ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
12-ئاينىڭ 6-كۈنى كېنەز خانىم كەيت ۋېستمىنستېر سارىيىدا پەيدا بولۇپ، ئۈچ بالىسى بىلەن بىللە يىللىق بايراملىق ناخشا ئېيتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
ئۇ قىزىل رەڭلىك پەلتو كىيگەن بولۇپ، قارا رەڭلىك كېپىنەك شەكىللىك تۈگۈنچە ماسلاشتۇرغان.
قارىغاندا، كېنەز خانىم كەيت ئاستا-ئاستا نورمال خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقاندەك قىلىدۇ.
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى كېنەز خانىم كەيت بۇ يىلنىڭ بېشىدا ساغلاملىق مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئاممىۋى پائالىيەتتىن ۋاقتىنچە چېكىنىپ چىققاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم خان جەمەتى ئەزاسى سالاھىيىتىدە مۇھىم پائالىيەتتە پەيدا بولغان.
12-ئاينىڭ 3-كۈنى، كەيت قېنىق قىزىل رەڭلىك يۈرۈشلۈك كىيىم كىيىپ، مەرۋايىت زەنجىر ماسلاشتۇرۇپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا چەتئەلدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالغان.
9-ئايدا كەيت ئۆزىنىڭ راك كېسىلىدىن «قۇتۇلغانلىقى»نى جاكارلاپ، ئۆزىنىڭ داۋالاشنى تاماملىغاندىن كېيىن «يۈكتىن قۇتۇلغاندەك يەڭگىللەپ قالغانلىقى»نى ئېيتقان.
ئۇنىڭ رەڭگىرويى قارىماققا يامان ئەمەس بولۇپ، سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەندەك قىلاتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە كەيت بىلەن ۋىليام بىرلىكتە قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان، يەنە مېھمانلارغا ھەمراھ بولۇپ خان جەمەتى ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتىنىڭ ھەربىي پاراتىغا بارغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە چارلىز ۋە باشقا خان جەمەتى ئەزالىرى بىلەن بۇككىنھام ئوردىسىغا بېرىپ شەخسىي چۈشلۈك تاماق يېگەن... سەپىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىر قەدەر ئىخچام بولغان.
گەرچە كەيت كەچتىكى «دۆلەت زىياپىتى» گە قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن روشەنكى، ئۇنىڭ خىزمەت رىتىمىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشى بىر ئاكتىپ سىگنال.
كەيت كېسەلدىن غالىب كېلىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ قالتىس قىياپەت بىلەن ئاممىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەلگەن، بۇ ھەقىقەتەن خان جەمەتى مەستانىلىرىنى خاتىرجەم قىلغان.
كەيتنىڭ كېسىلى ئەمدىلا ساقايغاچقا، ۋىليام پات-پات ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن يەنە غەمخورلۇق بىلەن كەيتنىڭ مۈرىسىنى يۆلەپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن.
كەيت يەنە ھېلىقى كۆك ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈكنى قايتىدىن تاقىۋالغان.
خان جەمەتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، كەيت كېسەل بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ۋىليام ئىزچىل ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ھەمدە ئۇنى زور دەرىجىدە قوللىغان، شۇنداقلا ئايالىنى تېخىمۇ قەدىرلىگەن.
«مېنىڭچە ئۇ شاھزادە ۋىليامنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇ ئاشكارا ھالدا، بۇ ئۇ باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ جاپالىق بىر يىل، دېدى... شۇڭا، بىز پەقەت بۇنىڭ جاپالىق ئىش ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز، چۈنكى ۋىليام يەنە ئۈچ بالىسىنىڭ ئاپىسىغا ھېچ ئىش بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ناھايىتى ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ.»
بۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىككىسىنىڭ ھېسسىياتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.
بۇنىڭغا قارىتا، ۋىليامنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئىشلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، چارلىزمۇ ئۇنىڭدىن تېخىمۇ رازى بولغان.
ئۇ ھەتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋىليامنى ياش ۋاقتىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى سادىر قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
خان جەمەتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە چارلىز مۇنداق دېگەن: «ئاڭلاپ تۇر، ۋىليام، ئائىلە ھەممىدىن مۇھىم. مەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى ئۆتكۈزمە، مەن ئۇ چاغدا پەقەت مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىشنىلا بىلەتتىم، لېكىن مەن توي تۇرمۇشۇمغا سەل قارىدىم، نەتىجىدە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن.»
(بۇ پەقەت تاراتقۇلارنىڭ پەرىزى ھە)
يەنە بىر تەرەپتىكى خاررى بىلەن مېگاننىڭ تۇرمۇشى بۇنداق ئوڭۇشلۇق بولمىغاندەك قىلىدۇ.
