ، ھەر قانداق ھېسسىياتلىق ئايال كىشىدە بولۇشقا تىگىشلىك شېرىن بىر خىل قىزغىنىشنىڭ بەلگىسى ئىدى .
- بۇلاق دىگەن قانداق نەرسە پەخىردىن ؟ مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە مەن ئەزەلدىن بۇلاقنى كۆرۈپ باقماپتىمەن ، سىلەر دىگەن ئاۋۇ تەرەپتىكى بۇلاقنىمۇ بەكلا كۆرۈپ باققۇم بار ، ئاپىرىڭە بۇلامدۇ ؟ - سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ دىڭگوكلاپ يۈرۈپ جۇلۇقى چىققان شەكىلەنىڭ يەنىلا قايتىپ پۇتىنى دۇختۇرغا كۆرسىتىپ باققۇسى ياكى يىتىپ ئارام ئالغۇسى كەلمەي داۋاملىق تۈردە ئادەم بىزار قىلغىلى تۇردى . ئالدىراپ ئۆيگە قايتقان تەقدىردىمۇ :
- سىلەر ھىچقايسىڭلارغا بىر ئىش بولماي نىمىشقا شەكىلەلا يارلاندى ؟ پۈتۈن سۈرۈك تۆت ئادەم نىمىش قىلغانتىڭلار ئۇنىڭغا ئوبدان قارىماي ؟ شەكىلەنىڭ شەھەردە چوڭ بولغان نازۇك قىز ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ، ئۇنى ئاۋايلاپ ئاسرىشىڭلار كېرەك ئىدىغۇ ؟ ئوينىتىپ كىلىش ئېغىر كەلگەن بولسا گىپىڭلارنىڭ ئوچۇقىنى قىلساڭلار بولمامدۇ ؟ … دىگەندەك گۈزەل تاپا - تەنىلەرنىڭ يىغىپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ بولغاچقا شەكىلەنىڭ تەلىپى يەنىمۇ قاندۇرۇلۇپ بەشەيلەن سۆگەتلىك بۇلاققا كىلىشتى . ھەقىقەتەن بۇلاق كۆرۈپ باقمىغان شەكىلە بۇ يەرگە كىلىپلا پۇتىنىڭ ئاغرىقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ ، باش مەنبەسىنى بىلىشكە ئەلمىساقتىن تارتىپ ھىچكىم قادىر بۇلۇپ باقمىغان ، بەزىلىرى تاشلارنىڭ ، بەزىلىرى سۆگەت يىلتىزلىرىنىڭ ئاراشلىرىدىن يەنە بەزىلىرى ساسلىقتەك قۇملارنى بۇلدۇقلىتىپ ئۆرلەپ چىقىپ نەلەرگىدۇ ئىقىپ كىتىۋاتقان بۇلاقلارغا ھەيرانۇ - ھەسلا قالدى ، سۇنىڭ تىگىدىكى چوڭ كىچىك قۇمچاق ، بىلىجان ھەتتا بىر تال قىل چاغلىق نەرسىنىمۇ ناھايىتى ئىنىق كۆرگىلى بولىدىغان ، سۈپسۈزۈك ھەم مۇزدەك بۇلاق سۈيىدىن ئۇچۇم - ئۇچۇملاپ ئىچىپ ، بۇلاق سۈيىنى ئالقىنىغا تولدۇرۇپ ئىلىپ ئاسمانغا قارىتىپ چىچىۋىتىپ ، قايتىپ چۈشۈشىدە ئۆزىنىڭ ئۈستىباشلىرىغا ئۈنچە مارجاندەك تۆكۈلىشىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ كۈننى كەچ قىلاي دىگەندە ئاندىن ئامالسىز قايتىشقا قۇشۇلۇپ موتسىكلىتقا چىقتى .
