خەتەرلىك ھاۋا يولى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىككى كۈندىن بۇيان تايلاندتا بىر چوڭ ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ، 20 ياشلىق ئايال ناخشىچى پايىڭ چايادا ئۇلوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر تايلاندچە ئۇۋۇلاش دۇكىنىدا ئۇۋۇلاتقاندىن كېيىن قازا قىلغان، تايلاندلىقلار بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران قالغان.
ھەممىمىزگە مەلۇم، تايلاندنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇۋۇلاش دۇكانلىرى بار، ئاساسەن 50-60 يۈەن خەجلىسە بىر سائەت ئۇۋۇلىتىشتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، يەرلىك كىشىلەر ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن بارغان ساياھەتچىلەر باشقا يەرلەرنى ساياھەت قىلمىسىمۇ ھېچ بولمىغاندا ئۇ يەرنىڭ ئۇۋىلىتىشىنى سىناپ باقىدۇ.
بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇۋۇلاش دۇكانلىرى قىزىق نۇقتىغا چىققان. شۇنداقلا كۆپچىلىك بويۇن ئومۇرتقىسى دېگەندەك مۇھىم ئورۇنلارغا كەلگەندە ئەڭ ياخشىسى خالىغانچە باسماسلىقى كېرەك دېگەن ئىدىيەنى چۈشەنگەن.
چايادا بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ۋە ئىككى ئاكىسى بىلەن ئۇلوڭ سارىيىدا تۇرىدىكەن. ئۇ ناخشىچىلىق سەپىرىگە ئاتلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆيىنىڭ يېنىدىكى ئىشخانىسىدا ئىككى ناخشا پىلاستىنكىسى چىقارغان، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن.
چايادانىڭ 47 ياشلىق ئاپىسى داڭلىق ئۇۋۇلاش ئۇستىسى بولۇپ، چايادا يېقىندا ناخشا ئېيتىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دۈمبىسى بىئارام بولغاندەك ھېس قىلىپ، ئاپىسىدىن ئۆزىنى ئۇۋۇلاپ قويۇشنى ئۆتۈنگەن.
(چايادانىڭ ئانىسى)
ئەمما ئانىسى ئەمدىلا ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولغاچقا، قولىدا ماغدۇر يوق بولغاچقا، چايادا ئامالسىز يىگىتى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ، شەھەر مەركىزىدىكى ئۇۋۇلاش دۇكىنىغا بېرىپ ئۇۋۇلاتماقچى بولغان. بىرىنچى قېتىم ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن ئۇ بەدىنىنىڭ بەزى يەرلىرى ئۇيۇشۇپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، ھەرىكەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ئەھۋالنى يەنە ياخشىلاشنى ئويلىغان، كېيىن يەنە ئۇۋۇلاتقۇزۇپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان.
لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن ئەھۋال بارغانسېرى يامانلىشىپ كەتكەن. چايادا ئاغرىق سەۋەبىدىن ماڭالماي قالغان، ئانىسى ئۇنىڭ ئۇۋۇلاۋاتقاندا بويۇن ئومۇرتقىسى زەخمىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، دەرھال ئۇنى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، دوختۇر بۇنى بەدەن ئۇۋۇلاشتىن كېلىپ چىققان ئىش دەپ قارىماي بەلكى «كېيىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوختۇر بۇنى كىچىك كېسەللىك ئالامىتى دەپ قاراپ، بىر نەچچە كۈندىلا ئەسلىگە كېلەلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنى X نۇرىدا كۆرۈپ يۈرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھېچقانداق تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقمىغاچقا، چايادا پەقەت تېخىمۇ چوڭ دوختۇرخانىغا بارغان، بۇ چوڭ دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ئۇمۇرتقىسىنىڭ ئۈچ يېرىنىڭ ئورنى يۆتكىلىپ كەتكەن دەپ دىياگنوز قويۇلغان.
ئۆيدىكىلىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىكىن ھەر نېمە بولسا يەنە بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەھۋالنى بىلىپتۇق، بولمىسا ئىش چاتاقتىكەن دەپ ئويلىغان. ئەمما چايادانىڭ سالامەتلىكى كۆپچىلىكنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ تېز ناچارلاشقان، ئۇلار دوختۇرخانىدا يېتىشقا كېلىشىپ قويۇپ دەل شۇ كۈنى ياتىدىغان ۋاقىتتا چايادانىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلىشىپ بىۋاستە ICUغا ئېلىپ كىرىلگەن.
