ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
زۇكام ئىنتايىن ئادەتتىكى، كىشىلەر ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بىر خىل كېسەللىك. ھەر قېتىم ھاۋا سوۋۇغاندا، بۇرۇن ئېقىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، گال ئاغرىش، باش ئاغرىش، يۆتىلىش، ھەتتا قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆزىنى زۇكام بولۇپ قالدىم دەپ قارايدۇ.
گەرچە ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر: «زۇكام ئېشىپ كەتسە ھەپتىدە ئۆزى ساقىيىپ بولىدۇ» دېيىشسىمۇ، لېكىن كىشىلەر يەنىلا بالدۇرراق ساقىيىشنى ئويلاپ دورا ئىچىدۇ. زۇكامدىن ئىبارەت بۇ «كىچىك كېسەل» ئۈچۈن ئادەتتە دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئەرزىمەيدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئۆزى دائىم ئىشلىتىدىغان زۇكام دورىسى، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى، يۆتەل توختىتىش دورىسىنى تاللاپ، بىر نەچچە كۈن ۋاقتىدا ئىچىپ، ئوبدان تەرلەپ ئۇخلاپ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. بۇ دورا راست ماس كېلەمدۇ يوق، ئىشقىلىپ زۇكام تولىسى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
ئوخشاش ئۇسۇل فىرانسىيەگىمۇ ماس كېلىدۇ. گەرچە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە «Doliprane» ناملىق خىسلەتلىك دورا بولسىمۇ، لېكىن بۇ دورىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن پەقەت قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىش رولى بار، بۇرۇنغا ۋە كېكىردەك ئۈچۈن، يەنىلا دورىخانىغا بىر قېتىم بېرىپ، بىر قاپ ئاتالمىش زۇكام دورىسى سېتىۋالىدۇ.
فىرانسىيەنىڭ دورىخانىلىرىدا بۇ خىل زۇكام دورىلىرىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئادەتتە بىر بۇلۇڭغا تىزىلىدۇ، دورا قېپىنىڭ ئۈستىگە «Rhume» (زۇكام) دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زۇكام دورىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.
بىراق، يېقىندا فىرانسىيە دۆلەتلىك دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك ئىدارىسى (ANSM) مۇنۇلارنى جاكارلىغان: «12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ فىرانسىيەدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قاتار زۇكام دورىلىرى، مەسىلەن Dolirhume ۋە Actifed Rhume، شۇنداقلا Humex Rhume قاتارلىقلار ئەمدى رېتسېپسىز شەكىلدە سېتىلمايدۇ.»
بۇ خەۋەر چىقىشى بىلەنلا، دەرھال ھەر قايسى چوڭ فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ باش بېتىگە چىقىپ، بۇنىڭغا دىققەت قىلغان ۋە ئۇنى مۇزاكىرە قىلغان، بۇنىڭدىن فىرانسىيەلىكلەر: «زۇكام بولۇپ قالساق قايناقسۇ ئىچىپ ياخشى بولۇپ كېتىدىغان كۈنگە قالامدۇق نېمە؟» دېيىشكەن.
ئۇنداقتا، بىز بۈگۈن بۇ دورىلارنىڭ سېتىلىشى نېمە ئۈچۈن چەكلەنگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر ئۈستىدە توختىلىمىز.
بۇ زۇكام دورىلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ساختا ئېفېدرىن (伪麻黄碱) بولۇپ، «قان تومۇرلارنى تارايتقۇچى دورا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل دورىلار ئىنتايىن ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، پىرىنسىپىمۇ ناھايىتى ئاددىي: ئۇلار قان تومۇرلارنى تارايتىش ئارقىلىق بۇرۇنغا قان تولۇش ۋە بۇرۇن توسۇلۇش ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ.