- خەقنىڭ ئېرىغا ئامراق بولۇپ قالىدىغان خۇيىنى ھىساپقا ئالمىغاندىغۇ خېلى قىلغاننى بىلىدىغان نىمىكەن بۇ ؟ ھەر نىمە بولسا بىزنى چىتىۋالماي ئۆزەم بىخەستەلىك قىلىپ قايرىۋالدىم دەپ ئىشنى يوغىنىۋەتمىدى ، بولمىسا بۈگۈن خېلى گەپ يەۋالغان بولاتتۇق ، مومامنىڭ : چاي قۇيغانغا ئاش قۇيغىن دەيدىغان گىپى بولىدىغان ، شۇڭا مەنمۇ بۈگۈنكى ئىشنىڭ يۈز- خاتىرىسىنى قىلىپ بولسىمۇ ئۇنىڭغا سەمىمىيرەك بولايمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ، چۈنكى سۇ كىتىدۇ ، تاش قالىدۇ . ئوسما كىتىدۇ ، قاش قالىدۇ ئەمەسمۇ ؟
- پاھ ، پاھ ، پاھ ! بىزنىڭ خۇتۇن قاچاندىن بېرى بۇنداق ئۆزىنى تۇتىۋالىدىغان ، يىراقنى كۆرەر بولۇپ قالغاندۇ ؟ ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈپ …
- قارا مانى ! شەھەرلىك تۈلكىنى ئىككى ئېغىز ماختاپ قويسام ئامراقلىقىڭىز كىلىپ كىتىۋاتامدا ؟ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئادەمنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرىدىكەنمەندە ؟ مانا ئەمىسە ، مانا سىزگە ، - توي قىلغاننىڭ ياقى ئەپىردىن بىلەن پەيزىگۈلنىڭ ھوجرىسىدىن بۇنداق كۈلكە - چاقچاق ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ باققان ئەمەس ، دەل مۇشۇ پەيتتە تۇيۇقسىز ھوجرا ئىشىكى چىكىلىپ قالدى .
- ئاپلا ! قىينانامنىڭ يەنە كۈنلىكى تۇتۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ ؟
- ئۈش ! - ئەر خوتۇن ئىككەيلەن كۈلكە - چاقچىقىنى چۇرت توختىتىپ ، بوش ئاۋازدا شىۋىرلاشقىنىچە ئىككى قۇلىقىنى تۆت قىلىپ سىرتنى تىڭشاشتى .
- پەيزىگۈل ! يىتىپ قالمىغانسىلەر؟ - ئىشىك چىكىۋاتقان ئادەمنىڭ نوچىگۈل ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن پەيزىگۈل يۈگرۈپ كىلىپ ئىشىكنى ئاچتى ۋە نوچىگۈلنىڭ قولىدىن تارتىپلا ئۆيگە ئەكىرگەچ :
- كىلە ، كىلە ! بىردەم - يېرىمدەم غەيۋەت قىلىشايلى ھە . سىنىڭمۇ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىڭ ئاز- تولا ئۆزگىرىپ قالغاندۇ ھە ؟ كۆرسەك كۆرمەسكە ، ئاڭلىساق ئاڭلىماسقا سېلىپ نەچچە كۈن چىدىۋەتسەكلا كىتىدىغۇ بۇ خەقمۇ ؟ شۇڭا ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلماي پەخىردىنكام بىلەن چىرايلىق ئۆتىۋەرگىن بۇلامدۇ ؟ - پەيزىگۈل نوچىگۈلنىڭ چىرايىنىڭ قانداقلىقى ، كەچ بولغاندا ئۆزىنى نىمىگە ئىزدىگەنلىكى بىلەن بىر كارىدا يوق توختىماي سۆزلىگەن پىتى ئۇنىڭ قۇلىدىن تارتىپ ئەكىلىپ كىيىم ئىشكابىنىڭ يىنىغا توختىتىلغان ئۈچ كىشىلىك خۇرۇم سافاغا ئۆزى بىلەن تەڭ ئولتۇرغۇزغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنىڭ چىرايىدىكى بىنورمالىققا سىنەكەشكە چولىسى تەگدى .
- نوچىگۈل ، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ساڭا ؟ چىرايىڭ بىر قىسمىلا تۇرىدىغۇ ؟ پەخىردىنكام بىلەن بىرەر نەرسە دىيىشىپ قالمىغانسىلەر؟ ۋۇي يىغلاۋاتامسەن ؟ تولا ئادەم قورقۇتما نوچىگۈل ، يەنە گەپ قىلمىساڭ چىقىپ پەخىردىنكامدىن سورايمەن جۇمۇ ، - ئىشىكتىن كىرگەندىلا چىرايى تاتىرىپ كەتكەن نوچىگۈل بىردىنلا پەيزىگۈلنىڭ بوينىغا چىڭ گىرە سېلىپ ئۆكسۈشكە باشلىدى . پەيزىگۈل ئىيتقىنىدەك قىلىپ پەخىردىندىن سوراپ بىقىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭالمىدى ، نوچىگۈلمۇ ئۆزىنى يىغىدىن توختىتالمىدى . پەيزىگۈل پەقەت ئۆزلىرىگە قاراپ ھاڭۋاققىنىچە ئولتۇرۇپلا قالغان ئەپىردىنگە كۆزى بىلەن ئىشارە قىلىپ يۈرۈپ پەخىردىننى چاقىرىپ كىرىشكە يۈگۈرتەلىدى .
