داڭلىق چولپان 13 ياشلىق قىزغا دورا بېرىپ بوزەك قىلىپ ئەيىبلەندى!

文摘   2024-12-10 21:46   新疆  
سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ

خەتەرلىك ھاۋا يولى

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم بولسۇنكى، بىيونسنىڭ يولدىشى جەي زى (Jay-z) ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى 13 ياشلىق بىر قىزغا دورا بېرىپ بوزەك قىلغان، دەپ ئەيىبلەنگەن.

بۇ ئىش پوچىلار ئاتامانى دىددىي دەپ ئاتالغان شان كامبسنىڭ دېلوسىدىن باشلانغان.

بۇ يىل 9-ئايدا، «پوچىلار ئاتامانى» دىددىي قولغا ئېلىنىپ جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەنگەندىن بۇيان، ئىزچىل برۇكلىندىكى بىر تۈرمىگە قامالغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 120 دەۋاگەر ئۇنى ئەرز قىلغان. لېكىن، ئۇ بارلىق ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ، جىنايىتىنى بوينىغا ئالمىغان. ئۇنىڭ قانۇنىي كوللېكتىپى يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ئاقلاشقا ئىنتايىن ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئەيىبلىگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئادۋوكات بوزبى دىددىيغا قارىتىلغان 100دىن ئارتۇق ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇ يەكشەنبە كۈنىدىكى ھۆججەتتە جەي زىنى تىلغا ئالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى بۇلتۇر 10-ئايدا سۇنۇلغان ئەرزنى قايتىدىن تاپشۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم قايتا سۇنۇلغان فېدېراتسىيە دەۋاسىدا، يەنە بىر ئەيىبلەنگەن كىشى كۆپەيگەن، يەنى «دىددىي بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان يەنە بىر رەپ پېشۋاسى، 55 ياشلىق جەي زى». زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، دىددىي بىلەن جەي زى ئۇنىڭغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان.

دەۋا مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدا بۇ قىز ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بىر دوستى ئۇنى مانخاتتان رادىيو شەھەرچىسى مۇزىكا زالىغا ئېلىپ كەلگەن، ئەينى چاغدا ئۇ يەردە MTV مۇزىكا سىنئالغۇ لېنتىسى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئىكەن. بېلەت بولمىغاچقا، ئۇ بىر نەچچە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل شوپۇرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇنى نەق مەيدانغا ئېلىپ كىرىشى ياكى يىغىلىشقا ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئارقىدىن بىر شوپۇر ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ دىددىي ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى «دىددىينىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ» دەپ قارىغان. ئارقىدىن شوپۇر ئۇنى ئېلىپ، 20 مىنۇت ئاپتوموبىل ھەيدەپ U شەكىللىك ئاپتوموبىل يولى بار ئاق رەڭلىك ئۆيگە ئېلىپ كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭدىن بىر مەخپىي ھۆججەتكە ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

جەي زى بۇ قېتىمقى MTV مۇزىكا سىنئالغۇ لېنتىسى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.

ئۇ يىغىلىشقا كىرگەندىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇ تونۇيدىغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ بارلىقىنى، نۇرغۇنلىرىنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشقا ئۇرۇنغان. كېيىن بىر ئايال مۇلازىم ئۇنىڭغا قۇيۇپ بەرگەن قىزىل-سېرىق ئارىلاش، ئاپېلسىن شەربىتى، پېلەكلىك بۆلجۈرگەن شەربىتى ۋە ئازراق ئاچچىق تەمى ئارىلىشىپ قالغان ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كېيىن، بېشى قېيىپ، كۆزى تورلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، قۇپقۇرۇق ئۆيدىن بىرنى تېپىپ يېتىپ قالغان. ئۇزاق ئۆتمەي، دىددىي، جەي-زى، ۋە «داڭلىق شەخس B» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ئايال چولپان ياتاققا كىرگەن. گەرچە بۇ قىزنى مۈگدەك باسقان بولسىمۇ، لېكىن دەرھال بۇ ئۈچ داڭلىق شەخسنى تونۇۋالغان، دىددىي بولسا ئۇنىڭ يېنىغا «تەلۋىلەرچە» قاراپ مېڭىپ، ئۇنى تۇتۇۋالغىنىچە: «سىز يىغىلىشقا قاتنىشىشقا تەييارلىنىپ بولدىڭىزمۇ!» دېگەن.