مېگان 2022-يىلىدىكى بىر قېتىملىق زىيارەتتە، ئۆزىنىڭ خاررى بىلەن ياخشى بىرىكىپ، ھەمىشە بىللە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، ئىككىيلەن بىللە پەيدا بولمىغان.
كۆپچىلىك ئىككىسىنىڭ شىركىتىنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى ماركىغا پارچىلاپ، ئوخشاش بولمىغان پائالىيەتلەردە يالغۇز پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلغان.
مېگان يالغۇز نۇرغۇن پائالىيەتلەرگە قاتناشقان، ھەتتا يېقىن دوستىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇسسۇل ئوينىغان بولۇپ، قارىماققا خاررى يېنىدا بولمىغان ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
خاررىمۇ زېھنىي كۈچىنى ئۆزىنىڭ ياردەم قىلىش ئىشلىرىغا قاراتقان، ھەتتا ئۇنىڭ ئەنگلىيەگە قايتقۇسى بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ تارقالغان، قارىغاندا بۇ ئىككىيلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا ئايرىلىشقا باشلىغاندەك قىلىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال سىرتقى دۇنيانىڭ كەڭ كۆلەمدە قىياس قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەتتا بەزىلەر بۇ ئىككىيلەننى ئاجرىشىشى مۇمكىن، دېگەن.
بىراق، شاھزادە خاررى بۇ پىتنە-پاساتلارغا يولۇققاندا ئەنسىرەپ كەتمىگەن. چارشەنبە كۈنى ئۇ نيۇيورك DealBook باشلىقلار يىغىنىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مېگان بىلەن بولغان ھېسسىياتىنىڭ كىرىزىس ئەمەسلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.
«ھەممە يەردە كىشىلەر نېمە ئۈچۈن مۇستەقىل پائالىيەت قىلىسىلەر، نېمىشقا بىللە پەيدا بولمايسىلەر، دەپ سوراۋاتىدۇ. چۈنكى سىز مېنىلا تەكلىپ قىلدىڭىز، شۇڭا سىز بۇنى پەرەز قىلالىشىڭىز كېرەك.»
رىياسەتچى يېقىندا تارقالغان پىتنە-پاساتلارنى سورىغاندا، ئۇ ئىنكار قىلىپ: «پىتنە-پاساتلاردا بىز ئون نەچچە قېتىم ئايرىلىپ بولدۇق» دېگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەنگلىيەگە قايتمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن: «مەن ئامېرىكىدا تۇرۇشنى ھەمدە بۇ يەردە بالامنى بېقىشنى ياخشى كۆرىمەن.»
ئۇ بۇ يەردە بەش ياشلىق ئارچى ۋە ئۈچ ياشلىق لىلىلىبېت بىلەن بىللە ئوينىيالايدىغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتلەرنى ئەنگلىيەدە چوقۇم قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ گەپنىڭ راست-يالغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس، لېكىن ئىشقىلىپ ئەنگلىيە خان جەمەتىمۇ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىشكە تەييارلىق قىلمىغان، ھەتتا يىل ئاخىرىدىكى بايرامغىمۇ ئۇنى تەكلىپ قىلمىغان.
بۇ يىلقى روژدېستۋو بايرىمى بۇ خان جەمەتى ئۈچۈن ئالاھىدە. چۈنكى بۇ بىر يىل ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىغان. 76 ياشلىق چارلىز بىلەن مۇستەھكەم تۈۋرۈك كەيتكە ئارقا-ئارقىدىن راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان، يەنە دۇنيانى قاپلىغان سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى پەيدا بولۇشقا، بۇ ھەقىقەتەن ئىنتايىن جاپالىق بىر يىل بولغان.
يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، ئاخىرى ھەر خىل خۇش خەۋەرلەر كەلمەكتە، جەم بولۇش ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چارلىز ساندرىڭھام قورۇقىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە دەم ئېلىشنى ئۆتكۈزگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان، ھەتتا پۈتكۈل ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزى نازارەت قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مېگان خاررىنى قايتىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلماسلىقنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، چارلىزنىڭ ئەمەلىيەتتە نەۋرىسى بىلەن كۆرۈشكۈسى بار ئىكەن، لېكىن خاررى بىلەن مېگاننى تەكلىپ قىلىش بەك ئاۋارىچىلىق ئىكەن، چۈنكى ئۇ ئىككىسى ھەر خىل تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، بولمىسا قايتىپ كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بايراملىق خۇشال كەيپىياتنى ئۇلارنىڭ سوغۇق كەيپىياتى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
كىنولار