شۇ تاپتا پەخىردىن ، ئەپىردىن ، پەيزىگۈللەرنىڭ ھەممىسى دەرقەمتە بۇلۇپ نوچىگۈلنىڭ ئاغزىغىلا قاراپ قالغان بۇلۇپ ، لىكىن ئۇ بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئەمەس ، يىغلاۋاتقان يىغىسىدىنمۇ توختىيالمايۋاتاتتى . بۇ خىل ھالەت ئالاھەزەل يېرىم سائەتتەك داۋاملاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭ يىغىسى سەل پەسلەپ ئارانلا :
- بۇ گەپنى ساڭا ئايرىم دىمىسەم بولمايدۇ ، - دەپ تۇرىۋالدى . پەخىردىن بىلەن ئەپىردىننىڭ مۇشۇ يەردە مىختەك تۇرۇپ نوچىگۈلنى بۇنچە يىغلىتىۋەتكەن ۋاقىئەنى باشتىن ئاخىر ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغۇسى بولسىمۇ نوچىگۈلنىڭ ئەلپازىغا ، پەيزىگۈلنىڭ قول ئىشارىسى بىلەن ئۇلارنى توختىماي قۇغلىشىغا قاراپ بىقىپ ، ئامالسىز سوزۇلۇپقىنا چىقىپ كىتىشتى .
- ھەر ئىككىلىسى چىقىپ كەتتى ئەنە ، سەنمۇ يىغلاپ پۇخادىن چىققانسەن ؟ ئەمدىغۇ دەرسەن نىمىش بولغىنىنى ؟ - پەيزىگۈل شۇندىلا نوچىگۈلنى ئۆزىدىن مەجبۇرى ئاجرىتىپ ، كۆز يىشىنى سۈرتكەچ جىددى سورىدى . نوچىگۈل قىزارغان كۆزلىرىنى بىردىنلا پەيزىگۈلگە تىكتى ، بۇ قاراش ھىچقاچانقىغا ئوخشىمايدۇكى پەيزىگۈلنىڭ تىنىنى شۈركەندۈردى ، گەپ دىگەن پىلىموتنىڭ ئوقىدەك ياغىدىغان ئېغىزىغا شۇ تاپتا : گەپ قىلمايسەنغۇ ؟ دىگەن سوئالمۇ كەلمەي قالغانىدى . ئادەمنىڭ دىمىنى سىقىدىغان بۇ ھالەت بىر ھازا داۋام ئەتكەندىن كىيىن نوچىگۈل كۆزلىرىنى پەيزىگۈلدىن ئىلىپ قىچىپ يەرگە قاراپ ئولتۇرىۋالدى .
- ۋاي ۋۇي ! يۈرىكىمنى مۇجۇپ بىر چاڭگال پاتقاققىلا ئوخشىتىپ قويدۇڭ دەيمەن ، ئۇنداق قىلماي گەپ قىلە بىر ، - نوچىگۈلنىڭ قارىشىدىن قۇتۇلغاندىن كىيىن ئاندىن زۇۋانغا كەلگەن پەيزىگۈلنىڭ ئەمدى تۈزۈكلا ئاچچىقى كىلىپ قالغانىدى .
- ئاڭلاپ بۇلۇپ مىنى تىللىما ھە ؟ ماڭا ئۆچمۇ بۇلۇپ قالما بۇلامدۇ ؟ ئەسلى دىمەي ئىچىمدە سىسىتىۋىتەيمىكىن دەپ ئويلىغان ، لىكىن دىمىسەم ئىچىمگە بىرەر مىڭ ھەرە كىرىۋالغاندەك پەقەت چىدىيالمىدىم ، - پەيزىگۈل ئەمدى رەسمىي جىددىيلەشكىلى تۇردى . شۇنداقتىمۇ ئۇنى تۇلۇق خاتىرجەم قىلىپ گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا دىيىشكە يەنە بىر قېتىم رىغبەتلەندۈرىۋىدى نوچىگۈل كۆز يىشىنى جىيەكلىرىدە ئەگىتىپ تۇرۇپ :
- تۇغقان ئاتا - ئانامنىڭ كىملىكىنى بىلىپ قالدىم پەيزىگۈل …
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ
نادىر ئەسەرلەر