ئۇ ICUدا ئون كۈن تۇرغان بولسىمۇ، سالامەتلىكى ئىزچىل ياخشىلانمىغان. ئەڭ ئاخىرقى پەيتكە كەلگەندە ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىدە مەسىلە كۆرۈلگەن، ئۆپكىسى ئىششىپ كەتكەن، قېنىدا زەمبۇرۇغ بار بولۇپ، يۇقۇملىنىش ئۇنىڭ مېڭىسىگىچە كېڭەيگەن، ئاخىرىدا ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن...
چايادا قازا قىلغاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر بۇ نەتىجىنى قوبۇل قىلالمىغان. ئانىسى قىزىنىڭ ناھايىتى ياش ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق ئاساسىي كېسىلى يوقلۇقىنى، ئەگەر ئۇۋۇلاش مۇۋاپىق بولمىسا مانا مۇشۇنداق ئەھۋالغا قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ئىشتىن كېيىن يىگىتىمۇ بۇنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالغان، ئۇ چايادانىڭ بىر مەزگىل ئارام ئالغانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ يايما ئېچىپ بىر نەچچە قېتىم سىياھبېلىق ساتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتقاندا بىئارام بولغانلىقىنى، ئاندىن ئۆزىنى قويۇۋېتىپ تاماشىبىنلار بىلەن يېقىن بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئىككىيلەن يەنە بىرلىكتە كەلگۈسىنى پىلانلاپ تويغا پۈتۈشۈپ بولغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۇ تۇيۇقسىز كېتىپ قالغان...
كۆپ يىللىق ئۇۋۇلاش خىزمەت تەجرىبىسى بولغاچقا، ئانىسى چوقۇم قىزى بارغان دۇكاندىكى ئۇۋۇلاش ئۇستىسىنىڭ مۇۋاپىق مەشغۇلات قىلمىغانلىقىدىن بۇ تىراگېدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارىغان.
قىزىنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق قىزىغا ئادىللىق بېرىشنى قارار قىلغان. يېقىندا تاراتقۇلار چايادانىڭ ھېكايىسىنى خەۋەر قىلغان، ئالاقىدار ئورگانلار ئۇۋۇلاش دۇكىنىغا بېرىپ ئىسپات ئېلىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
ئۇۋۇلاش دۇكىنىنىڭ باشلىقى ئۆزىنىڭ دۇكىنىنىڭ 2005-يىلىدىن باشلاپ تىجارەت باشلىغانلىقىنى، ھازىرغىچە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق ئۇ دۇكاندىكى ئۇۋۇلاش ئۇستىلىرىنىڭ سانىنىڭ ھەر كۈنى ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە يەنە نۇرغۇن قوشۇمچە ئۇۋۇلاش ئۇستىلىرىنىڭ ياردەمگە كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
دۇكان باشلىقى يەنە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ۋاقىتلىق ئىشقا كەلگەن قوشۇمچە خىزمەتنىڭ سىجىللىقى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چايادانىڭ بەدەن ئۇۋۇلاتقىلى كەلگىنىگە خېلى ۋاقىت بولغاچقا شۇ كۈنى كىمنىڭ چايادانىڭ بەدىنىنى ئۇۋۇلاپ قويغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.»
چايادانىڭ يىگىتى يەنە بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇۋۇلاش دۇكىنىنىڭ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئۇۋۇلاشنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر ئۇۋۇلاش ئۇستىسى بولۇپ، ئۈچىنچى قېتىم ئۇۋۇلىغاندا باشقا بىرىنى ئالماشتۇرغان، يېڭىدىن ئالماشتۇرغان بۇ ئۇۋۇلاش ئۇستىسىنىڭ قولى تېخىمۇ ئېغىر، ئۇۋۇلاش سالمىقى تېخىمۇ چوڭ ئىكەن.