2001-يىلى 1-ئايدا، جەي زى «Beyonc é» ۋە سەپداشلىرى بىلەن پاراڭلاشماقتا.

ئۇ ئۇنى تامغا «ئىتتەرگەن» ھەمدە ئۇنىڭ يىقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى يەنە كارىۋاتقا «ئاتقان»، شۇنىڭ بىلەن جەي زى ئۇنى بېسىۋېلىپ كىيىمىنى سالدۇرغان ۋە ھاقارەتلىگەن. داڭلىق چولپان Bنىڭ نەزىرى ئاستىدا، دىددىيمۇ ئوخشاش ئىش قىلغان. توغرىسىنى ئېيتقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئارىلىشىش تەدبىرى قوللانمىغان.

پوچىلار ئاتامانى دىددىي بىلەن جەي زى 2005-يىلى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق پائالىيەتتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئارقىدىن، دىددىي ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىماقچى بولغاندا، ئۇ قارشىلىق كۆرسىتىپ، بوينىغا ئۇرغان، ھەمدە كىيىمىنى قولىغا ئېلىپ، لۆڭگىگە ئوخشاش ئالدىنى توسۇپ، ئۆيدىن ئېتىلىپ چىقىپ، چوڭ دەرۋازىنى ئىزدەپ بۇ يەردىن ئايرىلغان. ئۇ ئىشىكتىن چىقىپلا كىيىملىرىنى كىيىپ، ماي قاچىلاش پونكىتىغا بارغان ھەمدە دادىسىغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تاكى ھازىرغىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقە سەۋەبىدىن يارىلانغاندىن كېيىنكى جىددىي توسالغۇغا ئۇچراش ۋە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتقان.

دىددىي بىلەن جەي زى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىيونسنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى زىيارىتىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ تۇنجى قېتىم جەي زىنى 18 ياش ۋاقتىدا، يەنى 1999-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىتىدا كۆرگەن، ئىككىيلەن ئۇچرىشىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، بىر يېرىم يىل دوست بولغان. 2001-يىلى 11-ئايدا ئىككىيلەن بىرلىكتە «داڭلىقلار سورۇنى» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان، جەي زى ژۇرنالدىكىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ «تېخى ئەمدىلا ئۇچرىشىشقا كىرىشكەنلىكى»نى ئېيتقان.

دېمەك، بۇ ئىش يۈز بەرگەن ۋاقىت دەل جەي زى بىلەن بىيونسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەستايىدىل بولۇپ كەتكەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەن.

2004-يىلى دىددىينىڭ بىيونس ۋە جەي زى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى.

ھازىر بۇ خەۋەر چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ھەيران قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىشكەن: «شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن جەي زىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن».

«مەنمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ ئىسمى توختىماي چىققاندەك، خۇددى جىنايەتچىگە ئوخشاپ قالغاندەك ھىس قىلىمەن».

«مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، كېللى بۇ ئىشنى قىلىپ باققان، شۇڭا بۇ خىل ئەيىبلەش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس. نۇرغۇن مۇزىكانتلار بۇنداق ئىشنى قىلىپ باققان. ئەجەبا سىز ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتامسىز؟».

«بىز ھەممىمىز مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ بولىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلگەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىيونسىنىڭ قىلىقلىرىغا پەقەت چىدىيالمايۋاتىمەن، ئۇلارنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىنى كۆرۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن».

«ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ پەقەت مۇز تاغنىڭ بىر بۇرجىكى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ھوللىۋودتا تېخىمۇ كۆپ مەخپىي ۋە قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىپ، نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئاۋاز چىقىرىشقا ئۇرۇنغانلار يا سۈكۈت قىلىشقا، يا سىرلىق يوقاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ كەلدى».