لېكىن مەسىلە شۇكى، ئۇلار پەقەت قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەكتىكى قان تومۇرلارنىلا تارايتمايدۇ! مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە، ئەگەر ئارتېرىيە تومۇرى ئاجىز كىشىلەر بولسا، ھەتتا قان تومۇرلار تارىيىش سەۋەبىدىن توسۇلۇپ قېلىپ، ئارتېرىيە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەتقىقات ۋە كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دورىلار يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، تاسادىپىي سەكتە، تۇتقاقلىق كېسىلى، ئېغىر تېرە رېئاكسىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر ئەكس تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
24 ياشلىق شېنىز بۇنىڭ بىر ياخشى مىسالى، ئۇ ئالدىنقى بىر مەزگىلدە زۇكام بولۇپ قالغان، ئۇ دورا ئىشكاپىنى ئېچىپ بىر قۇتا Humexنى بايقىغان، ئاندىن دەرھال تۆت يىل ئىلگىرى بۇ دورىنى يېگەن ۋاقتىدىكى قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشىشى ئېسىگە ئالغان.
تۆت يىل ئىلگىرى، ئۇ دورا يېيىش ئارقىلىق بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش ئالامەتلىرىنى پەسەيتمەكچى بولغان، لېكىن دورا يېگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا باش قېيىش، مۈگدەش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكىتى كېچىكىپ، قول بېغىشىنىڭ كۈچى قالمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭدا بۇ دورىغا قارشىلىق تۇيغۇسى پەيدا بولغان.
ئەمەلىيەتتە، شېنىزغا بولغان ئەكس تەسىرى بىر قەدەر يېنىك ھېسابلىنىدۇ.
ANSMنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، 307 بىماردا «قان تومۇر تارايتىش دورىسى»نى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئېغىر ناچار تەسىرلەر كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 25ى سەكتە بولۇپ، بەشى قازا قىلغان.
كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، بۇ ئەكس تەسىرلەر ساغلام ياشلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولۇپ، دورا مىقدارى ۋە داۋاملىشىش ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ANSMنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ئالېكساندر دېلا ۋولپىللېر مۇنداق دېگەن: «بۇرۇن ئازراق پۈتۈپ قالغانغا سەكتە بولۇپ قېلىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىش ئېنىقلا ئەرزىمەيدۇ، تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق زۇكامنىڭ ئۆزىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن، فىزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنى يۇيۇش ياكى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇخلاش ئارقىلىق بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.»
ئەمەلىيەتتە، ساختا ئېفېدرىن دورىسىنى چۆرىدىگەن تالاش-تارتىش ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، فىرانسىيە سەھىيە دائىرىلىرىمۇ پەقەت بىر نەچچە ياۋروغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان بۇ ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن دورىلارغا زەربە بېرىپ كەلگەن.
2017-يىلىلا فىرانسىيە ئىستېمال ژۇرنىلى «60 مىليون ئىستېمالچى» بۇ خىل دورىنى ئىشلىتىشنى چەكلەشكە مۇراجىئەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
2023-يىلى 10-ئايدا ANSM بۇ دورىلارنى ئىشلەتمەسلىكنى رەسمىي تەۋسىيە قىلغان ھەمدە دوختۇرلارنى بۇ خىل دورىلارنى كەسكەندە خەۋپ-خەتەر ۋە ئۈنۈمنى تەپسىلىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلغان.
بۇ ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىنى بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زۇكامغا قارشى بۇ دورىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى 2010-يىلىدىكى 16 مىليون قۇتىدىن 2023-يىلى 4 مىليون قۇتىغا ئازايغان.
دېمەك، فىرانسىيەلىكلەرمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن ئۆزىنى بۇ خىل دورىدىن تارتقان، لېكىن فىرانسىيە سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ سان يەنىلا بەك كۆپ ئىكەن.
ئەمما، فىرانسىيەنىڭ ئەندىشىسى ياۋروپادا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىش. بۇلتۇر ياۋروپا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (EMA) پەقەت چۈشەندۈرۈشىگە ئاگاھلاندۇرۇش قوشسىلا بولىدۇ، رېتسېپسىز سېتىشنى چەكلەشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارىغان.