دۇكان باشلىقى دۇكاندا بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئۇۋۇلىمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن بولۇپ، چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۇۋۇلاش ئۇستىسى بىلەن خېرىدارلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خېرىدار بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئۇۋۇلاشنى تەلەپ قىلسا ئۇۋۇلاش ئۇستىسىنىڭمۇ بەلكىم مۇشۇ بويىچە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
نۆۋەتتە ئىسپات ئېلىشنىڭ قىيىن نۇقتىسى شۇكى، ئۇۋۇلاش بىر قەدەر مەخپىي بولغان ئايرىمخانىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا بارلىق پاراڭلارنى پەقەت ئۇۋۇلاش ئۇستىسى بىلەن چايادالا بىلىدۇ. شۇ كۈندىكى ئۇۋۇلاش ئۇستىسىنى تاپقان ھالەتتىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئۇۋۇلىغان-ئۇۋۇلىمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ.
تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تايلاندتا قانۇنلۇق كىنىشكىسى بار ئۇۋۇلاش دۇكىنى 20 مىڭدىن ئاشىدىكەن، لېكىن 200 مىڭغا يېقىن ئۇۋۇلاش ئۇستىسىنىڭ كىنىشكىسى يوق ئىكەن. بەزى تايلاندچە ئۇۋۇلاش ئۇستىلىرى ھەر خىل ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىدۇ، بەلكىم ئۆلچەمگە توشماسلىقى ياكى مۇلازىمەتكە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. مەسىلەن، باشنى تولغاش، سىلكىش ياكى ئايلاندۇرۇش كۈچى ئاشسا ئادەم بەدىنىگە بولغان خەۋپمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
ئەگەر بۇ خىل ئۇۋۇلاش ھەرىكىتىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرسا بويۇندىكى نېرۋا، قان تومۇرلارنى زەخىملەندۈرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆمۈرلۈك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ...
بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ بىر نەچچە كۈندە تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، سىنگاپورلۇق بىر ساياھەتچى تايلاندنىڭ پاتوڭ دېڭىز ساھىلىدا بەدەن ئۇۋۇلىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قازا قىلغان.
بۇ ساياھەتچى بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇ ئۇۋۇلاش دۇكىنىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىكەن. دېڭىز ساھىلىدا 45 مىنۇت تەبئىي ماي بىلەن ئۇۋىلاتقاندىن كېيىن، ئۇ قاتتىق ئۇيقىغا كېتىپ ھەتتا خورەككە چۈشۈپ كەتكەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاغرىق ئازابى بىلەن تولغىشىپ ئويغىنىپ كەتكەن ۋە ھوشىدىن كەتكەن، ئارقىدىنلا ئۇۋۇلاش دۇكىنى ئۇنىڭغا يۈرەك، ئۆپكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۈنۈمى بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرھال ساقچى ۋە تېببىي خادىملارنى چاقىرغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان.
ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايقىغان، بۇ ئۇۋۇلاش دۇكىنى ئەمەلىيەتتە پەقەت كىر يۇيۇش دۇكىنى بولۇپ، ئۇۋۇلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، دۇكاندا ھېچقانداق ئۇۋۇلاشقا ئالاقىدار ئىجازەتنامە يوق ئىكەن.
ئۇۋۇلاۋاتقاندا ئۆلگەن ئايالنىڭ ئېرىمۇ نەق مەيداندا بار بولۇپ، ئۇ ساقچىلارغا ئايالىنىڭ ئۇۋۇلاشتىن بۇرۇن پىۋا ئىچكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقىنى، بەلكىم مۇشۇنداق ئىشلار قوشۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا تىراگېدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۆلگۈچىنىڭ ئېرى ئايالىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىدىن گۇمانلانمىغان، ھەمدە ئۇنىڭ جەسىتىنى سىنگاپورغا قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلىپ، جەسەت تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان.
نۆۋەتتە بۇ ئىشنىڭ زادى ئىچكى سىرى بار-يوقلۇقى تېخى ئېنىق ئەمەس، لېكىن بىر ھەپتە ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئۇۋۇلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈش ۋەقەسى تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا پەيدا بولغان، چوڭ-كىچىك كوچىلارغا تارقالغان تايلاندچە ئۇۋۇلاش دۇكانلىرىدا ھەقىقەتەن بىرخىل «خەتەر» يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.
كۆپچىلىك بەدەن ئۇۋۇلىغاندا چوقۇم كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك، بويۇن ئومۇرتقىسىغا چېتىلىدىغان ھەرىكەتلەردە ئەڭ ياخشىسى ئۇۋۇلاش ئۇستىسىنى ياخشى تاللاش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئويلاپ باقمىغان زىيان-زەخمەتلەرگە، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.
كىنولار