«جەي زى توغرىسىدىكى پىتنە-پاساتلار تارقالغىلى ئۇزۇن يىل بولدى، ئۇنىڭ ئاشنىدارچىلىق ۋە يىغىلىشقا قاتنىشىشقا ئامراقلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالدى. ئەگەر بۇ شىكايەتلەر راست بولسا، ھېچكىم ھەيران قالمايدۇ.

ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ئەزەلدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، بالىلىرىنى ئويلاپ باقمىغان. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىچۇ؟ ئۇنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىچۇ؟».

«رىھاننانىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتىشىچە، جەي زە ئۇنى سەھەر سائەت ئۈچكىچە ئىشخانىغا سولاپ قويغان ھەمدە ئۇنىڭغا يا ئىمزالىغان توختامنى ئېلىپ ئىشىكتىن ئايرىلىدىغانلىقىنى، يا توختام ئىمزالىماي دېرىزىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتكەن، شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا توختام ئىمزالىغان. ئۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 16 ياشتا ئىدى! بۇ ئەجەبا ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەمدۇ؟».

بىراق، بەزىلەر «بۇ ئىشقا بۇنداق تېز يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ» دەپ قاراپ مۇنداق دېيىشكەن: «13 ياشلىق قۇرامىغا يەتمىگەن قىز MTV تەبرىكلەش يىغىلىشىدا قانداق پەيدا بولغان؟».

«شۇ چاغدا 13 ياشلىق بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قەيەردە ئىدى؟ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مەن بالامنىڭ بۇنداق ئىشنى قىلىشىغا يول قويمايمەن، قارشى تەرەپ قانچىلىك داڭلىق بولسىمۇ شۇنداق».

نۆۋەتتە، جەي زى خەۋەردىن كېيىن دەرھال مۇنداق ئىنكاس قايتۇرغان: «بۇنداق ئىش يوق! بۇ قاقتى-سوقتى قىلىش! مەن پىتنە-پاساتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى!». ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە دەرھال ئۆزىنىڭ پات ئارىدا 13 ياشقا كىرىدىغان قىزى بىلۇئېنىڭمۇ بۇنداق پىتنە-ئىغۋالاردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئەۋەتكەن خېتىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇنى قاقتى-سوقتى قىلىش خېتى دەپ قاراپ، كەسكىن تەلەپپۇزدا قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاممىنىڭ دىققەت-ئېتىبارى مېنى يارىشىشنى تاللاشقا مەجبۇر قىلامدۇ؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە! بۇ ئەكسىچە مېنىڭ ئامما ئالدىدا بۇ ئالدامچىنى پاش قىلىشىمغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا، ياق، مەن ھەرگىز سىزگە بىر تىيىنمۇ بەرمەيمەن. بۇ ئەيىبلەشلەر بەك قەبىھ، مەن سىزنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسى قىلىپ ئەيىبلىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن! قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بۇنداق جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق ئادەم تۈرمىگە تاشلىنىشى كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟».

ئۇ بۇ خەتنى تىلغا ئالغان ئادۋوكاتنىڭ ئىنتايىن پەسكەش، نومۇسسىزلىقىنى، شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن باشقىلاردىن پايدىلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇمۇ بۇ ئوچۇق خېتىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئازابلانغىنىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ئىكەنلىكىنى يازغان.

ئۇ ئايالى بىيونس بىلەن بالىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان، بولۇپمۇ قىزى بىلۇئې 13 ياشقا كىرەي دەپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ دوستلىرى چوقۇم خەۋەرنى كۆرۈپ، بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئۇنىڭدىن سورىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

جەي زى مۇنداق دېگەن: «بىز بالىلارغا بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ رەھىمسىزلىك ۋە ئاچكۆزلۈك ئارقىلىق باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك، بىز يەنە بىر قېتىم ساددىلىقىمىزنى يوقاتتۇق. بالىلار بۇنداق كىچىك ياشتا بۇلارغا يۈزلەنمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئۇلارغا ئائىلە ۋە ئادەمنىڭ روھىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ خىل پۈتۈنلەي چۈشەنگىلى بولمايدىغان يامان غەرەزنى بىلدۈرۈش ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىك».