بۇ جەھەتتە زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كەتكەن، فىرانسىيە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى بۇنىڭغا قارىتا باشتىن-ئاخىر ئوخشىمىغان پىكىردە بولغان ھەمدە مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەرنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
فىرانسىيە دورا تەسىرى ئىلمى ۋە داۋالاش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دومىنىك دېپلانك مۇنداق دېگەن: «زۇكامنى داۋالىمىسا بىر ھەپتىدە ساقىيىدۇ، داۋالاتسىمۇ يەنە بىر ھەپتىدە ساقىيىدۇ. ئۇنداقتا سەكتە بولۇپ قېلىش، ھەتتا كېسەللىك ئاسارىتى قېلىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىش ئەرزىمدۇ؟»
يېڭى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ زۇكام دورىلىرىنى دوختۇرلار رېتسېپت يېزىپ بەرسە ئاندىن سېتىۋالالايدۇ، بۇ چوقۇم سېتىلىش مىقدارىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنداق بولغاندا، ئالاقىدار دورا ياساش شىركىتى چوقۇم بۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 26 دورا ياساش شىركىتى بولۇپ، نامى NèreS بولغان بىر ئەترەت فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرىدىن «ھەيران قالغان»، ئۇلار «فىرانسىيە بىلەن ياۋروپا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قارارىدا زىددىيەت بار، بۇ ھەرىكەت ئاممىۋى ساغلاملىق ئېھتىياجى ۋە ئىلمىي سانلىق مەلۇمات بىلەن زىت» دېگەن. ئەمما، ANSM ئۇدۇللا: «بۇ قارار پۈتۈنلەي بىزنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىمىز دائىرىسىدە» دەۋەتكەن.
دورىگەر دېلفىنا چادۇتونىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىش ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىكەن: «مەن ئەزەلدىن بۇ دورىلارنى تەۋسىيە قىلىپ باقمىغان، چۈنكى ئۇلار ھەم ئۈنۈمسىز ھەم خەتەرلىك. بولۇپمۇ ياشانغان بىمارلارغا نىسبەتەن مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇلارنى بۇ دورىلارنى ئىشلەتمەسلىككە نەسىھەت قىلىمەن.»
ئۇنداقتا، بۇ زۇكام دورىلىرىنى سېتىۋالالمىغاندىن كېيىن، فىرانسىيەلىكلەر زۇكامنى زادى قانداق مەغلۇپ قىلىشى كېرەك؟
مۇتەخەسسىسلەر زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان بىئاراملىققا قارىتا تېخىمۇ تەبىئىي پەسەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلغان. مەسىلەن، فىزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنى يۇيۇش، ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ياكى كۆپ ئارام ئېلىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش. گەرچە بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈمى ئاستا بولسىمۇ، لېكىن خەتىرى تېخىمۇ تۆۋەن.
ئىشقىلىپ زۇكام بولۇپ قالسا ھەپتە ئىچىدە، ئېشىپ كەتسە ئون كۈندە ساقايغىلى بولىدۇ. ئەمما بىمار چوقۇم ئۆزىنىڭ زۇكام بولغانلىقىنى ياكى باشقا كېسەل ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىشى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشى كېرەك.
پىروفېسسور دېپلانك يەنە مۇنداق دەپ قارىغان: «ئامما دورىنىڭ خەۋپ-خەتەر ئېڭىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك».
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە بازاردا يەنىلا نۇرغۇن داۋالاش ئۈنۈمى چەكلىك دورىلار سېتىلىۋاتقان بولۇپ، ئاممىنىڭ بۇ دورىلارغا تايىنىشى ۋە قالايمىقان ئىشلىتىشى تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ۋەزىپىسى تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق.
قىسقىسى، فىرانسىيەنىڭ ساختا ئېفېدرىن تۈرىدىكى زۇكام دورىلىرىغا قارىتا ياۋروپاغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىشى داۋالاش ساھەسىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم سىياسەت ئۆزگىرىشى ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە بۇنداق تەدبىر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قىسىم بىمارلارنىڭ قولايسىزلىقى ۋە دورىگەرلىك كەسپىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل ئاممىۋى ساغلاملىقنى قوغداش تەدبىرى يەنىلا زۆرۈر بولمىغان ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.