خەتەرلىك ھاۋا يولى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرقىمىسى:
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەللەرنىڭ جىنايەت خەۋەرلىرى بېتىدە، شاۋۇرن توماس ئىسىملىك ئامېرىكىلىق بىر ئەر دائىم «بۇ تىزىملىككە كىرگەن». 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان، ئۇ ئۆزىنىڭ جىنايەتسىز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، 24 يىل بىكارغا تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن جىنايىتى بىكار قىلىنغان ھەمدە 4 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىلگەن. ئەسلىدە كىشىلەر ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ھاياتىنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ ئويلىغان، كىم بىلسۇن، بۇلتۇر ئۇ راستتىنلا بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە تۈرمىگە تاشلانغان.
ئىشنى 1990-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، پوئېرتورىكو شەھىرىدىكى 78 ياشلىق سودىگەر دومىڭو مارتىنېز فىلادېلفىيەدىكى بىر بانكىغا بېرىپ 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇلنى ئالغان، ئويلىمىغان يەردىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان. نەق مەيداندىكى بىر نەچچە كۆرگۈچىنىڭ ئەسلىشىچە، مارتىنېزنىڭ ئاپتوموبىلىنى يەنە بىر ئاق رەڭلىك قىزىل تورۇسلۇق ئاپتوموبىل سوقۇۋەتكەن، قارشى تەرەپنىڭ ئاپتوموبىلىدىن ئۈچ ناتونۇش ئەر چۈشۈپ، مارتىننىزنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن پۇلنى ئېلىپ كېتىپ قالغان. لېكىن يىپ ئۇچى يېتەرلىك بولمىغاچقا، بۇ دېلو ئىزچىل پاش قىلىنمىغان. تاكى ئىككى يىلدىن كېيىن، باشقا جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى يۈدۈپ يۈرگەن بىر جۈپ ئاكا-ئۇكىلار جازاسىنى كېمەيتىش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەينى يىللاردىكى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىنىڭ تەپسىلاتىنى تەمىنلىگەن.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاتىللىق دېلوسىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن كۆرگۈچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ماس كەلمىگەن، ئۇلار جىنايەتچىنىڭ جەمئىي ئالتە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنى ئىككى ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكىنى، يەنە بىر ئاپتوموبىلنىڭ كۈلرەڭ ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، ئاكا-ئۇكا ئىككىسى تەمىنلىگەن شېرىكلەرنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولمىغان، لېكىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ دېگەن ئىسىمىدا شاۋرن توماس بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن توماسنى ساقچىلار قولغا ئالغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا، توماس ئۆزىنىڭ جىنايەتسىز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان ھەمدە نەق مەيداندا يوق دېگەن ئىسپاتنى چىقىرىپ، مارتىنېز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە موتوسىكلىت ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، يىغىندا ئاپىسىمۇ، ئاچىسىمۇ ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن. لېكىن سوت مەھكىمىسى بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمىگەن، ھېلىقى ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بولغاچقا، ئۇ يەنىلا ئەيىبلىنىپ، 1994-يىلى 2-دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، شەرتلىك قويۇپ بېرىلمەيدىغان بولغان.
(توماس ۋە ئانىسى)
لېكىن توماس بۇنىڭلىق بىلەن ۋاز كەچمەي، يەنە بىر قېتىم نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان، كېيىن 2009-يىلى خاتا ئەيىبلەنگۈچىلەرگە قانۇن ياردىمى بېرىدىغان پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتتىكى بىر ئادۋوكات ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان ھەمدە فىلادېلفىيە يەرلىك تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ جىنايەت بېكىتىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن كۆرۈشكەن، شۇنداقلا بۇ دېلونى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ قېتىم دېلو ئەھۋالىدا تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەش بولغان بولۇپ، ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، دېلو يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، توماس ھەقىقەتەن ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆگىنىش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى، يەنە سوت مەھكىمىسىنىڭ چاقىرىق قەغىزىگە ئىمزا قويغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن، شۇڭا ئۇنىڭ جىنايەت نەق مەيدانىدا بولماسلىقى ئېنىق بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئادۋوكات يەنە فىلادېلفىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارخىپىنى ئېلىپ، 36 بەتلىك ئاشكارىلانمىغان، باشقا جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى كۆرگەن. ساقچىلار توماسنىڭ نەق مەيداندا يوقلۇق ئىسپاتى بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېنىق بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن دەلىللىمىگەن، ئەكسىچە ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى سەۋەبلىك نىشاننى بىۋاسىتە بېكىتىپ مۇشۇنداق ئەھۋال شەكىللەنگەن.
ھەتتا ھېلىقى ئاكا-ئۇكىلار كېيىن يەنە ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى سۆزىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇرغانلىقىنى، يالغان سۆزلەشكە قىستىغانلىقىنى ئېيتقان. ئادۋوكاتنىڭ قارىشىچە، ساقچىلار پەقەت دېلونى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھوقۇقى يوق، تەسىر كۈچى يوق توماسنى جىنايىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا قىستىماقچى بولغان. ھەر خىل دەلىل-ئىسپاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، 2017-يىلى سوتچى توماسقا چىقىرىلغان جىنايەتنى بىكار قىلغان، گەرچە تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ قارىشى يەنىلا «ئۇنىڭ جىنايەتسىز ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەنمەسلىك» بولسىمۇ. لېكىن قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خاتا ھالدا 24 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، توماس ئاخىرى قايتىدىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن، يەنە ھۆكۈمەتتىن 4 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم پۇلى ئالغان. ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، كەڭ قورساقلىقنى نامايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساقچىلارغا قىلچە ئۆچ ئەمەسلىكىنى، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان.
تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن توماس تۇرمۇشتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، ئالدى بىلەن بىر ۋاخ تاماق يەپ، ئۆزىنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغان، يەنە تېخى تۇنجى قېتىم يانفون بىلەن ئۇچراشقان. يانچۇقىدا غايەت زور سوممىلىق تۆلەم بار بولغاچقا، ئۇمۇ مىليونېر بولۇپ قالغان، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ قالغان ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيدۇ، لېكىن ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى يەنە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، بۇ قېتىم ئەمەلىيەت بولغاچقا، ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.
ئەسلىدە تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن توماس فىلادېلفىيەدىكى ئۆزى بىلەن ئوخشاش كەچۈرمىشى بار بىر توپ كىشىلەر بىلەن تونۇشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال كېترا ۋىئاس بىلەن تونۇشقان، ئۇنىڭ ئاكىسىمۇ ئىلگىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان، لېكىن كېيىن دېلو ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.
ئىككىيلەن ئالتە يىل ئارقا-ئارقىدىن ئۇچرىشىشقا چىققان، ۋىئاسىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئويناپ چوڭ بولغان بىر دوستى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئاكېم ئېدۋاردىس بولۇپ، بۇلتۇر كۈزدە توماس ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ زەھەر سېتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئېدۋارد بۇنىڭغا ماقۇل بولغاندىن كېيىن، توماس ئۇنىڭغا بىر خالتا زەھەر بەرگەن ۋە ساتقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا 1200 ئامېرىكا دوللىرى بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئېدۋاردىس كەينىگە سۆرىگەن، ئاخىرىدا پۇلىنى ئالالمىغان توماسنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن، شۇنداقلا ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان.
بۇلتۇر 1-ئاينىڭ 3-كۈنى توماس بىلەن ۋىئاسى ئەسلىدە دېلاۋار ئىشتاتىدىكى ئۆيىگە بېرىپ، ئاندىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ فىلادېلفىيەگە بېرىپ ئىشنى بېجىرىشنى پىلانلىغان، لېكىن ۋىئاسنىڭ ئېيتىشىچە، توماس تۇيۇقسىز پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، ئالدى بىلەن يېقىن ئەتراپتىن ئېدۋاردنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنى تاپقاندىن كېيىن توماس دەرھال ئاپتوموبىلدىن چۈشكەن، ئاندىن ئاپتوموبىل سىرتىدىن ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان، ئارقىدىنلا توماس دەرھال ئاپتوموبىلغا قايتىپ كېلىپ، بېلىگە بىر تاپانچىنى قىستۇرۇپ، ماشىنىنى ھەيدىگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋىئاس ئۇنىڭ تاپانچا ئېلىۋالغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. مانا مۇشۇنداق قىلىپ توماس قايتىدىن قاتىل بولغان، ۋىئاس ئۇنىڭ ئېدۋاردنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ھودۇقۇپ كەتكەن، شۇنداقلا ئىشنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى دېگەن، توماس ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ ئەگەر ئاشكارىلىۋەتسە كېيىنكى ئۆلىدىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى يەنە تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن ۋىئاسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان.
ئويلىمىغان يەردىن ۋېئاس ساقچىغا مەلۇم قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىش يەنىلا ئاشكارىلىنىپ قالغان. دېلو يۈز بېرىپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، بىر فېدېراتسىيە خادىمى فىلادېلفىيە ساقچى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، توماسنىڭ گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ساقچىلار دەرھال توماسنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاختۇرۇپ، بەش تاپانچا، يەنە بىر قان يۇقى مايكىنى تېپىپ چىققان، بۇ مايكا ئېدۋارد ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدىكى قاتىل كىيگەن كىيىمگە بەك ئوخشايدىكەن، يەنە يانفون سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋېئاس بىلەن توماس ئىككىلىسى دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندا پەيدا بولغان بولۇپ، بەلگىلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ساقچىلار شۇ يىلى 3-ئايدا ئىككىيلەننى بىرلىكتە قولغا ئالغان.
بۇ قېتىمقى سوت قىلىش جەريانى ئانچە چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمىغان، ۋېئاس جازا كېمەيتىش ماقۇللۇقىنى ئېلىش ئۈچۈن ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، توماسنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ قاتتىق تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.
توماسمۇ ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، ئۈچىنچى دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئورتاق پىلانلاش ۋە قانۇنسىز قورال تۇتۇش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك جىنايەتنى ئېتىراپ قىلغان. كونكرېت جازا كېلەر يىلى 2 ـ ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ. ھازىر ئۇ 50 ياشقا كىردى، ئالدىنقى يېرىم ئۆمرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزدى، قالغان ئۆمرىنىمۇ تۈرمىدە ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەقەت 1200 ئامېرىكا دوللىرى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. ئەگەر بىر سۆز بىلەن سۈپەتلىسەك، بۇرۇن ئۇ گۇناھسىزلىقى سەۋەبلىك تۈرمىدە ياتقان بولسىمۇ تۈرمىنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغاندەكلا ئىش قىلغان.
كىنولار