لېكىن، ئۇنىڭ جاۋابى كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن. ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن: «بۇ تېخى ئەمدى باشلاندى، ئەمدى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن بۇنىڭ باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئىلھام بېرىشىنى، ھوقۇق ۋە پۇلدىن قورقۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن».

«ئۇ نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى، بىراق ئۇ ئىنكار قىلمىدى. <بۇنداق ئىش يۈز بەرمىگەن> دەپ ئېنىق ئېيتمىدى، ئەكسىچە ئۇ ۋاقىت چېكىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغان ئاممىۋى مۇناسىۋەت باياناتى، مەقسىتى جىنايىتى بار بىر ئادەمنى قوغداش».

«جەي زىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلەرگە بەرگەن ئىنكاسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى قارىماققا ئازراق مۇداپىئەلىك ۋە تەھدىت تۈسىگە ئىگە، ئۇ ئۆزىنىڭ بايلىقى ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يوشۇرۇن ئەيىبلەشنى باسماقچى بولغاندەك تۇرىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن دىددىينىڭ يىغىلىشىغا قاتناشقانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ باياناتى بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەيىبلىگۈچىلەرگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇش بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە، ئۇ ئەيىبلىگۈچىنى تىلغا ئالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەلەپپۇزىمۇ ناھايىتى كەسكىن بولۇپ، كىشىگە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا تەھدىت سالغاندەك تۇيغۇ بەردى».

«مېنىڭچە ئۇ بۇنى ئاقىلانە ئىنكاس دەپ قارىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ ھەقىقەتەن ئەنئەنىۋى ئىنكار قىلىش ئۇسۇلى ئەمەس. لېكىن، ئەگەر ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ھېسداشلىق قىلسا (نېمىلا دېگەن بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئاز ئەمەس)، كۆپچىلىك بۇنى تېخىمۇ قوبۇل قىلالىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ دىددىي بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىيدىغان ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدى».

«ھە، بۇ ئەيىبلەشلەر بىلۇئىغا زىيان يەتكۈزەمدۇ؟ دېمەك، جەي زىغا قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چىشىغا تەگمەسلىك ئۈچۈن بېسىقتۇرۇلۇشى كېرەك، شۇنداقمۇ؟ چۈشەندىم!».

«دىددىي ئاشكارىلانغاندا، كۆپچىلىك ھامان بىر كۈنى جەي زىنىڭ چېتىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلەتتى. مەن ئىنكاسلىرىمدا دىدىمكى بۇ تىمىلارنى ئوقۇغانلامۇ كۆرۈپ يىتەلەيدۇ. ئىلگىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان كىشىلەر ئەڭ ئاخىرىدا يىقىلىپ چۈشىدۇ. دىددىيمۇ بۇنى ئىنكار قىلغان، لېكىن بۇ ئەيىبلىگۈچى ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قىزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئىكەن. ئەگەر بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ سوتتا راست ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچلۇق بولىدۇ، كىشىلەر ئۇلار ئىككىسىنىڭ زادى نېمە ئىش قىلغانلىقىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ».

بۇ ۋەقەنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئېنىقكى، ئامما ئارىسىدا غايەت زور دولقۇن پەيدا قىلغان. جەي زىنىڭ ئىلگىرىكى ئوبرازى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىش بوھتان چاپلاش بولماسلىقى مۇمكىن، دەپ قارىغان، بۇ ئىش ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچلۇق.

ئىلگىرى جەي زى بىلەن ئۆسەك خەۋىرى چىققان كات ۋېيت 2011-يىلى غەلىتىلا ئۆلۈپ كەتكەن. تاماشا چەمبىرىكىنىڭ شانلىق تاشقى قىياپىتىدە، سەل قاراشقا بولىدىغان مەسىلىلەر يوشۇرۇنغان، پۇل ۋە ھوقۇق سانسىزلىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى يوشۇرۇپ قالغان.

جەي زىغا نىسبەتەن بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىمۇ تېخى ئاخىرلاشمىغان.

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章