سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
پۇشپا 2
لى ئەن ئامېرىكا رېژىسسورلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى (DGA)نىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، رېژىسسورلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 88 يىللىق تارىخىدا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 37-رېژىسسور بولۇپ قالدى، بۇ مۇكاپات كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى تارقىتىلىدۇ. لى ئەن 1996-يىلى رېژىسسورلار ئۇيۇشمىسىغا كىرگەن، تۆت قېتىم رېژىسسورلار ئۇيۇشمىسى مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، «يوشۇرۇنغان ئەجدىھا» (卧虎藏龙) ۋە «ئۈزۈلگەن تاغ» (断背山) قاتارلىق كىنولىرى بىلەن ئىككى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىش توغرىسىدا لى ئەن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيۇشمىنىڭ مېنى مۇشۇنداق ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. رېژىسسورلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىش مەن ئۈچۈن زور نەتىجە، شۇنداقلا بىر پۇرسەت، بۇ مېنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭ مۇنەۋۋەر كەسىپداش فىلىم ئىشلىگۈچىلەر توپىغا نىسبەتەن قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».
رېژىسسورلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «لى ئەن ھەقىقىي كىنو رېژىسسورى، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھاياتىي كۈچكە تولدى، دادىللىق بىلەن تىپ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كومېدىيە، تەۋەككۈلچىلىك، دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان، چامباشچىلىق قاتارلىقلارنى روياپقا چىقاردى. لى ئەن يېڭى خىرىسلارنى مەڭگۈ قورقماي قوبۇل قىلىپ ئەزەلدىن ئۆزىنى تەكرارلىماي، نادىر كىنو نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى «توي زىياپىتى»دىن تارتىپ، سەنئەت ۋە سودا جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان «ئۈزۈلگەن تاغ»، «پاينىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى»، «يوشۇرۇنغان ئەجدىھا» قاتارلىق ئەسەرلىرىگىچە، لى ئەننىڭ ئەسەرلىرى داۋاملىق تۈردە ئاقىلانە ھېكايە بايان قىلىش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كىنو ئوبزورچىلىرى، كىنو فېستىۋالى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئۇسۇلى كىنو تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ».